ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ
نۆۋەتتىكى ئورنىڭىز : باش بەت > ئوقۇتۇش بايلىقى > كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش > تولۇق مەزمۇنى

ئايفون 5C/5S قاتارلىقلارنىڭ تەننەرخى ئاشكارىلاندى

ۋاقىت : 2013-09-29 10:47 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : ئىزدەن | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم


ئايفون 5C/5S قاتارلىقلارنىڭ تەننەرخى ئاشكارىلاندى

ئايفون 5C/5S قاتارلىقلارنىڭ تەننەرخى ئاشكارىلاندى

ئايفون 5C/5S قاتارلىقلارنىڭ تەننەرخى ئاشكارىلاندى، ئايفون 5S گە سەپلەنگەن بارماق ئىزىنى سەزگۈچى قۇرۇلمىنىڭ تەننەرخى ئاران 43 يۈەن ئىكەن

يىقىندىن بۇيان، ئالتۇ رەڭلىك ئايفون 5S نىڭ باھاسى دەھشەت تېز ئۆرلەپ كەتتى، شۇنىڭ بىلەن كىشىلەر بۇ ئايفوننىڭ تەننەرخىنىڭ زادى قانچە پۇلغا يارايدىغانلىقىنى بىلىشكە ئىنتايىن قىزىقىپ قىلىۋاتىدۇ. بازار تەكشۈرۈش شىركىتى IHS تەمىنلىگەن سانلىق مەلۇمات ئۇچۇرلىرىغا ئاساسلانغاندا، 16GB لىق ئايفون 5S نىڭ ماتىرىيال تەننەرخى 191 دوللار (1169 يۈەن) ، ۋەكالىتەن ياساش ھەققى 8 دوللار (49 يۈەن)، ئومۇمىي تەننەرخى 199 دوللار (1218 يۈەن) ئىكەن؛ ئۇنىڭ بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان ئايفون 5C نىڭ ماتىرىيال تەننەرخى 173-183 دوللارغىچە (1059-1120 يۈەنگىچە) بولۇپ، 7 دوللار (43 يۈەن) لىك ۋەكالىتەن ياساش ھەققىمۇ شۇنىڭ ئىچىدە ئىكەن.

كۆرسىتىش ئىكرانى ھەممىدىن قىممەت ئىكەن

ھەرقايسى زاپچاسلىرىنىڭ ئايرىم باھاسىغا كەلسەك، ئېلان قىلغان ئۇچۇرلارغا قارىغاندا، كۆرسىتىش ئىكرانى بولسا ئايفون5S گە ئىشلىتىلگەن ئەڭ قىممەت زاپچاس بولۇپ، تەننەرخى 41 دوللار(251 يۈەن) ئىكەن، قىزىقارلىق يېرى، بۇنىڭ تەننەرخى ئۆتكەن يىلى ئېلان قىلىنغان ئايفون 5 نىڭ بىلەن ئوخشاش ئىكەن. تەرەپ تەمىنلىگەن ئۇچۇرغا قارىغاندا، ئايفون 5S نىڭ ئىكرانىنى شارىپ، JDI ۋە LG Display قاتارلىق بىر نەچچە شىركەت تەڭ تەمىنلىگەن ئىكەن.

ئەمدى ئايفون 5S گە سەپلەنگەن بارماق ئېزىنى سەزگۈچى قۇرۇلمىغا كەلسەك، ئۇ Authentec شىركىتى تەرىپىدىن تەمىنلەنگەن بولۇپ، تەننەرخى پەقەت 7 دوللار ئىكەن. ئۇندىن باشقا، ئۇنىڭ ئەڭ يادرولۇق قىسمى بولغان A7 بىر تەرەپ قىلغۇچ بولسا سامسۇڭ تەرىپىدىن ياسالغان بولۇپ، تەننەرخى 19 دوللار (116 يۈەن ) ئىكەن. بۇندىن باشقا، ئايفون 5Sگە ئىشلىتىلگەن سىمسىز تور تارقىتىش ئۆزەكچىسى گاۋتوڭ ، Skyworks、Avago、RF Micro Devices قاتارلىق شىركەتلەر تەرىپىدىن تەمىنلگەن بولۇپ، ئالما شىركىتى بۇ ئۆزەكچىلەرنى بىرلەشتۈرۈش ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ خىل چاستوتا بۆلىكىنى قوللاشنى ئىشقا ئاشۇرغان، شۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ تەننەرخى 32 دوللار (196 يۈەن ) بولۇپ كەتكەن.

ئايفون ۋە ئايفون نىڭ تەننەرخى كۆپ پەرقلەنمەيدىكەن

تەھلىلچىلەرنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئايفون 5S بىلەن بىرلا ۋاقىتتا ئېلان قىلىنغان ئايفون 5C نىڭ تەننەرخى ئانچە كۆپ پەرقلەنمەيدىكەن، بۇلارنىڭ ئاساسلىق پەرقى بولسا، ئايفون5S گە سەپلەنگەن بارماق ئىزىنى سەزگۈچى قۇرۇلما، A7 تىپلىق بىر تەرەپ قىلغۇچ، ئېنىرگىيە سەرپىياتى تۆۋەن بولغان ئىچكى ساقلىغۇچ ئۆزەكچىسى قاتارلىق سەپلىمىلەردە بولۇپ، باشقا زاپچاسلىرى ئاساسەن ئوخشاش ئىكەن.

ئالما شىركىتى يانفوننىڭ سىمسىز تور تارقىتىش ئۆزەكچىسىگە ئىنتايىن ئەھمىيەت بەرگەن بولغاچقا، ئۇنىڭ ئۈچۈن ناھايىتى كۆپ كۈچ سەرىپ قىلغان، شۇڭا ئۇنىڭ تەننەرخىمۇ ئېشىپ كەتكەن. بۇندىن باشقا، ئىككى خىل ئايفوننىڭ كۆرسىتىش ئىكرانى، كامېراسى، ئىچكى ساقلىغۇچ ئۆزەكچىسى قاتارلىقلار پۈتۈنلەي ئوخشاش ئىكەن. بىراق، ئايفون5C نىڭ بىر تەرەپ قىلغۇچىسىنىڭ تەننەرخى 13 دوللار (80 يۈەن ) بولۇپ، ئوخشاشلا سامسۇڭ تەرىپىدىن ياسالغان ئىكەن.

ئەلۋەتتە، ئېلان قىلغان ئۇچۇرلار پەقەت ئايفون 5S ۋە ئايفون 5C نىڭ ماتىرىيال ۋە ۋەكالىتەن ياساش جەھەتتىكى تەننەرخى خالاس، بۇلار مەھسۇلات ئومومىي باھاسىنىڭ پەقەت بىر قىسمىدىن ئىبارەت، ئۇندىن باشقا، تەتقىقات سېلىنمىسى ۋە بازار ئېچىش قاتارلىق نۇرغۇنلىغان ئىش ھالقىلىرىنىڭ تەننەرخىمۇ ئۇنىڭ ئومومىي باھاسىغا قوشۇلىدىكەن.

 

(تەھرىر : ئىزدەن)

ئېسىلكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ