ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > تارىخى بىلىملەر > تولۇق مەزمۇنى

ئۇيغۇرلاردا قاپاق ئىشلىتىش ئادىتى

ۋاقىت : 2014-10-22 21:47 | مەنبەسى : قاشتېشى تورى | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
ئۇيغۇرلاردا قاپاق ئىشلىتىش ئادىتى

ئابدۇرىشات مۇساجان توغرۇل

ئۇيغۇرلاردا قاپاق ئىشلىتىش ئادىتى

قاپاق – ئەجداتلىرىمىز تۇرمۇشىغا چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەن تۇرمۇش بويۇمى، ساقلىقنى ساقلاش بۇيۇمى ۋە دورىلىق ماتېرىيال بولۇپ، ئەجداتلىرىمىز تۇرمۇشىدا كەم بولسا بولمايدىغان موھىم ماتېرىيالغا ئايلانغان. ئەجداتلىرىمىزنىڭ قاپاق ئىشلىتىش تارىخى ئىنتايىن ئۇزۇن بولۇپ، تارىم ۋادىسىنىڭ تۇپرىقى، كېلىماتى ۋە سۈيى قاپاق ئۆستۈرۈشكە ئىنتايىن ماس كەلگەچكە، تارىختا ئەجداتلىرىمىز كەڭ تۈردە تېرىپ پايدىلىنىپ كەلگەن. قەدىمىي دەۋىرلەردە ئوتتۇرا تۈزلەڭلىكتە تارىم ۋادىسىدىن كىرگۈزۈلگەن قاپاقلار ”ئىلاھى تاغ – قاراققۇرۇمدىن كەلتۈرۈلگەن“ دەپ، سېھىرلىك ۋە شىپالىق دەپ قارىلىپ ئەتىۋارلانغان. ھەم ”غۇز قومۇچى“ (胡芦) دەپ ئاتىلىپ، كېيىنچە 葫芦 دەپ ئومۇملاشقان ۋە تەدرىجى تېرىپ كېڭەيتىلگەن.
قەدىمىي تىلىمىزدا پىشمىغان كۆك قاپاق «قاپاق» دەپ ئاتالغان. تىل شۇناس ئالىم ماخمۇت كاشىغەرى ئۆزىنىڭ «تۈركى تىللار دىۋانى» نالىق ئەسىرىدە «قاپاق» سۆزىگە: ”قاتمىغان ۋاختىدا يىيىلىدىغان كۆك قاپاق“ دەپ تەبىر بەرگەن. («تۈركى تىللار دىۋانى» شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 1981- يىلى ئۇيغۇرچە نەشرى 1- جىلىد 496- بەت) ئۇ يەنە «ساغناغۇ» سۆزىگە: ”قۇرۇق قاپاق“ دەپ تەبىر بەرگەن (يوقارقى كىتاب 1- جىلىد 639- بەت). بىز بۇلاردىن ئەجداتلىرىمىزنىڭ قاپاقنى تۇرمۇش بويۇملىرى قىلىپ ئىشلىتىشتىن سىرت، قاپاقنىڭ شىپالىق رولىنى تونۇپ يېتىپ، پىشمىغان كۆك ۋاقتىدا يىيىش ئادىتىنى يىتىلدۈرگەنلىكىنى بىلىۋالالايمىز.
بۇ ماقالەمدە مەن ئەجداتلىرىمىزنىڭ قاپاق تېرىپ ئۆستۈرۈش، پىششىقلاپ ئىشلەش، ئىشلىتىش قاتارلىق ئادەتلىرىنى تونۇشتۇرۇپ ئۆتمەكچىمەن.
تېرىپ ئۆستۈرۈش
قاپاق – بىر يىللىق سامان غوللۇق، پىلەك سوزۇپ ئۆسىدىغان ئۆسۈملۈك بولۇپ، ھويلا- ئاراملاردا تېرىپ ئۆستۈرۈلىدۇ. قاپاقنى تېرىشتا، پىلەك قىسمىنىڭ سۇغا چىلىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن چۈنەك تارتىپ، قىر ئۈستىگە تېرىلىدۇ. تېرىشتىن بۇرۇن قاپاق ئۇرۇغى 2~3 كۈن سوغۇق سۇغا چىلاپ قويۇلىدۇ. ئادەتتە 3- ئاينىڭ ئاخىرلىېىدىن 4- ئاينىڭ ئاخىرلىرىغىچە تېرىلىدۇ. پىلەك سوزۇشقا باشلىغاندىن كېيىن، سىنجەككە ئېلىنىدۇ. قاپاق چېچەكلىگەندە چۈنەكنىڭ ئىچىنى (قاپاق يىلتىزىنىڭ ئۇدۇلىنى) كولاپ، قوي قىغى، توخۇ- كەپتەر مايىقى، كۇنجۇرا قاتارلىق ئورگانىك ئوغۇتلارنى يەككە ياكى ئارىلاشتۇرۇپ كۆمۈپ ئوغۇتلىنىدۇ.
قاپاقنى ياخشى ئاينىتىش ئۈچۈن، قاپاق پېلىكىنىڭ تۈۋى سۇ ماي بېلەن بىر نەچچە قېتىم مايلاپ قويۇلىدۇ. چۈشكەن قاپاقنى يوغان پىشۇرماقچى بولسا، قاپاق چۈشكەن ۋاقىتتىن باشلاپ شۇ قاپاقنىڭ بېغىشى سۇ ماي بېلەن بىر نەچچە قېتىم مايلاپ قويۇلىدۇ. قاپاق مەلۇم چوڭلۇققا يەتكەندىن يېيىن، يەنە يوغۇنىشىنى توختاتماقچى بولسا، قاپاق بېغىشىنى يىرىپ، ئارىسىغا تارىشا قىستۇرۇپ قويسا، قاپاق يوغۇناشتىن توختاپ، شۇ پېتى پىشىدۇ.
قاپاقنىڭ ئىشلىتىلىشى
قاپاق ئادەتتە بۇيانلىق قاپاق، بۇيانسىز قاپاق، چاكسى قاپاق، نۇگاي دەپ تۆت سورتقا ئايرىلىدۇ. بۇيانلىق قاپاقنىڭ بوينىغا ئاغامچا سېلىپ، كۆتۈرۈپ ئېلىپ يۈرۈشكە قولاي بولغاچقا، سۇ، سۇماي، مىۋە شىرنىسى، شەربەت قاتارلىق يۆتكەپ ئىشلىتىلىدىغان نەرسىلەرنى قاچىلاشقا ئىشلىتىلىدۇ. بۇيانسىز قاپاقتىن چوڭ ئېغىز ئېچىش قولاي بولغاچقا، كۆيدۈرۈلگەن قوي مېيى، ئەبجەش ماي (قادىياغ)، گۈلقەنت، مۇراببا، ھەسەل، تۇز سۈيى، قېتىق قاتارلىق قوشۇق ياكى نۇگاي بېلەن ئېلىپ ئىشلىتىدىغان نەرسىلەرنى قاچىلاشقا ئىشلىتىلىدۇ. چاكسى قاپاقنىڭ شەكلى بۇيانلىق قاپاق بېلەن ئوخشاش، لېكىن كىچىك بولغاچقا، دورا- دەرمەك، ناسىۋال، تاماكۇ قاتارلىق نەرسىلەرنى قاچىلاشقا ۋە ماي كەمچىكى قلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. نۇگاينىڭ بوينى ئۇزۇن، بېشى يوق بولغاچقا، كىچىكلىرىنى بوينىنى ساپ قىلىپ، سۇ ئۇسسۇش، تۇز ئۇسسۇش ئىشلىرغا، چوڭلىرىنى چىلىم ئېتىشكە ئىشلىتىدۇ.
تۇز ئېرىتمىسى قاچىلاشقا ئىشلىتىلگەن قاپاق «تۇزلۇق قاپاق»، ماي قاچىلاشقا ئىشلىتىلگەن قاپاق «ماي قاپىقى» (خوتەن شىۋىسىدە «ياغلىقاپاق»)، باشقا ھەرقانداق نەرسە قاچىلاشقا ئىشلىتىلگىنى شۇ نەرسىنىڭ ئىسمى بېلەن «ناس قاپىقى»، «موخىركا قاپىقى»، «دورا قاپىقى»، «سۇ قاپىقى»، «چاي قاپىقى»… دېگەندەك ناملار بېلەن ئاتىلىدۇ. جۇۋازچىلارنىڭ ماي ئالىدىغان چوڭ قاپاقلىرىدىن باشقا يەنە چاكسى قاپاقتا ئىتىۋالغان تۆت سەرلىك، يېرىم جىڭلىق كەمچەك قاپاقلىرى بولىدۇ، ماينى شۇ قاپاقلىرى بېلەن كەمچەكلەپ ساتىدۇ. بۇرۇنقى دەۋىرلەردە «چاكسى» سۆزى ئېغىرلىق ئۆلچەم بىرلىكى بولۇپ، بىر چاكسى ھازىرقى بىر جىڭغا باراۋەر ئىدى. بۇرۇنقى دەۋىرلەردە قەلەندەرلەر چوڭ قاپاقتىن بىرنى ئېلىپ يۈرۈپ سەدىقە تىلەيتتى، سەدىگە بىرىلگەن ئاش- تاماقلارنىڭ ھەممىنى شۇ قاپاققا قۇيۇپ ئېلىپ كېتەتتى. قەلەندەرلەرنىڭ قاپىقى خوتەن شىۋىسىدە «ھابدال قاپىقى» دىيىلىپ، بىلەرمەن كىشىلەرنى ھابدال قاپىقىغا ئوخشۇتاتتى. شۇڭا «ھابدال قاپىقىدەك» دېگەن سۆز ئىدىيومغا ئايلانغان.
قاپاق تۈرلۈك نەرسىلەرنى قاچىلاپ ئىشلىتىدىغان ئۇنۋېرسال قاچا بولۇپ، ئەجداتلىرىمىزنىڭ تۇرمۇشىغا چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەندىن سىرت، ئەجداتلىرىمىز قاپاق ئېشى ئىتىپ ئىچىش ئارقىلىق ساقلىقنى ساقلاش ۋە كېسەل داۋالاش مەقسىتىگە يەتكەن. قاپاق ئېشى ئېتىشتە، پىشمىغان كۆك قاپاقنىڭ ئىچىدىكى لەش، ئۇرۇقلىرىنى ئېلىۋېتىپ، تېشىدىكى بىرقات كۆك پوستىنى سويۇۋېتىپ، ئاق ئېتىنى توغراپ تەييارلايدۇ. قازانغا سۇ قۇيۇپ، توغرالغان گۆش ۋە پىيازدىن مۇۋاپىق مىقتاردا سېلىپ قاينىتىپ، تۇز قۇيۇپ، ئۈستىگە توغرالغان قاپاقنى سېلىپ، پىشقۇچە قاينىتىپ، ئاندىن توغرالغان كۆك چامغۇر سېلىپ، تۇزىنى تەڭشەپ ئېلىپ ئىچىلىدۇ. شارائىتى بارلار يەنە كۆك پۇرچاق، ماش، نوقۇت قاتارلىقلارنىمۇ سالىدۇ.
قاپاقنى يوقارقى ئۇسۇل بويىچە توغراپ، قازانغا سۇ قۇيۇپ، مۇۋاپىق مىقتاردا ئاق شېكەر سېلىپ قاينىتىپ، قىيىام بولاي دېگەندە توغرالغان قاپاقنى سېلىپ، ئۇزۇن قاينىتىپ قىيام قىلىپ ئالسا، قاپاق مۇرابباسى بولىدۇ. قاپاق مۇرابباسى دورا ئورنىدا ئىستىمال قىلىنىدۇ.
قاپاقنىڭ تەبىئى تېمپىراتورا ساقلاش خۇسۇسىيىتى بار بولۇپ، چاي قاچىلىسا، ئاسان سۇۋۇپ قالمايدۇ، سوغۇق سۇ قاچىلىسا، ئىسسىپ قالمايدۇ. پىشقەدەملەرنىڭ ئىسپات بېرىشىچە، قاپاققا لىق سۇ ئېلىپ، ئاغزىنى ئوبدان ئېتىپ، قەھرىتان سوغۇقتا سىرتتا قويۇپ قويسا توڭلىمايدىكەن. ئالىملار قاپاقنىڭ تالالىرىنى تەتقىق قىلىش ئارقىلىق، قاپاق تالاسى ئاساسىدا، توڭلاتقۇ قاتارلىق سوغۇق ساقلاش ئۈسكۈنىلىرىنى ياساپ چىققان.
قاپاقنىڭ شىپالىق رولى
ئۇيغۇر تىبابەتچىلىك كىتابلىرىدا قاپاقنىڭ شىپالىق رولى توغرىسىدىكى بايانلار ئىنتايىن ئاز. لېكىن ئەجداتلىرىمىز قاپاقنى كۈندىلىك تۇرمۇشتا كۆپ ئىشلىتىش جەريانىدا، قاپاقنىڭ ئاز بولمىغان شىپالىق رولىنى يەكۈنلەپ چىققان. بولۇپمۇ قاپاق ئېشىنىڭ ئىستىقا (دىيابىت) كېسىلىنى داۋالاشتىكى رولىنى مۇئەييەنلەشتۈرگەن. ھازىرقى زامان تىببى ئىلىمدە، قاپاقنىڭ راك كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش رولىنىڭ بارلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى. يوقارقى ئىلمىي يەكۈنلەر ۋە تۇرمۇش تەجرىبىلىرىگە ئاساسلانغاندا، سۇ، سۇماي، تۇز ئېرىتمىسى قاتارلىق ئاش- تاماق خۇرۇجلىرىنى ۋە ھەسەل، گۈلقەنت، مىۋە شىرنىسى، مىۋە شەربىتى قاتارلىق قوشۇمچە ئوزۇقلۇق يىمەكلىكلىرىنى قاپاققا قاچىلاپ ئىستىمال قىلسا، راك كېسىلى، دىيابىت، قان بۇزۇلۇش، ياشانغانلاردىكى قەۋزىيەت … قاتالىق كېسەللەرنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ ۋە داۋالايدۇ.
دىيابىت كېسىلىدە:
1. قاپاق ئېشى ئىتىپ ئىچىلىدۇ؛
2.  پىشقان قاپاققا ئېغىز ئېچىپ، لەش- ئۇرۇقلىرىنى ئېلىۋەتمەي، ئىچىگە سوغۇق سۇ قۇيۇپ، ئاپتاپتا قىرىق كۈن قويۇپ، سۈيى كۈندە ئىككى قېتىم، ھەر قېتىمدا بىر پىيالىدىن ئىچىلىدۇ.
3. ئوبدان پىشقان قاپاقنى ئۇششاق چېقىپ، ئۇرۇغ، لەش ۋە پوستىلىرىنى قوشۇپ تۈگمەندە تارتىپ ئۇن قىلىپ، ئۇماچ ئىتىپ ئىچسە ئۈنۈمى تېخىمۇ ياخشى.
4. قاپاق مۇرابباسىنى ئۇزۇن مۇددەت ئىستىمال قىلىش.
بويۇن، ئېغىزمان، بەل ئاغرىشتا:
ئۆپكە، ئاشقازان، ئۆت ياللۇغلىرى بېلەن ئېغىزمان ئاغرىش؛ بۆرەك، بالىياتقۇ كېسەللىكلىرى بېلەن بەل ئاغرىش بولماي، غەيرى تەبىئى بەلغەم خىلىتىنىڭ شۇ ئورۇندىكى مۇسكۇللارغا، تارىمۇشلارغا، ئومۇرتقا ئارىلىقلىرىغا كۆپلەپ چۆكۈشىدىن ياكى ئومۇرتقىدا سۆڭەك ئۆسۈش سەۋەبىدىن ئاغرىغان بولسا، تولۇق پىشمىغان، ئەمما تولۇق ئاقارغان قاپاقنى ئۈزۈۋېلىپ، ئېغىز ئېچىپ، لەش- ئۇرۇقلىرىنى ئېلىۋەتمەي، شور تۇز (قارا تۇز ياكى چۆل تۇزى دەپمۇ ئاتىلىدۇ) ئېرىتمىسىنى قۇيۇپ، بىر نەچچە كۈن تۇرغۇزغاندىن كېيىن، ئاش- تاماققا شۇ تۇزنى ئىشلەتسە، غەيرى تەبىئى بەلغەمدىن بولغان بويۇن، ئېغىزمان، بەل ئاغرىشقا شىپا بولىدۇ. شور تۇز تېپىلمىسا، ئاقتۇز ئېرىتمىسىنى ئىشلەتسىمۇ بولىدۇ. (دىققەت: قاپاقتىكى تۇز ئېرىتمىسىنى پات- پات لىقلاپ تۇرۇش كېرەك. قاپاقنىڭ سىرتىغا تەپچىرەپ چىقىپ قىرو بولغان تۇزنى قىرىپ ئېلىپ، قاپاققا سېلىۋېتىش لازىم.)
 
پىششىقلاپ ئىشلەش
قاپاقنى ئائىلىلەردە تۈرلۈك قاچا ئورنىدا ئىشلىتىش ئۈچۈن، پىشقان قاپاقنى ئۈزۈۋېلىپ، ئاپتاپقا سېلىپ، ئوبدان قۇرىغاندىن كېيىن ئېغىز ئېچىپ، ئىچىدىكى لەش- ئۇرۇقلىرىنى ئېلىۋېتىپ، چايقىۋېتىپ ئىشلەتسە بولىدۇ. سۇ قاپىقى تەييارلاشتا، سۇغا قاپاقنىڭ غەيرى تەمى چىقىپ قالماسلىق ئۈچۈن قاپاققا سۇ ئېلىپ بىر نەچچە كۈن ئاپتاپقا سېلىپ، سۈيىنى تۆكۈۋەتكەندىن كېيىن ئىشلىتىدۇ.
قاپاققا قاچىلانغان سۇيۇق بۇيۇمۈلار سىرتىغا تەپچىرەپ چىقىدۇ. بۇنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، نان يېقىلىپ بولغان قىزىق تونۇردىكى چوغلارنى بىر تەرەپكە يىغىپ قويۇپ، قاپاققا لىق سۇ ئېلىپ تونۇرغا سېلىپ سۇنى ئۇزۇن قاينىتىپ ئالسا، قاپاق سۇس بېغىر رەڭگە كىرىدۇ. بۇ خىل ئۇسۇلدا پىشۇرۇلغان قاپاقتىن ھەرقانداق سۇيۇق جىسىم تەپچىرەپ چىقمايدۇ.
 
«نوگاي» سۆزى ئەسلى بوينى ئۇزۇن قاپاقنى كۆرسىتىدۇ، كېيىنچە باشقا بويۇملاردىن ياسالغان سۇ ئۇسسۇيدىغان قاچىلارنىمۇ كۆرسىتىدىغان بولغان. بۇنىڭ بېلەن بەزى رايۇنلاردا بۇ خىل قاپاقنى «نوگاي قاپاق» دەپ ئاتاش پەيدا بولغان. چوڭ نوگاينى ئوتتۇرىسىدىن تىك ئىككى قىلىپ يارساق، سۇ ئۇسسۇيدىغان ساپلىقتىن ئىككىسى ياسالغان بولىدۇ. بوينى قىسمى ساپ قىلىنىدۇ. كىچىك نوگاينىڭ قوساق قىسمىدىن مۇۋاپىق چوڭلۇقتا ئېغىز ئېچىپ، ئىچىدىكى لەش- ئۇرۇقلىرىنى تازىلىۋېتىپ، سۇ، سۇ ماي، تۇز قاتارلىق سۇيۇق جىسىملارنى ئۇسسۇيدىغان چۆمۈچ ياسىلىدۇ. بۇ خىل ساپلىق ۋە چۆمۈچلەر ئورتاقلاشتۇرۇلۇپ «نوگاي» دىيىلىدۇ. كىچىك نوگاينىڭ بوينى (سېپى)نىڭ ئۇچىدىن كىچىك تۆشۈك ئېچىلىپ، سۇيۇق جىسىملارنى شۇ تۆشۈكتىن ئاز- ئازدىن چۈشۈرۈشكە ئىشلىتىدۇ.
 
قاپاقنى كىچىك ۋاختىدا چاسا، ئالتە قىرلىق، سەككىز قىرلىق ياغاچ ساندۇققا ياكى ياغاچ نوغا سېلىپ قويسا، قاپاق شۇ نەرسىنىڭ شەكلىدە يوغۇناپ، سەنئەتلىك تۈسكە كىرىدۇ.
ئادەتتە، چاكسى قاپاقتىن قىلىنغان ناسا قاپىقى، دورا قاپىقى، چايقاپىقى (قارا چاي ۋە چايلىق دورا سېلىنىدىغان قاپاق)، موخۇركا قاپىقى؛ نوگايدىن ياسالغان چىلىم … قاتارلىقلارغا داغمالنى قىزىتىپ، كۆيدۈرۈش ئارقىلىلىق يۈزىگە تۈرلۈك نەقىشلەر ئىشلىنىدۇ. داغمال ئىككى خىل بولۇپ، بىرى ئادەتتىكى تۆمۈردىن زىخ شەكىللىك ياسىلىدۇ؛ يەنە بىرى ئىنچىكە نوكاچ تۆمۈرنىڭ بىر ئۇچىنى شۇ پېتى قويۇپ، يەنە بىر ئۇچىنى ئىگىپ گۈل شەكلىگە كىرگۈزۈپ ياسىلىدۇ. زىخ شەكىللىك داغمال تۈرلۈك سىزىقلارنى سىزىشقا ئىشلىتىلىدۇ، نوكاچ داغمالنىڭ ئۇچلىرىنى قىزىتىپ، تامغا بېسىش ئۇسۇلى ئارقىلىق دۈگۈلەك ۋە گۈل شەكلىدىن ھەر خىل گۈل نۇسقىلىرى، كانارە ئىشلىنىدۇ. بۇ خىل ئىشلەنگەن قاپاقلار «گۈللۈك قاپاق» دىيىلىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە قاپاققا تۈرلۈك ماي بۇياق رەسىملىرىنى سىزىش، يوقارقى ئۇسسۇلدا داغماللاپ نەقىش ۋە رەسىم ئىشلەش، قاپاقتا تۈرلۈك بۇيۇملار، ھايۋانات مودىللىرى ۋە باشقا نەرسىلەرنىڭ مودىللىرىنى ياساشتەك قاپاق سەنئىتى بارلىققا كېلىپ، قاپاقتىن سەنئەت بويۇمى ئىشلەش مەزمۇنىنى بېيىتتى ۋە زامانغا لايىقلاشتۇرۇپ تەرەققى قىلدۇردى.
قاپاق ئەجداتلىرىمىزنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەچكە، قاپاققا مۇناسىچەتلىك بىر قىسىم چۆچەك، ئەپسانە، رىۋايەت، قوشاق ۋە ماقال تەمسىل، ئىدىيوملار بارلىققا كەلگەن. «ياغلىقاپاق ئاقارمايدۇ» دېگەن تەمسىل – يامان ئىش قىلىپ ئادەتلىنىپ كەتكەن كىشىلەرنىڭ تۈزەلمەيدىغانلىقىغا قارىتىلسا، «قاپاقنىڭ بالىسى نوگاي» دېگەن تەمسىل – ئاتا- ئانىنىڭ خۇي- پەيلى پەرزەنتكە قالىدىغانلىىغا، پەرزەنتنىڭ ئاتا- ئانىسىنى دورۇيدىغانلىقىغا قارىتىلىدۇ. «قاپاق كۈندە سۇنمايدۇ، كۈنىدە سۇنىدۇ» دېگەن تەمسىل – تاسادىپىيلىقتىن ئېھتىيات قىلىشقا دەۋەت قىلىپ ئېيتىلىدۇ.
قوشاقتا مۇنداق كەلگەن:
 
تۈنۈگۈن چۈش ۋاختىدا،
ئىككى جۇۋان چىقتى سۇغا.
قاپىقى لايغا پېتىپ،
ئالمىلىرى ئاقتى سۇدا.
 
بۇ چىلىم گۈللۈك چىلىم،
باراڭدىن ئۈزگەن چىلىم.
گاھى ئۆيدە، گاھى چۆلدە،
زارى-زار قىلغان چىلىم.
بۈگۈنكى كۈندە قاپاقنىڭ ئورنىنى مېتال، سولىيولاردىن ياسالغان بۇيۇملار ئىگىلەپ، قاپاق تۇرمۇش ئىستىمالىمىزدىن چۈشۈپ قالدى. ئەجداتلىرىمىزنىڭ قاپاقنى تۈرلۈك قاچا ئورنىدا ئىشلىتىش ئارقىلىق، ساقلىقنى ساقلاش، كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە كېسەل داۋالاش ئەنئەنىسى ۋارىسلىق قىلىشقا تېگىشلىك بىباھا گۆھەردۇر.
(ئاپتور: كېرىيە ناھىيىلىك مەدەنىيەت تەنتەربىيە ئىدارىسىدا)
 

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ