«تۈركىي تىللار دىۋانى»دا مۇزىكا سەنئىتى ۋە خەلق ئويۇنلىرى ئابدۇراززاق قادىر
ئۇيغۇرلارنىڭناخشا - ئۇسسۇل سەنئىتى ۋە ئويۇن مەدەنىيىتى ناھايىتى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. تارىخىي مەنبەلەرگە قارىغاندا، تۈركىي خەلقلەر ئوۋچىلىق بىلەن شۇغۇللانغان ئەڭ قەدىمكى دەۋرلەردىلا بىرەر ئىشتىننەتىجە - مۇۋەپپەقىيەت قازانغاندا، خەيرلىك كۈنلەردە قېرى - ياش، ئەر - ئاياللار بىر يەرگە جەم بولۇپ، مۇراسىم ئۆتكۈزۈپ تەنتەنە قىلىدىغان ئادەتنىڭ بولغانلىقى مەلۇم. ئۇيغۇرلارنىڭ قەدىمكىقەھرىمانلىق داستانلىرىدىن بىرى بولغان «ئوغۇزنامە» ئېپوسىدىكى ئوغۇزخاقان ئەل - جامائەتنى تەكلىپقىلىپ، كاتتا توي مۇراسىمى ئۆتكۈزگەنلىكىنى ۋە مۇراسىمدىكى بەزى ئادەتلەرنى قەدىمكى تۈركىي خەلقلەرنىڭ بىر قىسىم مۇراسىم - ئادەتلىرىنىڭ ئىپادىلىنىشى دېيىشكىمۇ بولىدۇ. تۈركىي خەلقلەر ئارىسىدا بولىدىغان بۇنداق مۇراسىملار خەنزۇ تارىخچىلىرى تەرىپىدىنمۇ خاتىرىلەنگەن. مىلادىيە 5 __ 6 - ئەسىرگە ئائىت «ۋېي يىلنامىسى»نىڭ «گاۋچې» (ئېگىز ھارۋىلىقلار يەنى قاڭقىللار) تەزكىرىسىدە، ئېگىز ھارۋىلىقلارنىڭ ئۆرپ - ئادىتى ئۈستىدە توختالغاندا: «ئۇلارنىڭ قەبىلىلىرى بىريەرگە يىغىلىپ مۇراسىم ئۆتكۈزگەندە، يىغىلغۇچىلار نەچچە تۈمەن بولاتتى، مال سويۇپ، ئات بەيگىسى قىلاتتى، سەيلە قىلاتتى، ناخشا ئېيتىپ ئۇسسۇل ئوينايتتى» دەپ خاتىرىلەنگەن. مىلادىيە 5 __ 6 - ئەسىرلەرگە تەئەللۇق بولغان قىزىل مىڭئۆي ، قۇمتۇرا مىڭئۆيلىرىگە سىزىلغان بەزى تام رەسىملىرىدىمۇ ئەر - ئاياللارنىڭ بىرلىكتە ساز چېلىپ، نەغمە - ناۋا قىلىپ، مۇراسىم ئۆتكۈزۈۋاتقان كۆرۈنۈشى ئەكس ئەتتۈرۈلگەن. مانا بۇلار بۇنداق نەغمە - ناۋا بىلەن ئۆتكۈزۈلىدىغان مۇراسىملارنىڭ ئۇيغۇر ۋە باشقا تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەدەنىي ھاياتىدا خېلى كەڭ دائىرىدە ئومۇملاشقانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ. كىشىلەرگە مەلۇمكى، ئۇيغۇرلار ئەزەلدىن ناخشا - ئۇسسۇل ۋە مۇزىكىغا ھېرىسمەن مىللەت. شۇڭىمۇ قەدىمدىلا «ناخشا - ئۇسسۇلغا ماھىر»، «سەنئەتخۇمار» دېگەن ناملار بىلەن جاھانغا مەشھۇر بولۇپ كەلگەن. ئادەتتىمۇ ئۇيغۇرلارنىڭ ھەرقانداق بىر پائالىيىتى ناخشا - مۇزىكىسىز بولمايدۇ. ئۇ ئەمدىلا مېڭىشقا باشلىغان بالىلاردىن تارتىپ، قېرىلارغا قەدەر چوڭقۇر سىڭىپكەتكەن. نازۇك، نەپىس ۋە كۆپ خىل ئىپادىلەش كۈچىگەئىگە ئۇيغۇر ئۇسسۇلىغا ماس ھالدا تەرەققىي قىلغان مۇزىكا سەنئىتى بەدىئىيلىكىنىڭ يۇقىرىلىقى، ئاھاڭىنىڭ كۆپ خىللىقى، رىتىمىنىڭ مۇرەككەپلىكى، ۋەزنىنىڭ ئېنىق، ئۆلچەملىكلىكىدەك ئالاھىدىلىكلىرىنى قەدىمكى دەۋرلەردىلا جاھانغا نامايان قىلغان. ئۇيغۇر مۇزىكىسىنىڭ بۇ خىل ئالاھىدىلىكىنى تولۇق ئىپادىلەش ئېھتىياجىغا ئاساسەن، ئۇيغۇر چالغۇلىرىنىڭ تۈرىمۇ ئىنتايىن كۆپ بولغان. ئۇيغۇر چالغۇلىرىنىڭ مىلادىيىدىن ناھايىتى كۆپ ئەسىر ئىلىگىرىلا پەيدا بولغانلىقى توغرىسىدا يازما مەنبەلەر بار. «تۈركىي تىللار دىۋانى»دىن ئۇيغۇر چالغۇلىرىنىڭ بىرقانچە تۈرىنى كۆرۈشكە بولىدۇ. مەسىلەن، «ئىگەمە __ بىر تۈرلۈك چالغۇ ئەسۋابى، قوبۇزغائوخشاش چېلىنىدۇ»، «قوبۇز __ ئۇد (باربىت)قا ئوخشايدىغان تارىلىق چالغۇ ئەسۋابى» (1 - توم، 473 - بەت). «سىبىزغۇ __ سىبىزغا نەي» (1 - توم، 636 - بەت) ۋە ئۇنىڭدىن باشقا چاڭ، بۇرغا قاتارلىقلار. مەشرەپ، بەزمە ۋە تۈرلۈك زىياپەت ئولتۇرۇشلىرى ئۇيغۇرلارنىڭ قويۇق مىللىي مەدەنىيەت ئالاھىدىلىكىگە ئىگە تۇرمۇشىنىڭ مۇھىم نامايەندىسى بولۇپ، «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا قەدىمكى ئۇيغۇرلارنىڭ مەشرەپ - بەزمىلىرى مۇنداق ئىزاھلانغان: «سۇغدىچ __ قاتار بەزمە، قىش كۈنلىرى دوستلار ئارا نۆۋەت بىلەن بولىدىغان مەشرەپ»، «شۇرچۇك __ مەشرەپ، كېچىلىك ئولتۇرۇش»، «كەتسەم __ كېچىسى ئۆزى كېلىپ قالىدىغانلارغا بېرىلىدىغان زىياپەت»، «كۇدىن __ بالىغا ئات قويۇش زىياپىتى»، «بۇچى __ ئاۋازلىق، مۇڭلۇق بىر خىل ئۇد» (3 - توم، 302 - بەت). «يىراغۇ __ چالغۇچى، سازەندە، ناخشىچى» (3 - توم، 46 - بەت). يۇقىرىقى مەلۇماتلار مەخسۇس خاراكتېردىكى زىياپەت - مۇراسىم ئادىتىنىڭ ئۇيغۇرلار تۇرمۇشىدا قەدىمدىلا ئومۇمىي خاراكتېر ئالغانلىقىنىچۈشەندۈرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، مەھمۇد قەشقەرى «تۈركىي تىللار دىۋانى»دا نەقىل قىلغان قوشاقلار ئىچىدىمۇ نەغمە - ساز بىرلەشكەن، مەشرەپ شەكلىنى ئەسلىتىدىغان قوشاقلارمۇ ئۇچرايدۇ. مەسىلەن: كۆكلەر قامۇغ تۈرۈلدى، ئىۋرىق، ئىدىش تىزىلدى، سەنسىز ئۆزۈم ئۆزەلدى، كەلگىل ئامۇل ئاۋنالىم. مەنىسى: ھەممە سازلار تۈزۈلدى، ئىۋرىق، ئىدىش تىزىلدى، سەنسىز كۆڭلۈم بۇزۇلدى، كەلگىنئاستا ئوينايلى. ئىۋرىق باشى قازلايۇ، ساغراق تولۇ كۆزلەيۇ، ساقنىچ قۇدى كىزلەيۇ، تۈن - كۈن بىلە سەۋنەلىم. مەنىسى: ئىۋرىق بوينى غاز كەبى، قەدەھ تولۇق كۆز كەبى، ھەسرەتنى تۈۋىگە يوشۇرۇپ، تۈن - كۈن بىلەن سۆيۈنەيلى. ئوتۇز ئىچىپ قىقىرالىم، يۇقار قوپۇپ سەكرەلىم، ئارسلانلايۇ كۆكرەلىم، ساقنىچ قاچتى سەۋنەلىم. مەنىسى: ئۈچ رەت ئىچىپ ۋارقىرايلى، يۇقىرى قوپۇپ سەكرەيلى، ئارسلاندەك ھۆركىرەيلى، قايغۇ قاچتى سۆيۈنەيلى. نەقىل قىلىنغان بۇ قوشاقلارنىڭ مەزمۇنىدىن ئەر - ئايال بىرلىكتە ناخشا - ساز بىلەن ئۇسسۇلغا چۈشىدىغان، شاد - خۇرام كۆڭۈل ئاچىدىغان بىر خىل مۇراسىم شەكلىنىڭ ئەنە شۇ چاغلاردىلا بىرقەدەر رەسمىي تۈس ئالغانلىقىنى چۈشىنىشمۇمكىن. يۇقىرىقىلار بىزنى ھازىرقى ئۇيغۇر مەشرەپلىرىنىڭ خېلى قەدىمكى زامانلاردىلا بىر خىل ئەنئەنىۋى ئادەتكە ئايلانغانلىقىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مۇزىكا سەنئىتىنىڭبەلگىلىك سەۋىيىگە يەتكەنلىكىنى چۈشىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ئۇيغۇرلارنىڭ مەنىۋى ھاياتىدا خەلق ئويۇنلىرىمۇ بەلگىلىك سالماقنى ئىگىلىگەن بولۇپ، بۇ ھەقتە مەھمۇد قەشقەرى ئېنىق مەلۇمات قالدۇرغان. «تۈركىيتىللار دىۋانى»دىكى مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى تەنتەربىيە پائالىيەتلىرى خەلق ئويۇنى خاراكتېرىنى ئالغان بولۇپ، ئەينى دەۋرلەردە ئۇيغۇرلارنىڭ ئىرادە چېنىقتۇرۇشى ۋە ماھارەت يېتىلدۈرۈشىنىڭ ئاساسى بولغان. ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى خەلق ئويۇنلىرى: ئات چاپتۇرۇپ كېتىۋېتىپ، ئوقيانى ئارقىغا قارىتىپ ئېتىپ نىشانغا تەگكۈزۈش، ئات ئويۇنى، چۆۋگەن توپ ئويۇنى ، ئوغلاق تارتىشىش، سارغايدى ئويۇنى، دارۋازلىق، سېھرىگەرلىك، موللاقچىلىق، ساقا ئويناش، تەپكۈچ ئويناش، لەگلەك ئۇچۇرۇش ۋە شۇنىڭدەك نۇرغۇن بالىلار ئويۇنلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئۆز ھاياتىنى ئىلىم ئىشلىرىغا بېغىشلاپ، جاھان مەدەنىيەت خەزىنىسىگە قوشۇلغان بۇ ئىلمىي ئەسەرنى ۋۇجۇدقاكەلتۈرگەنلىكى بىزنىڭ مەڭگۈ قەدىرلىشىمىزگە ۋە ھۆرمەت قىلىشىمىزغا ئەرزىيدۇ. ئۇ تۈركىي خەلقلەر ياشىغان كەڭ زېمىنلاردا 15 يىلدىن ئارتۇق ئىلمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىش ئارقىلىق، بۇ زور ئىلمىي ئەسەرنى، ئۇلۇغ قامۇسنى ۋۇجۇدقا چىقارغان. «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ تەڭداشسىزقىممىتى ئۇنىڭ سېلىشتۇرما لۇغەت بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنەتۈركىي خەلقلەرنىڭ ماقال - تەمسىللىرى، ئۆرپ - ئادەتلىرى، جۇغراپىيىلىك ئەھۋاللىرى، ئاسترونومىيە، كالېندارچىلىق قاتارلىق نۇرغۇن بىلىملەر بىلەن باغلىنىشلىق بولغان بىر چوڭ قامۇس بولغانلىقىدا، شۇنداقلا تۈركىي خەلقلىرىنىڭ كېلىپ چىقىشى، ئېتنىك مەنبەسى، ئىشلەپچىقىرىش ئۇسۇللىرى، ھۈنەر - سەنئەت مەدەنىيىتى ۋە مەنىۋى ھاياتىدىن بىزگە مەلۇمات بېرىدىغان قىممەتلىكئەسەر بولغانلىقىدا! شۇڭا، بىز ئالدى بىلەن ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد قەشقەرىنىڭ ئىلىمگەئۆزىنى بېغىشلاش روھىنى، ئىلىم ئۆگىنىش جەريانىدا جاپا - مۇشەققەتلەردىنقورقمايدىغان ئىزدىنىش روھىنى، شۇنداقلا ئەجدادلارنىڭمەدەنىيەت مىراسلىرىنى ئەۋلادلارغا ئۇلاپ بېرىشتەك ئالىيجاناب روھىنى، ئىلىم ئۆگىنىشتىكى ئاجايىپ قەيسەرلىكى ۋە شىجائىتىنى ئۆگىنىشىمىز لازىم. شۇنىڭدەك، ئىلىمنىڭ يۈكسەك پەللىسىگە چىقىش ئۈچۈن ھارماي ئىلگىرىلەشتەك روھىنى ئۆزىمىزگە قىبلىنەما قىلىشىمىز، ئىلىم ۋە ئىجادىيەت يولىدا توختىماي ئىلگىرىلىشىمىز، ئۇنىڭ ئىشلىرىغا ئەبەدىلئەبەد ۋارىسلىق قىلىشىمىز لازىم. مەن بۇ شېئىرىم ئارقىلىق ئالىمغا بولغان چوڭقۇر سېغىنىشىم ۋە ھۆرمىتىمنى بىلدۈرىمەن: ئۇلۇغ ئالىم مەھمۇد بوۋامغا يىرتىلدى مىڭ قېتىم كالېندار پۈتۈن، ئۆتكەزدى بىر - بىرلەپ جاھان مىڭ يىلنى. پۇرىدى مەرىپەت خەزىنىسىدىن، ئىپتىخار ئىچىدە مىڭ باھار گۈلنى. بار شۇنداق رىۋايەت لوقمان ھەكىمنى ئۈچ مىڭ يىل ياشىدى، دېگەن ھېكايە. مىڭ يىللاپ ياشىدى شۇنداق بىر ئىنسان، ئەۋلادلار قەلبىدە يورۇق، نۇرانە. ئۇ قايسى ئەۋلىيا، قانداق بىر ئىنسان؟ دەپ سوراپ قالسىڭىز تەئەججۈپ بىلەن. دەيمىز بىز: ئۇ ئالىم مەھمۇد قەشقەرى، پەزىلەت ئىگىسى ئالىي مۆھتەرەم! «مىڭ يىل» دەپ سانىماق ئېغىزدا ئاسان، ئايلىنار مىڭ قېتىم بۇ چەرخى دەۋران. ئۇ شۇنداق ياشىدى ئەلنىڭ قەلبىدە، ئۆلمىگەن، ئۆلمەيدۇ ئۇ ئۇلۇغ ئىنسان. مىڭ يىلغا ئابىدە تىكلەپ ھە بۈگۈن، قىلماقتا بۇ جاھان ئەھلى تەنتەنە. «دىۋانى لۇغەت»نى قولتۇقلاپ بوۋام، ئالىي بىر نەزەردە قارايدۇ ئەنە. ئۆتتى بۇ مىڭ يىللىق ھايات مۇساپە، كىم سىزنى كۆز يۇمدى دەيدۇ تۇپراققا؟ سىز گويا بىر ئېقىن ئۈزۈلمەيدىغان، ئوخشايسىز ئۇخچىغان سىرلىق بۇلاققا.
|