ۋاقىت : 2013-04-25 02:46 | مەنبەسى : 未知 | ئاپتۇر : سەپەر | تەھرىر : سەپەر | كۆرۇلىشى : قېتىم
‹‹بورانقۇش ناخشىسى›› دىكى سىمۋوللۇق ئوبرازلار ھەققىدە
ماكسىم گوركى ‹‹بورانقۇش ناخشىسى ›› ناملىق بۇ نەسىرى شىئىرنى 1901-يىلى يازغان بولۇپ ئەينى دەۋىر روسىيە جەمىيىتىدىكى خەلىقنىڭ چار پادىشاھ ھۆكۈمىرانلىقىنىڭ چىكىدىن ئاشقان زۇلىمىغا قارشى كۆرەشكە ئاتلىنىشى جەريانى ، شۇنداقلا بۇ كۆرەشكە ئاتلىنىشى جەريانىدىكى تىرشچانلىقلىرىنى ، ئۈمۈدۋار روھى ھالىتىنى ئىپادىلەش ئارقىلىق خەلىقنىڭ بۇ ئىنقىلاپتا چوقۇم غەلبە قىلدىغانلىقىغا بولغان ئىشەنچىسنى ئىپادىلىگەن .
ماكسىم گوركى (1868-1936)-ئەسلى ئىسمى ئالىكىس ماكسىم ۋىچ پىشكوف بولۇپ،گوركى ئۇنىڭ تەخەللۇسى . ئۇسابىق سوۋىت ئىتتىپاقىنىڭ ئۇلۇغ ئەدىبى . ئۇنىڭ ‹‹ئانا›› ‹‹فورما گوردىيىف›› رومانى ، ‹‹بالىلىق دەۋرى›› ‹‹كىشلەر ئىشكىدە ››دىگەن تەرجىمھال خارەكتىردىكى تىرلوگىيلىرى ۋە ‹‹مىشچانلار ›› ناملىق دىرامما ئەسەرلىرى بار .
‹‹بورانقۇش ناخشىسى ›› 1901-يىلى يىزىلغان بولۇپ ، ئەينى دەۋىردە كەڭ رۇس ئاممىسى تەرپىدىن سۆيۈپ ئوقۇلغان ، دەۋىر روھىنى تولۇق ئەكىس ئەتتۈرگەن ئىنقىلاب مارشى خارەكتىردىكى نادىر ئەسەرگە ئايلانغان .
1901-يىلى 3-ئايدا ياۋرۇپادا پارتىلغان سانائەت كىرزىسى ناھايىتى تىزلا رۇسيەگە تەسىر كۆرسەتتى . بۇتەسىرگە ئۇچىرىغان 300 دىن ئارتۇق كارخانا ئىش توختاتتى .100مىڭدىن ئارتۇق ئادەم ئىش ئورنىدىن بوشتىلدى . ئىشسىز قالغانلار نامايىش قوزغىدى . ئىش تاشلاش ئىقتىسادى جەھەتتىكى ئىش تاشلاشتىن سىياسى جەھەتتىكى ئىش تاشلاشقا ئۆتتى . ئۇلار ئەركىنلىك ، دىمكۇراتىيە ، باراۋەرلىك تەلەپلىرىنى ئوتتۇرغا قويدى .‹‹چار پادىشاھ مۇستەبىتلىكىنى ئاغدۇرۇپ تاشلايلى ›› دىگەندەك شۇئارلارنى ئوتتۇرغا قويدى . ئىشچىلارنىڭ ئىنقىلاب كۆرەشلىرىنىڭ تەرەققىياتى دىھقانلارغا ۋە ئوقۇغۇچىلارغىمۇ تەسىر كۆرسەتتى . بۇنىڭ بىلەن پۈتكۈل رۇسيە جەمىيتىدە كەسكىن بىر مەيدان ئىنقىلاب پارتىلاش ۋەزىيتى شەكىللەندى .
ماكسىم گوركى مۇشۇ ئىنقلاب ھارپىسىدىكى كەسكىن ھالەتنى سىمۋوللۇق ئوبرازلار ئارقىلىق جانلىق سۈرەتلەپ بەرگەن .
سىمۋول دىگىنىمىز – كونكىرىت شەيئى ھادىسلەرنىڭ خۇسۇسىيەتلىرىگە ياكى ناملىرى ئارقىلىق ئارقىلىق ، ئابىستىراكىت ئۇقۇم ، چۈشەنچە ۋە پىكر – ھىسىياتىنى كونكىرىت ، ئوبىرازلىق ئىپادىلەش دىمەكتۇر .
سىمۋول ئىپادىلمەكچى بولغان شەيئىنىڭ نامىنى توغىردىن – توغرا ئىيتماي ، شۇ شەيئىنى مەزكۇر شەيئى بىلەن مۇناسىۋەتلىك باشقا بىر شەيئى ئارقىلىق ئىپادىلەش دىمەكتۇر .
ئاپتۇر ماكسىم گوركى سىمۋوللۇق ئۇسۇلدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىپ ، ‹‹بورانقۇش ناخشىسى ›› ناملىق ئەسەرنى ناھايىتى مۇۋاپىققىيەتلىك يىزىپ چىققان .
تۆۋەندە مەن ‹‹بورانقۇش ناخشىسى ›› دىكى سىمۋوللۇق ئوبرازلار ھەققىدە توختىلىپ ئۆتىمەن .
بورانقۇش – كۈنسىرى ئۇلغۇيۋاتقان ۋە كۈچىيۋاتقان ئىنقىلاب كۈچلىرگە سىمۋول قىلىنغان . ئاپتۇر بورانقۇشنىڭ 3 قىتىملىق چوقان سىلىشىنى يىزىش ئارقىلىق ئىنقىلاب كۈچلىرىنىڭ كۈنسىرى كۈچىيۋاتقانلىقنى ئىپادىلىگەن .
مەسىلەن : بىرىنچى قىتىم شامال دىڭىزنىڭ ئاپئاق دىڭىز يۈزى ئۈستىدە قارا بۇلۇتلارنى يىغىدۇ . بۇلۇتلار ھەم دىڭىز ئارلىقىدا قارا چاقماق چاققاندا بورانقۇش مەغرۇر قانات قاقىدۇ .
بۇ ئابزاس ئارقىلىق رۇسيە جەمىيىتىدىكى خەلىقنىڭ ئۈستىدىكى زۇلۇمنىڭ ئىغىرلاۋاتقانلىقنى ، خەلىقنىڭ ئۇنىڭغا قارشى تۇرۇشقا تەييارلىنىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىگەن .
ئىككىنچى قىتىم – ئەخمەق پىنگىۋىن قورقۇپ يۈرشىدۇ ، ئۆزىنىڭ سىمىز گەۋدىسىنى ، قىيا تاشلار باغىرغا ! ....... پەقەت قورقماس بورانقۇشلا تىتىك ۋە ئەركىن ئۇچىدۇ . كۆپۈكلەر بىلەن ئاقارغان دىڭىز ئۈستىدە .
بۇ ئابزاستا خەلىقنىڭ قارشىلىق كۆرسەتكەنلىكى ، ئەكسىيەتچىل كۈچلەرنىڭ قورقۇشلىرى ، بورانقۇشنىڭ تىخمۇ تىتىك ئۇچىشى ئارقىلىق خەلىقنىڭ ھىچنىمىدىن قورقماي دادىل كۆرەش قىلىشقا ئاتلانغانلىقىنى ئىپادىلىگەن .
ئۈچىنچى قىتىم – بورانقۇش جاقىراش بىلەن ئۇچىدۇ . قارا چاقماقتەك بۇلۇتلار باغىرنى تىشىدۇ . ئوقيا ئوقىدەك دولقۇن چاچىراتقان ئۈنچە – مارجانلارغا قانات ئۇردۇ ، ئەنە ئۇ غۇيۇلداپ ئۇچىۋاتىدۇ دىۋىدەك – بورانلارنىڭ مەغرۇر (قورقماس ) قارا دىۋىدەك ھەم كۈلىۋاتىدۇ ھەم چوقان سالىدۇ ...... ئۇ بۇلۇتلاردىن كۈلىدۇ ، ئۇ خۇشاللىقتىن چوقان سالىدۇ !
بۇ ئابزاستا ئەزگۈچى زالىملارنىڭ ئىنقىلاپچىلارغا بولغان كۈچلۈك غەزىپى،ئۇلارنى باستۇرۇشقا ھەركەت قىلغانلىقى،خەلق ئاممىسىنىڭ ھىچ نىمىدىن قورقماي باتۇرلارچە قارشىلىق كۆرسىتىش روھى،ئەزگۈچىلەرگە بولغان نەپرىتى،ئىنقىلاپتا غەلبە قىلىشقا بولغان ئىشەنچىسى ئىپادىلەنگەن.
دىمەك ئاپتۇر بورانقۇشنىڭ ئۈچ قېتىملىق چوقانى ئارقىلىق ئىنقىلاپچىلارنىڭ كەسكىن ۋەزىيەتتە كۈنسېرى كۆپەيگەنلىگى،كۈچىنىڭ زورىيىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
قارا بۇلۇتلار-مۇستەبىت ھاكىميەت ۋە ئونىڭ زۇلىمىغا سىموۋۇل قىلىنغان.
مەسلەن؛ دېڭىز ئۈستىدىكى قارا بۇلۇتلار تېخىمۇ قويۇقلاشماقتا ھەم پەسەيمەكتە.
بۇ ئابزاستا ئەزگۈچىلەرنىڭ ئىنقىلاپچىلارغا بولغان غەزەپ-نەپرىتىنىڭ تېخىمۇ كۆپەيگەنلىگى ئىپادىلەنگەن.
كۈكوچ يالقۇنلاردەك لاۋىلدايدۇ توپ-توپ قارا بۇلۇتلار تېگى يوق دېڭىز ئۈستىدە.
بۇ ئابزاس ئارقىلىق ئەزگۈچىلەرنىڭ خەلق ئۈستىدە يۈرگۈزگەن بەربات بولىدىغانلىقىنى،خەلق ئۈستىدە يۈرگۈزگەن زۇراۋانلىقلىرىنىڭ ھىچقانداق ئاساسى يوقلىقىنى ئۇلارنىڭ مەغلۇپ بولىدىغانلىقىغا ئازلا قالغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
بېلىقئالغۇچ،ئوۋ قۇشى،پىنگىۋىن قاتارلىقلار ئوتتۇرا قاتلامدىكى ئەزگۈچى زالىملارغا سىموۋۇل قىلىنغان.
مەسلەن؛ بېلىقئالغۇچلار چىقىرشىدۇ بوران ئالدىدا-چىرىقىرىشىدۇ،ئۇچىدۇ ھولۇقۇشۇپ دېڭىز ئۈستىدە ۋە ئۆزلىرىنىڭ بوراندىن قورقۇشلىرىنى يوشۇرۇشقا ئۇلار تەيياردۇر دېڭىز تېگىگە.
ئوۋ قۇشلىرىمۇ توۋلىشىدۇ- ئۇلار ئوۋ قۇشلىرى،جەڭگىۋار ھايات خۇشاللىقلىرىدىن لەززەت ئالالمايدۇ،گۈلدۈرماما گۈلدۈرلىشى قورقۇتىدۇ ئۇلارنى.
ئەخمەق پىنگىۋىن قورقۇپ يۈرىشىدۇ، ئۆزىنىڭ سېمىز گەۋدىسىنى تۆگۈلۈپ قىيا تاشلار باغرىغا!
يۇقارقى ئابزاسلاردا ئوتتۇرا قاتلامدىكى ئەزگۈچىلەرنىڭ خەلق ئۈستىدىكى زۇلۇمىنىڭ ناھايتى ئېغىرلىقىنى،خەلقنىڭ غەزىپىدىن قورقۇپ تىترەشلىرىنى،يۇقرىدىكىلەرنىڭ بېسىمى،تۆۋەندىكىلەرنىڭ قارشىلىقى سەۋەبىدىن ھايات خۇشاللىقلىرىدىن قىلچە لەززەت ئالالماي داۋاملىق دەككە-دۈككىدە ياشايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
بوران ئىنقىلاپقا سىموۋۇل قىلىنغان.
مەسلەن؛ بوران! پات ئارىدا گۆركىرەيدۇ،بوران قويۇپ بەر ،يەنىمۇ قاتتىقراق گۆركىرىسۇن بوران...
دىمەك ئاپتۇر بۇ ئابزاس ئارقىلىق ئىنقىلاپنىڭ پات ئارىدا ئومۇميۈزلىك پارتىلايدىغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
گۈلدۈرماما، دولقۇن – كىشلەرنىڭ ئىنقىلاپ قوزغاش ئارزۇسى، ئىنقىلاپنىڭ غەلبە قىلىشىغا بولغان ئۆمىدىگە سىموۋۇل قىلىنغان.
مەسلەن؛ دولقۇنلار بولسا تۇرۇپ كۈيلەيدۇ،تورۇپ كۆككە ئىنتىلىپ گۈلدۈرمامىنى ئالقىشلايدۇ.
بۇ ئابزاستا خەلقنىڭ ئىنقىلاپ قوزغاش ئارزۇسى ،ئىنقىلاپقا بولغان تەشنالىقى ئىپادىلەنگەن.
گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەيدۇ.
بۇ ئابزاستا ئىنقىلاپنىڭ يىتىپ كىلىۋاتقانلىقىنى ئىپادىلىگەن .
دېڭىز-ئەينى دەۋردىكى ئىجتىمائى رېئاللىققا سىموۋۇل قىلىنغان.
مەسلەن؛ شامال دېڭىزنىڭ ئاپئاق يۈزى ئۈستىدە قارا بۇلۇتلارنى يىغىدۇ، دېڭىز ئۈستىدىكى قارا بۇلۇتلار قويۇقلاشماقتا ۋە پەسەيمەكتە.كۆكۈچ يالقۇنلاردەك لاۋىلدايدۇ توپ-توپ قارا بۇلۇتلار تېگى يوق دېڭىز ئۈستىدە.
بۇ ئابزاسلاردا ئەينى دەۋردىكى ئەكسىيەتچىلەرنىڭ ھاكىميەت يۈرگۈزۈش جەريانى،خەلق ئۈستىدىكى زولۇمنى ئېغىرلاشتۇرىش ئەھۋالى،زۇلۇمنىڭ زاۋاللىققا يۈزلىنىشىدىن بىشارەتنى ئىپادىلىگەن.
شامال –ئەكسىيەتچىلەرگە سىموۋۇل قىلىنغان.
مەسلەن؛غەزەپ كۈپۈكلىرى ئىچىدە دولقۇنلار توۋلايدۇ كۆرىشىپ شامال بىلەن،ئەنە شامال ئېلىۋاتىدۇ بىر توپ دولقۇنلارنى ئۆزىنىڭ كۈچلۈك قۇچىقىغا ۋە زەربە بىلەن ئېتىۋاتىدۇ ئۇلارنى ۋەھشى غەزەپ بىلەن قىيا تاشلارغا،تاغدەك دولقۇنلارنى كۈكۈم –تالقان ئىتىپ.
بۇ ئابزاستا ئەكسىيەتچى كۈچلەرنىڭ ئىنقىلاپچىلارنى باستۇرۇش،ئولارنى يوقۇتۇشقا ھەركەت قىلغانلىقىنى ئىپادىلىگەن.
دىمەك ئاپتۇر بۇ نەسىرى شېئىردا ئەينى دەۋر رۇسيە جەمئىيىتىدىكى خەلقنىڭ زالىملارغا (چار پادىشاھ) قارشى كۈرەشكە ئاتلىنىش جەريانى ،كۈرەشكە تەييارلىق قىلىش جەھەتتىكى تىرىشچانلىقلىرىنى ئىپادىلەپ ،خەلقنىڭ بۇ ئىنقىلاپتا چوقۇم غەلبە قىلىدىغانلىقىنى ،ئىنقىلاپنىڭ غەلبە قىلىشىغا ئازلا ۋاقىت قالغانلىقىنى ئىپادىلەپ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ باتۇر،قەيسەرلىكىگە مەدىھىيە ئوقۇغان. كەڭ ياشلارنى ئازاتلىق ،ئەركىنلىك ئۈچۈن كۈرەش قىلىشقا چاقىرغان.
يېزىلىش ئالاھىدىلىگى: نەسىرى شېئىر شەكلىدە
بەدىئى قىممىتى: ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلاردىن پايدىلنىش
تىل ئالاھىدىلىگى: چۈشۈنۈشلىك ،ئاممىباب
مەركىزى ئىددىيسى:
ئەسەرنىڭ تىل جەھەتتىكى ئالاھىدىلىگى؛
بۇ نەسىرى شېئىردا ئاپتۇر مەنىسى چوڭقۇر،ئاددى سۆز-جۈملىلەر ئارقىلىق، ئىنقىلاپنى قوزغىغان خەلق ئاممىسىنىڭ باتۇر،قەيسەرلىكىگە ئاپرىن ئوقۇغان. ھەممىگە تۇنۇش بولغان بۇلۇت،بورانقۇش،دېڭىز،گۈلدۈرماما،شامال قاتارلىق ئوبرازلار ئارقىلىق ئەسەرنىڭ ئاممىبابلىقىنى ئاشۇرۇپ، ئەسەر تىلىنى تېخىمۇ جانلىقلاشتۇرۇپ ئەسەرنىڭ چۇشۇنۇشلىك،راۋان بولىشىنى ئىشقا ئاشۇرغان.
مەسلەن؛ شامال دېڭىزنىڭ ئاپئاق يۈزى ئۈستىدە قارا بۇلۇتلارنى يىغىدۇ،بۇلۇتلار ھەم دېڭىز ئارىلىقىدا قارا چاقماق چاپسانلىقىدا بورانقۇش مەغرۇر قانات قاقىدۇ.
بېلىقئالغۇچلار چىرقىرىشىدۇبوران ئالدىدا،-چىرقىرىشىدۇ.ئوچىدۇ ھۇلقۇشۇپ دېڭىز ئۈستىدە ۋە ئۆزلىرىنىڭ بوراندىن قورقۇشلىرىنى يۇشۇرۇشقا ئۇلار تەيياردۇردۇر دېڭىز تېگىگە.
شامال گۆركىرەيدۇ... گۈلدۈرماما گۈلدۈرلەيدۇ.
بوران! پات ئارىدا! گۆركىرەيدۇ بوران!
ئەسەرنىڭ بەدىئى ئالاھىدىلىگى؛
بۇ ئەسەردە ئاجايىپ يارقىن ،كۈچلۈك سىمۋۇللۇق ئوبرازلار ئارقىلىق كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ جەڭگىۋار ھالىتى،غەلبە قىلىشقا بولغان ئىشەنچىسى،مۇرەككەپ ھىس-تۇيغۇلارغا باي ئىنچىكە تەسۋىرلەر،ئۆزىگە خاس بەدىئى ئۇسلۇپ ،راۋان،مەنىلىك تىل سەنئىتى،سىمۋۇل،سۈپەتلەش،ئوخشىتىش،جانلاندۇرۇش،رىتورىك خىتاپ قارتارلىق ئىستىلىستىكىلىق ۋاستىلەرنىڭ ياردىمىدە ئەينى دەۋردىكى رۇسيە جەمئىيىتىنىڭ رېئاللىقىنى ئەكىس ئەتتۇرۈرۈپ بەرگەن.
پايدىلانغان ماتىرياللار؛
تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ تىل-ئەدەبىيات 8-يىللىق 2-قىسىم 17-بەت
قوش تىل سىنىپلىرى ئۇچۈن تىل-ئەدەبىيات 7-يىللىق 1-قىسىم 52-بەت
(تەھرىر : سەپەر)