ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > تارىخى بىلىملەر > تولۇق مەزمۇنى

قەشقەردىكى ئىككى ناھىيە ۋە بىر قەدىمىي يول

ۋاقىت : 2014-09-09 23:35 | مەنبەسى : ئەجداد تارىخ تورى | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
قەشقەردىكى ئىككى ناھىيە ۋە بىر قەدىمىي يول

 
نىياز كېرىم (تۆپە ئاتا)

 
   قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسى
   قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسى گۇاڭشۈينىڭ 8- يىلى (مىلادىيە 1882- يىلى) تەسىس قىلىنغان، قەشقەر ۋىلايەتلىك ئامبال مەھكىمىسى دەل كونىشەھەردە ئىدى. بۇ چاغدا كونىشەھەر ناھىيەسى ئۇلۇغچات، ئاتۇش، ئاقچى ناھىيەلىرىنى ۋە قەشقەر شەھىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. دېھقانچىلىق رايونلىرىدىن سەمەن، بەشكېرەم، ئاۋات، توققۇزاق، ئوپال، ئۈستۈنئاتۇش، تاشمىلىق، مۇشسۇلۇق قاتارلىق جايلارنى؛ ئۇنىڭدىن باشقا، چارۋىچىلىق رايونىدىكى بويروت (قىرغىز) لارنىڭ بەش قەبىلىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالاتتى. ئەينى چاغدىكى ئومۇمىي تۈتۈن سانى 38 مىڭ 31، نوپۇسى 173 مىڭ 818 ئىدى. 1955- يىلى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەلىك ھۆكۈمەت توققۇزاق بازىرىغا كۆچۈپ كەلدى، 1986- يىلى قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىدە 17 يېزا، بىر بازار بار بولۇپ، ئومۇمىي نوپۇسى 295 مىڭ 400 ئىدى.
   قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىنىڭ تەبىئىي شارائىتى
  قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسى پامىر ئېگىزلىكىنىڭ شەرقىي ئېتىكىگە جايلاشقان، ئومۇمىي كۆلىمى 4604.7 كىۋادرات كىلومېتىر، ئۈرۈمچى بىلەن بولغان ئارىلىقى 1490 كىلومېتىر. ناھىيەنىڭ جەنۇب، شىمال، غەرب تەرەپلىرىنى تاغ ئوراپ تۇرىدۇ، شەرق تەرىپى قىزىل ۋە گەز دەريالىرىنىڭ تىنما تۈزلەڭلىكىدىن ئىبارەت. يېرى غەربىي شىمالدىن شەرقىي جەنۇبقا پەسىيىپ بارىدۇ. ناھىيە تەۋەسىدە دېڭىز يۈزىدىن 3244 مېتىر ئېگىز قارا تاغ تۈمەن دەرياسى ۋە ئون بۇلاق بار. ئۇنىڭدىن باشقا، قىزىل دەرياسى، گەز دەرياسى، چاقماق دەرياسى ناھىيە تەۋەسىدىن ئۆتىدۇ.
  سۈيى يېتەرلىك، كۈن نۇرىنىڭ يىللىق چۈشۈش ۋاقتى 2870.6 سائەت؛ تۈزلەڭلىكنىڭ يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 11.2 گىرادۇس، تاش رايونىنىڭ ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى توققۇز گىرادۇس، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 39.6 گىرادۇس، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 25.2 گىرادۇس. ھۆل - يېغىن مىقدارى 72.2 مىللىمېتىر، پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2537.8 مىللىمېتىر، قىروۋسىز مەزگىلى 206 كۈن، كان بايلىقلىرىدىن ئالتۇن، نېفىت، گەج ھاكتېشى، كۆمۈر ئاشتۇزى؛ ياۋايى ھايۋانلاردىن تۈلكە، بۆرە، جەرەن، توشقان، كىرپە قاتارلىقلار بار.
   توققۇزاقتىن ئاقتۇجىغا يەتتە يول، بۇلاقسۇغا 42 يول، تاشمىلىققا 89 يول كېلىدۇ. تاشمىلىق ئەسلىي تەشنالىقتىن ئۆزگەرگەن، تاشبالىق دېگەن سۆز قەدىمكى ئۇيغۇر تىلى بولۇپ، «تاش شەھەر» دېگەن مەنىدە، تاشمىلىقتىن بۇلۇڭكۆڭگە كېلىدۇ. بۇ ئارىلىقتا تۆۋەندىكى جايلارنى بېسىپ ئۆتىدۇ. ئېگىزلىكى 4000 مېتىردىن ئاشىدۇ. قىرچىنغا 180 يول، تاغارمىغا 190 يول كېلىدۇ.
   ئۇلۇغچات ناھىيەسى
   «ئۇلۇغچات» دېگەن سۆز قەدىمكى ئۇيغۇر يىلىدىكى «ئۇلۇغ» ۋە «چات» سۆزلىرىنىڭ قوشۇلۇشىدىن ھاسىل بولغان سۆز، «ئۇلۇغ» سۆزى چوڭ دېگەن مەنىدە قوللىنىلىنىدۇ، «چات» سۆزى كېرىلىش ئارىلىقىنى بىلدۈرىدۇ. دېمەك، ئۇلۇغچات دېگەن سۆز دەريانىڭ كەڭ جايى دېگەنلىك بولىدۇ. ئەمەلىيەتتە قىزىل دەرياسى ئېقىنى قاتمۇقات تاغلار ئارىسىدىكى قىسلاڭلاردىن ئۆتۈپ بۇ جايغا كەلگەندە، كېڭىيىپ بەش يول كەڭلىككە يېيىلىدۇ.
   ئۇلۇغچات ناھىيەسى مىلادىيەنىڭ باشلىرىدىن تارتىپ سۇلى دۆلىتىگە قارايتتى، 1929- يىلى ئۇلۇغچات باشقۇرۇش ئىدارىسى قۇرۇلۇپ، ئۇ قەشقەر كونىشەھەر ناھىيەسىنىڭ باشقۇرۇشىدا بولدى، ئۇنىڭ ئورنى كونا ئۇلۇغچاتتا ئىدى. 1938- يىلى ناھىيە بولۇپ قۇرۇلۇپ، ناھىيە بازىرى قىزىلئۆي (ھازىرقى ئورنى) گە كۆچۈرۈلدى، 1954- يىلىدىن تارتىپ قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستىغا قارايدىغان بولدى. 1986- يىلى بۇ ناھىيەدە 36 مىڭ 100 نوپۇس، ئۇلۇغچات بازىرىدا 5822 نوپۇس بار ئىدى.
   ئۇلۇغچات ناھىيەسىنىڭ تەبىئىي شارائىتى
   ئۇلۇغچات ناھىيە بازىرى دېڭىز يۈزىدىن 2100 مېتىر ئېگىز، ئومۇمىي يەر كۆلىمى 17 مىڭ 937 كىۋادرات كىلومېتىر، ئۈرۈمچىدىن 1522 كىلومېتىر يىراق، ئۇلۇغچات ناھىيەسى تىپىك تاغ رايونىغا كىرىدۇ. ئۇنىڭ غەربىي شىمال ۋە غەربىي جەنۇب تەرەپلىرى ئېگىز، شەرقىي جەنۇب تەرىپى پەس، ئۈچ ئەتراپى تاغ بىلەن ئورالغان، شەرقىي جەنۇب تەرىپى پەس ھەم تۈزلەڭلىك؛ تاغ رايونى 14 مىڭ 520 كىۋادرات كىلومېتىر، تۈزلەڭلىك رايونى 4680 كىلومېتىر كېلىدۇ؛ ئوتلاق 6030 گېكتار، تېرىلغۇ يەر 6227 گېكتار، مۇزلۇق 45 مىڭ 133 گېكتارنى ئىگىلەيدۇ.
    پامىر ئېگىزلىكىگە تەۋە ئاقسايباش چوققىسىنىڭ دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 6146 مېتىر، ناھىيە تەۋەسىدە قىزىل دەرياسى، چاقماق دەرياسى قاتارلىق 10 ئېقىن ۋە نۇرغۇن بۇلاق بار، بۇلارنىڭ ئومۇمىي سۇ بايلىقى 2 مىليارد 329 مىليون 43 مىڭ كۇب مېتىرغا يېتىدۇ. يىللىق ھۆل - يىغىن مىقدارى 160 مىللىمېتىر، پارغا ئايلىنىش مىقدارى 2570 مىللىمېتىر، 1985- يىلىدىكى ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى 7.6 گىرادۇس، 1- ئايدىكى تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 10 گىرادۇس، ئەڭ يۇقىرى تېمپېراتۇرىسى 9.32 گىرادۇس، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرىسى نۆلدىن تۆۋەن 23.9 گىرادۇس، قىروۋسىز مەزگىلى 116 كۈن.
    ئۇلۇغچاتتا كۆمۈر، تۆمۈر، ئالتۇن، مىس، گۈڭگۈرت، ھاكتېشى، نېفىت، فوسفور قاتارلىق كان بايلىقلىرى؛ تۈلكە، قاپلان، ئېيىق، سۇغۇر، بۆرە، كېيىك، توشقان قاتارلىق ياۋايى ھايۋانلار بار.
   قەدىمكى قەشقەر - پەرغانە يولى
   تورغات ئارقىلىق ماڭىدىغان قەدىمكى قەشقەر - پەرغانە يولى ئۇزاق تارىخقا ئىگە مۇھىم يوللارنىڭ بىرى، ئۇ قەشقەر يارغاغ دەرۋازىسىدىن چىقىپ، شىمالغا قاراپ مېڭىپ تاغۇتقا كېلىپ، غەربىي شىمالغا قاراپ چاقماق دەرياسىنى بويلاپ ئۇچار، ئاياش مەھەللا، تاشيايلاق، توقاشلا، قارىغۇل، توپا، يايقۇرۇت، تويۇنلاردىن ئۆتۈپ داۋاملىق ئىلگىرىلەپ، تويۇندىن سۆڭەڭ دەرياسى بىلەن تورغات دەرياسى قوشۇلىدىغان جايغا بارغاندا يول ئىككىگە بۆلۈنىدۇ. سول تەرەپكە ماڭغان يول سۆڭەك دەرياسىنى بويلاپ سۆڭەڭ تاغ ئېغىزى ئارقىلىق قىرغىزىستانغا ئۆتۈپ ئارپاغا بارىدۇ، ئۇنىڭ سۆڭەك تاغ ئېغىزىغىچە بولغان ئارىلىقى 275 يول كېلىدۇ.
    ئوڭ تەرەپكە ماڭغا يول تورغات دەرياسىنى بويلاپ، تورغات تاغ ئېغىزى ئارقىلىق قىرغىزىستانغا ئۆتۈپ، چانىر كۆلىنىڭ شەرقىي بىلەن مېڭىپ، كۆك ئايغىرغا بېرىپ شەرقىي شىمالغا بۇرۇلۇپ، ئاقساي دەرياسىنى (توشقان دەرياسىنىڭ باش قىسمى) بويلاپ يار تاشقا بېرىپ، ئاندىن سولغا بۇرۇلۇپ نازىنغا بارىدۇ. ئۇنىڭ ئومۇمىي ئۇزۇنلۇقى 576 يول، تورغات تاغ ئېغىزىغىچە بولغان ئارىلىقى 305 يول كېلىدۇ.

   مەنبە: « ئۈرۈمچى كەچلىك گېزىتى» 9820-سانىدىن ئېلىندى

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ