ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش > تولۇق مەزمۇنى

Ctrl+Alt+Del كۇنۇپكىلىرىنى گۇرۇپپىلاپ ئىشلىتىش ئەمەلىيەتتە بىر خاتالىق

ۋاقىت : 2013-09-29 10:50 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم


Ctrl+Alt+Del كۇنۇپكىلىرىنى گۇرۇپپىلاپ ئىشلىتىش ئەمەلىيەتتە بىر خاتالىق

Ctrl+Alt+Del كۇنۇپكىلىرىنى گۇرۇپپىلاپ ئىشلىتىش ئەمەلىيەتتە بىر خاتالىق

چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مىكروسوفىت شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى بىل گايتس يىقىندا، Ctrl+Alt+Del كۇنۇپكىلىرىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىش ئارقىلىق كومپىيۇتېرغا تېزىملىتىپ كىرىش مەشغۇلاتىنىڭ ئەسلىدە بىر خاتالىق ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلغان.

خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىدا ئۆتكۈزۈلگەن ئىئانە توپلاش پائالىيىتىگە قاتنىشىۋاتقان بىل گايتس مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، ئەينى ۋاقىتتا مىكروسوفىتنى قۇرغان چاغدىكى بىر قىسىم ئىشلارنى تىلغا ئالغان، ئۇ يەنە Ctrl+Alt+Del كۇنۇپكىلىرىنىڭ لايىھىلىنىشىدىكى دەسلەپكى مەقسەت-مۇددىئالارنىمۇ چۈشەندۈرۈپ ئۆتكەن. ئۇنىڭ دىيىشىچە، يۇقارقى ئۈچ كۇنۇپكىنى بىرلەشتۈرۈپ بېسىش مەشغۇلاتىنىڭ مەقسىتى باشقا پىروگراممىلارنىڭ ئوغۇرلۇقچە تېزىملىتىش كىرىش كۆزنىكىنى سىياقىغا كىرىۋىلىپ، ئابونتلارنىڭ مەخپىي نۇمۇرىنى ئالداپ كىتىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ئىكەن.

«بۇ بىر خاتالىق،» دەيدۇ بىل گايتس كۆپچىلىككە چۈشەنچە بىرىپ، «ئەمەلىيەتتە بىز بىر دانە كۇنۇپكا ئارقىلىقلار يۇقارقى مەشغۇلاتنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز، بىراق، IBM دىكى لايىھىلىگۈچىلەر بىزگە بۇ خىل كۇنۇپكىنى لايىھىلەپ بەرمىدى.»

بۇ خىل غەلىتە ئۇسۇلدا كومپىيۇتېرنى قوزغىتىش بۇيرۇقى بىرىدىغان كۇنۇپكا گۇرۇپپىلاش ئەسلىدە IBMشىركىتىدىكى David Bradley ئسىملىك بىر ئىنژىنېر تەرىپىدىن ئوتتۇرىغا قويۇلغان ئىكەن. ئۇ باشقىلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، مۇنداق دەيدۇ: «بۇنى ھەقىقەتەن مەن ئوتتۇرىغا چىقارغان، بىراق، بىل گايتس ئۇنى خەلقى-ئالەمگە بىلدۈرۈۋەتتى.» بۇ گەپ بىل گايتسنى ئوڭايسىزلاندۇرۇپ قويدى.

ھالا بۈگۈنكى كۈنگە كەلگەندە، بۇ خىل ئۈچ دانە كۇنۇپكىنى بىرلەشتۈرۈش مەشغۇلاتى Windows 8 سىستېمىسىغىمۇ كىرگۈزۈلدى. گەرچە Windows 8 سىستېمىسىنىڭ تېزىملىتىپ كىرىش ئارا يۈزى يېڭىلانغان بولسىمۇ، بىراق، ئەنئەنىۋى ئۇسۇلدىكىCtrl+Alt+Del نى گۇرۇپپىلاپ بېسىش بۇيرۇقى يەنىلا كۈچكە ئىگە ئىكەن.

ئىگەللىنىشىچە، Ctrl+Alt+Del كۇنۇپكلىرىنىڭ گۇرۇپپىلىنىشى ھەرگىزمۇ مىكروسوفىت سادىر قىلغان بىردىنبىر خاتالىق ئەمەس. بۇ يىلنىڭ باشلىرىدا، مىكروسوفىت شىركىتى ئۆزلىرىنىڭ كۆچمە ئۈسكۈنە بازىرىغا كىرىشتىكى ياخشى پەيتنى قولدىن بىرىپ قويغانلىقىنى بىلدۈردى. بىل گايتس مۇنداق دەيدۇ:

«بىز يانفون بازىرىنى كەتكۈزۈپ قويدۇق، نەتىجىدە بىز باشلامچى ئورۇندا مېڭىش سالاھيىتىدىن مەھرۇم قالدۇق.» ، مىكروسوفىتنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بالمېرمۇ ئىپادە بىلدۈرۈپ، «بىز ئىلگىرى Windowsسىستېمىسى بىلەنلا ھەپىلىشىپ يۈرۈپ، يانفون كەسپىنى تەتقىق قىلىشقا سەل قاراپ كەپتۇق.» دەيدۇ.

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ