پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇمپايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نامرات ئو

يوللانغان ۋاقتى: 2011-08-29 15:20 مەنبەسى: ئاپتورى: ئالىپتىكىن كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئالتىگە ‹‹ھەقىقي كاپالەتلىك قىلىش›› بولسا ، ياردەم بېرىش راسخوتىنى ئۆز ئورنىغا ئەمەليلەشتۈرۈشكە ھەققىي كاپالەتلىك قىلىش ، ‹‹يېشىل ي

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نامرات ئوقۇغۇچىلارنى

مەكتەپكە كىرىشىنى چەكلەش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرىدۇ

ئالتىگە ‹‹ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ ›› ، نامرات ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئالىي مەكتەپلەرگە كىرىشىگە ياردەم بېرىدۇ

    بېيجىڭ 21-ئاۋغۇست تېلېگرامىسى: يېقىندا ، مەملىكەت بويىچە ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر ئارقائارقىدىن ئوقۇش باشلىدى . بۇ يىل ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار يېڭى ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپكە ئوڭۇشلۇق قوبۇل قىلىشقا ھەققىي كاپالەتلىك قىلىشى ئۈچۈن ، مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەرقايسى جايلاردىكى مائارىپ مەمۇرىي ئورۇنلىرى ۋە ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ياردەم بېرىش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ ، خىزمەت مېخانىزىمىنى مۇكەممەلەشتۈرۈپ ، ياردەم بېرىش راسخوتىنى ئۆز ئورنىغا ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق ئالتىگە ‹‹ھەقىقي كاپالەتلىك قىلىش›› نى ئەمەلگە ئاشۇرۇپ ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ ‹‹ياردەم بېرىشكە تېگىشلىكلىرىگە ياردەم بېرىپ ›› ، مائارىپىنىڭ ئادىللىقىنى تىرىشىپ ئىلگىرى سۈرۈشىنى تەلەپ قىلدى .

    مائارىپ مىنىستىرلىقى تەلەپ قىلغان ئالتىگە ‹‹ھەقىقي كاپالەتلىك قىلىش›› بولسا ، ياردەم بېرىش راسخوتىنى ئۆز ئورنىغا ئەمەليلەشتۈرۈشكە ھەققىي كاپالەتلىك قىلىش ، ‹‹يېشىل يول›› نىڭ راۋانلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ، دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلىنى ئۆز ۋاقتىدا تارقىتىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ، ‹‹قەرز بېرىشكە تىگىشلىكلىرىگە قەرز بېرىش›› نىشانىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ، ئىنكاس قىلىش يوللىرىنىڭ راۋان بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ، سىياسەت تەشۋىقاتىنىڭ ئۆز ئورنىغا ئەمەلىيلىشىشگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتىن ئىبارەت .

    مائارىپ مىنىستىرلىقى ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ دۆلەتنىڭ سىياسىتىدىكى بەلىگىلىملەرگە قاتتىق ئەمەل قىلىپ ، كەسپىي ئىشلار كىرىمىدىن نىسبەت بويىچە يېتەرلىك مىقداردا راسخوت ئاجرىتىپ ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا ئىشىلىتىشنى ، كۆپ ئاجرىتىۋېلىپ ئاز چىقىم قىلىش ياكى بىۋاستە چىقىم قىلىشتىن ساقلىنىشنى تەلەپ قىلدى . ئۈنۈملۈك تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ، جەمئىيەتتىكى ھەرقايسى ساھەلەرنى پۇل ئىئانە قىلىپ ئوقۇشقا ياردەم بېرىشكە رىغبەتلەندۈرۈپ ، راسخوتنىڭ كېلىش يولىنى كېڭەيتىش كېرەك . تۈرلۈك ياردەم بېرىش راسخوتلىرىنى باشقۇرۇشىنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ ، ھەرقانداق شەكىل ، ھەرقانداق سەۋەبلەر بىلەن ياردەم بېرىش مەبلىغىنى توختىتىپ قويۇش ، ئىگلىۋېلىش ، باشقا ئىشلارغا ئىشلىتىشكە بولمايدۇ . يېڭى ئوقۇغۇچىلار تىزىمغا ئالدۇرغان نەق مەيداندا مەخسۇس ‹‹يېشىل يول›› دائىرىسىنى تەسسىس قىلىپ ، ئىلتىماس سۇنغان ھەمدە شەرتى مۇۋاپىق كەلگەن ‹‹يېشىل يول›› دىن ئۆتۈپ ، مەكتەپكە ئوڭۇشلۇق كىرىشىگە كاپالەتلىك قىلىش كېرەك . كۈز پەسلىدىكى مەۋسۈملۈك ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىن ، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارغا دۆلەتنىڭ ئوقۇش ياردەم پۇلىنى ئۆز ۋاقتىدا تارقىتىشى ، ھەمدە ھەرخىل شەكىللەر ئارقىلىق ئاساسىي تۇرمۇش راسخوتىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىپ ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار يېڭى ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرگەندىن كېيىنكى نورمال تۇرمۇشى ۋە ئۆگىنىشىگە ھەققىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك . ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر ناھىيە دەرىجىلىك ئوقۇغۇچىلارغا ماددىي ياردەم بېرىشىنى باشقۇرۇش ئورگانلىرى ۋە رەسمىيەت بېجىرگۈچى بانكىلار بىلەن ماسلىشىپ ، ئىناۋەتلىك ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قەرزىگە ئالاقىدار خىزمەتلەرنى ياخىشى ئىشلەپ ، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ، مەكتەپلەردىكى دۆلەت ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قەرز پۇلى خىزمىتىنى داۋاملىق ياخشى ئىشلەش ، ھەمدە ئوقۇشقا ياردەم بېرىش قەرز پۇلى ئالىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتىلغان سەمىمىيەت تەربىيەسى ۋە ئىناۋەت گۇۋاھلىقى بىلىم تەشۋىقاتىنى كۈچەيتىش كېرەك . ھەرقايسى جايلاردىكى مائارىپ تارماقلىرى ، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەر ئوقۇغۇچىلار ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەلەرنىڭ ئىنكاس قايتۇرۇش يوللىرىنى ئېچىپ ، سىياسەتكە ئالاقىدار مەسلىھەت سوراش ۋە مەسىلىلەر توغرىسىدىكى شىكايەتلەرنى قوبۇل قىلىشى ، شىكايەت قىلىنغان مەسلىلەرنى ئۆز ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىشى كېرەك . تەسىر دائىرىسى چوڭ ، سەزگۈرلىك دەرىجىسى يۇقىرى بولغان شىكايەت قىلىنغان مەسىلىلەرنى ئۆز ۋاقتىدا يۇقىرى دەرىجىلىك مائارىپ باشقۇرۇش ئورۇنلىرىغا دوكلات قىلىشى كېرەك . 15-ئاۋغۇسىتىتىن 15-سېنتەبىرگىچە ، مائارىپ مىنىستىرلىقى داۋاملىق تۇردە ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش خىزمىتى قىزىق لىنىيەلىك تېلېفون خىزمىتىنى ئېلىپ بارىدۇ . ھەرقايسى ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپ ئورۇنلىرى ۋە ھەرقايسى مىنىستىرلىقلار ئۆزىگە قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچىلارغا ماددىي جەھەتتىن ياردەم بېرىش خىزمىتى قىزىق لىنىيەلىك تېلېفون نومۇرى ۋە ئېچىۋېتىلگەن ۋاقتىنى مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلارغا ماددىي ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش مەركىزىگە يوللاپ بېرىشى كېرەك . سىياسەت تەشىۋىقاتنىڭ ئۆز ئورنىدا ئەمەلىيلىشىشى ، ياردەم بېرىش سىياسىتىنىڭ مەكتەپ ، يېزا ، ئائىلىلەرگىچە كىرىشىگە ھەققىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.

    ئىگىلىنىشىچە ، ئوقۇش باشلاشنىڭ ئالدىكەينىدە ، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالاقىدار تارماقلاردىن تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى ئويۇشتۇرۇپ ، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئەھۋاللارنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشگە قارىتا مەخسۇس تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىپ ، ئائىلىسىدە ئىقتىسادىي قىيىنچىلىقى بار ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپكە كىرىشىنى توساش قاتارلىق بەلگىلىمىگە ئېغىر خىلاپلىق قىلىش قىلمىشلىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدىكەن .

مەنبە: تەڭرىتاغ ئۇيغۇر تورى

تەھىرلىگۇچى:admin

ئالىپتىكىننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[مائارىپ ۋە رىئاللىق] بالىلىرىمىز سوۋغا– سالامنىڭ دەستىكىگە ئايلىنىپ ق [ 2011-08-29 15:23:31 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ نامرات ئو [ 2011-08-29 15:20:46 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] پەرزەنتىڭىزنىڭ پىسخىكىسى ساغلاممۇ ؟ [ 2011-08-29 15:17:23 ]
[تارىخى بىلىملەر] قاراخانىيلار خانىدانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن ئىككى نەپ [ 2011-08-29 15:12:21 ]
[تارىخى بىلىملەر] قەدىمكى ئۇيغۇر يېزىقىنىڭ موڭغۇل، مانجۇ ۋە شىبەلەر [ 2011-08-29 15:08:56 ]
[تارىخى بىلىملەر] جاڭ جىجۇڭنىڭ شىنجاڭغا ئەۋەتىلىشى ۋە ئۇنىڭ ئۆلكىلى [ 2011-08-29 15:05:13 ]
[تارىخى بىلىملەر] «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا مۇزىكا سەنئىتى ۋە خەلق ئو [ 2011-08-29 15:02:58 ]
[تارىخى بىلىملەر] ياۋچىلارنىڭ كېلىپ چىقىشى ۋە ئۇلارنىڭ غەربكە كۆچۈش [ 2011-08-29 15:00:26 ]
[خەنزۇتىلى] 6-يىللىقلارنىڭ 2-ماۋسۇملۇق خەنزۇتىلى 1-دەرس تەييارل [ 2011-08-29 11:05:31 ]
[خەنزۇتىلى] 双语1年级下册汉语教案(免积分) [ 2011-08-29 10:54:40 ]



ياخشىكەن
(2)
100%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
ئالىپتىكىن تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: 注册会员 تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-08-29 10:08 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2011-08-29 10:08
تەۋسىيەلەر