2.ئتتىپاقلىق مۇقىملىق شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى
ئوقۇتۇش مەزمۇنى: شىنجاڭنىڭ ئۇلۇغ ۋەتىنىمىزدە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيىسىنىڭ رەھبەرلىگىدە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ئىتتىپاقلىشىپ، بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ بۈگۈنكىدەك ئىناق، بەخىتىيار، گۈزەل شىنجاڭنى قۇرۇپ چىققانلىقى، مۇقىملىق ۋە ئىناقلىقنىڭ شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى ئىكەنلىكى يەتكۈزۈلىدۇ.
ئوقۇتۇش مەقسىدى: ئوقۇغۇچىلارغا ئىناقلىق- ئىتتىپاقلىقنىڭ تەرەققىياتنىڭ جان تومۇرى ئىكەنلىكى يەتكۈزۈلىدۇ.
ھېسسىيات نىشانى: ئوقۇغۇچىلارغا ئىناقلىق-ئىتتىپاقلىق گۈللىرىنى مەڭگۈ خۇشپۇراق چاچقۇزۇپ، بىرلىكتە ئىلگىرلەپ، ۋەتىنىمىزنى تېخىمۇ قۇدرەت تاپقۇزۇش ھېسسىياتى سىڭدۈرۈلىدۇ.
ئوقۇتۇش نىشانى: ئوقۇغۇچىلارغا ئىتتىپاقلىق-مۇقىملىقنىڭ شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى ئىكەنلكىنى يەتكۈزۈش . (مۇھىم نۇقتا )
ئوقۇغۇچىلارغا ئىتىپاقلىق- ئىناقلىق، مۇقىملىق تەربىيەسى ئېلىپ بىرىش ئارقىلىق، شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنى بىر نىيەت بىر مەقسەتتە ئىلگىرلەيدىغان قىلىشقا ئۇل ھازىرلاش .( قىيىن نوقتا)
ئوقۇتۇش ئۇسۇلى : لىكسىيە سۆزلەش ،سۆھبەت ،مۇلاھىزە ،مىسال كەلتۈرۈش.
ئۆگىنىش ئۇسۇلى : ھەمكارلىشىش ،ئىزدىنىش
ئوقۇتۇش قۇرالى : كۆپ ۋاستىلىق ئوقۇتۇش ئۈسكىنىلىرى ،رەسىم.
ئوقۇتۇش جەريانى :
يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش :
ساۋاقداشلار، تۇنجى قېتىملىق كۆرۈشۈش سوۋغىسى سۈپىتىدە سىلەرگە سوۋغا ئېلىپ كەلگەنىدىم، كۆرۈشنى خالامسىلەر ؟
ئارقىدىنلا ئىكراندا ‹‹ئىناق شىنجاڭ›› ناخشىسى قويۇپ بېرىلىدۇ.
ساۋاقداشلار ،بۇ سوۋغام سىلەرگە يارىدىمۇ؟ ئۇنداقتا دەپ بېقىڭلار، بۇ قايسى ناخشا؟ سىلەر بۇ ناخشىدىن نېمىنى ھېس قىلدىڭلار؟
بۇ سۇئاللارنى سوراش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئەركىن پاراڭلىشىپ، يېڭى دەرس ئۈچۈن ئەركىن، ئوچۇق مۇھىت يارىتىلىدۇ. ئاندىن: « تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي يىلتىزى نېمە؟» دېگەن سۇئال ئارقىلىق ماۋزۇ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىدۇ.
ئائىلىڭىزدە ئازراق خاپىلىق بولۇپ قالسا، ئائىلەڭلەرگە قانداق تەسىرى بولىدۇ ؟...
دېگەندەك بىرقانچە سۇئالنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش ئارقىلىق ‹‹ئىتتىپاقلىق دېگەن نېمە؟››دېگەن سۇئال توغرىسىدا ئەمەلىيەت ئارقىلىق دەسلەپكى چۇشەنچە بىرىلىدۇ .
‹‹سىزنىڭچە يىڭىشەھەردە ھەرخىل ئىشلار بىلەن شۇغۇللىنىۋاتقان خەنزۇ يولداشلار بولمىسا قانداق بولار؟›› دېگەندەك سۇئاللار ئارقىلىق يۇقاردىكى چۈشەنچە چوڭقۇرلاشتۇرۇلىدۇ ھەم ‹ئۈچ ئايرىلالماسلىق› ئىددىيىسى يەتكۈزىلىدۇ .
« سىزجەمئىيەت مۇقىملىقى دېگەننى قانداق چۈشىنىسىز ؟» بۇسۇئال ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار- نىڭ مۇقىملىق ھەققىدىكى بىلىمى سىنىلىدۇ .
يېقىندا ئۈرۈمچىدە ھەممە ئادەمنىڭ غەزەپ نەپرىتىنى قوزغاپ، ئىناق،بەختلىك خاتىرجەم تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان بىر ۋەقە يۈزبەردى، سىلەر بۇ ۋەقەنى بىلەمسىلەر ؟ ئۇ جەمىيەتكە قانداق زىيانلارنى كەلتۈردى؟
بۇسۇئالنى سوراش ئارقىلىق « 5-ئىيۇل ۋەقەسى» ۋە ئۇنىڭ زىيىنى ئەسلىتىپ ئۆتۈلىدۇ .
قاراڭغۇلۇق بار يەردە ھامان مەشئەل كۆتۈرگۈچىلەر بولىدۇ، ھەممە ئادەمنىڭ غەزەپ-نەپرىتىنى قوزغاپ، ئىناق،بەختلىك خاتىرجەم تۇرمۇشىمىزغا بۇزغۇنچىلىق قىلغان بۇ ۋەقە
بىلەن بىرلا ۋاقىتتا كىشىلەرنى تەسىرلەندۈرۈپ ھاياجانغا سالىدىغان نۇرغۇن ھېكايىلەر بارلىققا كەلدى. ئۇنداقتا بۇ كىشىلەرنى بىلەمسىلەر؟
رەسملەر كۆرسىتىلىدۇ .
بۇ رەسىم ۋە ھېكايىلەر ئارقىلىق «تەڭرىتاغ قارىغايلىرىنىڭ يىلتىزى بىر تۇتاش، ھەر مىللەت خەلقى بىر تۇغقان قېرىنداش» ئىكەنلىكى يەتكۈزىلىدۇ .
«يۇقارقى مەزمۇنلاردىن نېمىنى چۈشەندىڭىز؟ » بۇ سۇئالنى سوراش ئارقىلىق «5-ئىيۇل » ۋەقەسى يۈز بەرگەن خەتەرلىك پەيتتە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئۆزلىرىنىڭ مۇستەھكەم بەدىنى، باتۇر قورقماس روھى، ئىللىق ياردەم قولى بىلەن قان بىلەن گۆشتەك مىللىي مۇھەببىتى ئارقىلىق ھاياتنى قوغداش ئابىدىسىنى تىكلىگەنلىكىنى، ھەر مىللەت قىرىنداشلار ئوتتۇرىسىدىكى «قەلىبداش، ھەمنەپەس، تەقدىرداش» بولۇشتەك يىمىرىلمەس سەمىمىي مۇھەببىتىنى، ھەر - مىللەت خەلق ئاممىسىنىڭ باراۋەر، ئىتتىپاق، ئۆزئارا ياردەم بېرىدىغان، ئىناق سوتسىيالىستىك يېڭىچە مىللىي مۇناسىۋەت چۈشەندۈرۈلۈپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ ئىتتپاقلىقى يىمىرىلمەس ئىتتىپاقلىق ئىكەنلىكى، ھەرمىللەت خەلقى ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتكەندە ھەرقانداق رەزىل كۈچنىڭ مەقسىدىنىڭ مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدىغانلىقىدەك ھەقىقەت يەتكۈزىلىدۇ.
مۇستەھكەملەش مەشقى :
1.تەرەققىياتنىڭ جان تومۇرى : ( )
A : تەرەققىيات B: ئىتتىپاقلىق C : مۇقىملىق
2. «5-ئىيۇل» ۋەقەسى قاچان يۈز بەردى؟
3.ۋەن جىنگاڭ كىم؟
4. 18 ئادەمنى قۇتقۇزىۋالغان 81 ياشلىق بوۋاي كېم؟
A : ئابلىز نۇرەك B: ۋەن جىنگاڭ C : خەمىت ئەخمەت
5. لى خۇەن كىم؟ قانداق ئىشلارنى قىلغان؟
(تەھرىر : ئىزدەن)
«2.ئتتىپاقلىق مۇقىملىق شىنجاڭدىكى ھەرمىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
كېيىنكىسى: شىنجاڭدىكى مىللەتلەرنىڭ تىل – يېزىق ئىشلىتىش ئەھۋالى
- 5-يىللىق 1-ماۋسۇم گۈزەل سەنئەت دەرىس تەيي
- پالۋان كەلدى
- 4-يىللىق2-قىسىم ئىلىم-پەن دەرىس تەييارلى
- 6-يىللىق2-قىسىم ئىلىم-پەن دەرىس تەييارلى
- سانجۇ 1-باشلانغۇچ مەكتەپ 2-يىللىق خەنزۇت
- 6-يىللىق ئادەتتىكى سىنىپ 2-ماۋسۇملۇق مات
- 3-يىللىق ئادەتتىكى سىنىپ 1-ماۋسۇملۇق كال
- كوللىكتىپ دەرس تەييارلاش ماتىرياللىرى
- 5年级第二学期汉语
- 五年级汉语下册
- 5-يىللىق خەنزۇتىلى 2-ماۋسۇم
- 双语班2年级汉语第七课热爱的传统文化教案
- 双语二年级汉语下册第五课做贴画教案
- 6-يىللىق 2-ماۋسۇملۇق مۇزىكا دەرىس تەييار
- باشلانغۇچ 1-يىللىقتىن 6-يىللىققىچە ماتىم
- 第一单元百分数
- ئاپتورنىڭ ئارخىپى
-
ئەخلەت تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2013-02-23 18:02 ئاخىرقى كەلگىنى:2015-02-28 00:02
- 5-يىللىق 1-ماۋسۇم گۈزەل سەنئەت دەرىس تەييارلىق
- پالۋان كەلدى
- 4-يىللىق2-قىسىم ئىلىم-پەن دەرىس تەييارلىقى
- 6-يىللىق2-قىسىم ئىلىم-پەن دەرىس تەييارلىقى
- سانجۇ 1-باشلانغۇچ مەكتەپ 2-يىللىق خەنزۇتىلى دە
- 6-يىللىق ئادەتتىكى سىنىپ 2-ماۋسۇملۇق ماتىماتى
- 3-يىللىق ئادەتتىكى سىنىپ 1-ماۋسۇملۇق كالىندار
- كوللىكتىپ دەرس تەييارلاش ماتىرياللىرى
- 5年级第二学期汉语
- 五年级汉语下册
- باشلانغۇچ مەكتەپ 3-يىللىق ئىلىم-پەن دەرسنىڭ د
- 4-يىللىق 2-ماۋسۇملۇق ئەخلاق ۋە جەمئىيەت
- ئىلىم پەن دەرس تەييارلىق-لوپا ئەينەك
- 6-يىللىق 2-مەۋسۇملۇق خەنزۇتىلى دەرىس تەييارلى
- 6-يىللىق1-مەۋسۈم ئەخلاق ۋە جەمئىيەت(خەنزۇچە)
- بۈگۈنكى جۇڭگو شىنجاڭ
- 一年级上册思品与生活教案
- 二年级上册思品与生活 计划 教案
- باشلانغۇچ قوشتىل 1-يىللىق ئېلىپبە
- باشلانغۇچ 6- يىللىق دەرسلىك پىلان ئۇچۇر - تېخى