پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىققانۇن تۇزۇم پايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

بىز ئاتا-ئانىللىرىمىزغا نىمە قىلىپ بەردۇق؟

يوللانغان ۋاقتى: 2012-03-06 12:46 مەنبەسى: ئاپتورى: نازنىن كۆرۈلۈشى: قېتىم
بىز ئاتا-ئانىللىرىمىزغا نىمە قىلىپ بەردۇق؟
تەلەي +1

 

بىز ئاتا-ئانىللىرىمىزغا نىمە قىلىپ بەردۇق؟

 

  

     باشقىلار دائىم ئىنسان بالىسى دىگەن خام سۈت ئەمگەن خاتارلىقلاردىن خالىي بولالماسلىق كۆرۈلۈپ تۇرىدىغان ئىش تۈزەتسىلا بولىدۇ دەپ قارايدۇ. لېكىن بىز خاتالىقىمىزنى قاچان تۈگۈتىمىز؟ ئاتىلىرىمىز بىزگە مەڭگۈلۈك تۈۋرۈك بولامدۇ؟ بىز ئاتا-ئانىمىزغا نىمە قىلىپ بەردۇق؟

 

   ھىلىمۇ ھەم ئىسىمدە: مەن باشلانغۇچ مەكتەپكە كىرىشكە ئۇنمىغان ۋاقتىمدا دادام مىنى يۈتۈپ مەكتەپكە ئاپارغان، دادام مەكتەپكە بىرىش يولىدا ماڭا ئوغلۇم –سىنىڭ ماڭا ئوخشاش بىر دېھقان بولۇپ قىلىڭنى خالىمايمەن سەن چوقۇم ياخشى ئوقۇپ كەلگۈسىدە ياراملىق بىر كىشى بولۇپ چىقساڭ مەن شۇنىڭغا خوش. مەكتەپ دىگەن شۇنداق ياخشى جاي دەپ مىنى ئالداپ ئۇنمىغىنىمغا ئۇنماي مىنى مەكتەپكە ئېلىپ كىرگەن. ئەنە شۇن تەرەققىدە دادام مىنى خۇددى ئۆزىنىڭ كۆز قارىچۇقىنى ئاسىراندەك ئاسىراپ، ھەممە ئىشتا ماڭا يول قويۇپ، مىنىڭ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇپ چىقىشىم ئۈچۈن، مەكتەپتە خاتىرىجەم ئوقۇشۇم ئۈچۈن ئۆزى كىيمىگەننى كىيدۈرۈپ، ئۆزى يىمىگەننى ماڭا يىدۈرۈپ، بىزنىڭ ياخشى ئوقۇپ كەلگۈسىدە جەمىئەتكە تۆھپە قوشالايدىغان كىشى بولۇپ يىتىلىپ چىقىشىم ئۈچۈن قەھرىتان سۇغۇقتا تاغدىن ئوتۇن تىرىپ كىلىپ بازارغا ئەكىرىپ سېتىپ، يازنىڭ پىژ-پىژ ئىسسىقلىرىدا تاش كولاپ، يەر تېرىپ،خامان ئېلىپ، ئىشەك ھارۋىسى بىلەن 30كېلومېتېر يىراقلىقتىكى شەھەر بازىلىغا يىسۋىلەك ئەكىرىپ سېتىپ، بالىلىرىىڭ ئالىي مەكتەپتە ياخشى ئوقۇپ كەلگۈسىدە ياراملىق ئادەم بولۇشى ئۈچۈن بارىلىقىنى سەرىپ قىلدى.

 

بۇ جاپاكەش دادا، ئەمدى بالىلىرىنمىڭ ھەممىنى ئوقۇتۇپ خىزمەتكە چىقاردىم ، ئەمدى مەن خاتىرىجەم بولدۇم دەپ تۇرىشىغا، بىز نادان بالىلار  دادىمىزنىڭ ئەجىرىگە رەھمەت ئېيتىش ئۇياقتا تۇرسۇن، ھۆكۈمەت بەرگەن نەچچە مىڭ يۈەن پۇللارنى قىزلار بىلەن، جەمىئەتتىكى ئاغىنىللىرىمىز بىلەن بولىشىغا خەجلەپ تۈگەتتۇق، ئاغىنىللىرىمىزگە، قىزلارغا خەجلەپ بەرگەن نەچچە مىڭ يۈەن كۆزىمىزگە كۆرۈنمىدى، لېكىن ھەر ھېيت-بايراملاردا ئاتا-ئانىمىزغا بەرگەن ئەشۇ نەچچە يۈز يۈەننى مەڭگۈ ئېسىمىزدىن چىقارمىدۇق، ئۇلار بىزگە تىجەشلىك بولۇشنى ئېيتقاندا سىنى مەن بىقىۋاتىمەن دەپ ئۇلارنىڭ نازۇك قەلبىگە خەنجەردەك تىللارنى سانجىدۇق، ئەگەر ئەشۇ دېھقان ئاتا-ئانىمىز بولمىغان بولسا سەن نەدە؟ مەن نەدە؟ سىنى مىنى چوڭ سۆزلىتىۋاتىقان ئەشۇ پۇل نەدە؟

 

      بۇنىڭلىق بىلەن بولدى قىلساقلا مەيلىغۇ، تىخى توي قىلىدىغان چاغدا بالىلارنى ئۆي-ئوچاقلىق قىلىش ئاتا-ئانىلارنىڭ ۋەزىپىسى دەپ ئۇلارنى نۇرغۇنلىغان ئىقدىسادىي قەرىزلەرگە بوغۇپ قويۇپ، ئۆزىمىز بولسا خوشال-خورام ياشاپ يۈرىمىز، ئەشۇ جاپاكەش دېھقان ئاتا-ئانىمىز بىزنىڭ قەرزلىمىزنى قايتۇرۇش ئۈچۈن كۈندە سۇيقاش ئىچىپ كۈن ئۆتكۈزىدۇ، لېكىن بىز ئاياللىرىمىز بىلەن ئەرزىمەس سورۇن، ئەرزىمەس ئىشلار ئۈچۈن نۇرغۇنلىغان بۇللارنى بۇزۇپ چاچىمىز، ئاتا-ئانىللىرىمىز ئاغرىپ ئورۇن تۇتۇپ يىتىپ قىلىپ، بالام ئايالىڭ بۈگۈن بىزگە بىر ۋاخ تاماق ئېتىپ بەرسۇن دەپ ئۆتۈنگەندە، بىز قوپال تەلەپپۇزدا ئايالىم بۈگۈن دوستلار ئوتتۇرىشغا بارىدۇ، سىللەرگە تاماق ئېتىپ بىرىپ قەرزى بارمىدى دەپ زىدە بولغان يۈرەكلەرنى تېخىمۇ پۇچىلايمىز. ............................. بىز بالىلار نىمىدىگەن ئەقىلسىز ھە . ئەشۇ كېسەل ئانىمىز بىلەن دادىمىز بولمىغان بولسا سەن نەدە؟ مەن نەدە ھە؟

 

        بىزنى بۇ دۇنياغا ئاپىرىدە قىلغان ئاتا-ئانىللىرىمىز بىلەن بىر ھويلىدا تۇرمۇش كەچۈرۈشكە تاقىتىمىز قالماي، ئالدىڭدا نايناقلاپ تۇرغان ئايالىمىزنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن ئاتا-ئانىمىزنى قان-قان يىغلىتىپ بىزگە ئۆي سېلىپ بىرىشكە، بىزگە شەھەرلەردىن بىنا ئۆي ئېلىپ بىرىشكە قىستايمىز . ئاشۇ ئانا-ئانىللىرىمىزنىڭ قان-تەرى بەدىلىگە كەلگەن چىرايلىق ئۆيلەردە ئۇلارنى بىر كۈن قونغۇزۇشقا قوسقىمىز ئاغرىيدۇ يۇ، ئاغىنىللىرىمىز بىلەن بۇ ئۆيدە كۈندە بىر سۇرۇن قۇرۇپ ئاغىنىللىرىمىزنىڭ كۆڭلىنى ئېلىشا تېرىشىمىز. ئەشۇ كەڭ قورساق ئاتا-ئانىمىز بولمىغان بولسا سىنىڭ بۇ چىرايلىق ئۆيلىرىڭ نەدە؟ ئەشۇ ئاغىننىللىرىڭ نەدە؟  

 

       مانا مەن بۈگۈن بالىلىق بولدۇم ، نەچچە ۋاقىتتىن بىرى كىيمىللىرىڭ توپا ئىكەن بۈگۈن ئايالىم يوق ئېدى ........... دىگەندەك باھانىلارنى تىپىپ ئاتا-ئانىمىزنى كۈتۈشكە قىيمىغان شۇ بىنا ئۆيگە ئاتا-ئانىمىزنى بىزنىڭ بالىلىرىمىزنى بىقىش ئۈچۈن ئۆيگە بالا باققۇچىنىڭ ئورنىدا تەكلىپ قىلدۇق، بىزنىڭ بالىمىز ئازراقلا چوڭ بولىۋالغاندىن كىيىن ئۇلارنى خۇددى دۈشمىنىمىزنى ئۆيدىن قوغلاپ چىققاندەك سوغۇق مۇئامىللىرىمىز بىلەن يولغا سېلىپ قويدۇ.

 

ئۇلار نەقەدەر كەك قورساق ھە! ئۇلار نەقەدەر چىداشچانلىق ھە! بىزمۇ ئاتا-ئانا بولدۇق بىزنىڭ باللىرىمىزمۇ شۇنداق قىلسا بىز قانداق قىلارمىز ھە!!!!!!!!!!!!!!

 

     يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، بىز خىزمەت ھەلەكچىلىكى، ئاقماس سورۇنلار بىلەن ئالدىراش يۈرۈپ، ئاتا-ئانىللىرىمىزغا ھېچنەرسە قىلىپ بىرەلمىدۇ، ئۇلارنىڭ بىزگە سىڭدۈرگەن ئەجىرىگە تۇشلۇق جاۋاپ قايتۇرالمىدۇق. ئەگەر ئۇلار بىزنى بىقىپ چوڭ قىلمىغان ئالىي مەكتەپلەردە ئوقۇتمىغان بولسا سىنىڭ ۋە مىنىڭ بۈگۈنكى كۈنىمىزمۇ بولمايتتى. ئاتا-ئانىلارنىڭ كۆڭلى-كۆكسى خۇددى بىپايان دىڭىزدەك كەڭرى، ئۇلار بىزدىن ئارتۇقچە نەرسىلەرنى كۈتمەيدۇ، بىز بالىلار ھازىدىن باشلاپ بولسىمۇ  كاللىمىزنى سىلكىۋىتىپ،ئۇلار ئۈچۈن خىزمەت قىلايلى، ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى رەنجىتمەي، ئۇلارنىڭ دۇئاسىنى ئالايلى.

تەھىرلىگۇچى:يانتاق

نازنىننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[پىلان ۋە خۇلاسە] ( 2012-2011)- ئوقۇش يىلى 1- مەۋسۈملۈك خىزمەت خۇلاسى [ 2012-03-19 10:31:51 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] x مەكتەپ ماتىماتىكا ئوقۇتۇش گۇرۇپىسىنىڭ خۇلاسىسى [ 2012-03-19 10:27:33 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] ظذزذن بازارلئق ظذشقارا مەكتەپ پارتئيە ياچىيكئسئنئ [ 2012-03-15 23:51:25 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] ظوزذن بازارلئق ظذشقارا مەكتەپ پارتئيە ياچئيكئسئنئ [ 2012-03-15 23:50:29 ]
[باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى] 2009-2010-ظوقذش يئلئ 2-مەؤسإملإك ظئمتئەان سذظالئ [ 2012-03-15 23:48:28 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] مەكتەپ2008-2009 –ظوقذش يئلئ 1-مەؤسإملإك ظوقذتذش تەتقئق [ 2012-03-15 23:46:58 ]
[باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى] 2010 学年第二学期小学二年级汉语期末考试题 [ 2012-03-15 23:45:31 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە]  مەكتەپ رەەبەرلئك بەنزئنئڭ 2009- يئللئق خئزمەت دوكل [ 2012-03-15 23:44:10 ]
[پىلان ۋە خۇلاسە] x مەكتەپنئڭ [ 2012-03-15 23:42:14 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] x مەكتەپ 2010-2011-ئوقۇش يىلى 1-مەۋسۇملۇك ئەلاچى ئوقۇغۇچ [ 2012-03-15 23:24:50 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
نازنىن تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: 注册会员 تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-09-20 22:09 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2012-04-02 11:04
تەۋسىيەلەر