ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ

داۋېنچى ۋە «مونالىزا»

ۋاقىت : 2014-02-14 03:55 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : admin | تەھرىر : admin | كۆرۇلىشى : قېتىم


داۋېنچى ۋە «مونالىزا»

داۋېنچى ۋە «مونالىزا»

داۋېنچى ۋە «مونالىزا»

داۋېنچى ئىتالىيە ئەدەبىيات-سەنئەت گۈللىنىش مەزگىلىدىكى سەنئەت پېشۋاسى، ئۇنىڭ رەسساملىق ئىجادىيىتى ۋە تەبىئىي پەنلەر ساھەسىدىكى نەتىجىسى بىلەن 500 يىلدىن بۇيانقى «تۇنجى كىشى» دەپ تەرىپلىنىپ كەلگەن.

1513-يىلى داۋېنچى  ئىتالىيەنىڭ مىلان شەھىرىدىن رىمغا كۆچۈپ كېلىپ، پاپالار ئۈچۈن رەسىم سىزغان، لېكىن ئەينى چاغدىكى رەسسام رافېللو بىلەن مايكىلانگىلو پاپالارنىڭ قوللىشىغا بەكرەك ئېرىشكەنىدى. ئەينى چاغدىكى فرانسىيە پادىشاھى داۋېنچنى مۇھىم بىلگەچكە، ھەرخىل ئاماللارنى قوللىنىپ داۋېنچنى ئۇنى ئىتالىيەدىن فرانسىيىگە تەكلىپ قىلىپ كېلىپ ئامبويس ھويلىسىغا ئورۇنلاشتۇرغان، ئاندىن داۋېنچنىڭ دۇنياغا داڭلىق «مونالىزا» ناملىق ئەسىرىنى ياتاق ئۆيىگە ئېسىپ قويغان، كېيىن فرانسىيە ھۆكۈمىتى لۇۋرا ئوردىسىغا ئەكەتكەن. فرانسىيە 1952-يىلى داۋېنچى تۇغۇلغانلىقىنىڭ 500 يىللىقىنى خاتىرىلەش يۈزىسىدىن ئۇنىڭ سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن پوچتا ماركىسى ۋە ئۇنىڭغا قوشۇپ داۋىنچى سۈرىتى چۈشۈرۈلگەن سانى چەكلىك ئاتكېرتكا تارقاتقان. بۇ ئادەتتىكى ئاتكېرتكا بولماستىن بەلكى داۋانچىنىڭ تالانتلىق ئوقۇغۇچىسى فرانسىسكو مېرتىزنىڭ سىزغان داۋېنچىنىڭ ئۆمرىنىڭ ئاخىرىدىكى سەرگۈزەشتىلىرى تەسۋىرلەنگەن رەسىم ئىدى. رەسىمدە 1515-يىلى داۋېنچى ئۆزى ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان ئىجادىيىتى «مونالىزا» نى ئېلىپ، فرانسىيە شاھى ئەۋەتكەن مەپىگە ئولتۇرۇپ پارىژغا بارغان ۋە فرانسىيىلىكلەرنىڭ ئۇنى ناھايىتى قىزغىنلىق بىلەن كۈتۈۋالغانلىقى، لېكىن داۋېنچىنىڭ يۇرتىدىن ئايرىلغاندىكى روھىي ئازاپلىرى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن بولۇپ، «مونالىزا» سۈرىتى كۆزگە ئالاھىدە چېلىقاتتى. ھازىرغا قەدەر «مونالىزا» ناملىق رەسىم ھەققىدە نۇرغۇن قاراشلار مەۋجۈت بولۇپ، نەچچە يۈز يىللاردىن بېرى توختىماستىن مۇلاھىزىلەر بولۇپ كېلىۋاتىدۇ.

رەسىمدىكىسى فرورىنسادىكى بىر بانكېرنىڭ ئايالى بولۇپ، داۋېنچى بانكىرنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بۇ ئىنسانلار تارىخىدىكى ئەڭ مەشھۇر ئەسەرنى ۋۇجۇدقا كەلتۈرگەن. داۋېنچى مۇنالىزا ناملىق رەسىمنى سىزىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزىمۇ بۇ ئەسىرىنى قەۋەتلا ياخشى كۆرۈپ قالغان، بىر قانچە قېتىم رەسىمنىڭ ئۆزگەرتىدىغان جايلىرى بار دەپ رەسىمنى ئېلىۋىلىپ، كېيىن قايتۇرۇپ بەرمىگەن.

«مونالىزا» رەسىمى كېيىن پوچتا ماركىسىغا بېسىلىپ، نۇرغۇن دۆلەتلەرگە تارقىتىلغان، تۇنجى «مونالىزا» پوچتا ماركىسىنى گېرمانىيە 1952-يىلى تارقاتقان، كېيىن فرانسىيەمۇ تارقاتقان، ئەڭ غەلىتە بولغىنى ئىتالىيە ھازىرغا قەدەر بۇ خىل پوچتا ماركىسىنى تارقىتىپ باقمىغان. «مونالىزا»پوچتا ماركىسى گۈزەل-سەنئەت تارىخىدىكى بىر ھەقىقىي تارىخنى ياراتقان دېيىشكە بولىدۇ. ئالدىنقى ئەسىرنىڭ باشلىرىدا«مونالىزا» ئوغرىلانغان، كۈتۈلمىگەن يەردىن ئوغرى بۇ سۈرەتنى بىر تەرەپ قىلىپ بولالماي يەنە قايتۇرۇپ ئەكېلىپ بەرگەن.

داۋېنچى ھەقىقەتەن تالانتلىق. لېكىن نىكاھسىز تۇغۇلغان بالا بولغانلىقى ئۇنىڭ ھاياتىغا تەسىر يەتكۈزگەن، ئۇ بىر ئۆمۈر توي قىلمىغان، پەرزەنتلىرىمۇ يوق. ئۇ ھاياتىنىڭ ئاخىرىدا بارلىق قول يازما ۋە ئەسەرلىرىنى ئۆزى ئەڭ پەخىرلىنىدىغان ئوقۇغۇچىسى مېرتىزغا قالدۇرغان، مېرتىز ئوقۇتقۇچىسىنىڭ تەۋەرۈكلىرىگە قان تەرىنى سىڭدۈرۈپ، قول يازمىلارنى رەتلەش خىزمىتىنى مۇكەممەل ئاياغلاشتۇرۇپ ئۇستازىنىڭ ئۈمىدىنى يەردە قويمىغان. داۋېنچى ھاياتىنىڭ ئەڭ ئاخىرىدا فرانسىيە پادىشاھى ئۇنى كۆرگىلى كەلگەن.

 

(تەھرىر : admin)

ئېسىلكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%

«داۋېنچى ۋە «مونالىزا»»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

تەۋسىيە مەزمۇنلار
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ