ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە 2025 - يىلى 6 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ( يەكشەنبە )
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش > تولۇق مەزمۇنى

ئالما سامسۇڭنى ئەرىز قىلدى

ۋاقىت : 2013-11-26 23:55 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
 
ئالما سامسۇڭنى ئەرىز قىلدى

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىر قىلىشىچە ، ئالما ۋە سامسۇڭنىڭ پاتېنىت دەۋاسىغا چارشەنبە كۈنى سوت ئېچىلغان . ئالما شىركىتى پاتېنىت ئىشلىتىش ھەققى ۋە ئىقتىسادى زىياننى قۇشۇپ جەمئىي 380 مىليۇن دوللار تۆلەم تەلەپ قىلغان ، لېكىن سامسۇڭ پەقەت 52 مىليۇن دوللار تۆلىسىلا بولىدىغانلىقىنى ئېيىتقان . بۇ دىلونىڭ مۇھىم گۇۋاھچىسى ، ئالما مەھسۇلات سېتىش بۈلۈمىنىڭ ئەزاسى Julie Davis سوتتا سامسۇڭنىڭ iphone ۋە ipad نىڭ تېخنىكىلىرىنى ئوغۇرلاپ ئىشلىتىشى ئالما شىركىتىگە غايەت زور ئىقتىسادى زىيان ئېلىپ كەلدى دېگەن .
سوتتا Julie Davis مۇندا دېگەن : " سامسۇڭنىڭ 13 خىل مەھسۇلاتى ئالما شىركىتىنىڭ پاتېنتىغا دەخلى تەرۇز قىلغان . بۇ iphone ۋە ipad نىڭ سېتىلىش سانى ۋە پايدىسىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسەتتى . شۇ سەۋەپلىك ئالما شىركىتى 360 مىڭ يۈرۈش يانفون ۋە تاختا كومپيۇتېرنىڭ سېتىلىش مىقدارىدىن قۇرۇق قالدى . شۇڭا سامسۇڭ پاتېنت ئىشلىتىش ھەققىنى تاپشۇرۇپلا قالماي يەنە 360 مىڭ يۈرۈش ئۈسكۈنىنىڭ بىزگە ئېلىپ كەلگەن زىيىنىنى تۆلىشى كېرەك . " Julie Davis نىڭ قارىشىچە ئەگەر سامسۇڭ " پاتېنتقا دەخلى قىلغان " Nexus تاختا كومپيۇتېرى ۋە Galaxy تىپلىق ئۈسكۈنىلەرنى ئوتتۇرىغا چىقارمىغان بولسا ئالما شىركىتىنىڭ iphone ۋە ipad نىڭ سېتىلىش مىقدارى ھازىرقىدىن 360 مىڭ يۈرۈش جىق بولغان بولاتتى .
سوت مەھكىمىسىگە تاپشۇرغان دەخلى تەرۇز قىلغان مەھسۇلاتلار جەدۋىلىدە ، ئالما شىركىتى ئاساسلىقى سېتىلىشى يۇقىرى بولغان Infuse4G ۋە Dorid Charge نى تىزىپ چىققان . ھازىر بۇ ئىككى مەسۇلات ئامېرىكا بازىرىدىن چىقىرۋېتىلدى .
سامسۇڭ ئادۇكاتلار ئۆمىكىنىڭ قارىشىچە ئالما شىركىتى تەسىرگە ئۇچرىغان مەھسۇلاتلار سانىنى قەستەن يۇقىرى كۆتۈرىۋەتكەن . ئۇلارنىڭ ئېيتىشىچە سامسۇڭ ئەڭ كۆپ بولغاندا 52 مىليون دوللار تۆلەم تاپشۇرىدىكەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە سامسۇڭ شىركىتىنىڭ مۇتەخەسىسلىرى ئالما شىركىتى ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتقا قارىتا قايتا تەكشۈرۈش ئېلىپ بارىدىكەن .
 

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%

«ئالما سامسۇڭنى ئەرىز قىلدى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ