ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش > ئىمتىھان سۇئاللىرى > تولۇقسىز1-ماۋسۇم > تولۇق مەزمۇنى

9 - يىللىقلار ئۈچۈن 1- مەۋسۇملۇق تىل- ئەدەبىيات ئىمتىھان سوئالى

ۋاقىت : 2013-03-01 21:07 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : ئەخلەت | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم
9 - يىللىقلار ئۈچۈن 1- مەۋسۇملۇق تىل- ئەدەبىيات ئىمتىھان سوئالى
 
تاللاش سوئالى: تۆۋەندە بېرىلگەن تۆت خىل جاۋابتىن  پەقەت  بىرىلا  سوئال تەلىپىگە ئۇيغۇن، شۇ جاۋابنى تاللاپ جەدىۋەلگە تولدۇرۇڭ. ( ھەر بىرىگە 2 دىن جەمئىي 18 نومۇر بېرىلىدۇ.)
1. ‹‹ مۇختەر باي: ‹ ھا- ھا- ھاي...! › دەپ ۋارقىراپ ئوغلاققا يېقىنلاشقانلارنى ئېتىنىڭ كۆكسى بىلەن ئۇرۇپ، ئوغلاقنى توپتىن يۇلۇپ ئاچىقتى ›› دېگەن جۈملىدە پېرسۇناژنىڭ:       (       )
.A ھەرىكەت تەسۋىرى بېرىلگەن      .B قىياپەت تەسۋىرى بېرىلگەن
.C ئىچكى كەچۈرمە تەسۋىرى بېرىلگەن   .D تىل تەسۋىرى بېرىلمىگەن.
2. ‹‹سەن بولغاچقا،
ئۇزاق تارىخمۇ شۇنچىلىك يېقىن.
سەن بولغاچقا،
نەچچە مىڭ يىللىق ئابىدىلەردىن
ياڭرايدۇ سادا
چاقنىغاندەك گوياكى چېقىن›› دېگەن مىسرالار ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن خاتاسى:
A. پارچىدىكى ‹‹سەن›› دپ خىتاب قىلىنىۋاتقىنى ئۇيغۇر تىلىنى كۆرسىتىدۇ.
B.‹‹يېقىن›› دېگەن سۆز سۈپەت سۆز تۈركۈمىگە كىرىدۇ.
C. بۇ پارچىدا ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەردىن ئوخشىتىش، سۈپەتلەش قوللىنىلغان.
D. «‹‹ئابىدە›› دېگەن سۆز قەدىمىي يەر- جاي ناملىرىنى كۆرسىتىدۇ.
3. «نەتىجىدە ،ھەر ئىككى تەرەپتىن ھەپسىگە ئېلىنغان، قەتل قىلىنغانلار تەڭ نىسبەتتە دېگۈدەك بوپتۇ.» دېگەن جۈملە ۋە جۈملىدىكى سۆزلەر ھەققىدە ئېيتىنغانلاردىن خاتاسى:
  A. بۇ تەڭداش مۇرەككەپ جۈملە.
  B. «ھەپسىگە» دېگەن سۆز «تۈرمە» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.
  C. «نەتىجىدە» دېگەن سۆز جۈملىدە قىستۇرما سۆز بولۇپ كەلگەن.
 D. «ھەپسىگە ئېلىنغان»،«قەتل قىلىنغانلار» دېگەن تەڭداش ئىگىدۇر.
4. « ھوي بىرەھىم، قىلغۇلۇقنى قىلىپ، يەنە كۈلىسەنغۇ؟ » دېگەن جۈملە ۋە جۈملىدىكى سۆزلەر ھەققىدە ئېيتىلغانلاردىن توغرىسى:
   A. «ھوي» دېگەن سۆز ئىملىق سۆزدۇر.
   B. بۇ ئىگىسىز ئاددىي جۈملىدۇر.
   C.«بىرەھىم» دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى «رەھىمسىز» دېگەنلىكتۇر.
   D.« ھوي بىرەھىم» دېگەن قىستۇرما سۆز.
  5. مۇرەككەپ جۈملە ھەققىدىكى تەھلىللەردىن توغرىسى:
A. «كىمكى ئۆمرىنى بىھۇدە ئۆتكۈزسە، ئۇ كىشى شۇ دۇنيادا ئىنسانلىق بۇرچىنى ئادا قىلالمىغان بولىدۇ.» دېگەن جۈملە بېقىندىلىق مۇرەككەپ جۈملە بولۇپ، ئاستى سىزىلغىنى باش جۈملىدۇر.
B. «دەرتلىك كۆڭۈل نۇرلۇق چىراغقا، ياشلىق كۆز سۇلۇق بۇلاققا ئوخشايدۇ.» دېگەن جۈملە باغلىغۇچى ئارقىلىق باغلانغان تەڭداش مۇرەككەپ جۈملىدۇر.
C. «ئۆز ئانا تىلىغا مۇھەببەت قانچە كۈچلۈك بولسا، ئۆز خەلقى ۋە ۋەتىنىگىمۇ سۆيگۈسى شۇنچە كۈچلۈك بولىدۇ.» دېگەن مۇرەككەپ جۈملدىكى ئاستى سىزىلغان جۈملە بېقىندى جۈملىدۇر.
D. «بىردەملىك ئامەتكە قارىغاندا، بىردەملىك تەلەيسىزلىك ياخشى» دېگەن جۈملە تەڭداش مۇرەككەپ جۈملىدۇر.
6. تۆۋەندىكى جۈملىلەر ئىچىدە ساغلام بولغان جۈملە:
A. دوختۇرغا باراي دېسەم، پۇلۇم يوق، يوتقانغا يۆگىنىپ ياتتىم.
B. قاتتىق بېشىم ئاغرىپ كېتىۋاتىدۇ، ئىمتىھاننى قانداقمۇ ياخشى بېرەرمەن؟
C. ئىنسان پەقەت ئىنتىلگەن نەرسىسىگە ئېرىشەلمىگەن چاغدىلا، ئۆزىنىڭ تولىمۇ ئاجىزلىقىنى ھېس قىلىدۇ.
D. ئۇ ئوقۇش قوراللىرىنىڭ ھەممىسىنى ئەكىلىپتۇ، پەقەت قەلىمىنىلا ئۇنتۇپ قاپتۇ.
7. مۇرەككەپ جۈملە ۋە ئۇنىڭ تۈرلىرى ھەققىدە توغرا گۇرۇپپىلانغىنى:
 (1) « ئۇ ئەزەلدىنلا تىرىشىپ ئوقۇغاچقا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا يۇقىرى نومۇر ئالدى» دېگەن جۈملە تەڭداش مۇرەككەپ جۈملە. ئاستى سىزىلغان سۆز ئىگە بولۇپ كەلگەن. (2) «مەن دادامغا خەت يازدىم، شۇ كۈنىلا  پوچتىدىن سېلىۋەتتىم.» دېگەن جۈملە تەڭداش مۇرەككەپ جۈملە، «خەت» بىلەن «يازدىم» باشقۇرۇش مۇناسىۋىتىدە، «دادامغا» بىلەن «يازدىم» ئىگەــ خەۋەر مۇناسىۋىتىدە كەلگەن. (3) «يېزىدىكى ئۆيۈمنى كۆرەي دەپ  سەھەر يولغا چىققان بولساممۇ، يولدا ماشىنا بۇزۇلۇپ قېلىپ ،ئىككى كۈندە يېتىپ باردىم.» دېگەن جۈملىدىكى باش  جۈملە ئاستى سىزىلغان جۈملىدۇر. بۇ تۆت ئاددىي جۈملىنىڭ بىرىكىشىدىن تۈزۈلگەن بېقىندىلىق مۇرەككەپ جۈملىدۇر. (4) بېقىندى جۈملە ھەر ۋاقىت بېقىندىلىق مۇرەككەپ جۈملىنىڭ ئاخىرىدا كېلىدۇ. (5) بېقىندىلىق مۇرەككەپ جۈملە تەركىبىدىكى ئاددىي جۈملىلەر بېقىنىش ۋە بىقىندۇرۇش يولى بىلەن باغلانغان بولىدۇ. (6) «كىشىلەر ئارىسىدا پەرق بار، ئەمما شۇ نەرسە ئېنىقكى، كىشىلەرنىڭ ئىنسانىي ھوقۇقى تەڭ.» دېگەن جۈملە تەركىبىدىكى ئاددىي جۈملىلەر ھەم بېقىندىلىق ھەم تەڭداشلىق مۇناسىۋەتتە باغلىنىپ كەلگەن ئارىلاش مۇرەككەپ جۈملىدۇر.
B.(2)(4)(5)(6)    C.(3)(5)(6)  D.(1)(3)(5)(6)        A.(1)(2)(5)
8. جۈملە بىلەن گرامماتىكىلىق باغلىنىشى يوق سۆزلەر ھەققىدىكى خاتا ھۆكۈم:
A. قاراتما سۆزلەر ئادەتتە ئادەملەرگە قارىتا ئېيتىلىدۇ. بەدىئىي ئەدەبىياتتا نەرسىلەرگە قارىتامۇ ئېيتىلىدۇ.
B. «مەنمۇ بۇ يەردىن كەتمەسمەن، بەلكىم.» ئاستى سىزىغان سۆز قىستۇرما سۆزدۇر.
C. «سەن قاچان كېلىپ قالدىڭ؟ ئەجىبا، مەن كۆرمەپتىمەن.» ئاستى سىزىلغان سۆز قىستۇرما سۆزدۇر.
D. ئىزاھلىغۇچى سۆز جۈملىدە ئىزاھلانغۇچى سۆزدىن كېيىن كېلىدۇ.
9. تۆۋەندىكىلەردىن ئىپادىلەش ئۇسۇلى توغرىسىدا ئېيتىلغانلاردىن مۇۋاپىق بولمىغىنى:
A. «جامەنىڭ شىمالىي دوقمۇشىدا ئىگەر- جابدۇقلىرى ياسىداق، سېمىز، چىرايلىق بوز  ئات باغلاقلىق ئورنىدا تېپچەكلەپ تۇراتتى» دېگەن  پارچىدا بايان بىلەن تەسۋىر قوللىنىلغان.
B. «ــ پۇقرانىڭ ھوسۇلنى تۆكەلمىگەنلىكى شۇكى، ئاشلىق ئەمدىلەتىن ئورۇلۇۋاتىدۇ، قوشۇلغان ھوسولنى بالدۇرراق ئۇقتۇرمىغانلىقى يەنە بىر ۋەجى بولماقتا. دەر ھەقىقەت،  بويۇنتاۋلىق قىلىۋاتقان پۇقرارلارمۇ يوق ئەمەس» دېگەن پارچىدا مۇھاكىمە قوللىنىلغان.
C. «سۈبھى كۆتۈرۈلۈپ، تاڭ ئەمدىلا غۇۋا يورۇشقا باشلىغانىدى. سەھەرنىڭ سالقىن شامىلى شەبنەم باسقان ئوتلار ئۈستىدىن غۇر- غۇر ئۇچماقتا.» دېگەن پارچىدا مۇھىت   تەسۋىرى بېرىلگەن.
D.«ئېگىز بوي، كەكە ساقال، دوقا ماڭلاي، يېشى ئاتمىشتىن ھالقىغان مەزەمزات ھېكىم  كىمخاب تۇماق، موۋۇت پەرىجە كىيگەن ھالدا غادىيىپ ھەممىنىڭ ئالدىدا كىبىرانە قەدەم تاشلاپ چىقىۋاتاتتى» دېگەن پارچىدا قىياپەت تەسۋىرى بېرىلگەن.
 
بوش ئورۇننى  تولدۇرۇڭ. (ھەر بىر بوش ئورۇنغا 1 نومۇر، جەمئىي   15نومۇر  بېرىلىدۇ. )
10. ئەھمەدشاھ قارا قاشى تەخمىنەن (     )- يىلى (        )تا تۇغۇلغان. (      )- يىلى ئالەمدىن ئۆتكەن. داڭلىق (        ) شائىر.
11. ‹‹ كىتاب ۋە كىتاب مەدەنىيىتى ›› دېگەن بۇ ئەسەر (               ) نىڭ (‹‹             ››) ناملىق كىتابىدىن ئېلىنغان بولۇپ، (         )- يىلى يېزىلغان.
12. ‹‹_ ئۇ ماڭا ھەرقاچان قايتىپ كېلىدىغاندەكلا تۇيۇلىدۇ ›› دېگەن جۈملىنى يىغىق ئاددىي جۈملىگە ئايلاندۇرساق (                   ) بولىدۇ. جۈملىدىكى ‹‹ ھەرقاچان ›› دېگەن سۆز (        ) رەۋىشى ھېسابلىنىدۇ.
13. « قوش مەسچىت» ناملىق ئەسەرنىڭ ئاپتورى (       )، ژانىرى (     ). بۇ ئەسەردە (          )- يىللاردىكى شىنجاڭنىڭ دەۋرىي شارائىتى ئارقا  كۆرۈنۈش قىلىنغان.
14. ‹‹ يامان كۆرمەڭ مېنى دوستلار، ئىگەمنىڭ بىر قۇلىدۇرمەن،
         كىشى قەدرىمنى بىلمەيدۇ، ۋەتەننىڭ گۆھىرىدۇرمەن. ››
 دېگەن مىسرالاردا شائىر (               )نىڭ (                  ) ئىدىيىسى ئىپادىلەنگەن. بۇ شېئىر (             ) شەكلىدە يېزىلغان.
 
قىسقىچە جاۋاب بېرىش سوئالى.
15 . تارىخىي رومانلار قانداق ئالاھىدىلىككە ئىگە؟ (3نومۇر )
 
 16. يازغۇچى زوردۇن سابىر ھەققىدە نېمىلەرنى بىلىسىز؟ ئۇنىڭ قايسى ئەسەرلىرىنى ئوقۇغان؟ (3 نومۇر)
 
 
 17.« قوش مەسچىت » ناملىق ھېكايىدىكى « مەن ئورۇق، ئۇ سېمىز!» دېگەن جۈملىدىن سىز قانداق ئىللەتنى ھېس قىلدىڭىز؟ ( 3نومۇر )
 
ئۇنىۋېرسال مەشىقلەندۈرۈش سوئالى.
 18. تۆۋەندىكى تۇراقلىق تەركىبلەرنىڭ تۈرىنى، مەنىسىنى ئىزاھلاڭ ۋە تەلەپ بويىچە  جۈملە تۈزۈڭ. (4 نومۇر)
1) بۇرنىنىڭ بېزىنى ئېلىش:
2)  ئاتام مازارغا شەيخ، مەن تەييارغا شەيخ:
 
19. تۆۋەندىكى مىسرانىڭ ھازىرقى زامان ئۇيغۇر تىلىدىكى يەشمىسىنى يېزىپ بېرىڭ.  (2نومۇر )
سەر نەۋىشت روزى ئەزەلدە ئۇشبۇ ئېرمىش قىسمەتىم،
ئۆرۈلۈر فەسلى خەزانغە، فەسلى گۇلزارىم مېنىڭ
 
20. تۆۋەندىكى تەلەپلەر بويىچە جۈملە تۈزۈڭ. (6نومۇر )
1) تۆۋەندىكى جۈملىنىڭ ئىگىسىنى قاراتما سۆزگە ئۆزگەرتىپ جۈملە تۈزۈڭ.
  ئايشەم بىزنىڭ ئۆگىنىش ئۈلگىمىز.
 
2) تۆۋەندىكى تەڭداش مۇرەككەپ جۈملىنى بېقىندىلىق  مۇرەككەپ جۈملىگە، بېقىندىلىق  مۇرەككەپ جۈملىنى ئارىلاش مۇرەككەپ جۈملىگە ئايلاندۇرۇڭ.
 (1) ئادەم بىلىمسىز ھالدا تۇغۇلىدۇ، ياشاش جەريانىدا ئۆگىنىدۇ.
(2) ئىدراك بولمىسا، ئادەم ئۆزىنى تۇتالمايدۇ.
 
21. تۆۋەندىكى سۆز ۋە ئاتالغۇلارنى ئىزاھلاڭ ۋە جۈملە تۈزۈڭ. (3 نومۇر)
1) ئىختىلاپ :
2) ئوغۇز :
3) تۆمۈر خەلىپە:
 
مۇھاكىمە قىلىش سوئالى.
22. تۆۋەندىكى پارچىنى ئوقۇپ ، تەلەپلەرنى ئورۇنداڭ.
‹‹ ئۇ قىزلىرىنى بارلىق كۈچى بىلەن كىشىلەر ئارىسىدىن سىرتقا قاراپ سۆرەپ ماڭدى. مانا، شۇ چاغدا ئۇ قىزلىرىدىن، باشقىلار ئۆز بالىلىرىدىن ئىنتايىن كەم ئاڭلايدىغان سۆزلەرنى ئاڭلىغانىدى:
_ سەن ئۆز بالاڭنى ئۆلۈمگە ھەيدەۋاتىسەن!
_ راست، سەن بىزگە ئاتا ئەمەس!_ دېدى ئىككىنچى قىزى تەكىتلەپ.
تامدەك تاتىرىپ كەتكەن چوردۇن كىرىشىپ كەتكەن بارماقلىرىنى ئاستا بوشىتىپ، قىزلىرىنىڭ قوللىرىنى قويۇۋەتتى. ئاندىن بۇرۇلۇپلا، كىشىلەرنى ئىتتىرىپ يۈرۈپ مەيدانغا ئۆزىنى ئاتتى. ئۇ ئوغلى بىلەن خوشلىشىشقا ئالدىرىماقتا. ››
1) بۇ پارچىدا تەسۋىرلەنگەن ئاچا- سىڭىل نېمە ئۈچۈن دادىسىنى شۇنچە ھاقارەتلەيدۇ؟ ئۇلارنىڭ مۇنداق قىلىشىنى مۇۋاپىق دەپ قارامسىلە ؟ نېمە ئۈچۈن؟ ( 4 نومۇر )
 
2) چوردۇن بوۋاي قانداق ئادەم؟ ( 2 نومۇر )
 
3) بوۋاينىڭ ئوغلى قاتناشماقچى بولغىنى قانداق ئۇرۇش؟ ئۇ ئۇرۇش قاچان بولغان؟ ( 2 نومۇر )
 
23. ‹‹ تەرەققىي قىلغان ئەللەردىكى ئائىلىلەر ئۆز قىرائەتخانىسىغا ئىگە بولۇپ، ئۇلار روناق تاپقانسىرى كىتاب سېتىۋالىدۇ. ئۇلار ۋە ئۇلارنىڭ پەرزەنتلىرى كىتاب مۇھىتىدا ئۆسىدۇ، ئۆرلەيدۇ. قالاق ئەللەردىكى ئائىلىلەر بۇنىڭ ئەكسىچە بولىدۇ. ئۆينى چاراقلاپ تۇرغان چىراغلا، رەڭدار گىلەملەر ۋە ئىشرەت جاھازلىرى بىلەن بېزەشكىلا بېرىلگەن ئائىلە كىشىلىرىنىڭ مەنىۋى دۇنياسى خۇنۇك بولىدۇ. ئۇلار مەغرۇر، تەنتەك، پۇلپەز، سۆلەتۋاز بولۇپ، ئۆزلىرى ۋە پەرزەنتلىرى تېزدىن چۈشكۈنلىشىدۇ. بۇ جەھەتتىكى مىساللار كۆز ئالدىمىزدا تولۇپ يېتىپتۇ!›› يۇقىرىقىدەك سېلىشتۇرمىلارنى سىز كىتاب- ژورناللاردا دائىم ئۇچرىتالايسىز. بىر ئۇستاز شۇنداق دېگەن: ‹‹ بىزدە ھەقىقەتنى بىلىدىغانلار ياكى ئېتىراپ قىلىدىغانلار كۆپ، بىراق ئەمەل قىلىدىغانلار ئاز. ›› قېنى سىز سەگەكلىك بىلەن كىتاب_ ئائىلە_ مىللەت ھەققىدە ئۆگەنگەنلىرىڭىز بىلەن بىرلەشتۈرۈپ دادىل پىكىر يۈرگۈزۈپ بېقىڭ. ( 5نومۇر )
 
 
 
يېزىقچىلىق سوئالى. (30 نومۇر)
24. تۆۋەندە بېرىلگەن ھېكمەتلىك سۆزلەرنىڭ مەزمۇنىنى تېما قىلىپ، خالىغان بىرىنى تاللاپ، بىر پارچە ئەسەر يېزىڭ.
1) بىلىملىك مەنىسىنى بىل، بىلىم نېمە دەيدۇ، بىلىم بىلگەن ئەردىن ھامان كېسەل يىراقلىشىدۇ، بىلىمسىز كىشىلەرنىڭ ھەممىسى كېسەلچان كېلىدۇ، كېسەلنى داۋالىمىسا، كىشى تېزلا ئۆلۈپ كېتىدۇ.                        ــ يۈسۈپ خاس ھاجىپ
 
2) ئىش قانچىكى قېيىن، مۇشەققەتلىك بولسىمۇ، جاسارەت ۋە پەم- پاراسەتلا بولسا، ئۇنىڭ ئىمكانىيىتى بولىدۇ.                       ــ ئەلىشىر نەۋائىي
تەلەپ:
1) ژانىرى چەكلەنمەيدۇ.
2) ماۋزۇنى ئۆزىڭىز ئىجادىي قويۇڭ.
 3) قايسى خىل  ژانىردا يازسىڭىز، شۇ خىل ژانىر ئالاھىدىلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈڭ.
4) ھەجىمى بىر  يېرىم  بەتتىن كەم بولمىسۇن.
 5) خەت چىرايلىق، ئىملا توغرا بولسۇن.
 6) تىنىش بەلگىلەرگە  ئەھمىيەت بېرىڭ.

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(19)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
ئەخلەت تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-02-23 18:02 ئاخىرقى كەلگىنى:2015-02-28 00:02
تەۋسىيە مەزمۇنلار
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ