ئــىـــســىــم: پــــــــــــارول: دەلىل كود: تىزىملىتىش پارول ئۇنتۇلغان؟
| كىرىش | تىزىملىتىش | باش بەتلەش | ساقلىۋىلىش | خەرىتە | خەتكۇچ |
ئەسسالامۇ ئەلەيكۇم، بېكىتىمىزگە خۇشكەپسىز ! بۈگۈن: مىلادىيە
دەرس تەيـيـارلـىـق باشلانغۇچ تەييارلىق تولۇقسىز تەييارلىق تولـــۇق تەييارلىق يەســـلى تەييارلىق شـادلـىــق كـۇلـــۇبى كـارتـون فـىـلــىم بـالـىلار ناخشىلىرى بـالـىلار ئويۇنلىرى ئاتا-ئانا، پەرزەنت يـۇمــشـاق دېـتـال قوللىنشچان قوراللار دەرسـلـىـك دىــتـال نـادىـر ئېلكىتابلار ئـۇيغـۇرچـە دىتاللار ماتـېرىيال باغچىسى بـالـىـلار پـەرۋىـشى بـالـىـلار پىسخىكىسى ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش ئۇستاز ياردەمچىسى پـەنـلـەر ئـوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق پايدىلىنىش ماتىريالى قـــانـــۇن-تـــۇزۇم ئـىـمـتىھـان باغچىسى بـاشلانـغۇچ سۇئاللىرى تـولـۇقسىز سۇئاللىرى سەۋىيە سىناش سۇئالى كومـپىيۇتىر- باشقىلار تـارىـخ ۋە مەدەنىيەت تـارىـخـى بـىـلىملەر مـەشـھـۇر شـەخـىـسلەر تېخنىكا ۋە كـەشپىيات ئۇيغۇر تىلى باغچىسى رەســىــم كـارىـدورى تـارىـخى رەسـىـمـلەر ئـوقـۇتـۇش رەسـىملىرى تـۇرلـۇك خـەرىـتـىلەر ئـــــومــــاق قوزام ئاناتىل ئۇيغۇرتىلى ئۇيغۇر تىلى فونتېكا ئۇيغۇر تىلى لىكسىكا گىرامماتىكا بىلىمى ئـۇيغۇرتىلى تەتقىقاتى ئۇيغۇر تىلى ئۆگىنىش ئانا تىل ئۇلىنىشلىرى ئۇيغۇرچە كىرگۇزگۇچ

قاغنىڭ سۇ ئىچىشى

ۋاقىت : 2011-03-01 13:25 | مەنبەسى : | ئاپتۇر : قارادۇلان | تەھرىر : يانتاق | كۆرۇلىشى : قېتىم

دەرس تېمىسى:  101- بەت 18- دەرس قاغىنىڭ سۇ ئىچىشى

دەرس تىپى: مۇلاھىزە دەرىسى

ئوقۇتۇش نىشانى:

دەرس مەزمۇنىنى ئەستايىدىل مۇلاھىزە قىلىش ئارقىلىق ھەرقانداق ئىش قىلغان ۋاقىتتا قىلماقچى بولغان ئىشنىڭ قانچىلىك دەرىجىدە قىيىن بولىشىدىن قەتئىينەزەر پەقەت ئەقىل ئىشلەتكەندىلا ھەل قىلغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىش.

مۇھىم نوقتا:

قاغىنىڭ پائالىيەتلىرىنى ئەستايىدىل كۈزىتىش ئارقىلىق دەرس مەزمۇنىنى توغرا تەپەككۇر قىلالايدىغان بولۇش.

قېيىن نوقتا:

ھەر قانداق قېيىنچىلىققا يۇلۇققا ئىرادىنى بۇشاشتۇرۇپ قويماستىن ئەقىل ئىشلىتىپ مەسلىلەرنى توغرا ھەل قىلالايدىغان بولۇش.

ئوقۇتۇش ئۇسۇلى ۋە ئۆگىنىش شەكلى:

1. ئۆلگە كۆرسىتىش؛  2. كۈزىتىش؛ 3. مۇلاھىزە قىلىش؛ 4. تەجرىبە ئىشلەش ۋە مەشىق ئۇسۇلى.

ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش شەكلى:

ئوقۇتۇش ۋاستىللىرى:

تېلېۋىزۇر ۋە قىستۇرما رەسىم

ئوقۇتۇش جەريانى:

ئوقۇتقۇچى:  ساۋاقداشلار، سىلەر مەن بىلەن بىرلىكتە بىر سائەتلىك تىل-ئەدەبىيات دەرىسىدىن يېڭى بىلىمگە ئىگە بولماقچى، مەن بىلەن ئورتاقلىشىشنى خالامسىلەر؟ دەپ سوراش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلار بىلەن تۇنۇشۇپ چىقىلىدۇ ھەمدە ئۇلارنىڭ تىل-ئەدەبىيات دەرسىگە بولغان ئىددىيۋى تەييارلىق ھالىتى شەكىللەندۈرۈلىدۇ.

ئوقۇغۇچى: بالىلارنىڭ ئەمەلى ئىپادىسى ئاساس قىلىنىدۇ.

ئوقۇتقۇچى: كىچىك دوستلار بىز ئالدىنقى سائەتلىك دەرىسمىزدە قوغۇن سېتىۋېلىش دىگەن دەرسنى ئۆگەنگەن ئىدۇق. قېنى قايسى ساۋاقداش بۇۋاينىڭ نەۋرىسىنىڭ نىمە ئۈچۈن ھىلىقى ئازغىنە پۇلغا قوغۇن سېتىۋالغانلىقىنىڭ سەۋەبىنى ئېيتىپ بىرىشنى خالايدۇ؟ دەپ ئالدىنقى سائەتلىك دەرس تەكرارلىتىلىدۇ ھەمدە بۇ ئارقىلىق بۇ سائەتلىك دەرسكە ئۇل ھازىرلىنىدۇ.

ئوقۇغۇچى: زور كۆپ ساندىكى ئوقۇغۇچىلار چۈنكى قوغۇننىڭ ئىتىنى ئادەم يىگىلى، ئۇرۇقىنى توخۇت يىگىلى،  شاپىقىنى بولسا قوي يىگىلى بولغانلىقى ئۈچۈن بالا قوغۇن سېتىۋالىدۇ دىگەندەك جاۋابنى بىرىشى مۇمكىن. ئارىدىن ئەڭ جانلىق، ئەڭ توغرا جاۋاب بىرەلىگەن ئوقۇغۇچى ماددى بويۇم بىلەن رىغبەتلەندۈرۈلىدۇ.

ئوقۇتقۇچى: ناھايىتى ياخشى، ئۇنداقتا مەن يەنە بىر سۇئال سوراپ باقاي، بۇنىڭغا كىم توغرا جاۋاب بىرەلەيدىكىن. بالا بۇ چارىنى قانداق تاپقان؟ دەپ سوراش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارغا ئالدىنقى سائەتتە ئۆتۈلگەن «قوغۇن سېتىۋېلىش» دەرسنىڭ قانچىلىك ئۆزلەشكەنلىكىنى سىناپ كۈرۈلىدۇ ھەمدە بۇ سائەتلىك دەرس ئۈچۈن ئاساس يارتىلىدۇ.

ئوقۇغۇچى: بالىلار، بالا بۇ چارىنى ئويلاپ تاپقان، ئەقىل ئىشلىتىپ تاپقان... دىگەندەك توغرا جاۋابلارنى بىرىشى مۇمكىن.

ئوقۇتقۇچى: ناھايىتى ياخشى جاۋاب بەردىڭلار. ئۇنداق بولسا بىزمۇ بىرەر قىيىنچىلىققا يۇلۇققاندا قانداق قىلىشىمىز كېرەككەن؟ دەپ سوراش ئارقىلىق ئەقىل ئىشلىتشكە ماھىر بولۇش، قەيسەر، ئىرادىلىك، باتۇر بولۇش توغرىسىدا ئىددىيۋى تەربىيەنى بالىلار ئۆزلىكىدىن كەلتۈرۈپ چىقىرىشقا يىتەكلىنىدۇ ھەمدە مۇئەييەنلەشتۈرۈلىدۇ.

ئوقۇغۇچى: بالىلارنىڭ ھەممىسى بىردەك ئەقلىمىزنى ئىشلىتىشىمىز كېرەككەن، چوڭقۇر ئويلىنىشىمىز كېرەككەن.... دىگەندەك توغرا جاۋابلارنى بىرىشى مۇمكىن.

ئوقۇتقۇچى: ناھايىتى ياخشى، ئۇنداق بولسا بىز  بۇ رەسىمنى كۈزىتىش ئارقىلىق يەنە قانداق مەسلىلەرنىڭ ئەقىل ئىشلىتىش ئارقىلىق ھەل قىلىنغانلىقىنى بىرلىكتە كۈزىتىپ باقايلى! كىچىك دوستلار بۇ ھايۋاناتلار دۇنياسىدىكى جانى-جانۋارلارنى تۇنۇمسىلەر؟ ئۇلارنى ياخشى كۈرەمسىلەر؟ دەپ سوراش ئارقىلىق بالىلارنىڭ كۆرسەتمە رەسىمگە بولغان ئىنكاسى قوزغىتىلىدۇ. ھەمدە ئۇلارنىڭ كۈزىتىش، مۇلاھىزە قىلىش ئىقتىدارى يىتىلدۈرۈلىدۇ. شۇنداقلا دەرسخانا ئىچىدە خۇشال كەيپىيات يىتىلدۈرۈلىدۇ.

ئوقۇغۇچى: تونۇيمىز، ياخشى كۈرىمىز دەپ جاۋاب بىرىدۇ.

ئوقۇتقۇچى: ناھايىتى ياخشى، ئۇنداق بولسا بۇلارنىڭ نامىنى ھەممەيلەن بىرلىكتە ئېيتىپ باقايلىمۇ؟ دەپ كوللىكتىپ بىرلىكتە تۇنۇپ چىقىدۇ. ئارقىدىن ئەمدى قايسى كىچىك دوست كىچىك مۇئەللىم بولۇپ قۇشلارنىڭ نامىنى ھەجىلەپ ئېيتىپ بىرىدۇ. قالدى ساۋاقداشلار ھەجىلەپ تۇرۇپ چىرايلىق يازالايدۇ؟ دىيىش ئارقىلىق بالىلارنىڭ ئاڭلاش، سۆزلەش، يېزىش ئىقتىدارى تېخىمۇ ئىلگىرلىگەن ھالدا تەرەققى قىلدۇرلىدۇ. ھەمدە سىنىپ ئىچىدە ئەمەلى مەشىق ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئوقۇتقۇچى: رەسىمدىكى بۇ قۇش (قاغا كۆرسىتىلىدۇ) قايسى قۇشكەن؟ بۇ قۇش قەيەردە تۇرۇشنى ياخشى كۈرىدۇ. نىمە ئۈچۈن؟ قارىغاندا بۇ قۇشنىڭ كەيپىياتى تازا ياخشى ئەمەستەك قىلىدۇ، زادى نىمە بولغاندۇ؟ سىلەر مۇلاھىزە قىلىپ بېقىڭلار دەپ قاغىنى مۇلاھىزە قىلدۇرۇش ئارقىلىق يېڭى دەرسكە باشلاپ كىرىلىدۇ.

ئوقۇغۇچى: رەسىمدىكى قاغا ئىكەن، ئۇ دەرەخ ئۈستىدە ياشاشنى ياخشى كۈرىدۇ، ئۇ دەرەختىكى ۋە ئەتراپتىكى زىيانداش قۇرۇت-قوڭغۇزلارنى يىيىشنى ياخشى كۈرىدۇ، بۇ قاغا بەك ئۇسساپ كىتىپتۇ دىگەندەك جاۋابلارنى بىرىشى مۇمكىن.

ئوقۇتقۇچى: كىچىك دوستلار، بۇ قۇشلار تۇپىغا قاراڭلار! دەپ قۇشلار تۇپىنى مىسالغا ئېلىش ئارقىلىق ئۆز-ئارا ئىتتىپاقلىق ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىق تەربىيسى ئېلىپ بېرىلىدۇ.

ئوقۇتقۇچى: كىچىك دوستلار ئەمدى بىز بىرلىكتە بايا ئۇسساپ كەتكەن قاغىنىڭ ئۆز مەسلىسىنى قانداق ھەل قىلغانلىقىنى بىرلىكتە كۈرۈپ باقايلىمۇ؟ دىيىش ئارقىلىق تېلېۋىزۇر ئىكرانىدا قاغىنىڭ ئەمەلى پائالىيتى «18- قاغىنىڭ سۇ ئىچىشى» دىگەن دەرس تېمىسى، ئوقۇتۇش نىشانى، مۇھىم، قىيىن نوقتىلار كۆرستىلىدۇ.

(تەھرىر : يانتاق)

ئېسىلكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%

«قاغنىڭ سۇ ئىچىشى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر

تەۋسىيە مەزمۇنلار
ئىنكاس يېزىش كۆزنىكى
دۆلەتنىڭ قائىدە قانۇنلىرىغا رىئايە قىلىڭ، قانۇنسىز، شەھۋانى مەزمۇنلارنى يوللاشتىن ساقلىنىڭ! شۇنداقلا قالايمىقغان ئىنكاس يوللىسىڭىز ئەزالىق نامىڭىز چەكلىنىدۇ، ئەگەر قانۇنغا خىلاپ ئۇچۇرلارنى ئىنكاس قىلىپ يوللىسىڭىز ماتېرىيالىڭىز مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا يوللاپ بېرىلىدۇ.
باھا بېرىڭ:
ئىسىم: تەستىق كود:باسسىڭىز باشقىغا ئالمىشىدۇ