قاراخانىيلار خانىدانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن ئىككى نەپەر«قەشقەرى» تەخەللۇسلۇق ئەدىب خۇا تاۋ ــ قوشۇمچە «شىنجاڭ ئومۇمىي تارىخى»نى يېزىش ۋە مۇسۇلمانلارنىڭ تارىخ ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىش توغرىسىدا مۇلاھىزە 1 قاراخانىيلار خانىدانلىقى غەربىي يۇرت تارىخىدىكى تۇنجى تۈركىي تىللىق مىللەتلەر قۇرغان ئىسلام ھاكىمىيىتى بولۇپ، ئۇنىڭ مەدەنىيەت نەتىجىلىرى كېيىنكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەر ئىسلام مەدەنىيىتىنىڭ تەرەققىياتىغا زور دەرىجىدە تەسىر كۆرسەتكەن. قاراخانىيلار خانىدانلىقى تارىخى جۇڭگو تارىخى، بولۇپمۇ شىنجاڭ تارىخىنىڭ مۇھىم مەزمۇنلىرىدىن بىرى. لېكىن، غەربىي يۇرت تارىخىدىكى بۇ مۇھىم خانىدانلىقنىڭ خاقان جەمەتى ئەينى چاغدىكى ۋەسىقىلەردە ئۆزلىرىنىڭ كونكرېت قايسى مىللەتكە مەنسۇپلۇقىنى قەستەن كۆرسەتمىگەن. ھازىرقى زامان ئالىملىرى قاراخانىيلار خاقان جەمەتىنىڭ مىللەت تەۋەلىكى مەسىلىسىدە كۆپ يىللاردىن بېرى مۇھاكىمە ئېلىپ باردى. ئەمما، بۇ جەمەت ئۆزلىرىنىڭ ئافراسىياپنىڭ ئەۋلادلىرى ئىكەنلىكىنى قايتا- قايتا جاكارلىغان بولسىمۇ، ھالبۇكى بۇ ئافراسىياپ قەدىمكى ئىران رىۋايەتلىرىدىكى پېرسۇناژ ئىدى. قاراخانىيلار خانىدانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن مەھمۇد قەشقەرىنىڭ «تۈركىي تىللار دىۋانى» ناملىق ئەسىرى بىلەن ئالمائىي قەشقەرىنىڭ «تارىخى قەشقەرى» ناملىق ئەسىرىدە، قاراخانىيلار خاقان جەمەتىنىڭ بۇ ئەجدادى ھەققىدىكى رىۋايەت خاتىرىلەنگەن. «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ قوليازمىسىنى بىر كىتابپۇرۇش 1917- يىلدىن بۇرۇن ئىستانبۇلغا ساتقىلى ئېلىپ بارغاندا، تۈركىيىلىك بىر مەشھۇر كىتاب ساقلىغۇچى سېتىۋالغان، ئاندىن ئۇنى تەھرىرلەپ، نەشر قىلدۇرغان بولۇپ، بۇ ئەسەر ئوتتۇرا ئەسىردىكى تۈركىي تىللىق مىللەتلەر جەمئىيىتىنى تەتقىق قىلىشتىكى ئەڭ مۇھىم ۋەسىقىلەرنىڭ بىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.① مەھمۇد قەشقەرى تەرىپىدىن باغدادتا تۈزۈلگەن بۇ لۇغەت ئەرەب تىلى ئارقىلىق تۈركىي تىل ئىزاھلىنىدىغان لۇغەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۇنىڭدا ئوتتۇرا ئەسىردىكى تۈركىي تىللىق قەبىلىلەرنىڭ تىل، مەدەنىيەت، سىياسىي، ئىقتىساد، تارىخ، ئۆرپ- ئادەتلىرىگە ئائىت مەزمۇنلار كۆپ ساندا ساقلىنىپ قالغان بولۇپ، قاراخانىيلار خانىدانلىقى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى تېپىلغۇسىز مۇھىم تارىخ ماتېرىيالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. مۇئەللىپ مەھمۇد قەشقەرى قاراخانىيلار خاقان جەمەتى ئەزالىرىنىڭ ئۇنۋان ئىسىملىرى ھەققىدىكى سۆزلەملەردە، بۇلارنىڭ ئافراسىياپنىڭ ئەۋلادلىرىغىلا خاس ئۇنۋان ئىسىملىرى ئىكەنلىكىنى قايتا- قايتا ئىزاھلىغان. ئافراسىياپ رىۋايىتى تىلغا ئېلىنغان «تارىخى قەشقەرى» ناملىق يەنە بىر ئەسەر گەرچە يوقىلىپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇنىڭ خېلى كۆپ پارچىلىرى 14- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا كىتاب قىلىپ تۈزۈلگەن جامال قارشىنىڭ «سۇرراھ لۇغىتىگە ئىلاۋە» ناملىق ئەسىرىدە ساقلىنىپ قالغان. ئۇنىڭ ساقلىنىپ قالغان مەزمۇنلىرىدىن، بىز قاراخانىيلار خانىدانلىقى دەۋرىدە ئۆتكەن مەشھۇر شەخس سۇتۇق بۇغراخاننىڭ ئافراسىياپنىڭ ئەۋلادى دەپ ئاتالغانلىقىنى كۆرۈمىز. كىتابنىڭ مۇئەللىپى ئالمائىي قاراخانىيلار دەۋرىدە قەشقەردە ياشىغان مەشھۇر شەخس بولۇپ، تەخمىنەن ھىجرىيە 476- يىلى (مىلادىيە 1083 ~ 1084- يىللىرى) قەشقەردە ۋاپات بولغان.② ئۇنىڭ ھايات پائالىيىتى 12- ئەسىردە ئۆتكەن سامانىينىڭ «نەسەبنامە» ناملىق ئەسىرىدە خاتىرىلەنگەن. گەرچە قاراخانىيلار خاقان جەمەتىنىڭ ئەجدادى ھەققىدە تەتقىقات ماقالىلىرى ئېلان قىلىنغان بولسىمۇ③، لېكىن بىر سوئالغا، يەنى ئىككى نەپەر «قەشقەرى»④ تەخەللۇسلۇق ئەدىب ئارىلىقى ئىنتايىن يىراق بولغان ئىككى جايدا ياشىغان تۇرۇقلۇق، نېمە ئۈچۈن كىتاب يازغاندا ھەر ئىككىلىسى ئافراسىياپ ھەققىدىكى رىۋايەتنى تىلغا ئېلىشىدۇ؟ دېگەن سوئالغا باشتىن- ئاخىر مۇۋاپىق جاۋاب بېرىلمەي كەلدى. يېقىندا مەن سامانىينىڭ «نەسەبنامە» ناملىق ئەسىرىنى قايتا ئوقۇپ چىقىپ، «تارىخى قەشقەرى» ناملىق ئەسەرنىڭ مۇئەللىپى ئالمائىي قەشقەرىنىڭمۇ باغداد قاتارلىق جايلارغا بارغانلىقىنى بايقىدىم. شۇنداق قىلىپ، ئافراسىياپ ھەققىدىكى بۇ رىۋايەتنى خاتىرىلەپ قويغان قاراخانىيلارنىڭ ئىككى نەپەر مەدەنىيەت ئەربابىنىڭ ھەر ئىككىلىسى پېرسىيىنىڭ غەربىگە ۋە باغداد قاتارلىق جايلارغا بارغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھەر خىل ماتېرىياللار ئاساسىدا شۇنداق قىياس قىلىشقا بولىدۇكى، ئۇلارنىڭ ئەسەرلىرىنىڭ پۈتكەن ۋاقتىنىڭ ئارىلىقمۇ ئانچە يىراق ئەمەس. شۇڭا، ئاز دېگەندىمۇ نۆۋەتتە ئىگىلىگەن تارىخ ماتېرىياللىرىدىن قارىغاندا، ئافراسىياپ رىۋايىتىنىڭ پەيدا بولۇشى پېرسىيىنىڭ غەربى ۋە باغداد قاتارلىق جايلار بىلەن مۇئەييەن باغلىنىشقا ئىگە بولۇپ، ئۇ يەرلەر ئەينى چاغدا سالجۇقلارنىڭ كونتروللۇقىدا ئىدى، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئىككى نەپەر قەشقەرى تەخەللۇسلۇق ئەدىب ئۆز ئەسەرلىرىنى يېزىشتىن بۇرۇنلا، سالجۇقلار ئوردىسىنىڭ بىر ئەرەب ۋەزىرى پېرسىيىنىڭ قەدىمكى رىۋايەتلىرىدە سۆزلىنىدىغان ئافراسىياپنى سالجۇقلارنىڭ ئەجدادلىرىغا ئاللىقاچان باغلاپ بولغانىدى.⑤ بۇ تەتقىقاتلاردا ئاساس قىلىنغان ئەرەب تىل- يېزىقىدىكى تارىخ ماتېرىياللىرى، ئەسلىدە قولدا كۆچۈرۈلگەن ۋەسىقىلەر بولۇپ، بەزىلىرى كېيىن تەھرىرلىنىپ ئىزاھلىرى بىلەن نەشر قىلىنغان، مەسىلەن: «تۈركىي تىللار دىۋانى» بىلەن «سۇرراھ لۇغىتىگە ئىلاۋە» ناملىق ئەسەرلەر⑥، بەزىلىرى كۆچۈرمە نۇسخىدىن سۈرەتكە ئېلىنىپ نەشر قىلىنغان، مەسىلەن: سامانىينىڭ «نەسەبنامە» دېگەن ئەسىرى⑦. مۇسۇلمانلارنىڭ تارىخ ماتېرىياللىرى بىلەن ۋەسىقىلىرى ئەرەبچە تارىخ ماتېرىياللىرىدىن سىرت، يەنە پارسچە تارىخ ماتېرىياللىرى بىلەن ۋەسىقىلىرىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، موڭغۇل - يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىن كېيىن بولسا، تېخى مۇناسىۋەتلىك تۈركىي تىل- يېزىقلىرىدىكى تارىخ ماتېرىياللىرى(مەسىلەن، چاغاتاي يېزىقىدىكى تارىخ ماتېرىياللىرى)نىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. مۇسۇلمانلار تارىخ ماتېرىياللىرى بىلەن ۋەسىقىلىرى غەربىي يۇرت، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭ تارىخى تەتقىقاتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. 2 غەربىي يۇرت، ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە شىنجاڭ تارىخى ئىچكى ئاسىيا تارىخى تەتقىقاتىنىڭ بىر قىسمىدۇر⑧. ئۇنىڭ ئالاھىدىلىكى شۇكى، بۇ رايوندا تارىختا مىللەتلەرنىڭ كۆچۈشى، ئۇرۇش، ئاسسىمىلياتسىيە بىر قەدەر كۆپ يۈز بەرگەن بولغاچقا، بۇ يەردە ساقلىنىپ قالغان تارىخ ماتېرىياللىرى ئانچە كۆپ ئەمەس، شۇڭا تەتقىقات نەتىجىلىرىنى روياپقا چىقىرىشتا ھەمىشە ئەتراپتىكى بىر قەدەر چوڭ مەدەنىيەت ئىزنالىرىدا ساقلىنىپ قالغان يېزىق ماتېرىياللىرى، مەسىلەن، خەنزۇ ، ئەرەب ، پارس ، يۇنان- لاتىن يېزىقلىرىدىكى تارىخ ماتېرىياللىرىغا تايىنىشقا توغرا كېلىدۇ.⑨ تارىخ ماتېرىياللىرى نۇقتىسىدىن قارىغاندا، ئەرەبلەرنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيانى بويسۇندۇرۇشىدىن چىڭ سۇلالىسىنىڭ شىنجاڭنى بويسۇندۇرۇشىغىچە بولغان ئارىلىقتا، خەنزۇ يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر بىلەن مۇسۇلمانلار ۋەسىقىلىرىدىن ئىبارەت ئىككى چوڭ تارىخ ماتېرىياللىرى سىستېمىسى ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخ تەتقىقاتىدا ئۇزۇنغىچە مۇھىم رول ئوينايدۇ. بۇ ئارىلىقتىكى تارىخ تەتقىقاتىدا، مۇسۇلمانلار ۋەسىقىلىرى (ئەرەب، پارس يېزىقلىرى ۋە كېيىنرەك مەزگىلدىكى چاغاتاي يېزىقى قاتارلىق تۈركىي تىل- يېزىقىدىكى ماتېرىياللار) ئاساسلىق ۋە زۆرۈر بولغان تارىخ ماتېرىياللىرى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. خەنزۇ يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەرمۇ ئىنتايىن مۇھىم، بەزى دەۋرلەر، ئالايلۇق، موڭغۇل- يۈەن سۇلالىسى دەۋرىدىكى خەنزۇچە ۋەسىقىلەر يەنىلا غەربىي يۇرت تارىخى تەتقىقاتىدىكى ئەڭ ئاساسلىق تارىخ ماتېرىيالى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ. ئەلۋەتتە، ئوخشاش بولمىغان تارىخ ماتېرىياللىرىنىڭ غەربىي يۇرتنىڭ ئوخشاش بولمىغان رايونلىرىغا بولغان ئەھمىيىتىمۇ ئوخشىمايدۇ. ئومۇمەن ئېيتقاندا، مۇسۇلمانلار تارىخ ماتېرىياللىرى بىلەن ۋەسىقىلىرىنىڭ غەربىي يۇرتنىڭ غەربىي قىسمىغا بولغان ئەھمىيىتى بىر قەدەر چوڭ بولسا، خەنزۇچە ۋەسىقىلەر غەربىي يۇرتنىڭ شەرقىي قىسمىنىڭ تارىخىغا نىسبەتەن تېپىلغۇسىز ئاساس بولالايدۇ. مۇسۇلمانلار تارىخ ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىش ياۋروپا شەرقشۇناسلىق ساھەسىدە ئۇزۇن تارىخقا ئىگە. 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە، ياۋروپانىڭ شەرقشۇناسلىق ساھەسى بولۇپمۇ ئىسلامشۇناسلىق تەتقىقاتى خېلى زور تەرەققىياتقا ئېرىشكەن بولۇپ، مۇسۇلمانلارنىڭ نۇرغۇن تارىخ ماتېرىياللىرى قايتىدىن بايقالغان ھەمدە تەھرىرلىنىپ نەشر قىلىنغان، يېڭى تارىخ ماتېرىياللىرىغا تايىنىپ يېزىپ چىقىلغان ئەسەرلەرمۇ ئارقا- ئارقىدىن مەيدانغا كەلگەن. 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىغا كەلگەندە، مۇسۇلمانلارنىڭ ئاساسلىق تارىخ ماتېرىياللىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك كىشىلەر تەرىپىدىن ئىشلىتىلگەن ياكى ئىشلىتىلىشكە باشلىغان، دېيىشكە بولىدۇ⑩. ئالايلۇق، 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى ۋە 20- ئەسىرنىڭ باشلىرىدا ياشىغان روسىيىلىك ئالىم بارتولد، روسىيىنىڭ تەرەققىي قىلغان ئىسلامشۇناسلىق تەتقىقاتى ئاساسىدا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئالاقىدار تارىخ ماتېرىياللىرىنى تولۇق تەتقىق قىلىپ، ئۆزىنىڭ ئىچكى ئاسىيا تەتقىقاتىدىكى «موڭغۇللار ئىستېلاسى دەۋرىدىكى تۈركىستان» دېگەن تۇنجى يىرىك ئەسىرىنى تاماملاپ، خەلقئارادا ئىچكى ئاسىيا تەتقىقاتىنىڭ ئىلمىي سەۋىيىسىنى مىسلىسىز يۈكسەكلىككە كۆتۈردى⑪. ئەينى چاغدا، خۇڭ جۈن چىڭ سۇلالىسى ئەلچىسى سۈپىتىدە ياۋروپادا ۋەزىپە ئۆتىگەن (ئۇ گۇاڭشۈينىڭ 13~ 16- يىللىرى، يەنى مىلادىيە 1887 ~ 1890- يىللىرى روسىيە، گېرمانىيە، گوللاندىيىدىن ئىبارەت تۆت دۆلەتتە ئەلچى بولۇپ تۇرغان)، ئۇ بۇ جەرياندا تەرجىمان ئارقىلىق ئەينى چاغدىكى بىر قىسىم موڭغۇل تارىخىغا ئائىت ئەسەرلەر بىلەن تونۇشۇپ، «يۈەن سۇلالىسى تارىخىنىڭ تەرجىمىسىگە تولۇقلىما» دېگەن ئەسەرنى يازغان ھەمدە ئۇنى كېيىن نەشر قىلدۇرغان بولۇپ، جۇڭگو ئالىملىرى مۇشۇ ئەسەر ئارقىلىق نەزەر دائىرىسىنى كېڭەيتكەن. گەرچە خۇڭ جۈن ئاساسەن ۋاسىتىلىق ماتېرىياللاردىن پايدىلىنىپ تەتقىقات ئېلىپ بارغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بەرپا قىلغان «چەت ئەل تارىخ ماتېرىياللىرى بىلەن خەنزۇچە تارىخ ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزئارا تولۇقلاش ۋە دەلىللەش ئۇسۇلى» جۇڭگونىڭ شىمال ۋە غەربىي شىمال مىللەتلىرى تارىخى تەتقىقاتىدىكى يېڭى ئېقىم بولۇپ قالغان،⑫ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ 20- ئەسىردىكى جۇڭگونىڭ شىمال ۋە غەربىي شىمال مىللەتلىرى تارىخى تەتقىقاتى ئۈچۈنمۇ يېڭىچە ئىلىم ئۆلچىمى تۇرغۇزۇپ بەرگەن. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، «جۇڭگونىڭ غەربىي شىمال رايونىدىكى ئاخېئولوگىيە دەۋرى» يېتىپ كەلدى.⑬ 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرى بولۇپمۇ 20- ئەسىرنىڭ دەسلىپىدە، ئەنگلىيە، فرانسىيە، گېرمانىيە، روسىيە، ياپونىيە ئارخېئولوگلىرىنىڭ جۇڭگونىڭ غەربىي شىمالىدىكى تەكشۈرۈش ۋە ئېكسپېدىتسىيە پائالىيەتلىرى زور نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. «شىنجاڭنىڭ خوتەن، كروران، كۇچا، قاراشەھەر، تۇرپان قاتارلىق جايلىرىدىن تېپىلغان سەنئەت بۇيۇملىرى، بۇ رايوننىڭ ئىسلاملىشىشتىن بۇرۇنقى مەدەنىيەت قىياپىتىنى ئېچىپ بەرسە، ھەر قايسى خارابىلىكلەر بولۇپمۇ دۇنخۇاڭنىڭ نوم ساقلاش غارلىرى بىلەن تۇرپاندىكى مىڭئۆيلەر ۋە قەبرىلەردىن قېزىۋېلىنغان ھەر خىل تىللاردىكى ۋەسىقىلەر، غەربىي يۇرتنىڭ تارىخ، تىل، دىن، مىللەت قاتارلىق تەرەپلەردىكى تەتقىقاتىنى يېپيېڭى بىرىنچى قول ماتېرىيال بىلەن تەمىن ئەتتى». «ئەمما بۇ ۋاقىتتا ئاللىقاچان تەشكىلات بولۇپ قۇرۇلۇپ بولغان غەرب ئىلىم ساھەسىدىكىلەر بىردىنلا سانسىزلىغان يېڭى ماتېرىياللارغا ئېرىشىپ، پۈتۈن كۈچى بىلەن دەرھال تەتقىقاتقا كىرىشتى». خەلقئارا ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ يېڭىچە قىياپىتى شۇنىڭدەك ئۇنىڭ تەسىرىدە، ۋاڭ گوۋېي، چېن يەنكې قاتارلىق ئالىملار «جۇڭگو ۋە چەت ئەل تارىخ ماتېرىياللىرى، ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە ۋەسىقىلەر ھەمدە ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللار بىرلەشتۈرۈلگەن تەتقىقات ئۇسۇلىنى قوللىنىپ، كېيىنكى غەربىي يۇرت تەتقىقاتىغا كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى». گەرچە مۇسۇلمانلار ۋەسىقىلىرى بىلەن ئۇيغۇرچە ۋەسىقىلەر ۋە غەربىي يۇرت ئارخېئولوگىيىسىنى ئاساس قىلغان تەتقىقاتلارنىڭ مۇھىم نۇقتىلىرى ئوخشىمىسىمۇ، لېكىن «چەت ئەل تارىخ ماتېرىياللىرى بىلەن خەنزۇچە تارىخ ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىپ ئۆزئارا تولۇقلاش، ئۆزئارا دەلىللەش ئۇسۇلى» بىلەن «جۇڭگو ۋە چەت ئەل تارىخ ماتېرىياللىرى، ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە ۋەسىقىلەر ۋە ئارخېئولوگىيىلىك ماتېرىياللار بىرلەشتۈرۈلگەن تەتقىقات ئۇسۇلى»نىڭ ماھىيىتى شۇكى، غەيرى خەنزۇچە تارىخ ماتېرىياللىرى بىلەن غەيرى ئەنئەنىۋى ۋەسىقىلەرنى كۆپلەپ قېزىپ، ئەنئەنىۋى ئىلىم تەتقىقاتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىدى. جۇڭگونىڭ ئەنئەنىۋى ئىلىم تەتقىقاتى بىلەن ھازىرقى زامان غەربنىڭ ئىلىم تەتقىقاتى بىرلەشتۈرۈلگەن بۇ خىل ئۇسۇل، ئەمەلىيەتتە مىنگو دەۋرلىرىدىلا ئاللىقاچان جۇڭگونىڭ ئىلىم ئۆلچىمى بولۇپ قالغانىدى. 1928- يىلى، بۇ سىنيەن سەي يۈەنپېينىڭ ھاۋالىسى بىلەن مەركىزىي تەتقىقات ئاكادېمىيىسى تارىخ- تىل تەتقىقات ئورنىنى قۇرغان، ئۇ شۇ يىلى 11- ئايدا يازغان تارىخ- تىل تەتقىقات ئورنىنىڭ تۇنجى قارارلىق خىزمەت دوكلاتىدا، بۇ تەتقىقات ئورنىنى قۇرۇشنىڭ ئەھمىيىتى ھەققىدە توختىلىپ مۇنداق دېگەن: مەركىزىي تەتقىقات ئاكادېمىيىسىنى قۇرۇشتىكى مەقسىتىمىز، ئەنئەنىۋى ئىلىملارنى تەشەببۇس قىلىش بولماستىن، بەلكى تەرەققىي قىلغان يېقىنقى زامان ئىلىملىرىنى قوبۇل قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. شۇڭا، تارىخشۇناسلىق بىلەن تىلشۇناسلىقتا، ئەنئەنىگىلا ۋارىسلىق قىلىپ، تەتقىقات ئۇسۇلى بىلەن كۆز قاراشنى يېڭىلىمىساق ھەمدە بۇ ئىلىملارغا تەبىئىي پەنلەر، يەنى ئاسترونومىيە، گېئولوگىيە، فىزىكا، خىمىيە پەنلىرى بىلەن بىر قاتاردا مۇئامىلە قىلمىساق، مەركىزىي تەتقىقات ئاكادېمىيىسىدە تارىخ- تىل تەتقىقات ئورنىنى قۇرۇشنىڭ ھاجىتى بولمىغان بولاتتى. بۇ سىنيەن ئەپەندىنىڭ ئاكادېمىيىدە بۇ تەتقىقات ئورنىنى قۇرۇشى، تارىخشۇناسلىق بىلەن تىلشۇناسلىققا دەل تەبىئىي پەنلەر نۇقتىسىدىن قاراپ، گەرچە بۇ ئىلىملار كونا ساھە بولسىمۇ، لېكىن تەتقىقات ئۇسۇلىنى يېڭىلاشنى تەشەببۇس قىلغانلىقىدا. «بۇ ئىلىملار گەرچە كونا ساھە بولسىمۇ، لېكىن تەتقىقات ئۇسۇلىنى يېڭىلاش كېرەك». مانا بۇ ئەينى چاغدا تارىخ- تىل تەتقىقات ئورنىنى قۇرۇشتىكى ئاساسىي مەقسىتىمىز ئىدى. بۇ سىنيەن بۇ ئىلىم ئىنقىلابىنى يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مۇنداق شەرھلىدى: بىزنىڭ قىلماقچى بولغان ئىشىمىز شۇكى، «ماتېرىياللارنى دەۋرگە ماس ھالدا كۆپەيتىش، تەتقىقات ئۇسۇلىنىڭ دائىرىسىنى دەۋرگە ماس ھالدا كېڭەيتىش، كۆز قاراشنى دەۋرگە ماس ھالدا يېڭىلاشتىن ئىبارەت. ...... بۇ مەقسىتىمىز ئەمەلگە ئاشسا، ماتېرىياللار بىلەن تەتقىقات ئۇسۇلىنىڭ دائىرىسى كېڭەيدى، دېگەن گەپ. يېڭىچە تەتقىقات ئۇسۇلىنى قوللىنىش، ماتېرىياللارنى رەتلەش ئارقىلىق، ساقلانغان مەسىلىلەرنى ھەل قىلغىلى بولىدۇ؛ بۇ مەسىلىلەرنىڭ ھەل قىلىنىشىغا ئەگىشىپ، يېڭى مەسىلىلەر پەيدا بولۇشى مۇمكىن. بۇ، ماتېرىياللار بىلەن تەتقىقات ئۇسۇلى دائىرىسىنىڭ كەڭرى بولۇشىنى تەلەپ قىلىدۇ. ئەگەر بۇ ئىشلار ئەمەلگە ئاشسا، بۇ پەنلەرگە داغدام يول ئېچىلغان بولاتتى»⑭. دەل مۇشۇ پرىنسىپنىڭ يېتەكچىلىكىدە، بۇ سىنيەن ئەينى چاغدا بېكىتكەن تەكلىپ قىلىش تىزىملىكىدىكى خۇ شى، چېن يۈەن، چېن يەنكې، جاۋ يۈەنرېن، يۈي داۋېي، لى جى، ليۇ فۇ، فېڭ يۇلەن، لى زۇڭدۇڭ، شۈي بىڭچاڭ، لو جيالۇن قاتارلىقلار ئىچىدە، چېن يۈەندىن باشقىلىرىنىڭ چەت ئەلدە ئوقۇش تارىخى بار ئىدى. ئەمما ئەينى چاغدا تەكلىپ بىلەن پەن مەسئۇللۇقىنى ئۈستىگە ئالغانلاردىن خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن جاۋ يۈەنرېن بىلەن لى جى، فارىژ ئۇنىۋېرسىتېتىنى پۈتتۈرگەن ليۇ فۇ بىلەن خارۋارد، بېرلىن ئۇنىۋېرسىتېتلىرىدا ئىلىم- تەھسىل قىلغان چېن يەنكېلار بار ئىدى. يېقىنقى 30 يىلدىن بۇيان، غەربىي يۇرت، ئوتتۇرا ئاسىيا، شىنجاڭ تارىخى تەتقىقاتى بىلەن شىمال ۋە غەربىي شىمال مىللەتلىرى تەتقىقاتىدا 20- ئەسىرنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدىكى ئىلىم ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىنىپ، غەيرىي خەنزۇچە تارىخ ماتېرىياللىرىنى يەنى ئۇيغۇر، ئەرەب- پارس، تۈرك، تىبەت، موڭغۇل، تاڭغىت يېزىقلىرىدىكى ۋەسىقىلەرنى قېزىشقا ئەھمىيەت بېرىلدى، مۇناسىۋەتلىك ئالىي مەكتەپلەر ياش ئالىملارنى تەربىيىلەشكە ئەھمىيەت بېرىلىپلا قالماستىن، مۇھىمى بىر تۈركۈم ئانا تىللىق ئالىملار ھەر قايسى جايلاردا ئۆسۈپ يېتىلدى. ئەگەر 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرقى مەزگىلىدە ياشىغان خۇڭ جۈننى باشلىنىش نۇقتىسى قىلساق، ئۇ ھالدا يېقىنقى 30 يىلغا يېقىن ۋاقىتتىن بۇيانقى تەرەققىياتنى كىچىككىنە بىر دولقۇندىنىلا ئىبارەت، دېيىشكە بولىدۇ. ئۆزۈم بىر قەدەر تونۇش بولغان مۇسۇلمانلار تارىخ ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىمنى ئېلىپ ئېيتسام، گەرچە جۇڭگو ئالىملىرىنىڭ ئەرەبچە- پارسچە ۋەسىقىلەردىن پايدىلىنىپ ئېلىپ بارغان تەتقىقاتىنىڭ بىر پۈتۈن سەۋىيىسى بىلەن خەلقئارا سەۋىيە ئوتتۇرىسىدا خېلى جىق پەرق بولسىمۇ، لېكىن خەنزۇ يېزىقىدىكى ۋەسىقىلەر بىلەن مۇسۇلمانلار ۋەسىقىلىرىنى بىرلەشتۈرۈش جەھەتتە، ئۆزۈمىزنىڭ ئۈستۈنلۈكى ئاللىقاچان گەۋدىلىنىپ بولدى، تەتقىقات نەتىجىلىرىمىزمۇ ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. شۇڭا، «شىنجاڭ ئومۇمىي تارىخى» ناملىق ئەسەردىمۇ جۇڭگو ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ نەتىجىلىرى ئىپادىلىنىشى كېرەك. 3 گەرچە 19- ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدا، مۇسۇلمانلارنىڭ ئاساسلىق تارىخ ماتېرىياللىرىنىڭ ھەممىسى دېگۈدەك ياۋروپا شەرقشۇناسلىرى تەرىپىدىن ئاللىقاچان ئىشلىتىلگەن ياكى ئىشلىتىلىشكە باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان خەلقئارادىكى ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى ساھەسىدىكىلەرنىڭ مۇسۇلمانلار تارىخ ماتېرىياللىرىغا ئېتىبار بېرىشى ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىشىدا يەنە يېڭىچە تەرەققىياتلار بارلىققا كەلدى. ئاۋۋال، ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر قىسىم مۇسۇلمانلار تارىخ ماتېرىياللىرى قايتىدىن رەتلىنىپ ۋە تەرجىمە قىلىنىپ، ئەسلى ماتېرىيالدىن بىۋاسىتە پايدىلىنالمايدىغان ئالىملارنىڭ ئىشلىتىشىگە قولايلىق يارىتىلدى. مەسىلەن، كۆپ پەنگە چېتىلىدىغان تەبەرىنىڭ «ئەنبىيا ۋە شاھىنشاھلار تارىخى» ناملىق مەشھۇر ئەسىرى خەلقئارا ھەمكارلىق نەتىجىسىدە ئىنگلىز تىلىغا تەرجىمە قىلىنىپ، 1988- يىلى ئەسەرنىڭ 1- تومى نەشر قىلىنغاندىن تارتىپ، 1998- يىلغا كەلگىچە پۈتۈن كىتابنىڭ تەرجىمىسى پۈتۈپ ئىزاھلىرى بىلەن نەشر قىلىنىپ بولدى (39- توم قوشۇمچە قىلىنغان شەخسلەرنىڭ تەرجىمىھالىدىن ئىبارەت⑮)، 2007- يىلى پۈتۈن كىتابنىڭ ئىندېكسى نەشر قىلىندى. خەلقئارا ھەمكارلىققا قاتناشقانلار ئىچىدە، دۇنيادىكى ئەڭ مەشھۇر ئىسلام تەتقىقاتچىلىرىمۇ بار. 1- تومى نەشر قىلىنغان چاغدىكى تەھرىر ھەيئەتلەر ئىھسان ئابباس (ئىئوردانىيە ئۇنىۋېرسىتېتى، ئومان)، س. ئې. بوشۋورت (مانچېستېر ئۇنىۋېرسىتېتى)، ياكوب لاسنېر (ۋاينې شتاتلىق ئۇنىۋېرسىتېتى، دېترويت)، فرانز روسېنزال (يالى ئۇنىۋېرسىتېتى)، ئېھسان يار - شاتېر (باش مۇھەررىر، كولومبىيە ئۇنىۋېرسىتېتى) قاتارلىق بىر نەچچە پروفېسسوردىن تەشكىل تاپقان، 39- توم نەشر قىلىنغان چاغدا تەھرىر ھەيئەتلەردە قىسمەن ئۆزگىرىش بولغان (پېنسلۋانىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىن ئېۋېرېت روۋسون لاسنېرنىڭ ئورنىغا تەھرىر ھەيئىتى بولغان). ھەر قايسى توملارنى تەرجىمە قىلغان ۋە ئىزاھلىغانلارمۇ مەشھۇر ئالىملاردۇر. بۇ بىر يۈرۈش كىتابلار بىر قەدەر بۇرۇنقى دەۋرلەردىكى ئىسلام دۇنياسى تارىخىنى تەتقىق قىلىشتىكى مۇھىم ماتېرىيال، ھەم بۇنىڭدىن كېيىنكى باشقا تەرجىمىلەرنىڭ ئىلمىي ئۆلچىمى بولۇپ قالدى. يەنە ئالايلۇق، مەرھۇم خارۋارد ئۇنىۋېرسىتېتى پروفېسسورى شىناسى تېكىن بىر يۈرۈش شەرق تىللىرى ۋە ۋەسىقىلىرى مەجمۇئەسىنى تۈزۈپ نەشر قىلدۇردى (Sources of Oriental Languagesand Literatures,published at Harward University)، نۆۋەتتە دائىم ئىشلىتىلىۋاتقان ئىنگلىزچە «تۈركىي تىللار دىۋانى» (بۇ مەجمۇئەنىڭ 7- تۈرى)دىن باشقا، يەنە ئىنگلىز تىلىدا راشىددىننىڭ «جامىئۇت تاۋارىخ» ناملىق ئەسىرى بىلەن مىرزا ھەيدەرنىڭ «تارىخى رەشىدى»، «بابۇرنامە» قاتارلىق ئەسەرلىرى بار. بۇ يېڭى ئىنگلىزچە تەرجىمە نۇسخىلار ۋە ئۇلاردا ئاساس قىلىنغان نەشر نۇسخىلىرى (ھەمىشە بىر قەدەر ياخشى نەشر نۇسخىلىرى ئاساس قىلىنىدۇ) ھەمدە ئۇلارنىڭ ئىزاھلىرى، غەربىي يۇرت تارىخى ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى تەتقىقاتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولسىمۇ، ئەپسۇس مەملىكەت ئىچىدە ھازىرغىچە ئۇلارنىڭ ئىشلىتىلگەنلىكىنى كۆرمىدىم. ئەمما بىر قىسىم ئالىملارنىڭ ئۆزى قىلغان تەرجىمە ئەسەرلىرىگىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. مەسىلەن، مەشھۇر ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخشۇناسى بوسۋوس گەردىزىنىڭ ئەسىرىنى تەرجىمە قىلىۋاتقان بولۇپ، پات ئارىدا بۇ ئەسەرنىڭ ئارگېنالى تەييار بولۇشى مۇمكىن. ئىككىنچىسى، مۇسۇلمانلار تارىخ ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىش ھەر خىل مۇسۇلمانلار تىل- يېزىقىدىكى قول يازمىلارنى رەتلەش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش چوڭقۇرلىشىشقا باشلىدى. كىتاب ئارگېناللىرىنى كۆچۈرۈش مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا بىلىم تارقىتىشتىكى مۇھىم ئەنئەنە بولۇپ، مۇسۇلمانلار دۇنياسىدا ساقلىنىۋاتقان كۆپلىگەن كۆچۈرمە نۇسخىلار تارىخ، دىن، تىل ۋەھاكازالارغا چېتىلىدۇ. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، مۇسۇلمانلار قول يازمىلىرىدىن پايدىلىنىپ ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتى بىلەن شۇغۇللىنىش مۇھىم يۈزلىنىش بولۇپ قالدى ھەمدە پەۋقۇلئاددە نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلدى. ئالايلۇق، قازاقىستان شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى پروفېسسور ئاشىربېك مۆمىنوف ئۆزىنىڭ 2006- يىلى ئېلان قىلغان «بۇخارادىكى ‹قۇرئان›نىڭ پارسچە تەرجىمىسى توغرىسىدىكى بەس- مۇنازىرە»⑯ ناملىق ماقالىسىدە، 10-، 11- ئەسىرلەردىكى بىر نەچچە قول يازمىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان مۇسۇلمانلارنىڭ ھەر خىل تارىخ ماتېرىياللىرىدىن پايدىلانغان بولۇپ، سامانىيلار خانىدانلىقىنىڭ ئاخىرقى مەزگىلى بىلەن قاراخانىيلار خانىدانلىقى دەۋرىدە، بۇخارادىكى دىنىي ساھەدىكىلەرنىڭ «قۇرئان»نىڭ پارسچە تەرجىمىسىنى ئىشلىتىش- ئىشلەتمەسلىك ۋە «قۇرئان»نى تەپسىرلەش- تەپسىرلىمەسلىك ھەققىدىكى بەس- مۇنازىرىسىنى تەتقىق قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئىشلەتكەن قوليازمىلار تاشكەنت ئۆزبېكىستان بىرۇنىي شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىدا ساقلىنىۋاتقان مۇسۇلمانلارنڭ نەچچە مىڭ قول يازمىسى ئىچىدىكى ئازغىنە بىر قىسمىدىنلا ئىبارەت، خالاس. قازاقىستان شەرقشۇناسلىق تەتقىقات ئورنىدىكى ئالىملار يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، غەربىي يۇرت ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخىغا مۇناسىۋەتلىك بىر يۈرۈش مۇسۇلمانلار تارىخ ماتېرىياللىرى ۋەسىقىلىرىنى نەشر قىلدردى. مەجمۇئەنىڭ 1- يومى 14- ئەسىرنىڭ بېشىدا كىتاب قىلىپ تۈزۈلگەن جامال قارشىنىڭ «سۇرراھ لۇغىتىگە ئىلاۋە» ناملىق ئەسىرىدۇر.⑰ خېلى بۇرۇنلا بارتولد بۇ كىتابنى قىسقارتىپ ئۆزىنىڭ «موڭغۇللار ئىستېلاسى دەۋرىدىكى تۈركىستان . تارىخ ماتېرىياللار» دېگەن كىتابىغا كىرگۈزگەن بولۇپ، ئۇنىڭ پايدىلانغىنى ئىنتايىن ناچار بىر كۆچۈرمە نۇسخا ئىدى (مەن كۆپ يىللار بۇرۇن بارتولد قىسقارتىپ تۈزگەن «تولۇقلىما»نى تونۇشتۇرغان ھەمدە تەرجىمە قىلىپ قىسقىچە ئىزاھلىغانىدىم). ھازىر قازاقىستان ئالىملىرى بىر ياخشى كۆچۈرمە نۇسخىنى تېپىپ، ئۇنى تەرجىمە قىلىپ فاكسىمىلى بىلەن بىللە نەشر قىلدۇرۇپ بولدى. ئۇلار سابىق سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا تەتقىقاتىدىكى مۇسۇلمانلار تارىخ ماتېرىياللىرىغا ئەھمىيەت بېرىشتەك ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلىپلا قالماي، بەلكى نۆۋەتتىكى خەلقئارا ھەمكارلىققا كەڭ تۈردە ئىشتىراك قىلىپ، مۇسۇلمانلارنىڭ قول يازمىلىرىنى يىغىپ رەتلىدى ۋە ئۇلارنىڭ كاتالوگىنى ئىشلىدى. بىز «شىنجاڭ ئومۇمىي تارىخى»نى تۈزۈش جەريانىدىمۇ بۇ تەرەپلەردە خەلقئارادىكى كەسىپداشلارغا يېتىشىۋېلىشىمىز لازىم. ئەلۋەتتە، مۇسۇلمانلارنىڭ يېڭىدىن بايقالغان، يېڭىدىن يىغىۋېلىنغان قول يازمىلىرىدىن پايدىلىنىش زۆرۈر بولۇپلا قالماي، باشقىلار تەرىپىدىن ئىشلىتىلىپ بولغان قول يازمىلارغىمۇ سەل قاراشقا بولمايدۇ. يېقىندا پارىژ فرانسىيە ئىنستىتۇتىدا ئېچىلغان ئوتتۇرا ئاسىيا ئىسلام تارىخى تەتقىقاتى توغرىسىدىكى خەلقئارا يىغىندا، ياۋروپالىق ئىككى ئالىم ئىلمىي ماقالىلىرىدە، باشتا تىلغا ئېلىپ ئۆتكەن سامانىينىڭ «نەسەبنامە» ناملىق ئەسىرىدىن پايدىلىنىپ، بىر قىسىم مۇقىملىشىپ بولغان تارىخ ئۈستىدە مۇھاكىمە يۈرگۈزگەندەك قىلسىمۇ، ئەمما يېڭىچە خۇلاسىنى ئوتتۇرىغا قويدى. ئالايلۇق، گېرمانىيە مارتىن لۇتكېر ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ پروفېسسورى پاۋېلنىڭ ئىلمىي ماقالىسىدە، موڭغۇللار ئىستېلاسىدىن بۇرۇنقى سوپى دىن تارقاتقۇچىلىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق قەبىلىلەرنىڭ ئىسلامغا بەيئەت قىلىشى جەريانىدىكى رولى مۇھاكىمە قىلىنغان. ئۇ «نەسەبنامە»نىڭ قول يازمىسىنى ئىنچىكە تەتقىق قىلغان، ھەم بىر نەچچە نۇسخىنى ئۆزئارا سېلىشتۇرغان بولۇپ، بارتولدنىڭ ئىلگىرىكى يەكۈنىگە گۇمان بىلەن قارىغان، يەنى ئۇ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى تۈركىي تىللىق قەبىلىلەرنىڭ ئىسلامغا بەيئەت قىلىشى، مەلۇم سوپى دىن تارقاتقۇچىلىرىنىڭ پائالىيىتى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، دەپ قارىغان. ئەلۋەتتە، خەلقئارادا مۇسۇلمانلار ۋەسىقىلىرىگە ئەھمىيەت بېرىش يەنە باسقا تەرەپلەر، مەسىلەن: مۇسۇلمانلارنىڭ پۇللىرىدىكى خەتلەرنى يېشىپ ئوقۇش ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىش ۋەھاكازالارنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. دېمەك، بىز بۈگۈن شىنجاڭ تارىخ تەتقىقاتىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجە «شىنجاڭ ئومۇمىي تارىخى»نى تاماملىغان ۋاقتىمىزدا، ھەر قايسى ئەل ئالىملىرىنىڭ مۇسۇلمانلار تارىخ ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىشتىكى نەتىجىلىرىدىن تولۇق ئۈلگە ئېلىشىمىز، ئۇلارنى قوبۇل قىلىشىمىز ۋە ئۇلاردىن پايدىلىنىشىمىز لازىم. ئىزاھلار: ① Editor’s Introduction in Divan Lughat al — Turk: Compendiom of the Turkic Dialecs, By Kashghari, tr, by R. Dankoff (with J. Kelly), Harvard Press 1982 — 1985. مەھمۇد قەشقەرى: «تۈركىي تىللار دىۋانى»(مىللەتلەر نەشرىياتى، 2002- يىل خەنزۇچە نەشرى)نىڭ «كىرىش سۆز» قىسمىغا قاراڭ. ② خۇا تاۋ: «غەربىي يۇرت تارىخى توغرىسىدا تەتقىقات (8 ـــ 10- ئەسىرلەر)»، شاڭخەي قەدىمكى كىتابلار نەشرىياتى، 2000- يىل، 174- بەت. ③ خۇا تاۋ: «قاراخانىيلار خاقان جەمەتىنىڭ ئەجدادلىرى ھەققىدىكى رىۋايەت توغرىسىدا تارىخىي شەرھ»، «غەربىي يۇرت تەتقىقاتى» ژۇرنىلى 2005- يىللىق 5- سان. ④ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، گەرچە مەھمۇد قەشقەرى قەشقەردە ئەمەس، بەلكى بارىسخاندا تۇغۇلغان بولسىمۇ، لېكىن ئۇ ئۆزىنى «قەشقەرى» دەپ ئېنىق ئاتاش ئارقىلىق، ئۆزىنىڭ قەشقەر بىلەن بولغان ئىنتايىن قويۇق مۇناسىۋىتىنى، ھەم ئۆزىنىڭ قەشقەرلىك ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرگەن. ⑤ مەزكۇر كىتاب قول يازما شەكلىدە «گىبب مەجمۇئەسى»نىڭ 20- تومى قىلىپ نەشىر قىلىنغان. (The Kitab al — Ansab of Abdal al — Karim ibn Muhammad al — Sam’ani, reproduced in from the manuscript in the British Museum add. 23, 355 with an introduction by D. S. Margoliouth, D. Litt, Laudian Professor of Arabic in the University of Oxford. “E. J. W. Gibb emorial” Series, vol. Xx, E. J. Brill and London,Luzac & Co. ,1912) ⑥ Hua tao, The Muslim Qarakhanids and Their Invented Ethnis Identity. in Proceeding of International Conference “Islamisation de I’ Asie centrale: Pratiques sociales et acculturation”, College de france, November 2007. ⑦ «تۈركىي تىللار دىۋانى»نىڭ ھەر خىل باسمىلىرى ۋە تەرجىمە نۇسخىلىرى ھەققىدىكى ئەھۋاللارنى دانكوفنىڭ ماقالىسىدىن كۆرۈۋېلىڭ. ئۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگودا ئۇيغۇرچە ۋە خەنزۇچە ئىككى خىل تەرجىمە نۇسخىسى نەشر قىلىندى. «سۇرراھ لۇغىتىگە ئىلاۋە» ناملىق ئەسەر بارتولد تەرىپىدىن قىسقارتىلىپ، ئۇنىڭ «موڭغۇللار ئىستېلاسى دەۋرىدىكى تۈركىستان» ناملىق ئەڭ مەشھۇر ئەسىرىنىڭ رۇسچە 1- نەشرى (1900- يىل) نىڭ 1- تومى بولغان «تارىخ ماتېرىياللار» دېگەن قىسمىغا كىرگۈزۈلگەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، قازاقىستان ئالىملىرى بۇ ئەسەرنىڭ يېڭى نۇسخىسىنى نەشر قىلدۇردى. ⑧ مەزكۇر كىتاب قول يازما شەكلىدە «گىبب مەجمۇئەسى»نىڭ 20- تومى قىلىنىپ نەشر قىلىنغان. The Kitab al — ansab of Abdal al — Karim ibn Muhammad al — Sam’ani, reproduced in facsimile from the manuscript in the ⑨ غەربىي يۇرت، ئوتتۇرا ئاسىيا، ئىچكى ئاسىيا، شىنجاڭ دېگەن ئۇقۇملارنىڭ مۇناسىۋىتى ھەققىدىكى مەلۇماتنى خۇا تاۋنىڭ «كېچىكىپ قوشۇلغان تۆھپە ـــــ ‹موڭغۇللار ئىستېلاسى دەۋرىدىكى تۈركىستان›ناملىق ئەسەرنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسىنى تۇنجى ئوقۇغاندىن كېيىنكى تەسىراتىم» ناملىق ماقالىسىدىن كۆرۈۋېلىڭ، «جۇڭخۇا مەدەنىيەت - تارىخ مەجمۇئەسى»(شاڭخەي قەدىمكى كىتابلار نەشرىياتى) 2007- يىللىق 3- سان. ⑩ رۇڭ شىنجياڭ: «غەربىي يۇرت تارىخى تەتقىقاتى توغرىسىدا ئەسلىمە ۋە ئۇنىڭ ئىستىقبالىغا نەزەر»، «تارىخ تەتقىقاتى» ژۇرنىلى 1998- يىللىق 2- سان. -19⑪ئەسىرنىڭ ئاخىرلىرىدىكى غەرب ئىلىم ساھەسىدىكىلەرنىڭ ئەرەب، پارس تارىخ ماتېرىياللىرىدىن پايدىلىنىشى ھەققىدىكى مەلۇماتنى بارتولدنىڭ ئەسىرىدىن كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇ؛ «موڭغۇللار ئىستېلاسى دەۋرىدىكى تۈركىستان»، خەنزۇچە تەرجىمىسى، شاڭخەي قەدىمكى كىتابلار نەشرىياتى، 2007- يىل نەشرى. ⑫ خۇا تاۋ: «كېچىكىپ قوشۇلغان تۆھپە ــــ ‹موڭغۇللار ئىستېلاسى دەۋرىدىكى تۈركىستان›ناملىق ئەسەرنىڭ خەنزۇچە تەرجىمىسىنى تۇنجى ئوقۇغاندىن كېيىنكى تەسىراتىم». ⑬ چېن دېجى مەسئۇل مۇھەررىرلىكىدە تۈزۈلگەن: «جۇڭگو ئومۇمىي تارىخى»نىڭ 8- تومى «ئوتتۇرا قەدىمكى دەۋر. يۈەن سۇلالىسى دەۋرى» (1- قىسىم) (بەي شۇيى باش مۇھەررىرلىكىدە تۈزۈلگەن، شاڭخەي خەلق نەشرىياتى، 1997- يىل نەشرى)، «كىرىش سۆز»، بولۇپمۇ 105- بەت. ⑭ بۇ ئابزاستا رۇڭ شىنجياڭنىڭ «غەربىي يۇرت تارىخى تەتقىقاتى توغرىسىدا ئەسلىمە ۋە ئۇنىڭ ئىستىقبالىغا نەزەر» ناملىق ماقالىسىدىن پايدىلاندىم ۋە نەقىل ئالدىم، «تارىخ تەتقىقاتى» ژۇرنىلى 1998- يىللىق 2- سان. 15. بۇ ئابزاستىكى بۇ سىنيەن ھەققىدىكى مەزمۇنلار دۇ جېڭشېڭنىڭ «يېڭىلمەس ئىرادە ــــ بۇ سىنيەننىڭ تارىخشۇناسلىق ئىنقىلابى ۋە ئۇنىڭ تارىخ- تىل تەتقىقات ئورنىنى قۇرۇشى» ناملىق ماقالىسىدە كۆرۈلىدۇ، دۇ جېڭشېڭ، فەن سېن مەسئۇل مۇھەررىرلىكىدە تۈزۈلگەن «يېڭىچە ئىلىم يولى ــــ مەركىزىي تەتقىقات ئاكادېمىيىسى تارىخ - تىل تەتقىقات ئورنى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىق خاتىرە ماقالىلەر توپلىمى»، تەيۋەن، مەركىزىي تەتقىقات ئاكادېمىيىسى تارىخ - تىل تەتقىقات ئورنى، 1998- يىل نەشرى. ⑯ The History of al ــ Tabari (Ta’rikh al ـــ rusul wa’l ــ muluk). Volume I, translated and annotated by Franz Rosenthal. SUNY Press, ⑰ Ashirbek Muminov,Disputes in Bukhara on the Persian Tranlation of the Qur’an. In Melanges de l’ Universite Saint ـــ Joseph,59, 2006. ⑱ Джамал ал ــ Карши, ал ــ Мулхакат би ــ с ــ сурах. Алматы, “Дайк ــ Прес”,2005. «غەربىي يۇرت تەتقىقاتى» ژۇرنىلىنىڭ 2008- يىللىق 1- سانىدىن ئېلىندى تەرجىمە قىلغۇچى: مۇھەممەدجان مۆمىن مەنبە: شىنجاڭ ئىجتىمائىي پەنلەر تەتقىقاتى 2008-يىل 2-سان
|