ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > تارىخى بىلىملەر > تولۇق مەزمۇنى

سىتالىن گىتلىر بىلەن ھەمكارلاشماقچى بولغان

ۋاقىت : 2014-09-09 23:29 | مەنبەسى : باغداش مۇنبىرى | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
سىتالىن گىتلىر  بىلەن ھەمكارلاشماقچى بولغان
 
نۇرمۇھەممەت
 
2014-يىل 31-ئاۋغۇسىت ( ئامېرىكا)
 
 

        يېقىندىن بۇيان ئاشكارلىنىۋاتقان بىر قىسىم مەخپىي ھۆجەتلەر ۋە  شۇ ھۆجەتلەر  توغرىسىدىكى تەتقىقاتلارغا ئاساسلانغاندا سىتالىن 2-دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ تۇنجى يىلىدا ناتسىت گېرمانىيىسى بىلەن ھەمكارلاشماقچى بولغان . پايتەختى موسكىۋاغا جايلاشقان خەلىقىرا كومنىزىم ھەرىكىتى تەشكىلاتى يېقىندا ئېلان قىلغان بىر قىسىم مۇتلەق مەخپىي ھۆجەتلەردە كۆرسۈتىلىشچە سىتالىن گېتلىرنى سىياسى جەھەتتىن قوللىغان ۋە سوۋىت ئىتىپاقىنڭ ئوق مەركىزى دۆلەت ئىتىپاقى ۋە بىخەتەرلىك بىرلەشمىسىنىڭ رەسمىي ئەزاسى بولۇشىنى قولغا كەلتۈرۈشتە گېتلىرىنى قايىل قىلماقچى بولغان . بۇيەردىكى يەنە بىر ئەڭ مۇھىم مەسىلە سىتالىن  سوۋىت ئىتىپاقىدىكىلا ئەمەس يەنە چەتئەللەردىكى ھەتتاكى ئەنگىلىيەدىكى كومىنزىم تەشكىلاتلىرىنى ناتسىت گېرمانىيىسى بىلەن ھەمكارلىشىشىقا مەخپىي ھەيدەكچىلىك قىلغان .
        سىتالىن گىرمانىيە ، ئاۋىستىرىيە ۋە چېخدىكى كومىنىستىك پارتىيىلەرنى ناتسىتلار گېرمانىيىسى بىلەن بىخەتەرلىك ۋە ئىستىراتىگيىە توغرىسىدا ئورتاق مەنپەتلەرنى تېپىپ چىقىشقا ۋە شۇنىڭغا ئالاقىدار بارلىق ئىچىكى –تاشقى سىياسى مۇھىتىنى تەتىق قىلشقا مەخپىي بۇيرۇق چۈشۈرگەن. بۇ دىگەنلىك  سىتالىن شۇ چاغدىكى سوۋىت ئىمپىريىسى ئىچىدە ۋە  ياۋروپادا مەجۇت بولۇپ تۇرىۋاتقان مىللىي سوتسىياللار ، سوتسىيال دىمۇكىراتلار ، كاتولىكلار ۋە كومىزىم ئىشچىلىرىنى تىنىچلىق ۋە كومىزىم شوئارى ئاستىدا ئىمپىريالىزىمغا قارشى بىرلىك سەپ تەشكىللىدى دىگەنلىك .   سىتالىن يەنە  شۇ چاغدىكى بولغارىيە پادىشاھلىقىدا ھەرىكەت قىلىۋاتقان كومىنزىم تەشكىلاتلىرىنى بۇرۇنقى كونا مۇقامىنى ئۆزگەرتىپ پادىشاھلىق تۈزۈمگە قارشى تۇرۇش ھەرىكەتلىرىنى دەرھال توختىتىشقا بۇيرۇچ چۈشۈردى . سىتالىننىڭ بۇ يەردىكى مەخسىتى بۇ ئارقىلىق بۇلغارىيە خان جەمەتى ۋە پادىشاھنىڭ مايىللىقىنى قولغا كەلتۈرۈپ بۇلغاريىنى ناتسىت گىرمانىيىسى بىلەن ھەمكارلىشىىقا دەۋەت قىلىش ئىدى .
        سىتالىن ئادەتتىن تاشقىرى گۇمانخۇر ئادەم بولۇپ ئۇنىڭ بۇخىل سەلبىي خارەكتىرى سوۋىت ئىمپىريىسىنىڭ 2- دۇنيا ئۇرۇشىنىڭ ئالدى-كەينىدىكى تاشقى سىياسىتىدە  ناھايىتى روشەن ئىپادىسىنى تا پقان . مەسىلەن  سىتالىن ئۇرۇش باشلىنىشتىن بۇرۇن ئەنگىلىيە ۋە فىرانسىيىنىڭ  بىرتەرەپلىمىلىك سىياسەت يۈرگۈزۈپ گېرمانىيە بىلەن سوۋىتنى ئۇرۇشقا سېلىپ بىر چەتتە قول قۇغۇشتۇرۇپ تۇرۇپ كىيىن سوۋىت ھالىدىن كەتكەندە سوۋىتىنى شەرقى ياۋرۇپادىن سىقىپ چىقىرىۋىتىشتىن ئەنسىرىدى . يەنە بىر تەرەپتىن سىتالىن گىرمانىيىنى دۇنيادىكى ئەڭ قۇدرەتلىك سانائەت ۋە ھەربىي دۆلىتى دەپ قارىغاچقا گىرمانىيە بىلەن  ئۇرۇش قىلىشتىن ھەزەر ئەيلەپ  بىرلىكتە دۇنيانى بۆلىشىۋالماقچى بولدى . شۇ سەۋەپتىن گىرمانىيە بىلەن ئىتىپاقداشلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى قارار قىلغان ئىدى .   كىيىن شۇ مەخسەتتە  « ئۆز-ئارا تاجاۋۇز قىلىشماسلىق شەرتنامىسى» نى ئىمزالاپ ئىككى ئىمپىريە مەنپىئەتلىرىنى تېىخمۇ كونكىرىتلاشتۇردى . يەنى شەرىقى ياۋروپانى ئوتترىدىن تەڭ بۆلىشىۋالماقچى بولۇشتى . دىگەندەكلا شەرتنامە تۈزۈلۈپ ئۇزۇن ئۆتمەي گېرمانىيەپولشاغا غەرىپ تەرەپتىن ، ئارقىدىنلا سوۋىت شەرىق تەرەپتىن ھۇجۇم قىلدى .
        بىراق 1940 يىلىغا كەلگەندە گېرمانىيىنىڭ غەربىي سەپدىكى ئۇرۇشقا كېرەكلىك ھەربىي سانائىتىنى  مادىيى-ئەيشا تەمىنلەش ئىشلىرىدە قاتتىق قىيىنچىلىق كۆرۈلدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بالقان يېرىم ئارىلىدا سوۋىت ئىمپىريىسى بىلەن گېرمانىيىنىڭ زىمىن تالىشىش تۇقۇنۇشلىرى ئەۋىج ئېلىشقا باشلىدى . گېتلىرى شۇ يىلى ئىيۇن ئايلىرىدا  سوۋىت ئىتىپاقىغا ئۇمۇيۈزلۈك تاجۇۋۇز قىلىشنىڭ بىردىن-بىر تاللىشى ئىكەنلىكىگە چۇڭقۇر ئىشەندى . چۈنكى گېتلىرىنىڭ نەزىرىدە  سوۋىتىنى ئىشغال قىلغاندا بالقان يېرىم ئارىلىدىكى سوۋىت ئىمپىريىسى بىلەن زىمىن ماجرالىرىنى بىر يوللۇق بىر تەرەپ قىلىپلا قالماي يەنە ، ئۈچۈنچى ئىمپىريە ئۈچۈن يەنە تۆۋەندىكىدەك پايدىلىق ئامىللار مەۋجۇت ئىدى .(1) سوۋىت ئىشغال قىلىنسا مىليونلىغان رۇس ئەسىرلىرى ئارقىلىق گېرمانىيىنىڭ نۆۋەتتە مەۋجۇت بولىۋاتقان ئەمگەك كۈچى يىتىشمەسلىك مەسىلىسى ھەل بولاتتى . (2) سوۋىت كونتۇرۇللىقىدىكى ئوكرائىنا گېرمانىيە ئۈچۈن ئىشەنچىلىك دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى تەمىنلەش  بازىسى بولاتتتى .  (3) سوۋىتىنىڭ مول تەبىيئىي بايلىقى ۋە گېرمانىيە كونتۇرۇللىقى ئاستىدىكى سوۋىتىنىڭ ھەقسىز ئەمگەك كۈچلىرى گېرمانىيىنىڭ ياۋرو-ئاسىيادىكى گىئوپولتىكىلىق ھۆكۈمرانلىق ئورنىنى تېىخىمۇ مۇستەھكەملەيتتى . (4) سوۋىتىنى مەغلۇپ قىلىش ئىتپاقداش دۆلەتلەرنى تېخىمۇ يىتىم قالدۇراتتى . بولۇپمۇ بۇنىڭ  گېرماننىڭ ھاۋا ھۇجۇمىدا ھالىدىن كېتەي دەپ قالغان ئەنگىلىيە ئۈچۈن تەسىرى تېىخم زور بولاتتى . (5 ) ئەڭ مۇھىمى گېرمان ئۇرۇش تانكىلىرى، بىرونىۋىكلىرى شۇنداقلا باشقا ھەربىي قورال-ئەسلىھەلەرنى نېفىت بىلەن تەمىنلەش ئۆكسۈپ قېلىۋاتقان بولۇپ سوۋىتقا ھۇجۇم قىلىش يولى بىلەن بۇ مەسىلىنى ھەل قىلغىلى بولاتتى . يەنى سوۋىتى كونتۇرۇلقىدىكى باكۇ نىفىتلىكىنى قولغا چۈشۈرۈش گېرمانىيە ئارمىيىسىنىڭ ئەڭ مۇھىم نىشانى ئىدى . باشقىچە قىلىپ ئېيتقاندا بۇ يەردە  نىفىت گېرمانىيىنىڭ سوۋىت ئىتىپاقىغا ھۇجۇم قىلىشدىكى ئەڭ ئاساسلىق سەۋەپ دەپ قارىساقمۇ بولىدۇ .
        شۇنداق قىلىپ گېتلىر 1940 يىلى دېكابىردا سوۋىتقا ھۇجۇم قىلىش ئۈچۈن تۈزۈلگەن بارباروسا پىلاننى تاپشۇرىۋالدى ھەم دەرھال تەستىقلىدى . ئۇرۇش كىيىنكى يىلى 6- ئايدا باشلىنىدىغان بولدى .  بۇ ئۇرۇشنىڭ قانداق راۋاجلانغانلىقى ۋە قانداق نەتىجە بىلەن ئاياغلاشقانلىقى يەنە بىر ئايرىم تارىخى مەسىلە ئەلۋەتتە . بۇ يەردىكى ئاساسلىق جەريان سىتالىنىڭ گېرمانيە بىلەن ئىتىپاقلاشماقچى بولۇش ئۈچۈن قاتتىق تىرىشقانلىقى ۋە بۇ جەھەتتە  ئازراق نەتىجىنى قولغا كەلتۈرگەنلىكى ، كىيىن گېتلىرىنىڭ ئىستىراتىگىيىسىنى ئۆزگەرتىپ سىتالىنىڭ پىلاننىڭ بەربات بولغانلىقىدا . ئاخىردا  خۇلاسسە ئورنىدا  شۇنداىق دىيىشكە بولىدۇكى سوۋىت ھۆكۈمىتىنىڭ 1939 يىلدىن بۇرۇنقى ناتستىلارغا قارشى پائالىيەتلىرى ۋە قاتتىق قول مەيدانىدىن يىل ئۆرۈلۈپ بىراقلا ناتسىتىلارنىڭ قوينىغا پۈتۈن سەپ بويۇچە ئۆزىنى ئاتماقچى بولغانلىقى ، يەنى بىر چوڭ دۇنياۋى ئېمپىريىنىڭ تاشقى  سىياسىتىنىڭ ئىنتايىن قىسقا ۋاقىت ئىچىدە  180 گىرادۇسلۇق ھالەتتە بۇنداق تېز ئۆزگۈرۈش  يېقىنقى زامان دۇنيانىڭ سىياسى  تارىخىدا  ئىنتايىن ئاز ئۇچرايدىغان ئەھۋال دەپ قارايمەن . بۇ تارىخ بەلكىم روس مىللىتىگە مەڭگۈ ئىشەنگىلى بولمايدىغان، ئۇلارنى ھەرقانداق بىرخەلىق ياكى دۆلەتنىڭ ساداقەتمەنلىك بىلەن دوس تۇتۇشنىڭ كەم-كۈتىسىز بىر ئەخمەقلىك ئىكەنلىكىدەك  ھەقىقەتنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىشى مۇمكىن .

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ