تىل ــ ئەدەبىيات . 3 - يىللىقلار ئۈچۈن بىر كەنىت ھەققىدە ھىكايە 2011.4.1 【دەرىس تىمىسى】 بىر كەنىت ھەققىدە ھىكايە 【ئوقۇتۇش نىشانى】 تېكىستنى ئورتاق ئەدەبىي تىلدا توغرا ،راۋان ، ھېسياتلىق ئوقۇيالايدىغان بولۇش يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى چۈشنىۋىلىش كەنىتنىڭ بۇرۇنقى قىياپىتى تەسۋىرلەنگەن جۈملىلەرنى ئەستە ساقلىۋىلىش كەنىتنىڭ بۇرۇنقى قىياپىتى بىلەن ھازىرقى قىياپىتىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق دەل ـ دەرەخلەرنى قالايمىقان كېسىشنىڭ يامان ئاقىۋىتىنى تونۇپ يېتىش ۋە دەل - دەرەخ گۈل - گىياھلارنى ئاسراس ئېڭىنى تۇرغۇزۇش 【ئۆگنىش ھالەت تەھلىلى】 بۇ دەرىس مەزمۇنى ئەمەلىيەت بىلەن رەسىم بىرلەشتۈرۈلۈپ ئۆتۈلىدىغان بولغاچقا ئوقۇغۇچىلار ئاسان چۈشىنەلەيدۇ 【ئوقۇتۇش ئۇسۇلى】 ئۆلگە كۆرسىتىش ، رەسىمنى كۆزتىشكە يېتەكلەش 【ئۆگىنىش ئۇسۇلى】 ھەمكارلىشىپ ئۆگىنىش 【ۋەزىپە ئانالىز تەھلىلى】 بۇ دەرىس ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەل - دەرەخلەرنى ، گۈل - گىياھلارنى ئاسراش ئېڭى يۇقىرى كۆتۈرىلىدۇ 【مۇھىم نوقتا】 تېكىسىت مەزمۇننى ، يېڭى سۆزلەرنىڭ مەنىسىنى ئەستە ساقلاش 【قىيىن نوقتا】 كەنىتنىڭ ھازىرقى ۋە بۇرۇنقى قىياپىتىنى سېلىشتۇرۇش ئارقىلىق كۆچەتلەرنى كېسىشنىڭ زىينىنى ھېس قىلدۇرۇش 【ئوقۇتۇش قورالى】 كومپىيوتېر 【ئوقۇتۇش جەريانى】 رەسىمگە قاراپ سۆزلەشكە يېتەكلەش ئارقىلىق يېڭى دەرىسكە باشلاپ كىرىلىدۇ ئوقۇغۇچىلارغا كومپىيوتېر ئارقىلىق تېكىست مەزمۇنى ئاۋازلىق ئوقۇتۇش ئېلىپ بېرىلىدۇ بۇ جەرياندا تېكىست مەزمۇنىغا ئائىت رەسىملەر كۆرسىتىلدۇ رەسىملەرنى كۆرسىتىش ئارقىلىق ئوقۇغۇچىلارنى ھېس قىلغانلىرىنى قىسقىچە سۆزلەپ بېقىشقا يېتەكلىنىدۇ ئوقۇتقۇچى تېكىستنى قايتا بىرقېتىم ئوقۇپ بېرىدۇ بۇ جەرياندا ئوقۇغۇچىلارغا يېڭى سۆزلەرنى تېپىپ ئاستىغا سىزىشقا يېتەكلىنىدۇ 【يېڭى سۆزلەر】 يېقىملىق ــــــــــ جەلىپ قىلىدىغان ئۆتكۈر ــــــــــ ئىتتىك تاقىر ــــــــــ ھېچ نەرسە يوق ، ئاپپاق ئۆزلىكسىز ــــــــــ داۋاملىق غايىپ بولۇش ــــــــــ يوقاپ كېتىش ئاۋغۇست ــــــــــ ئاي نامى يەنى 8 - ئاي كەلكۈن ــــــــــ سۇ ئاپىتى ئوقۇغۇچىلارنى ئارلاپ تېكىستنى ئوقۇشقا يېتەكلىنىدۇ تېكىستنى ئوقۇپ بولغاندىن كىيىن قىسقا سۇئاللار ئارقىلىق دەرىس مەزمۇنى ئىگەللىتىلىدۇ ئىلگىرى بۇكەنىت قانداق ئىكەن ؟ رەسىم ئارقىلىق كەنىتنىڭ ئىلگىرىكى ھالىتى كۆرسىتىلىدۇ ـــ ئىلگىرى بۇ كەنىت تولىمۇ چىرايلىق بولۇپ ئەتراپى قويۇق ئومانلار بىلەن قاپلانغان كەنىت يېنىدا سۈينىڭ سۈزۈكلىكىدىن تېگى كۆرنۈپ تۇردىغان ئۆستەڭ بار ئىدى كەنىت ئاسمىنى كۆپكۆك ، ھاۋاسى ساپ يېقىملىق ئىدى كىيىن بۇكەنىتتە قانداق ئۆزگۈرۈش بولۇپتۇ ؟ كىيىن بۇكەنىتتە قاتتىق يامغۇر يېغىپ غايەت زور كەلكۈن كەنىت ۋە كەنىتتىكى ئادەملەرنى ئېقىتىپ ئېلىپ كېتىپ ھچنىمە قالماپتۇ بۇ كەنىتتە نىمە سەۋەپتىن شۇنداق ئۆزگۈرۈش بولغان ؟ بۇكەنىتتىكى كىشىلەرنىڭ قايسسى ئۆي سالماقچى بولسا پالتىلىرنى كۆتۈرۈپ چىقىپ دەل - دەرەخلەرنى خالىغانچە كەسكەچكە شۇنداق بولغان ساۋاقداشلار سىلەر شۇكەنىتتىكى كىشلەرگە نىمە دىگۈڭلار كېلىۋاتدۇ ؟ ساۋاقداشلارنى ئۆزلىرىنىڭ چۈشەنچىسىنى ئوتتۇرغا قويۇشقا يېتەكلىنىدۇ ئاخىردا ئوقۇغۇچىلارغا دەل - دەرەخلەرنى قالايمىقان كەسمەسلىك ، كۆپلەپ كۆچەت تىكىش، دەل - دەرەخلەرنى ئاسراش توغرىسدا ئىددىيۋى - تەربىيە بېرىلىدۇ بۇلارنىڭ قىلغان ئىشى توغرىمۇ ؟
|