ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ

باشلانغۇچ ئىلىم -پەن دەرس تەييارلىقى

ۋاقىت : 2011-10-30 10:56 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : تىرىشچان | تەھرىر : نالە | كۆرۇلىشى : قېتىم

 

 

1.2 ياپقۇچنى ئېچىشتا ئىشلىتىلىدىغان سايمانلار
ئوقۇتۇش مەقسىدى :
بىلىم نىشانى :پىشاڭدىن ئىبارەت بۇ ئاددى مېخانىزىمنى تونۇش،پىشاڭدىكى ئۇز نۇقتا يەنى ئېغىرلىق نۇقتىسى، تايىنىش نۇقتىسى، ۋە كۈچ نۇقتىسىنى بىلىۋېلىش ؛تۇرمۇشتىكى پىشاڭ ئىشلىتىلگەن مىساللارنى تېپىپ ،پىشاڭنىڭ رولىنى سۆزلەش .
ئىقتىدار نىشانى :پائالىيەت جەريانىدا ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىزدىنىش ئىقتىدارى ۋە ئۇنۋېرسال تەھلىل قىلىش ئىقتىدارىنى يېتىلدۇرۇپ ،ياپقۇچنى ئېچىش جەريانىدا مەسىلە بايقاش ۋە شۇنداقلا ئۆزىنىڭ تەھلىلىنى ئېلىپ بارالايدىغان بولۇش.
ھىسسىيات ،پوزىتسىيە ،قىممەت قارىشى :ئۇدا داۋاملاشقان ئىلىم –پەن تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىشنى خالاش .ئەستايىدىللىق كۆزىتىش ئېلىپ بېرىش جەريانىدا خۇشاللىقنى ھېس قىلىش ۋە باشتىن كەچۇرۇش
 
ئوقۇتۇش مۇھىم ،قىيىن نۇقتىسى :پىشاڭدىكى ئۇچ نۇقتىنى تونۇپ ،ئۆزلەشتۇرۋېلىش ؛ھەرخىل پىشاڭلارنىڭ تايىنىش نۇقتىسىنى تېپىش .
 
ئوقۇتۇش تەييارلىغى :
ئوقۇغۇچىلار تەييارلىغى :تۇرمۇشتا دائىم ئىشلىتىدىغان سايمانلاردىن (قايچا، ئامبۇر، موچىن )قاتارلىقلارنى تېپىپ كېلىش .
ئوقۇتقۇچى تەييارلىغى :ئىچى بوش سىر تۇڭى ، تومۇر پارچىسى (ياكى پولات گەز )،ئەينەك ئىچىملىك قۇتىسى ، بوتۇلكا ئاچقۇچ .
 
ئوقۇتۇش ھەققىدە تەكلىپ :
1.ئوقۇتقۇچى تەييارلىغان كۆزىتىش قوراللىرى بىرقەدەر چوڭراق بولىشى ،ئوقۇغۇچىالرنىڭ كۆزىتىشىگە قولايلىق بولىشى كېرەك .
2. بوتۇلكا ئاچقۇچ بىلەن بوتۇلكا ئاغزىنى ئاچقاندا ئىككى نۇقتىنى تەكىتلەش كېرەك :بىرى سۇرئەت ئاستا بولىشى ، يەنە بىرى تەرتىپ بويىچە ئىشلەش كېرەك .
3. تەجرىبىنىڭ ئۇنۇمىنى قولغا كەلتۇرۇش ئۈچۈن ئوقۇتقۇچى دەرستىن ئىلگىرى ئەينەك ئىچىملىك بوتۇلكىسى تارقىتىپ بېرىش كېرەك .
4. بۇ دەرس لايىھەسى زامانىۋى ئوقۇتۇش ئەسلىھەلىرى كامچىل مەكتەپلەرنىڭ ئىشلىتىشىگە ئالاھىدە ماس كېلىدۇ .
 
ئوقۇتۇش جەريانى :
مەنزىرە پەيدا قىلىپ ،يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىش :
1. قانداق قىلغاندا بۇ بىر دانە چوڭ تاشنى يوتكىگىلى بولىدۇ ؟ توۋەندىكى رەسىمگە قاراپ بېقىڭلار .
2. بىز كۇندىلىك تۇرمۇشتا نۇرغۇن ئىشلارنى بەزى سايمانلارنىڭ ياردىمىدە ياخشى بېجىرەلەيمىز .بىز بۇگۇن مانا مۇشۇنۇڭغا ئوخشاش بولغان «ياپقۇچنى ئېچىشتا ئىشلىتىلىدىغان سايمانلار ››نى تەتقىق قىلىىمىز .                                                                                         
 
تەجرىبىنى كۆزىتىش ۋە يېڭى بىلىمنى تەتقىق قىلىش
1.كۆرسەتمىنى كۆرسۇتۇش :بۇ بىر دانە سىر قۇتىسى ، ناۋادا بۇ سىر قۇتىسىنىڭ ئاغزىنى ئاچماقچى بولساق ،قانداق ئەسۋاپ ئىشلەتسەك ئەڭ ئاسان ، ئەڭ قولايلىق بولىدۇ ؟
2.           1 )     ئوقۇغۇچىلار تەھلىل قىلىدۇ .
2)خۇلاسە : كىچىك تومۇر پارچىسى ئىشلەتسەك ئەڭ ئاسان ، ئەڭ قولايلىق بولىدۇ .
3)     ‹1›كىچىك گۇرۇپىلار بويىچە تەجرىبە ئىشلەش . (دىققەت قىلىدىغان نۇقتا :سىر قۇتىسىنى ئېچىش جەريانىدا ياپقۇچ بىلەن كىچىك تومۇر پارچىسىنىڭ ھەرقايسى قىسىملىرى ئوتتۇرسىدىكى ئورۇن ئۆزگۇرۇشىنى كۆزىتىپ خاتىرلەشكە ئەھمىيەت بېرىش . )
‹2›ئوقۇغۇچىلار تەجرىبە نەتىجىسىنى دوكلاد قىلىش
‹3›ئوقۇتقۇچى يېتەكلەش :كىچىك تومۇر پارچىسىنىڭ بىر ئۇچىنى تۆۋەنگە باسقان چېغىمىزدا ياپقۇچنىڭ ئاستىغا كىرگۇزۇلگەن يەنە بىر ئۇچى نېمە ئۈچۈن ئۇستىگە كۆتۇرۇلۇپ كېتىدۇ ؟
‹4›كۆرسەتمىدىن كېيىن چۇشەندۇرۇش : سىر قۇتىسىنىڭ ئاغزىنى ئاچقان تومۇت پارچىسىغا ئوخشاش مۇقىم بىر نۇقتىنى تايىنىش نۇقتىسى قىلىپ تۇرۇپ ،تاينىش نۇقتىسىنى بويلاپ جىسىمنى كۆتۇرىدىغان مۇنداق ئاددى مېخانىزىمنى پىشاڭ دەپ ئاتايمىز . تومۇر پارچىسىدىكى كۈچ ئىشلەتكەن نۇقتا كۈچ نۇقتىسى، جىسىمنى كۆتۇرىدىغان نۇقتا ئېغىرلىق نۇقتىسى، تىرەش رولىنى ئوينايدىغان نۇقتا تايىنىش نۇقتىسى ياكى تىرەش نۇقتىسى دەپ ئاتىلىدۇ .
‹5›يەنە بىر قېتىم تەجرىبە ئىشلەپ ،پىشاڭدىكى ئۇچ نۇقتا يەنى كۈچ نۇقتىسى (   F)، ئېغىرلىق نۇقتىسى ( L )، تايىنىش نۇقتىسى () نى تېپىپ چىقىڭلار .
‹6›چۇشەندۇرۇش رەسىمىنى سىزىپ ، رەسىم ئۇستىگە ھەرپ بىلەن ئۇچ نۇقتىنى ئىپادىلەش
3.ئىچىملىك قۇتىسى ئاغزىنى ئېچىش
1)ئەينەك قۇتىغا قاچىلانغان ئىچىملىكنى ئىچكەن چېغىمىزدا دائىم بوتۇلكا ئاچقۇچ ئىشلىتىمىز . سىز بۇ خىل ھەركەتنى كۆرۇپ باققانمۇ ؟
2)بوتۇلكا ئاچقۇچ بىلەن بىر ئىچىملىك قۇتىسىنى ئېچىپ بېقىڭ ،بوتۇلكا ئاغزىنى ئاچقاندا ،بوتۇلكا ئاچقۇچ بىلەن بوتۇلكا ئاغزىنىڭ ئايرىم –ئايرىم قانداق ھەركەت قىلىدىغانلىغىنى كۆزىتىڭ .
3)ئوقۇغۇچىلار تەجرىبە ئىشلەپ، بوتۇلكا ئاچقۇچ بىلەن ياپقۇچنى ئېچىش جەريانىنى تەپسىلى كۆزىتىپ، خاتىرلەش .
4)سىر قۇتىسىنىڭ ئاغزىنى ئېچىشتا ئىشلىتىلگەن ياپىلاق تومۇر بىلەن ئىچىملىك قۇتىسى ئاغزىنى ئېچىشتا ئىشلىتىلگەن بوتۇلكا ئاچقۇچنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۇڭ .
5)تەجرىبە نەتىجىسىنى دوكلاد قىلىش
6)بوتۇلكا ئاغزىنى ئاچقۇچ پىشاڭ ھېساپلىنامدۇ ؟
7)ئەگەر ئۇ پىشاڭ ھېساپلانسا ئۇنىڭ ئېغىرلىق نۇقتىسى، كۈچ نۇقتىسى، تايىنىش نۇقتىسى قايسى ؟سىز ئۇنى سىزىپ كۆرسۇتەلەمسىز ؟
8)دوسكىغا سىزىپ كۆرسۇتىلىدۇ .  
9)مۇھاكىمە : سىر قۇتىسىنىڭ ئاغزىنى ئاچقاندىكى تومۇر پارچىسى بىلەن ئىچىملىك قۇتىسىنىڭ ئاغزىنى ئاچقاندىكى بوتۇلكا ئاچقۇچنىڭ ئىش ئىشلەش جەريانىدا قانداق ئوخشاشلىق ۋە ئوخشىماسلىق بار ؟(ئوقۇغۇچىلار رەسىمگە ئاساسەن ئوخشاشلىق ۋە ئوخشىماسلىق تەرەپلىرىنى تېپىپ چىقىدۇ . )
10)خۇلاسە : ئوخشايدىغان تەرىپى بولسا ھەر ئىككىلىسىدە پىشاڭنىڭ ئۇچ نۇقتىسى بار ،ھەرئىككىلىسى كۈچ تېجەيدۇ . ئوخشىمايدىغان تەرىپى پىشاڭنىڭ تايىنىش نۇقتىسى ئوخشىمايدۇ .
4. پىشاڭنىڭ كۇندىلىك تۇرمۇشتىكى ئىشلىتىلىشى
1) پىشاڭنىڭ كۇندىلىك تۇرمۇشتىكى ئىشلىتىلىش ئورۇنلىرى ناھايىتى كەڭرى ،ئويلاپ بېقىڭ قانداق جايلاردا پىشاڭ ئىشلىتىلىدۇ ؟ (نەرسىلەرنىڭ ئېغىرلىغىنى ئۆلچەشتە ئىشلىتىلىدىغان تارازا ، ئىنتايىن كىچىك ،نازۇك نەرسىلەرنى قىسىپ ئېلىشتا ئىشلىتىلىدىغان موچىن، بالىلار ئوينايدىغان لىڭگىر تاق –تاق ۋە ئۇنىڭدىن باشقا ئامبۇر، قايچا، چوكا، قارماق دەستىسى قاتارلىقلارنىڭ ھەممىسى پىشاڭدۇر . )
2)سىز نامىنى ئاتىغان پىشاڭلارنىڭ ئۇچ نۇقتىسىنىڭ ئورنىنى تېپىپ بېرەلەمسىز ؟
 
تاپشۇرۇق :
دەرستىن سىرتقى ۋاقىتلاردا داۋاملىق تۇردە پىشاڭنى تەتقىق قىلىپ كۆرۇپ بېقىڭلار .يەنە قانداق يېڭى بايقاشلارغا ئېرىشىسىلەركىن؟
 

(تەھرىر : نالە)

ئېسىلكەن
(9)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
ئاپتورنىڭ ئارخىپى
تىرىشچان تەپسىلىي ئارخىپ ئۇچۇر ئەۋەتىش دوستلىشىش ئەزا دەرىجىسى:ئادەتتىكى ئەزا تىزىملاتقان ۋاقىت:2011-10-09 22:10 ئاخىرقى كەلگىنى:2011-10-30 10:10
تەۋسىيە مەزمۇنلار
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ