پەنلەر ئوقۇتۇشىمائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

تىرىكچىلىك يولىنى بىلمىگەن ئوقۇغۇ

يوللانغان ۋاقتى: 2010-03-14 21:05 مەنبەسى: شىنجاڭ گىزىتى ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئىمتىھان بېرىشنىلا بىلىپ تىرىكچىلىك يولىنى بىلمىگەن ئوقۇغۇچى قانداقمۇ ئۇستازلىرىدىن ئاشالىسۇن؟ مەكتەپ پۈتكۈزگەن شۇنچە كۆپ ستۇدېن

ئىمتىھان بېرىشنىلا بىلىپ تىرىكچىلىك يولىنى بىلمىگەن ئوقۇغۇچى قانداقمۇ ئۇستازلىرىدىن ئاشالىسۇن؟
 

      مەكتەپ پۈتكۈزگەن شۇنچە كۆپ ستۇدېنتنىڭ خىزمەت تاپالماسلىقى تەربىيىلەش ئۇسۇلىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ قانداق؟

                                                                                      چېن چياڭ

      ئۈچ يىل ئىلگىرى مىسسۇرى شتاتى ئاخبارات ئىنستىتۇتىغا زىيارەتچى مۇتەخەسسىس بولۇپ بارغىنىمدا،  قىزىمنىمۇ بىللە ئېلىۋالغانىدىم. قىزىم ئامېرىكىدا 5 – يىللىق(باشلانغۇچ مەكتەپ) بىلەن 6 – يىللىق(تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ)تا ئوقۇدى، ۋەتەنگە قايتقاندىن كېيىن فۇجۇ شەھىرىدە تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ 1 – يىللىقىدا ئوقۇۋاتىدۇ. مەن بۇ مەزگىلدە جۇڭگو مائارىپى بىلەن ئامېرىكا مائارىپىنى سېلىشتۇرۇپ كۆرۈپ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە بولدۇم. ئېلىمىز مائارىپىنىڭ ئالاھىدىلىكى ئوقۇغۇچىغا ئىمتىھان بېرىشنى ئۆگىتىش ئىكەن، ئەمما ئامېرىكا مائارىپى ئوقۇغۇچىغا تىرىكچىلىك يولىنى ئۆگىتىشنى چۆرىدەيدىكەن.
      قىزىمنىڭ ئامېرىكىدا باشلانغۇچ مەكتەپتە قانداق ئوقۇغانلىقىنى سۆزلەپ بېرەي. ئۇلارغا چۈشتىن ئىلگىرى ئىنگلىز تىلى، ماتېماتىكا، ئىلىم – پەن، تارىخ قاتارلىق ئاساسىي دەرسلەر، چۈشتىن كېيىن قىزىقارلىق قوشۇمچە دەرسلەر ئۆتۈلەتتى. مەسىلەن: ئوقۇغۇچىلار مەكتەپتە مەخسۇس ئوقۇتۇشتا ئىشلىتىلىدىغان ئاشخانىدا  ئوقۇتقۇچىنىڭ يېتەكچىلىكىدە بولكا، قازان قاتلىمىسىنى پىشۇرۇشنى ئۆگىنىدۇ، قىزىم ئۆزى تەييارلىغان پىشۇرۇقلىرىنى ماڭا دائىم ئالغاچ كېلەتتى؛ مەكتەپتىكى تىككۈچىلىك سىنىپىدا قىزىم ئۆزى تىككەن ياستۇقنى خاتىرە قىلىپ ساقلاش ئۈچۈن ۋەتەنگە قايتۇرۇپ كەلدىم؛ مەكتەپنىڭ كىچىك سېخلىرىدا قىزىم ساۋاقداشلىرى بىلەن ھەمكارلىشىپ بىر ياغاچ ھارۋا ياسىغانىدى.... مەكتەپتە يەنە ئىقتىساد باشقۇرۇش، كەسپىي پىلان تۈزۈش ۋە بالا بېقىش قاتارلىق دەرسلەرمۇ ئۆتۈلەتتى.
      تاپشۇرۇقلارمۇ تۇرمۇش بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك بولاتتى. مەسىلەن: ئۆزىڭىزنى پۇلدار ئادەم، دەپ تەسەۋۋۇر قىلىپ، ساياھەت پىلانى تۈزۈپ كېلىسىز، پىلان بويىچە ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان جايغا بېرىپ، ئەڭ ياخشى مېھمانسارايغا چۈشۈپ، ئۈچ كۈندىن ئوشۇق ۋاقىت ئارام  ئېلىپ كېلىسىز. قىزىم  مىئامىغا بېرىپ ئارام ئېلىپ كېلىشنى پىلانلاپ، توردىن مىئامىدىكى گۈزەل ساياھەت جايلىرىنىڭ كىلىمات ئەھۋالىنى ئىگىلىدى، ئاندىن مەنزىرىلىك ساياھەت نۇقتىلىرىنىڭ سۈرىتىنى توردىن چۈشۈرۈپ، توردىن بېرىپ – كېلىش ئايروپىلان بېلىتى بىلەن بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانساراينىڭ ياتىقىنى زاكاز قىلدى، ھەتتا ھەر بىر ۋاخ تاماق خىراجىتىنىمۇ ئىنچىكە ھېسابلاپ، ئاندىن بارلىق ئۇچۇرنى بىر قەغەزگە يېزىپ ئۇنى دەرسخانىسىنىڭ تېمىغا چاپلىدى. مانا بۇ ئۇنىڭ شۇ قېتىملىق تاپشۇرۇقى. بانكىدىن قەرز پۇل ئېلىپ ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش تاپشۇرۇقىمۇ ئۇيۇشتۇرۇلىدۇ، مەسىلەن: ئايلىق كىرىمىڭىزنى 2500 دوللار، دەپ تەسەۋۋۇر قىلساق، ھەر ئايلىق 800 دوللار ئاساسىي تۇرمۇش خىراجىتىڭىزنى چىقىرىۋەتسەك، قولىڭىزدا يەنە 1700 دوللار قالىدۇ، ئەگەر سىز بانكىدىن قەرز پۇل ئېلىپ 50 مىڭ دوللاردىن تۆۋەن ئاپتوموبىل سېتىۋالماقچى بولسىڭىز، قانداق پىلان تۈزىسىز؟ ئەلۋەتتە، ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنى ئۈچ يىللىق ياكى بەش يىللىق قەرەللىك قەرز قايتۇرۇش گرافىسى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئۇلار يەنە دەرسخانىدا تەقلىدىي ئاشپۇزۇل ئاچىدۇ، ئوقۇغۇچىلار ئوقۇتقۇچىنىڭ تەلىپى بويىچە ئاشپۇزۇلنى ئۆزلىرى لايىھىلەپ، ئۆيلىرىدىن يېمەكلىك، قاچا – قۇچىلارنى ئەكىلىپ، نۆۋەتلىشىپ ئاشپۇزۇل خىزمەتچىسى ياكى خېرىدار بولۇپ، سودىلىشىشنى ئۆگىنىدۇ. ئامېرىكا مەكتەپلىرىدە ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسپىي پىلان تۈزۈش ئېڭىنى يېتىلدۈرۈشكىمۇ ئېتىبار بېرىلىدۇ، 6 – يىللىقتا ئوقۇۋاتقان مەزگىلدە قىزىم مۇشۇ ھەقتە تاپشۇرۇق ئىشلىدى. ئىنگلىز يېزىقىدا بىر كەسپىي پىلان تۈزۈش تور بېكىتى بولۇپ، سىز قىزىقىشىڭىز، ئالاھىدىلىكىڭىزگە بەلگە ئۇرىسىز، كومپيۇتېر شۇ بويىچە سىزگە باپ كېلىدىغان 20 خىل كەسىپنى تاللاپ بېرىدۇ. ئىچىدىن ئۆزىڭىز ياقتۇرىدىغان بىرىنى تاللىسىڭىز، تور بېكىتى سىزگە بۇ كەسىپنىڭ يىللىق ئىش ھەققى، بەش يىللىق تەلەپ، تەمىنات ئەھۋالى قاتارلىقلارنى ئېيتىپ بېرىدۇ، مۇشۇ ئۇچۇرلارنى رەتلەپ چىقسىڭىز بىر تاپشۇرۇق ئىشلىگەن بولىسىز. ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئارزۇسىدىكى  كەسپىنى ئىسىم كارتىسىغا بېسىشنى تەلەپ قىلغاندا، قىزىمنىڭ ئىسىم كارتىسىغا ‹‹كەلگۈسىدىكى دراماتورگ›› دەپ بېسىلدى. ئىگىلىشىمچە، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدا، ئوقۇغۇچىلارنىڭ كەسپىي پىلان تۈزۈشىگە مەخسۇس يېتەكچىلىك قىلىدىغان ئوقۇتقۇچىلار بولىدىكەن، ئۇلار تېخى بەلگىلىك ۋاقىت ئاجرىتىپ ئوقۇغۇچىنىڭ ئەمەلىي ئىش ئورنىغا بېرىپ پراكتىكا قىلىشىغا ھەمراھ بولىدىكەن ھەم ئۆگىنىش دوكلاتى يېزىشىغا يېتەكچىلىك قىلىدىكەن.
      ئامېرىكا مەكتەپلىرىدە ئادەتتىكى چاغلاردا تۈرلۈك ئاپەتلەردىن قېچىپ قۇتۇلۇش مانېۋىرلىرىغا بەك ئەھمىيەت بېرىلىدۇ. قىزىم ئوقۇغان مەكتەپتە بۇنداق مانېۋىر ئايدا بىر قېتىم بولاتتى، ئۇ ئوت ئاپىتى، يەر تەۋرەش، قارا قۇيۇن، مەكتەپكە قوراللىق باستۇرۇپ كىرىش قاتارلىق ئەھۋاللاردىكى تەقلىدىي مانېۋىرلارنىڭ ھەممىسىگە قاتناشتى. مەن ئەگەر ئېلىمىز مەكتەپلىرىدىمۇ مۇشۇنداق مانېۋىرلار يولغا قويۇلغان بولسا، ۋېنچۇەندىكى يەر تەۋرەش ئاپىتىدە ئادەم ئازراق تالاپەتكە ئۇچرىغان بولاتتى(مەكتەپتىلا ئەمەس) دەپ ئويلاپ قالىمەن. چۈنكى قۇرامىغا يەتكەنلەر مەكتەپتە ئوقۇۋاتقان چېغىدا شۇنداق مانېۋىرلارغا قاتناشقان بولسا، ئۇلار تەبىئىي ھالدا جىددىي ئەھۋالدىن قانداق پاناھلىنىشنى بىلىدۇ، ئەلۋەتتە.
      ئامېرىكا مائارىپىدىن ئېلىمىز مائارىپىدىكى كەمتۈكلۈكنى كۆرۈۋالالايمىز. ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپتە ئوقۇغان چاغلىرىمدا مەن ئوقۇتقۇچۇم نەزىرىدىكى ئەلاچى ئوقۇغۇچى، ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە دەرسلىرىدە بەك ياخشى ئىدىم، ھازىر كەينىمگە قارىسام، نۇرغۇن كېرەكسىز نەرسىنى ئۆگىنىپتىمەن ياكى نۇرغۇن ۋاقتىمنى ئىسراپ قىلىۋېتىپتىمەن. مەسىلەن: ماتېماتىكىدا ئۆگەنگەن دىففېرېنسىئال – ئىنتېگرال، ستېرېئومتېرىيە دېگەنلەر تۇرمۇشتا ئاساسىي جەھەتتىن ئىشلىتىلمىدى، ئەكسىچە باشلانغۇچ مەكتەپتە ئۆگەنگەن تۆت ئەمەل ئەڭ كۆپ ئىشلىتىلدى؛ ئېلېمېنتلار دەۋرىي جەدۋىلىنى ئەينى يىللىرى سۇدەك يادلىۋالغانىدىم، ھازىر ئۇنى پۈتۈنلەي ئۇنتۇپ كەتتىم. ئەگەر ئۇ ئاز – تولا كېرەك بولدى دېسەم، بىرى، ئەينى يىلىدىكى ئۆرلەش ئىمتىھانىدا ئۇنىڭ رولى بولدى، يەنە بىرى، قىزىمغا دەرس تەكرارلاپ بېرىشتىلا كېرەك بولدى. ئەكسىچە ئىلگىرى ئۆزۈم پەقەت ئەھمىيەت بەرمىگەن تارىخ، جۇغراپىيە بىلىملىرى كىشىلىك ئالاقىدە بەك ئەسقاتتى. شۇڭا ئاساسىي مائارىپنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسىنى تۆۋەنلىتىپ، ئوقۇغۇچىلارنىڭ بىلىم دائىرىسىنى كېڭەيتىشكە كۆپرەك ۋاقىت بېرىشنى، بولۇپمۇ ئۇلارنىڭ ئىجتىمائىي بىلىمىنى بېيىتىشىغا پۇرسەت يارىتىپ بېرىشنى  تەۋسىيە قىلىمەن. ماتېماتىكا، فىزىكا، خىمىيە دەرسلىرىدىكى مۇرەككەپ مەزمۇنلار، بولۇپمۇ دىففېرېنسىئال – ئىنتېگرال دېگەنلەر ئالىي مەكتەپ مائارىپى باسقۇچىغا، مۇناسىۋەتلىك كەسىپنى ئۆگەنگۈچى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئۆگىنىشىگە ئورۇنلاشتۇرۇلۇشى كېرەك. ئامېرىكىدا ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى تۆت ئەمەللىك ھېسابلاشتىمۇ ھېسابلىغۇچ ئىشلىتىدۇ، ئۇلار بۇ جەھەتتە ئېلىمىز ئوقۇغۇچىلىرىدىن كۆپ ناچار، لېكىن بۇ نېمە ئۈچۈن ئۇلارنىڭ دۆلىتىنىڭ قۇدرەتلىك بولۇشىغا تەسىر كۆرسىتەلمىدى؟
      تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئوقۇتقۇچىنىڭ ئوقۇغۇچىغا ئۆگىتىدىغان بىلىمىنىڭ ھەممىسى توغرا بولۇشى ناتايىن، بەزىلىرىنىڭ ۋاقتى ئۆتكەن بولۇشىمۇ مۇمكىن. بىر قېتىم ئايالىم مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ پەن – مائارىپ پروگراممىسىنى كۆرگەندىن كېيىن: چەت ئەل ئالىملىرى شىمپەنزىنىڭمۇ قورال – سايمان ئىشلىتەلەيدىغانلىقىنى ئىسپاتلاپتۇ، بۇ بايقاش ئوقۇتۇش دەرسلىكىمىزدە ئۇزاقتىن بۇيان سۆزلىنىۋاتقان ئادەمگە بېرىلگەن تەبىرنى ئاغدۇرۇپ تاشلىدى، دېدى، كەينىدىن قىزىمدىن: دەرسلىكىڭلاردا نېمە دېيىلگەن؟ دەپ سورىۋېدى، قىزىم ئويلىنىپمۇ قويماي: ئادەملەر بىلەن ھايۋانلار ئوتتۇرىسىدىكى پەرق شۇكى، ئادەملەر قورال – سايمان ئىشلىتىشنى بىلىدۇ، دەپ جاۋاب بەردى. مەن بەزى ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ دەۋر تەرەققىياتىغا يېتىشەلمەي، قېلىپلىشىپ قالغان كىتابىي بىلىملەر بىلەن پەرزەنتلىرىمىزنى خاتا يېتەكلەپ قويۇشىدىن ئەنسىرەپ قالدىم. كىشىنى تېخىمۇ ئەندىشىگە سالىدىغىنى شۇكى، بەزى ئوقۇتقۇچىلىرىمىزنىڭ يېڭى بىلىملەرنى ئۆگىنىشى ئۇياقتا تۇرسۇن، ئۇلار ئوقۇغۇچىلارغا ھارغىچە تاپشۇرۇق ئورۇنلاشتۇرۇپ، ئۇلارنىڭ ئۆزلىرى قىزىقىدىغان بىلىملەرنى ئۆگىنىشىگە ۋاقىت بەرمەيدۇ. بۇنداق تەربىيىلەنگەن ئوقۇغۇچىلار قانداقمۇ ئوقۇتقۇچىلىرىدىن ئاشالىسۇن؟
      ئەلۋەتتە، ئادەم تەربىيىلەش مەكتەپنىڭلا ئىشى ئەمەس. مېنىڭچە، بىزنىڭ ئائىلە تەربىيىمىزدىمۇ مەسىلە بار. ئىمتىھان مائارىپى تىلغا ئېلىنسىلا، كۆپ ساندىكى ئاتا – ئانىلار ئۇنىڭغا قارشى چىقىدۇ، ساپا مائارىپىغا ھەممىسى قوشۇلىدۇ. ئەمما ‹‹ساپا مائارىپى›› دېگەن زادى نېمە؟ بەزى ئاتا – ئانىلار پەرزەنتلىرىنى دەرستىن سىرتقى مۇزىكا، رەسىم دېگەندەك كۇرسلارغا قاتناشتۇرىدۇ، ئۇلار مۇشۇنى ساپا مائارىپى، دەپ چۈشەنسە كېرەك. بىر تۇغقىنىمنىڭ بالىسى 6 – يىللىقتا ئوقۇيتتى، نەتىجىسىمۇ سىنىپنىڭ ئالدىدا ئىدى، كومپيۇتېر مەشغۇلاتى مۇسابىقىسىدە ئۆلكە بويىچە نەتىجىگىمۇ ئېرىشكەنىدى، ئۇنى ئالدىنقى قاتاردىكى ئوقۇغۇچى، دېيىشكە بولاتتى. ئەمما بىر كۈنى ئۇلارنىڭ ئۆيىگە بارسام، مومىسى ئۇنىڭغا تاماق يېگۈزۈۋېتىپتۇ. بۇ بىر ئايرىم ئەھۋال بولۇشىمۇ مۇمكىن، ئەمما بالىلىرىمىزنىڭ كۆپىنچىسى ئالمىنىمۇ ئاقلىيالمايدۇ، قاچا – قۇچا، كىر يۇيالمايدۇ، تۈگمە قادىيالمايدۇ، بۇ ھەقىقەت. بىر ئوقۇغۇچى تۇرمۇشتىكى ئادەتتىكى ئىشلىرىنىمۇ ئۆزى قىلالمىسا، ئۇنىڭ ئىمتىھان نەتىجىسى ھەرقانچە يۇقىرى بولسىمۇ، سازنى شۇنچە ياخشى چالسىمۇ، سىز بۇنداق مائارىپنى مۇۋەپپەقىيەتلىك مائارىپ، دەپ ئېيتالامسىز؟ بۇنداق ئوقۇغۇچى نورمال ئوقۇغۇچى بولامدۇ؟ ھازىر نۇرغۇن ستۇدېنت خىزمەت تاپالمايۋاتىدۇ، بۇ بىزنىڭ مۇشۇنداق تەربىيىلەش ئۇسۇلىمىز بىلەن مۇناسىۋەتلىكمۇ قانداق؟
      مۇنداق بىر ئىشنى ئاڭلاپ كۈلۈپ كەتتىم، يالغۇز پەرزەنت بولغان بىر يىگىت بىلەن قىز توي قىلىپتۇ، ئۇلارنىڭ ئىككىلىسى قاچا يۇيۇشقا قېرىق ئىكەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇلار چەك تاشلاپ چەك كىمگە چىقسا شۇ بۇنىڭدىن كېيىن قاچا يۇيىدىغان بولۇپ كېلىشىپتۇ. بىزنىڭ پەرزەنتلىرىمىز يۇقىرى نومۇر بىلەنلا كۈنىنى ئالالارمۇ؟ ئۇلار دۇنياغا ئاز – تولا تۆھپە قوشالارمۇ؟ بۇ بىزنى ئويلاندۇرماي قالمايدۇ.
 

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

بەشتاشنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[باشقا رەسىملەر] نېمە دىگەن قالتىس! [ 2010-05-13 21:00:21 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ھاپاس ئەتمە قەن ئانا [ 2010-05-13 19:17:08 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇزەل قەشقەر [ 2010-05-13 19:13:26 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلى [ 2010-05-13 19:12:57 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلباغدىكى لالىمەن [ 2010-05-13 19:10:50 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گۇلباغ [ 2010-05-13 19:10:14 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گو-گو-گو [ 2010-05-13 19:09:36 ]
[بالىلار كۈيلىرى] گەپ ئاڭلايمەن [ 2010-05-13 19:08:42 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ئىتتىپاقلىق گۇللىرى [ 2010-05-13 19:08:06 ]
[بالىلار كۈيلىرى] ئىللىق قۇياش [ 2010-05-13 19:07:24 ]



ياخشىكەن
(1)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر