پەنلەر ئوقۇتۇشى مائارىپ ۋە رىئاللىق قانۇن تۇزۇمپايدىلىنىش ماتىرياللىرى پىلان ۋە خۇلاسە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچى
باش بەت

سىرلىق ئىشلار

يوللانغان ۋاقتى: 2011-06-14 12:42 مەنبەسى: 未知 ئاپتورى: بەشتاش كۆرۈلۈشى: قېتىم
سىرلىق ئىشلار مىسىردىكى ئېھرام ئۇزاق زامانلاردىن بېرى دۇنيادا داڭ چىقىرىپ كەلگەن بولسىمۇ ،لىكىن كىشىلەر ئۇنى راستلا قەدىمقى مىسىر

سىرلىق ئىشلار

 

مىسىردىكى ئېھرام ئۇزاق زامانلاردىن بېرى دۇنيادا داڭ چىقىرىپ كەلگەن بولسىمۇ ،لىكىن كىشىلەر ئۇنى راستلا قەدىمقى مىسىرلىقلار ياسىغانمىدۇ دىگەن گۇمانى قاراشتا بولماقتا . ئەرەپ يېرىم ئارىلى ،شىمالى ئامېرىكا ،جەنوبى ئامېرىكىدا ھەتتا «بېرمۇدا» دىمۇ ئېھرام بارلىقى سېزىلگەن .تېخىمۇ ھەيران قىلارلىقى شۇكى ،ئامېركىدىكى بەزى مارىس مۇتەخەسىسىلىرى گېزىتىدە ئېلان قىلغان بىر گۇرۇپپا سۆرەتلىرىمۇ قاتار-قاتار كەتكەن ئېگىز ئېھراملار بولغان .بۇنىڭدىن مۇنداق ھۆكۈم چىقىرىشقا بولامدۇ-قانداق: ئېھرام يەككە -يىگانە ئەمەس ،يىشىلمىگەن نۇرغۇن سىرلارغا ئوخشاش ،ئۇنىمۇ ئوخشاش بىر ئەقلى جانلىق ياسىغان ،بۇ جانلىق بۇرۇنقى زاماندا دۇنيانىڭ ھەممە يېرىگە تارالغان، دۇنيادا ھۆكۈم سۈرگەن ،يۈكسەك مەدەنىيەت ۋە تەرەققى تاپقان پەن-تېخنىكىنىمۇ ياراتقان ،ئۇلارنىڭ بىناكارلىق جەھەتتىلا ئەمەس بەلكى ئېروناۋىستىك تېخنىكىسى ،دىڭىز قاتنىشى ،ئاستورونومىيە ماتىماتىكا قاتارلىق جەھەتلەردىمۇ سەۋىيەسى بىزنىڭ ھازىرقى مەدەنىيىتىمىزدىن ئانچە پەرىقلىنىپ كەتمىگەن.

شۇنداق دىيىشكە بولىدىكى ،ئېنسانلارنىڭ ئۆزى ياشاۋاتقان يەر شارىغا ۋە مۇھىتقا بولغان تۇنۇشى تېخى ئەمدىلا باشلاندى . بىز ياشاۋاتقان يەر شارى 4 مىليارت 600يۈز مىليون يىللىق تارىخققا ئېگە ، بۇنىڭدىن 600يۈز مىليون يىل بۇرۇنلا ھاياتلىق پەيدا بولغان .ئەجىبا بۇنىڭدىن پەقەت 2-3مىليون يىل ئېلگىرى ئېنسانلارنىڭ پەيدا بولۇش شارائېتى يارالغانمۇ ؟ ئۇنىڭدىن بۇرۇن ئەقلى ھايۋانلارنىڭ پەيدا بولۇشى مومكىن ئەمەسمۇ؟ ھازىرغا قەدەر «ئالەم كېمىلىرى»نىڭ يەر شارىغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىگە دائېر ھەقىقى ئېسپات تىپىلغىنى يوق ،دىمەك ،دۇنيادا ئۈچۈنچى بىر ئەقلى جانلىق ياشىغان بولۇشى ئېھتىمالغا تولىمۇ يىقىن ، بۇ شۇندا ق دىگەنلىككى ،يەر شارىدا ئاز دىگەندىمۇ بىر قىتىم ئېنسانلار مەدىنيىتى بارلىققا كىلىپ ئۆتكەن ! ئۇلارنىڭ مەدىنيەت سەۋىيەسى ھازىرقى ئېنسانلارنىڭ مەدىنيەت سەۋىيەسىدىن تۈۋەن بولۇشى ناتايىن ،بىراق قاتتىق گېئولوگىيەلىك ھەرىكەت ،كۈتۈلمىگەن ھاۋا رايى ئۆزگۈرىشى ياكى ئۇلار ئۇتتۇرسىدىكى ئۇرۇش قاتارلىق كۈتۈلمىگەن تەبىئى ۋە سۈنئى ئاپەتلەر تۈپەيلىدىن ،ئەينى زاماندىكى ئېنسانلار پۈتۈنلەي ھالاك بولغان ،دەرۋەقە مەدىنىيەتمۇ شۇنىڭ بىلەن تەڭ يۇقالغان ،كىيىنكىلەرگە بولسا تەبىئەت كۈچى تەلتۈكۈس ۋەيران قىلىۋېتەلمەيدىغان ئاز مىقداردا مەدىنىيەت قالدۇقلىرى قېپ قالغان ،مانا بۇلار بىز يىشەلمەيۋاتقان بىر مۇنچە سىرلارغا ئايلىنىپ قالغان.

ئەمدى نەزىرىمىزنى تۈۋەندىكى پاكىتلارغا ئاغدۇرايلى :

مارىستىكى ئېنىق پەرىق ئەتكىلى بولدىغان ،تاشتىن ياسالغان ئادەم بېشى ؛

جەنوبى ئامېرىكا قىتئەسىدىكى يەر يۈزىدىن 250مىتىر چوڭقۇر بولغان ،ئۇزۇنلىقى نەچچە مىڭ چاقىرىم كىلىدىغان تونىل سېستىمىسى ،ئۇنىڭ ئېچىدىكى بىر چوڭ زالغا تىىپ قۇيۇلغان تاش ،پۇلات ،سولياۋمۇ ئەمەس ،ھەتتا ياغاچمۇ ئەمەس ئېش قىلىپ نىمىدىن ياسالغانلىقىنى بىلگىلى بولمايدىغان «ئۆي جاھازلىرى »؛

بۇنىڭدىن باشقا يەنە نۇرغۇنلىغان مېتال پلاستىنكا ئۈستىگە خوددى ماشىنا بىلەن مەلۇم قائېدە بويىچە بەت شەكلىگە كەلتۈرۈپ بېسىپ چىقىرىلغاندەك كۆرۈندىغان خەت ۋە بەلگىلەر ، مانا بۇلارنى بىلىدىغان ،ئۇقۇيالايدىغان ئادەم چىققىنى يوق ؛

فىرانسىيەلىك ماتېماتىكىچى ،خەرىتىچى ئالانېس .ف بۇنىڭدىن 400نەچچە يىل بۇرۇن سىزغان دائېرە سىزىقلىرى بىزنىڭ ھازىرىقى مەلوماتىمىزدىن ئانچە پەرىقلىنىپ كەتمەيدىغان جەنوبى قۇتۇپ خەرىتىسى ؛

نيۇ-يورىكتىكى دۆلەت موزىيىدا ساقلىنۋاتقان خىروستال ئېسكىلىت،ئۇنىڭ ھەجىمىنىڭ چوڭ -كىچىكلىگى ئادەمنىڭ باش سۆڭىكىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى بىلەن ئوخشاش بولۇپ ،جۇلالىنىپ نۇر چىچىپ تۇرىدۇ.بۇ ئېسكىلىتنىڭ كۆزى ،بۇرنى ۋە ئاستى-ئۈستى ئېككى قۇر چىشى كارامەت ئۇستىلىق بىلەن نەپىس نەقىشلەنگەن ،كىشىنى قايىل قىلىدىغىنى شۇكى ،ئۇنىڭ ئېڭىكىنى ئاستىن-ئۈستۈن ھەركەتلەندۈرگىلى بولىدۇ؛

جەنوبى ئافرىقىدىكى بىر ئالتۇن كاندىن خوددى ئادەملەر ياسىغاندەك مېتال شارىكتىن نەچچە يۈزى قېزىۋېلىنغان ،بۇ شارېكلارنىڭ ئۈستى ۋە ئاستى ياپىلاق بولۇپ ئۇتتۇرسىدا مۇككەممەل ئۈچ ئېرىقچە بار. كىشىنى ھەيران قالدۇردىغىنى شۇكى ،بۇ مىتال شارىكلارنىڭ بىرى ئۆز ئۇقىدا ئۆزلىكىدىن چۆگىلەلەيدۇ. پەرەز قىلىنىشىچە بۇ مىتال شارىكلارنىڭ بۇنىڭدىن 2 مىليارت يىل ئېلگىرىكى نەرسە بولۇشى ئېھتىمالغا ناھايىتى يىقىن.بۇندىن 2 مىليارت يىل بۇرۇنقى ئېنسانلاردا قانداقمۇ بۇنداق تېخنىكا بولسۇن؟.....

بۇ مۆجىزىلەر قانداق قىپقالغان ؟ ھازىر ھاياتلىق بولمىغان ئاي شارى قاتارلىق ئاسمان جىسىملىرىدا بۇرۇن جانلىقلار مەۋجۇت بولۇپ ئۆتكەنمۇ -يوق؟ يۇقۇرقىلار ئەنە شۇلار قالدۇرۇپ كەتكەن مەدىنىيەتنىڭ ئېزلىرىمۇ -ئەمەسمۇ؟دىگەن پەرەزنى دادىللىق بىلەن ئۇتتۇرغا قۇيۇپ بىقىشقا بولامدۇ-يوق؟

ئۇزاق تارىخى جەرىياندا ،ئەگەر پۈتكۈل ئېنسانىيەتنىڭ ھاياتىغا تەھدىت سالىدىغان بالايى-ئاپەت راستىنلا يۈز بېرىپ ئۆتكەن بولسا ،ئۇنداقتا بۇ پەرەزلەرنى دەلىلەيدىغان كۈچلۈك ئىسپاتتىن بىرى كۆپەيگەن بولاتتى.

 

تەھىرلىگۇچى:بەشتاش

بەشتاشنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[مەشھۇر شەخىسلەر] بۈيۈك ئۇيغۇر ماتېماتىكى _ مۇھەممەت [ 2011-06-15 11:58:12 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ماھىنۇر قاسىمىنىڭ تەرجمىھالى [ 2011-06-15 11:56:12 ]
[تارىخى بىلىملەر] لۇتپۇللا مۇتەللىپ ۋە ئۇچقۇنلار ئى [ 2011-06-15 11:53:27 ]
[خەنزۇتىلى] باشلانغۇچ 4-يىللىق خەنزۇتىلى تەييا [ 2011-06-14 17:31:05 ]
[پەرزەنىت پىسخىكىسى] ئاتا-ئانىلارنىڭ پوزىتسىيىسى ۋە پە [ 2011-06-14 13:31:53 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] چەت ئەلدە ئائىلە تەربىيىسى [ 2011-06-14 13:30:23 ]
[تارىخى بىلىملەر] ئۇيغۇرلار ۋە ئۇلارنىڭ تۇرمۇش مەدە [ 2011-06-14 13:26:45 ]
[تارىخى بىلىملەر] ئۇيغۇرلاردا بەلباغ مەدەنيىتى [ 2011-06-14 13:20:54 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] ئۇيغۇر كالىندارچىلىقى [ 2011-06-14 13:18:47 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] جىددى ئۇقتۇرۇش ۋە ئەسكەرتىش [ 2011-06-14 12:48:09 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر