جىن شۇرېننىڭ گېرمانىيىگە ئوقۇغۇچى ئەۋەتكەنلىكى (سەي خېڭسىڭ) جىن شۇرېن1928-يىلى كونا بيۇروگراتلىق كېبىرى بىلەن سىياسى سەھنىگە چىقتى. ئۇ چاغلاردا ئۆلكە سىرتىدىكى بەزەن ئىخلاسى قايتقان سىياسەتۋازلار ۋە قارانىيەت مىلىتارىسلار يېرى كەڭ بايلىغى مول شىنجاڭنى «جەننەت» دەك كۆرۇپ بۇ يەردە ئۆز تەسىرىنى كېڭەيتىش ياكى ئۆز كۈچىنى راۋاجلاندۇرماقچى بولاتتى. ئۆلكە ئىچىدە خۇجانىياز ھاجى رەھبەرلىگىدە دىخانلار قوزغىلاڭ كۆتەرگەن، ماجۇڭىيىڭ ھەربى قىسىملىرىنى باشلاپ چىقىپ، شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا ھەركەت قىلىۋاتقان، يېڭى تۇرغۇت قەبىلىسى ، ئايماق باشلىغى، دوپتون سېرىننىڭ باشچىلىغىدا قوزغىلاڭ كۆتەرمەكچى بولۇۋاتقان، ھەر قايسى جايلاردىكى دېھقانلار دىننىي ۋە سىياسى جەھەتتىكى ئېزىشكە چىدىماي كۆتۈرىلۋاتقان، بولۇپمۇ ئىلغار ياشلاردىن مەسىلەن جياڭ يى ۋي، بى فاڭمىڭ، لى فۇشىڭ، چىڭشى قاتارلىقلار يۈرگۈزگەن ئىنقىلابى پائالىيەتلەر جىن شۇرېننى ئالاقىزادە قىلىۋاتقان ئىدى. بۇ خىل ئەھۋال ئاستىدا، جىن شۇرېن ۋە ئۇنىڭغا تايىنىپ باي بولغان مۇخلىسلار قورال كۈچى بىلەن باستۇرۇپ ئۆزىنىڭ ئورنىنى ساقلاپ قالماقچى بولدى. ئۇلار بىرتەرەپتىن ئىشپىيۇنلۇق ھەركىتىنى كۈچەيتسە، يەنە بىر تەرەپتىن ھەربى كۈچلىرىنى كېڭەيتىپ، ئاشلىق ۋە ئوت-چۆپ ھازىرلاپ ئۆزىنىڭ يۇرتداش ۋە تۇنۇش-بىلىشلىرىنى كۆپلەپ قوبۇل قىلىپ ئەمەلدارلىققا ئورۇنلاشتۇردى. ئىلگىرلىگەن ھالدا گەنسۇنى قولغان چۈشۈرۈپ كۈچ دائىرسىنى كېڭەيتمەكچى بولدى. جىن شۇرېن ھەربى ئىشلىرىنى تەرتىپكە سېلىشتا ئىقتىساسلىق كىشلەرگە مۇھتاج ئىدى. لېكىن تاللاپ ئىشلىتىۋاتقان ئادەملىرى ئۇنىڭ يۇرتداش، قوۋنى-قېرىنداشلىرى بولۇپ، ئۇلارنىڭ كۆپ قىسىمى ھەر يەردىن كەلگەن ھېچنەرسىنى بىلمەيدىغان قارا قوساقلار ئىدى. جىن شۇرېن بۇلارنىڭ ;ھېسابتا بار، ھەمدەمدە يوق; ئادەملار ئىكەنلىكىنى، مۇھىم ۋەزىپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالمايدىغانلىقىنى بىلەتتى، شۇنداقلا ھەقىقى قابىلىيەتلىك زىيالىلارنى دادىل ئىشلىتىشكە جۈرەت قىلالمايتتى. شۇڭا ھەربىي ئىشلارغا مەسئۇل بولىدىغان كۈچلەرنى يېتىشتۈرۈش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئۇرۇق تۇغقانلىرىدىن گېرمانىيىگە ھەربى ئوقۇشقا ئېۋەتىپ يېتىشتۇرمەكچى بولدى. 1931-يىلى جىن شۇرېننىڭ ئوغلى جىن زۇدىڭ ئاكىسىنىڭ ئوغلى جىن زۇجىڭ، جىن شۇرېننىڭ قۇدىسى جۇرۇيجىشىنىڭ ئوغلى جۇيۇينىڭ، جىن شۇرېننىڭ 2-دىۋىزىيە باشلىقى ليۇشىزىڭنىڭ ئاكىسىنىڭ ئوغلى ليۇخۇڭلىيي، جىن شۇرېننىڭ باش كاتىۋى لۇشىياۋزۇنىڭ ئوغلى لۇڭېمىدىن ئىبارەت 5 كىشىنى گىرمانىيىگە ئوقۇشقا ئېۋەتتى، ھەمدە ئۈرۈمچى ساقچى باشلىقى ۋۇگۋاڭرۇڭغا 2 نەپەر مۇھاپىزەتچى بىلەن ئۇلارنى قوغداپ مېڭىشقا تەيىنلىدى، بۇ تۈركۈم پەرزەنتلەر ئىچىدە بەزىلەر تۇلۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ سەۋىيىسىدە بولسا، بەزىلەرىنىڭ باشلانغۇچ مەكتەپ سەۋىيىسىمۇ يوق ئىدى، ئەمما جىن شۇرېن ئۇلارغا قۇرۇقلۇق ئارميە داشۆسىېدە ئوقۇشقا ئېۋەتتى. لېكىن گېرمانىيە قۇرۇقلۇق ئارمىيە داشۆسېنىڭ جۇڭگودىن قۇبۇل قىلىدىغان ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ سانى چەكلىك بولغانلىقتىن پەقەت جىڭ زودىڭنىلا قۇبۇل قىلدى. قالغانلىرىنى شىۋىتسارىيە بېرنى قۇرۇقلۇق ئارمىيە مەكتىپىگە كىرگۈزۈپ قويدى. جىن شۇرېننىڭ پەرزەنتلەرنى چەتكە ئەۋەتىپ ئوقۇتۇش ھەرىكىتى، جامائەتچىلىكنىڭ ئىنتايىن نارازىلىقىنى قوزغىدى. شۇ چاغدا بۇلارنى ”5 بەگزادىنىڭ چەتئەلگە چىقىشى“ دەپ ئاتاشتى، ئۆلكىلىك روس تىلى سىياسىي قانۇن مەكتىپى ۋە ئۆلكىلىك ئوتتۇرا مەكتەپنىڭ ياتاق، دەرىسخانا، ۋە كارىدورلىرىغا يوقالسۇن جىڭ شۇرېن! ماجۇڭىيڭنى قارىشى ئالىمىز دېگەن شوئارلار چاپلانغان ئىدى. بۇ، بىر تۈركۈم قارا قورساق بەگزادىلەرنىڭ چەتئەلگە ئېۋەتىلگەنلىكى خەلقنىڭ غەزىپىنى قوزغاپلا قالماستىن، بەلكى بۇ خىل شەخسىيەتچى فىئودال ھۆكۈمرانلارغا بولغان ئۆچمەنلىكىنى ئىپادىلىدى. جىن شۇرېن جامائەت پىكىرىنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئۆزىنى پەدەزلەپ ئىككىنچى تۈركۈم گېرمانىيەگە ئوقۇغۇچى ئېۋەتمەكچى بولدى. 1932-يىلى ئەتىيازدا جىن شۇرېن ئۆلكىلىك رۇس تىلى سىياسىي قانۇن مەكتىپىدىكى ئوقۇغۇچىلاردىن ئىمتىھان ئېلىپ گېرمانىيەگە ئوقۇغۇچى ئەۋەتمەكچى بولۇپ ئىمتىھانغا ئۆزى رىياسەتچىلىك قىلىدى. نەتىجىدە گۇيۇڭلۇڭ، جىڭ فىڭجى، سۇڭ گۇجىڭ، سەيخڭسىڭ قاتارلىق 4 كىشى ئىمتىھاندىن ئۆتتى. بۇلار ئادەتتىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ۋە كىچىك سودىگەرلەرنىڭ پەرزەنتلىرى ئىدى. 1932-يىلى 7-ئايدا بۇ، بىر تۈركۈم ئوقۇغۇچىلار گېرمانىيەگە يولغا چىقىشتىن بۇرۇن، جىن شۇرېن ئۇلارغا ھەربى ئىشلارنى ياخشى ئۆگىنىڭلار دەپ تاپشۇرۇق بەردى. ئۇلار گېرمانىيەگە بارغاندىن كېيىن گېرمانىيە سانائەت يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىي قىلغانلىغىنى كۆرۈپ، شىنجاڭدا سانائەت بولغاندىلا ئاندىن گۈللەندۈرگىلى بولىدۇ دەپ چۈشۈنۈپ، شۇ چاغلاردا گېرمانىيەدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىۋاتقان سودا-سانائەت ھەيئىتى بۇرھان شەھىدىگە (بۇرھان شەھىدى چەتئەلدىكى ئوقۇغۇچىلارنى باشقۇرۇش خىزمىتىنىمۇ ئىشلەيتتى) سانائەت ساھەسىدە ئوقۇشىمىزغا رۇخسەت قىلىش ئىلتىماسىمىزنى جىن شۇرېنغا يەتكۈزۈپ قويۇشنى تەلەپ قىلدى. بۇلار ئالدى بىلەن بېرلىن سىفەن داشۆسېدە ئوقۇۋاتقان بوسمەننى تەكلىپ قىلىپ، نېمىس تىلى، ماتېماتىكا، تەبئىي پەن ۋە خېمىيە دەرىسىن پىششىغلاش ئۈچۈن دەرس ئوقىدى، پىششىغلاش مۇددىتى توشقاندىن كېيىن (جەمئىي 8 ئاي) بۇرھان شەھىدى ئۇلارنىڭ ئارزۇسى بويىچە پىراكتىكا ۋە ئۆگىنىش ئۈچۈن ھەر قايسى جايلارغا تونۇشتۇردى. گۇيۇڭلۇڭ، جىڭفىڭجىنى ماشىنا ئۇسكۇنىلەرنى پىشىقلاپ ئىشلەش زاۋۇتىغا، سۇڭگۇجىڭنى رەيىن سولت ئىگلىگىدىكى تەجربە دېھقانچىلىق مەيدانىدا پىراكتىكا قىلىشقا، سەي خېڭسىڭنى سانائەت داشۆسىنىڭ پىراكتىكا ۋە ئوقۇشنى 3-4 ئاي داۋام ئەتتۈرگەندە شىنجاڭدا ”12-ئاپرىل“ سىياسى ئۆزگىرىش بولدى. ئوقۇش راسخودىغا مەسئول بولىدىغان ئادەم بولمىغانلىقتىن 1933-يىلى 6-ئايدا شىنجاڭغا قايتىپ كەلدۇق. بىزنىڭ گىرمانىيىدە ئوقۇغان ۋاقتىمىز بىر يىلغا يېقىن بولدى. جىن شۇرېن بىرىنچى تۈركۈمدە ئېۋەتكەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئايلىق راسخوتى ھەر بىر كىشىگە 400 مارك (بىر مارك شۇ چاغدىكى تەڭگە پۇلغا بىر سەر بىر مىسقالغا توغرا كېلىدۇ) تۇرمۇش خىراجىتى 50 مارك بەلگىلەنگەن ئىدى. ئىككىنچى تۈركۈمدىكى ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھەر بىرسىگە 360 مارك بېرىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا يەنە بېرلىندە بىرىنچى تۈركۈمدىكى 5 نەپەر ئوقۇغۇچىنىڭ تۇرمۇشىنى باشقۇرىدىغان ۋۇگۋاڭرۇڭ ۋە ئۇلارنىڭ سىرتقا چىقىش رەسمىيتىنى ئۆتەپ بېرىدىغان فەن جىژيىغا 200 ماركىتىن مائاش بېرەتتى. دىمەك بۇ ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش راسخوتى ۋە باشقۇرغۇچى خادىملارنىڭ خىراجىتى ئۈچۈن ئېيىغا 4000 مارك، پىرۋۇت ھەققى ۋە ئىش خىراجىتىنى قوشقاندا، ئېيىغا 5000 مارك كېتەتتى، دۆلىتىمىزنىڭ تەڭگە پۇلىغا 5500 سەر شىنجاڭ ئۆلكە پۇلىغا 19.800 سەر (بىر سەر تەڭگە ئۆلكە پۇلىغا 3 سەر ئالتە مىسقال) بۇلاتتى، بۇ سان شىنجاڭنىڭ ئەھۋالىدىن ئېيتقاندا زور چىقىم ئىدى.بۇ پۇل مائارىپقا ئىشلىتىلسە 14سىنىپلىق ئورتا مەكتەپتىن 12نى قۇرغىلى بولاتتى، ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىراجىتىنى تەمىنلەش ئۈچۈن ئالتايدىن يىغىۋېلىنغان ئالتۇنلار يۇشىڭ تەرلىك ماللار شىركىتىنىڭ قىممەت باھادىكى ژۇڭ تېرىلىرى ئۇزۇلمەي گېرانىيىگە ئېۋەتىلەتتى. بېرلىن دۆلەتلىك بانكىدا شىنجاڭنىڭ نەچچە ئونمىڭ مارك پۇلى دائىم زاپاس تۇراتتى. جىن شۇرېن ئېۋەتكەن بالىلارنىڭ مەدەنىيەت سەۋىيىسى تۆۋەن بولغانلىقى ھەمدە راھەتپەرەس بەگزادىلەر بولغانلىقى ئۈچۈن يېڭى ھەربىي تېخنىكىنى ئۆزلەشتۈرەلمىدى، شۇنداقلا قاتتىق ھەربىي تەلىم-تەربىيىگە چىدىمىدى. نەتىجىدە ئوقۇشنى 3 يىل داۋاملاشتۇرالىغان جىن زودىڭدىن باشقىلىرى بەزىلىرى 3 ئاي بەزىلىرى يېرىم يىل ئۆگىنىپ ئىلگىرى-ئاخىر بولۇپ بېرلىنگە قايتىپ كېلىۋېتىپ لاغايلاپ يۈردى. بىر مەزگىل ئۆتكەندىن كېيىن بەزىلىرى ساقچى مەكتىپىگە كىردى. بەزىلىرى بېرلىن داشۆسې سىياسىي فاكۇلتېتىگە (سىرتتىن دەرس ئاڭلاش ئۈچۈن) بارغان بولسىمۇ لېكىن نەچچە ئاي ئۆتمەيلا بارمايدىغان بولىۋالدى. 1933-يىلى جىن شۇرېن ئاغدۇرۇلۇپ، شىڭ شىسەي تەختكە چىققاندىن كېيىن ئۇلارنىڭ ئوقۇش راسخوت پۇلى ئۈزۈلۈپ قالدى. ئىككىنچى تۈركۈمدىكى ئوقۇغۇچىلار يېرىم يولدىن قايتىپ كەلدى. بىرىنچى تۈرۈكۈمدىكى ئوقۇغۇچىلار بېرلىندە بىر مەزگىل لاغايلاپ يۈرۈپ، بانكىدىكى پۇللارنى خەجلەپ بولغاندىن كېيىن 1935-1936-يىللىرى دۆلىتىمىزگە قايتىپ كەلدى. جىن زودىڭ، جىن زۇجىڭلار جياڭ جيېشى ھەربىي قىسىمىدا تۆۋەن دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدار بولدى. ليۇخۇڭ ليې ئىشپىيون بولدى. جۇيۈينىڭ شىڭ شىسەي ۋە گومنىداڭ دەۋرىدە ھاكىم بولدى، ليۇكېمى سودىگەرچىلىك قىلدى. ئىككىنچى تۈركۈمدىكى ئوقۇغۇچىلار شىنجاڭغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، شىڭ شىسەي ئۇلارنى ئۆلكلىك ھۆكۈمەت كاتىۋات باشقارمىسىنىڭ بۆلۈم ئەزاسى قىلىپ تەينلىدى. 1934-يىلى ئەتىيازدا شىنجاڭدا مالىيىنى رەتلەشتە ئۇلارنى مالىيە نازارىتىگە كۆزدىن كۆچۈرگۈچى قىلىپ ئېلىۋەتتى. ئۇلار شىنجاڭنىڭ قالايمىقان چېرىكلىشىپ كەتكەن مالىيىسىنى تەرتىپكە سېلىشتا خېلى كۆپ خىزمەت ئىشلىدى. مەنبە: شىنجاڭ خەلق نەشىرياتى 1982- يىل 1- ئاي 1- نەشىرى،1982- يىل 2- ئاي 1- بېسىلىشى شىنجاڭ تارىخ ماتېرياللىرى دىگەن كىتاپنىڭ 5- سانىدىن ئېلىندى تەھىرلىگۇچى:admin
|