ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > تارىخى بىلىملەر > تولۇق مەزمۇنى

1916-يىلىدىكى قىرغىزلارنىڭ ئۇچتۇرپانغا كېلىشى

ۋاقىت : 2014-09-09 23:39 | مەنبەسى : ئەجداد تارىخ تورى | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
1916-يىلىدىكى قىرغىزلارنىڭ ئۇچتۇرپانغا كېلىشى

تۇرسۇن بارات (ئۇچتۇرپان ناھىيىلىك مەدەنىيەت يۇرتىدىن پىنسىيىگە چىققان)


ئورخۇن ئۇيغۇر خانلىقى دەۋرىدە قىرغىزلار ئۇيغۇرلارنىڭ غەربىي شىمالىي قىسمىدا كۆچمەن چارۋىچىلىق بىلەن ياشايتتى. ئۇيغۇر خانلىقى ۋەيران بولغاندىن كېيىن، قىرغىزلارنىڭ بىرقىسمى موڭغۇل دالاسىغا، بىر قىسمى شىمالىي سىبىرىيىگە، يەنە بىر قىسمى تېرىپىرەن بولۇپ غەربكە كۆچكەن ئۇيغۇرلارنى قوغلاپ غەربكە سۈرۈلۈپ، ئالتاي ۋە تەڭرىتاغ تىزمىلىرىغا كەلدى. كېيىنچە ئۆزلىرىنىڭ ياشىشىغا تېخىمۇ مۇۋاپىق مۇھىت ئىزدەش مەقسىتىدە ئالتاي تاغلىرىدىن تەڭرىتاغ بويلىرىدىكى ئىسسىقكۆل، نارىن، تالاس، چۇ دەرياسى ۋادىسى ۋە ئاخىرى پامىر ئېگىزلىكىگىچە كېلىپ ماكانلاشتى.
قىرغىزلار تەڭرىتاغ ۋە پامىر تاغلىرى ئەتراپىغا كېلىپ ماكانلاشقاندىن كېيىن، دەسلەپتە قاراخانىيلار خانلىقىغا، كېيىنچە چاغاتاي ئەۋلادى تۇغلۇق تۆمۈر تەرىپىدىن قۇرۇلغان موغۇل خانلىقىغا، كېيىن سەئىدىيە، بۇخارا، قوقان خانلىقلىرىغا، 19-ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىن 1917-يىلىغىچە چاررۇسىيە ئىمپېرىيىسىگە قارىدى، سوۋېت ئىتتىپاقى دەۋرىدە سوۋېت ئىتتىپاقىغا قاراشلىق قىرغىزىستان جۇمھۇرىيىتى بولدى. 1991-يىلى مۇستەقىل جۇمھۇرىيەت بولۇپ قۇرۇلدى.
قىرغىز خەلقى ئۆز تارىخىدا ناھايىتى نۇرغۇن سەرگۈزەشتلەرنى باشتىن كەچۈردى. 19-ئەسىرنىڭ كېيىنكى يېرىمىدا چاررۇسىيە ئىمپېرىيىسى ئوتتۇرا ئاسىيانى ئومۇميۈزلۈك ئۆزىنىڭ زېمىن دائىرىسىگە كىرگۈزگەندىن كېيىن، چاررۇسىيە ئىمپېرىيىسىنىڭ بۇ رايوندا يۈرگۈزگەن سىياسىتى بۇ يەردىكى خەلقلەرگە زۇلۇم ئېلىپ كەلدى. شۇنىڭ بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادا چاررۇسىيە ئىمپېرىيىسىگە قارشى ئېقىم ۋە مىللىي ئازادلىق ھەرىكەتلىرى بارلىققا كەلدى. 1916-يىلى ھازىرقى قىرغىزىستاندا يۈز بەرگەن قوزغىلاڭ ئەنە شۇ ھەرىكەتلەرنىڭ بىر قىسمىدۇر.
1916-يىلى قىرغىز خەلقىنىڭ چاررۇسىيە ھۆكۈمىتىگە قارشى كۆتۈرگەن قوزغىلاڭلىرىنىڭ سەۋەبىنى تەتقىق قىلغاندا، قىرغىزلاردىن ئەسكەر ئېلىش، ئىشچى قوبۇل قىلىشلا بولماستىن، بەلكى قىرغىزلاردا ئۇزاقتىن بۇيان چاررۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تاجاۋۇزچىلىق سىياسىتىگە قارشى شەكىللەنگەن ئىدىيىلەرمۇ ئاساسىي ئورۇندا تۇرىدۇ. قوزغىلاڭلارنىڭ سەۋەبى توغرىسىدا شۇ ۋاقىتلارنىڭ شاھىدى، قىرغىز خەلقىنىڭ مەشھۇر مۇتەپەككۇرى، جامائەت ئەربابى، تارىخچى بىلەك سۇلتانوف مۇنداق توختالغان:
«قىرغىزلارنىڭ چاررۇسىيە ئىمپېرىيىسىگە قارشى قوزغىلىڭى مەغلۇپ بولغاندىن كېيىن، بىر قىسىم قىرغىز ئاھالىلىرى ئۇچتۇرپانغا قاچقان. قىرغىزلارنىڭ ئۇچتۇرپانغا قېچىپ كەلگەنلىرىنىڭ ئارىسىدا ئىسسىقكۆل، نارىن، چۇ ۋادىسىدىكى قىرغىزلار ئاساسىي سالماقنى ئىگىلەيدۇ. ئىسسىقكۆلدە تۇرغان بوگۇ، ساياق قەبىلىلىرىنىڭ باتۇرى بالباي دېگەن كىشى بولۇپ، چاررۇسىيە ھۆكۈمىتى بالباينىڭ ئورۇسقا قارشى ئىكەنلىكىنى بىلىپ ئۇنىڭغا ئىنتايىن ئۆچلۈك قىلىدۇ. چاررۇسىيە ھۆكۈمىتى بالباي باتۇر، ماھىر، مايىمېل، ئادىل قاتارلىق كىشىلەرنى ئۆلتۈرىدۇ. بۇلارنىڭ ئۆلتۈرۈلگەنلىكىنى كۆرگەن خەلق چاررۇسىيە ھۆكۈمىتىدىن ئىنتايىن نارازى بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن خەلق چاررۇسىيە ھۆكۈمىتىنى ‹ئالدامچى ھۆكۈمەت ئىكەن› دەپ تونۇيدۇ. شۇڭا كۇچۇك زاسپىبېك ئوغلى يۈز تۈتۈن ئاھالە بىلەن ئۇچتۇرپانغا قاچىدۇ». بالباي باتۇرنىڭ ئۆلتۈرۈلۈشى توغرىسىدا سۇلتانباي مۇنداق ئېيتقان: «ئورۇس بىلەن ئوينىساڭ ئۆلمەيمەن دەپ ئويلىما». يەنە قىرغىز ئاقىنلىرى «ئورۇس بىلەن دوست بولساڭ، پالتا-پىچاغىڭ يانىڭدا بولسۇن» دەپ ئېيتقان①.
1916-يىلىنىڭ ئاۋغۇست ئايلىرىدا نارىن تەرەپتىكى قىرغىزلار مىلتىق يوق بولغاچقا، رۇسلارغا تەڭ كېلەلمەي، چۇ ۋادىسىدىن قاچقان خەلق بىلەن بىرلىشىپ، قاقشال ئارقىلىق ئۇچتۇرپانغا قاچقان. ئىسسىقكۆل ئەتراپىدىكى بوگۇ، ساياق قەبىلىلىرى ئەسكەرلىككە بارمايمىز، ئەسكەرلىككە ئەۋەتىمىز دېگەن كىشىلەرنى ئۆلتۈرىمىز، ئۇرۇشقا قارشى ئۇرۇش قىلىمىز دېيىشكەن. ئۇلار ئاتبېشى، نارىن، قوچقار، جۇمغال، چۇ رايونىدىكى قىرغىزلار بىلەن ئالاقە قىلىپ تۇرماقچى بولغان. تەسكەي تەرەپتىكى قىرغىزلاردىن ئىساغالى ئاتبېشى، نارىن، قوچقار، جۇمغالىدىكى خەلق بىلەن خەۋەرلىشىپ تۇرىدىغان، كۈنگەي تەرەپتىكى ساياق قىرغىز لىرىدىن تالكانباي چۇ ئەتراپىدىكى قىرغىزلار بىلەن شابداننىڭ بالىلىرى ئارقىلىق ئالاقىلىشىپ تۇرىدىغان بولغان. تالكانباينىڭ ئۇلارغا بەرگەن ۋەدىسى مۇنداق بولغان: ئەگەر چۇ ئەتراپىدىكى قىرغىزلاردا قوزغىلاڭ بولسا، كۈنگەي تەرەپتىكى رۇس قىشلاقلىرىغا ئوت قويىدىغان، بۇ ئوتنى كۆرۈپ تەسكەي تەرەپتىكى قىرغىزلار رۇسلارغا قارشى كۆتۈرۈلىدىغان، ئەگەر قوزغىلاڭ تاغ ئارىسىدىكى قىرغىزلاردىن چىققان بولسا، ئىسغالى باشچى بولغان قىرغىزلار تەسكەي تەرەپتىكى رۇس قىشلاقلىرىغا ئوت قويىدىغان، بۇ ئوتنى كۆرگەن كۈنگەي تەرەپتىكىلەر بىلەن كۆل بېشىدىكىلەر قوزغىلاڭ كۆتۈرىدىغان بولغان. بۇ ۋاقىتتا قاراقولدىكى رۇس، كازاك ئەسكەرلىرى ھەممىسى بولۇپ يىگىرمىدەك ئادەم ئىدى. چاررۇسىيىگە قارشى ئىسسىقكۆلدىكى قوزغىلاڭمۇ نەتىجىسىز ئاياغلاشتى. چاررۇسىيە ھۆكۈمىتى ئورىنبورگ، تاشكەنت، بېشكەكتىن يەنە پەرغانە ئارقىلىق پىلىموت، زەمبىرەكلەر بىلەن قوراللانغان مىڭلىغان ئەسكەرنى ئەۋەتتى. بۇلارغا ئازغىنە قوراللار بىلەن قوراللانغان قىرغىز خەلقى تەڭ كېلەلمەي شىنجاڭ رايونىغا قېچىپ ئۆتۈشكە مەجبۇر بولدى.②
مۇشۇ ۋاقىتتا ئۇچتۇرپاندىكى بەدەل قىرغىزلارنىڭ شىنجاڭغا قېچىشىدىكى مۇھىم جاينىڭ بىرى بولۇپ قالىدۇ. قىرغىزلارنىڭ ئۇچتۇرپانغا قېچىپ كېلىش مەسىلىسىدە بىلەك سۇلتانوف مۇنداق يازىدۇ: «1916-يىلى 9-ئاينىڭ 9-كۈنى 80 دەك ئادەم بەدەلدىن ئۆتتۇق. بەدەلدىن ئۆتكەندە چېگرىدا جۇڭگونىڭ بىرلا قاراۋۇلى بار ئىكەن. 10-سېنتەبىردە ئۇنىڭغا ئاز-تولا پۇل بېرىپ ئۆتۈپ يامانسۇغا كەلدۇق. 11-سېنتەبىر كۈنى يامانسۇدا تۇرساق، ئۇچتۇرپاندىكى ئامبالنىڭ يېنىدىن ئادەم كېلىپ ‹سىلەرنى ئامبال چاقىرىدۇ› دەپ، مېنى، بىلقچى، بۇرۇنباي، توختى سوپى، سار بۇرۇۋىنى ئېلىپ كەتتى. ئەتىسى ئامبال بىزنى يامۇلغا ئېلىپ باردى. ئامبال بىر ئۇيغۇر تەرجىمان ئارقىلىق ‹سىلەر كىم بولىسىلەر، بۇ يەرگە نېمىگە كەلدىڭلار› دەپ سورىدى. مەن ‹بىز قىرغىز دېگەن خەلق، چاررۇسىيە ھۆكۈمىتى يەرلىرىمىزنى تارتىۋالدى. بىز ئەسكەرلىككە بارمايمىز دېدۇق. ئورۇسلار چوڭ كىشىلەرنى تۇتۇپ ئۆلتۈرۈشكە باشلىدى. شۇنىڭ بىلەن ئورۇسلارغا قارشى قوزغىلاڭ كۆتۈردۇق. قوراللىرىمىز ناچار بولغانلىقتىن، ئورۇس ئەسكەرلەرگە تەڭ كېلەلمەي بۇ يەرگە قېچىپ كەلدۇق› دېدىم. كۆپ سۆزلىشىشلەردىن كېيىن بىزنىڭ ئۇچتۇرپاندا تۇرۇشىمىزغا رۇخسەت قىلدى.»③
«ئۇچتۇرپان ناھىيىسى تەزكىرىسى»دە «1916-يىلى ئوتتۇرا ئاسىيادىكى نارىن دەرياسى ئەتراپىدا تۇرۇشلۇق 1000دىن ئارتۇق ئادەمدىن تەركىب تاپقان 200 نەچچە ئۆيلۈك قىرغىز چاررۇسىيە دائىرىلىرىنىڭ زىيانكەشلىكىگە چىدىماي، ئۇچتۇرپان ناھىيىسىنىڭ قاقشال رايونىغا كېلىپ ماكانلاشتى.» دەپ خاتىرىلەنگەن. ④ (شۇ چاغدا ھازىرقى ئاقچى ناھىيىسى تەۋەسىمۇ ئۇچتۇرپانغا قارايتتى).
بۇ دەۋر شىنجاڭدا ياڭ زېڭشىن ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان دەۋر بولۇپ، ئۇيغۇر خەلقىمۇ ئاچ-زارلىق، ئالۋان-ياساق دەردىدىن باش كۆتۈرەلمەيۋاتقان ۋاقىتلار ئىدى. مانا مۇشۇنداق ۋاقىتتا نەچچە مىڭلىغان قىرغىز ئاھالىسى شىنجاڭغا قېچىپ كەلدى. ئۇيغۇر خەلقى بۇ خەلقلەرنى قېرىندىشىمىز دەپ قاراپ، ئۆيلىرىدە قوندۇرۇپ، ئاش-تاماق بېرىپ ھالىدىن خەۋەر ئالدى، ئىككى ئەل خەلقى بار-يوقىنى بىرگە تارتتى، بىر ناننى تەڭ يېدى. بۇ ھەقتە قىرغىز خەلقىنىڭ 20-ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ئۆتكەن مەشھۇر مۇتەپەككۇرى ئىساق شايبېكوف «ئەزىز خەلقىم» دېگەن شېئىرىدا مۇنداق يازىدۇ:
«قېرىلىرى ماڭالماي،
يۆتەلدى ئەزىز خەلقىم.
بالىلارنى بوينىغا ئېلىپ،
كۆتۈردى ئەزىز خەلقىم.
قاراڭغۇ ئۇيغۇر ئۆيىدە،
ماكانلاشقان ئەزىز خەلقىم.»⑤
يۇقىرىدىكى شېئىردىن 1916-يىلىدا قىرغىز خەلقىنىڭ بېشىغا ئېغىر كۈلپەتلەر چۈشكەندە، ئۇيغۇر خەلقىنىڭ ھېچنېمىنى ئايىماي ئۇلارغا ياردەم قىلىپ، نۇرغۇنلىغان ئاھالىنىڭ ھاياتىنى ساقلاپ قالغانلىقىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ.
قىرغىزلارنىڭ ئۇچتۇرپان ۋە شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىغا قېچىپ كېلىش ۋەقەسى تارىختا «قىرغىز قاچقۇنى» دېيىلگەن. ئۇ چاغدا قىرغىزلار ئۇچتۇرپانغىلا ئەمەس، يەنە جەنۇبتا پامىردىن شىمالدا ئىلى دەرياسى ۋادىلىرىغىچە بولغان كەڭ يايلاقلارغا كېلىپ ماكانلاشقان. ئۇلارنىڭ سانى توغرىسىدا ھەرخىل مەلۇمات ۋە ھەرخىل پەرەزلەر بار. لېكىن قىرغىزلار 1917-يىلى 3-ئايلاردىن باشلاپ يەنە ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىشقا باشلىغان. 1917-يىلى 10-ئايدا ئالمۇتىدا سوۋېت دېموكراتىك ھاكىمىيىتى قۇرۇلدى، 1918-يىلى 2-ئاينىڭ 17-كۈنى ئالمۇتىدا كېڭەش ئۆتكۈزۈلدى، كېڭەشتە شىنجاڭغا كۆچكەن بارلىق قىرغىز ۋە باشقا خەلقلەرنى ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇپ كېلىش قارار قىلىنىپ، جۇڭگو ھۆكۈمىتىگە مەلۇم قىلىندى. شۇنىڭ بىلەن شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا كۆچكەن قىرغىز ۋە باشقا خەلقلەر سوۋېت ئىتتىپاقىغا قايتىپ كېلىشكە باشلىدى. بۇ قايتىپ كېلىش تاكى 1921-يىلىغىچە داۋاملاشتى.⑥


شىنجاڭدا ياشاۋاتقان قىرغىز خەلقى شىنجاڭدىكى ئۇيغۇر ۋە باشقا ھەر مىللەت خەلقى بىلەن ئىتتىپاقلىشىپ، بىر تۇغقاندەك ئۆتۈپ، ھەرقايسى ساھەنىڭ تەرەققىياتىغا ۋە چېگرا رايوننىڭ مۇقىملىقىغا ھەسسىسىنى قوشماقتا.
پايدىلانغان ماتېرىياللار
①②③⑥ بىلەك سۇلتانوف: «قىزىل قىرغىز تارىخى»، بېشكەك، 1993-يىلى قىرغىزچە نەشرى، 93-،119~122-، 125~ 126-،134-بەتلەر.
④ «ئۇچتۇرپان ناھىيىسى تەزكىرىسى»، شىنجاڭ خەلق نەشرىياتى 2007-يىلى 10-ئاي ئۇيغۇرچە نەشرى، 38-بەت.
⑤ ئىساق شايبېكوف: «ئەزىز خەلقىم»، كوللېكتىپ توپلام، بېشكەك، 1990-يىلى قىرغىزچە نەشرى، 426-بەت.

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ