iPhone 5c نىڭ باھاسى شىددەت بىلەن چۈشۈپ كەتتى
ئالما شىركىتىنىڭ ئەڭ يېڭى تىپتىكى يانفونى iPhone 5Sنىڭ بازارغا سېلىنىشىغا ئەگىشىپ، كونا پاسوندىكى iPhone 5cنىڭ باھاسى شاپاق نەرقىگە چۈشۈپ قالدى. 10- ئاينىڭ 3- كۈنىدىن 7- كۈنىگىچە، بېست باي شىركىتى ئامېرىكىدا باھا چۈشۈرۈپ ئېلىپ بارغان سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىدە، خېرىدارلار 50 ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپلا iPhone 5cنى سېتىۋالالىدى، بۇنىڭدىن ئىلگىرى iPhone 5cنىڭ سېتىلىش باھاسى 100 ئامېرىكا دوللىرى بولۇپ كەلگەنىدى. پارچە سېتىش ساھەسىدىكى يەنە بىر ماگنات ۋولمارت شىركىتىمۇ سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى ئېلىپ بېرىپ، iPhone 5cنىڭ باھاسىنى 45 ئامېرىكا دوللىرىغا چۈشۈردى.
2011-يىلىدىن باشلاپ، iPhone يانفونى يۇقىرى باھا، تۇراقلىق، قىممەت ساقلاش قاتارلىق ئىبارىلەر بىلەن سۈپەتلىنىپ كەلدى. گەرچە ھەر يىلى بىرلا يېڭى مەھسۇلات چىقىرىلغان بولسىمۇ، ئەمما ھەر بىر ئەۋلاد iPhone يانفونىنىڭ باھاسى بازارغا سېلىنىشتىن ئىلگىرى شىددەت بىلەن ئۆرلەپ كېتىپلا قالماستىن، يەنە دائىم يېڭى بىر ئەۋلاد مەھسۇلات ئېلان قىلىنىشتىن ئىلگىرى ئاندىن باھاسى چۈشتى. 2011- يىلى 4- ئايدا، iPhone 4دۆلىتىمىزدە سېتىلىشقا باشلىدى. 2012- يىلى 1- ئايدا، iPhone 4Sچىققاندىن كېيىن، iPhone 4نىڭ باھاسى يەنىلا ئۆرە بولدى. بۇنداق مۇستەھكەم باھا كەسىپ ئىچىدىكى مۆجىزىگە ئايلىنىپلا قالماستىن، يەنە ئالما شىركىتىنى بىر مەھەل يەر شارى يانفون بازىرىنىڭ توققۇز ئۈلۈشتىن كۆپرەك پايدىسىغا ئىگە قىلدى.
ئەمما iPhone 5تىن باشلاپ، iPhone يانفونىنىڭ ئالما مەستانىلىرىگە ئېلىپ كېلىدىغان خۇشاللىقلىرى بارغانسېرى ئازلاپ كەتتى، ئالما شىركىتىنىڭ يانفون ساھەسىدىكى خۇجا ئاكىلىق ئورنىمۇ سامسۇڭ شىركىتى تەرىپىدىن ئىگىلەندى. 2007- يىلىدىن باشلاپ، ئالما شىركىتى يەتتە يىل ئىچىدە ئاران سەككىز خىل يانفون ئىشلەپچىقاردى. ئالما شىركىتىنىڭ بىر يىلدا ئاران بىر خىل يانفون ئىشلەپچىقىرىشتەك ئاستا سۈرئىتى كىشىلەرنىڭ «تېخىمۇ مودا» يانفون ئالماشتۇرۇشتەك يېڭىغا ئىنتىلىش ئىستىكىنى قاندۇرالماي قالدى. iPhone 5يانفونى دۆلەت ئىچىدە بازارغا سېلىنىپ بەش ئاي ئىچىدىلا باھاسى چۈشۈشكە باشلىدى.
ئالما شىركىتى بۇ قېتىم iPhone 5cيانفونىنى چىقارغاندا، ئامېرىكىدىكى توختاملىق باھاسى ئاران 100 ئامېرىكا دوللىرى، يەنى تەخمىنەن 620 يۈەن بولسا، مەملىكىتىمىزدىكى باھاسى بولسا 4488 يۈەن بولدى. بۇ ئەھۋالمۇ ئالما شىركىتىنىڭ ئەرزان باھالىق يانفونىغا ئىنتىزار بولۇۋاتقان ئابۇنىتلارنى «ۋاھ» دېگۈزۈۋەتتى. بۇ باھاغا دۆلىتىمىزدە ئىشلەپچىقىرىلغان ئىقتىدارى بىر قەدەر يۇقىرى بولغان يانفوندىن ئىككى- ئۈچنى سېتىۋالغىلى بولىدۇ. ھازىر سېتىلىش يوللىرى تولىمۇ كۆپ، يوللار ئارا ئابۇنىتلارنى جەلپ قىلىش ئۈچۈن توختىماي باھا چۈشۈرۈشكە توغرا كېلىدۇ، بۇ ئەھۋالمۇ ئالما شىركىتىنىڭ باھا سىستېمىسىغا زەربە بەرمەكتە. شۇنىڭ بىلەن ئۆزلىگىدىن باھا چۈشۈرۈش iPhone 5cيانفونىنىڭ ھازىرقى ئەڭ ئۈنۈملۈك سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋاسىتىسى بولۇپ قالدى.
شۇنىڭ بىلەن iPhone 5cيانفونى بازارغا سېلىنىپ ئاران 17 كۈن ئۆتۈپلا، تور دۇكىنىدىكى سېتىلىش باھاسى 1000 يۈەنگە يېقىن تۆۋەنلەپ كەتتى.
(تەھرىر : سەپەر)
«iPhone 5c نىڭ باھاسى شىددەت بىلەن چۈشۈپ كەتتى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: روسىيە خاككېرلىرى خەلقئارا خاككېرلار مۇسابىقىسىدە چېمپىيون بولۇپ 100 مىڭ ئامېرىكا د
- روسىيە خاككېرلىرى خەلقئارا خاككېرلار م
- iPhone 5c نىڭ باھاسى شىددەت بىلەن چۈشۈپ كەتت
- iPhone 6 كېلەر يىلى سېنتەبردە دۇنياغا كېلىش
- Ctrl+Alt+Del كۇنۇپكىلىرىنى گۇرۇپپىلاپ ئىشلىت
- ئايفون 5C/5S قاتارلىقلارنىڭ تەننەرخى ئاشك
- خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرەلەيدىغان يۇمشاق
- خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئالما ش
- كومپيۇتېر تاختىسىدىكى ماھارەت
- windows8نىڭ جانلىق تىزمىسىدىن ئەپچىل پايدى
- سىستىما قاچىلاش جەريانىدا دىسكا رايۇنى
- نوكىيا نېمىشقا مەغلۇپ بولدى؟ بۇنىڭدا مۇ
- «ئالما» ماركىسى نېمىشقا بىر چىشلەم پۇچۇ
- dede دا پۇتۇن بەت rss ھاسىل قىلىش
- DEDECMS غا ULYۋەUSY دا كۆرسىتىش ئىقتىدارىنى قو
- DEDECMS غا ئارقا بەتتىن ئەزا قوشۇش ئىقتىدار
- توربەتچىلىك ھەققىدە پاراڭ
- روسىيە خاككېرلىرى خەلقئارا خاككېرلار مۇسابى
- iPhone 5c نىڭ باھاسى شىددەت بىلەن چۈشۈپ كەتتى
- iPhone 6 كېلەر يىلى سېنتەبردە دۇنياغا كېلىشى مۇم
- Ctrl+Alt+Del كۇنۇپكىلىرىنى گۇرۇپپىلاپ ئىشلىتىش ئە
- ئايفون 5C/5S قاتارلىقلارنىڭ تەننەرخى ئاشكارىلا
- خىزمەت ئۈنۈمىنى ئۆستۈرەلەيدىغان يۇمشاق دېتا
- خاككېرلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچرىغان ئالما شىركىت
- كومپيۇتېر تاختىسىدىكى ماھارەت
- windows8نىڭ جانلىق تىزمىسىدىن ئەپچىل پايدىلىنىش
- سىستىما قاچىلاش جەريانىدا دىسكا رايۇنى بىر ر
- مەن بەشتاش تەڭگىسىنى ئويناپ تىپىۋاتىمەن،سىز
- GPS يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى دېگەن نې
- تورغا چىقىش ۋاقتى ئۇزۇن بولۇپ كەتسە، تۇتقاقل
- ئوقۇشتىن چېكىنگەن ئوقۇغۇچى 26 يېشىدا مىليادىر
- ‹‹مەدەنىي تورغا چىقىش، توردىن قانۇنلۇق پايد
- توردا مال سېتىۋېلىشتا تۈرلۈك توزاقلاردىن ھەز
- تور قانۇننىڭ سىرتىدىكى نەرسە ئەمەس
- «چېچەن» ئۇيغۇرچە كىرگۈزگۈچىسى ئېلان قىلىندى
- تور بەت يۇزى ئىلكىتاب كۆرگۇچىسى 网上在线PDF阅读
- iphone 4s پەقەت 1150 يۈەنگە يارايدۇ
- توربەتچىلىك ھەققىدە پاراڭ
- مائارىپ تۇرىدىكى تور بەت ئاتامانلىرىغا
- GPS يەر شارى ئورۇن بەلگىلەش سىستېمىسى دېگەن نې
- تور ئەركىنلىكى مۇتلەق ئەركىنلىق ئەمەس
- قاتتىق دېسكىدىكى ئۇچۇرلارغا چېقىلماي تۇرۇپ ر
- dede دا پۇتۇن بەت rss ھاسىل قىلىش
- مەن بەشتاش تەڭگىسىنى ئويناپ تىپىۋاتىمەن،سىز
- بۇ يەتتە چارە كومپيۇتېرڭىزنى پەرۋ
- DEDECMS غا ئارقا بەتتىن ئەزا قوشۇش ئىقتىدارىنى ق
- نوكىيا نېمىشقا مەغلۇپ بولدى؟ بۇنىڭدا مۇنداق