باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرىتارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىيات كومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

ئۈچتۇرپاندىكى 《يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى》توغرىسى

يوللانغان ۋاقتى: 2012-01-07 17:13 مەنبەسى: ئاپتورى: م.قانات كۆرۈلۈشى: قېتىم
ئۈچتۇرپاندىكى 《يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى》توغرىسىدىكى رىۋايەت ئۈچتۇرپان خەلقى ئىچىدە ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كىلۋاتقان باتۇرلۇق
تەلەي +1

ئۈچتۇرپاندىكى 《يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى》توغرىسىدا

 

نەبىجان تۇرسۇن   تۇرسۇن بارات

 

ئۈچتۇرپاندىكى 《يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى》توغرىسىدىكى رىۋايەت ئۈچتۇرپان خەلقى ئىچىدە ئەۋلادتىن-ئەۋلادقا داۋاملىشىپ كىلۋاتقان باتۇرلۇق،مەرتلىك، ۋەتەنپەرۋەرلىككە ئوقۇلغان تۈگىمەس ناخشىنىڭ نامايەندىسى.

《يەتتە قىزلىرىم》،《سەككىز قىزلىرىم》،《يالغۇز قىزلىرىم》دىگەندەك مەقبەرىلەر شىنجاڭنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا بار،ئەمما،ئۈچتۇرپاندىكى《يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى》توغرىسىدىكى رىۋايەت باشقا رىۋايەتلەر بىلەن زادى ئوخشاشمايدۇ.《يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى》ئۈچتۇرپان ناھىيەسىنىڭ جەنۇبىدىكى ئاقتوقاي تاغ تىزمىسىنىڭ شىمالىي يان باغرىغا جايلاشقان بۇلۇپ، ياغاچ رىشاتكا ئىچىگە ئېلىنىپ توپىسى يېيىلغان ھەيۋەتلىك مەقبەرىدۇر. تارىخىي ماتىرىياللاردىن ئىسپاتلىنىشىچە بۇ مەقبەرە مىلادى 1765-يىل (چيەنلوڭنىڭ 30-يىلى) دىھقانلار ئېيى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى زۇلۇمغا قارشى كۆتۈرۈلگەن رەھمىتۇللا،ئەسمىتۇللا بەگلەر باشچىلىقىدىكى مەشھۇر ئۈچتۇرپان دىھقانلار قوزغىلىڭى (جىگدە يېغلىقى)نىڭ ئايال قاتناشچىسى پەھلىۋان- مايسىخان باشلىق يەتتە قىز نەۋكەرنىڭ قەبرىسىدۇر.

چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى 1759-يىلى شىنجاڭدىكى چوڭ-كىچىك خوجىلار توپىلىڭىنى بېسىقتۇرغاندىن كېيىن،《شىنجاڭغا نىسبەتەن ناھايتى قاتتىق قوللۇق سىياسەت يۈرگۈزدى》.شىنجاڭدا مانجۇ ئاقسۆڭەكلىرى،يەرلىك فىئودال ۋە دىنىي ئىمتىياز ئىگىلىرىدىن ئىبارەت ئۈچ تەرەپنىڭ بىرلەشمە ھۆكۈمرانلىقنى ئورنىتىپ،خەلىق ئۈستىدىكى زۇلۇمنى كۈچەيتتى.بىر مىللەتنى يەنە بىر مىللەتكە قارشى قۇيۇپ،مىللەتلەر ئارىسىدا بۆلگۈنچىلىك پەيدا قىلدى.يەرلىك ھاكىم- بەگلەرگە ئىشەنمەي ئۆزلىرىگە ئەڭ بۇرۇن ئىتائەتمەنلىك بىلدۈرگەن،جۇڭغارلار ئۈستىدىن غەلبە قازىنىشتا زور ياردەم كۆرسەتكەن قۇمۇل،تۇرپان،پىچانلاردىكى بىر تۈركۈم ھاكىم-بەگلەرنى ئۈچتۇرپانغا يۆتكەپ كىلىپ يەرلىك بەگلەر ئۈستىدىن نازارەت قىلدۇردى ۋە كۈچەيتتى.

ئۈچتۇرپان خەلقى شىنجاڭنىڭ باشقا جايلىرىدىكى خەلىقلەرگە نىسبەتەن تېخىمۇ كۆپ سىياسىي،ئىقتىسادىي ئازاپقا ئۇچرىدى.ئۇرۇش ئاياغلاشقاندىن كېيىن، چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۈچتۇرپاندىكى ئەمەلدارلىرى كەيىپ-ساپاغا بىرىلىپ، ھەشەمەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈپ ئىنتايىن چىرىكلەشتى.قۇمۇل ۋاڭ جەمەتىدىن بولغان ئابدۇللا ئۈچتۇرپانغا ھاكىم-بەگ قىلىپ تەيىنلەنگەندىن كېيىن،ئۇ يەرلىك خەلىقنى دەھشەتلىك ئەزدى.ئۆزىنىڭ يېقىن كىشىلىرى،ئۇرۇق- تۇققانلىرىنى ئۈچتۇرپاننىڭ ھەر قايسى جايلىرىغا كىچىك بەگ قىلىپ تەيىنلىدى.بۇ بەگلەر قۇمۇل ۋاڭلىرى ئىلگىرىدىن تارتىپ قوللانغان دارخانلىق تۈزۈمنى يولغا قۇيۇپ،دىھقانلارنى ئالتە كۈن گۇڭ،ۋاڭ،بەگلەرگە،بىر كۈن ئۆزى ئۈچۈن ئىشلەشكە مەجبۇر قىلدى.چىڭ ھۆكۈمىتى يەنە 《ئۈچىنچى دەرىجىلىك ھاكىم-بەگلەرگە 150 پاتمان يەر (3975 مو)،100 ئۆيلۈك ئوتاقچى تەقسىم قىلىپ بەردى،يىللىق مۇئاشى ئۈچۈن 30 مىڭ يارماق يىغۋېلىش،6- دەرىجىلىك بەگكە 30 پاتمان يەر (985 مو)،تۆت ئائىلىك ئوتاقچى تەقسىم قىلىپ بەردى،يىللىق مائاشى ئۈچۈن 5000 يارماق يىغۋېلىش》دىن ئىبارەت ئالاھىدە ئىمتىياز بەردى.مۇنداق ئالاھىدە ئىمتىيازدىن بەھرىمەن بولغان يەرلىك ئەمەلدارلار مانجۇ ئاقسۆڭەكلىرىنى ئارقا تېرەك قىلغان ھالدا شەخسىيەتچىلىكتە ئۇچىغا چىقىپ قىلمىغان ئەسكىلىكلىرى قالمىدى.جۇڭغارلار دەۋرىدە يۈرگۈزگەن كونا تۈزۈمنى تەكرار يولغا قۇيۇپ،خەلىقتىن يىغىۋالغان نەرسە-كېرەكلەرنىڭ ئوندىن ئۈچ قىسمىنى مانجۇلارغا تاپشۇردى،قالغانلىرىنى ئۆزلىرىنىڭ يانچۇقلىرىغا سالدى.ئۇنىڭدىن باشقا چىڭ ھۆكۈمىتى ئەمەلدارلىرى خەلىقنى زورلاپ،ھۇل كەڭلىكى بەش مىتىر،ئىگىزلىكى ئالتە مىتىر،ئۈستى كەڭلىكى بەش مىتىر، ئۇزۇنلىقى 1544 مىتىر كېلىدىغان ئامبال ئىشخانىلىرى،ھەربىي گازارما، ئىسكىلات،تۈرمە،بۇتخانىلىرى بار تۆت چاسا،تۆت دەرۋازىلىق سېپىل سالدۇردى،ھەمدە شەھەرنىڭ نامىنى يۇڭنېڭ دەپ ئاتىدى،سېپىل سوقۇش ئالۋىڭى تېخىمۇ دەھشەتلىك بولدى.سېپىل سوقۇش جەريانىدا 《توختى》، 《تۇردى》،《تۇرسۇن》ئىسىملىك كىشلەرنى سېپىلگە باستى.بۇ ئالۋاڭلاردىن باشقا يەنە كەڭ خەلىق ئاممىسى مەسچىت،مەدىرىسلەرگە،ئىمام-ئاخۇنۇم، قازىلارغا ئۆشۈر-زاكات تۆلىدى،ۋەخپىلەرگە ھەقسىز ئىشلەشكە مەجبۇر قىلىندى. چىڭ سۇلالىسىنىڭ ئۈچتۇرپاندىكى ئىش بىجىرىش ئامبىلى-سۇچىڭ 1759- يىلى 9-ئايدىن 1765-يىلى 2-ئايغىچە ئۈچتۇرپاندا تۇرغان بەش يىل ئىچىدە ئابدۇللارغا ماسلىشىپ ۋە بەلكى ئۇنىڭدىن تېخىمۇ ئېشىپ خەلىققە دەھشەتلىك زۇلۇم سالدى.سۇچېڭ ۋە ئۇنىڭ ئۇرۇق-تۇققانلىرى،قول ئاستىدىكى چىرىكلىرى يەرلىك خەلىقلەرنىڭ خۇتۇن-قىزلىرىنى ئاياغ-ئاستى قىلدى.19-ئەسردە ئۆتكەن خوتەنلىك تارىخچى مەھمۇد ئەلەمنىڭ 1897- يىلى يېزىپ قالدۇرغان 《خوتەن تەزكىرسى》دىن مەلۇم بۇلۇشىچە ئۈچتۇرپان خەلىقنىڭ تۆلىگەن ئالۋاڭ-ياسىقى 《جان پۈتىگى》،《چوتا بېشى》، 《خان پۇلى》،《يەر پۇلى》،《قونالغۇ》،《ئوت پۇلى》،《پۇقرالىق》، 《باسقاق》،《ھوژدارلىق》،《مىراپلىق》،《غەللە》،《باج》،《يەم- خەشەك》،《تاپان ھەققى》،《چاي》قاتارلىق 65 خىلغا يەتكەن.

چىڭ سۇلالىسى ھۆكۈمىتى ۋە يەرلىك بەگلەرنىڭ ئىنسانىيەت قېلىپىدىن چىققان زۇلمى ئۈچتۇرپان خەلقىنى پارتىلاش دەرىجىسىگە ئاپىرىپ قويغان ئىدى.خەلىق زۇلۇمغا چىدىماي تۇرغان بىر ۋاقىتتا 《كۆتۈرەلمىسەڭ ساڭگىلتىۋال》دىگەندەك پادىشاھ چيەنلوڭ ئامبال سۇچېڭغا جىگدە يۆتكەش يارلىقى چۈشۈردى (1765- يىلى 1-ئايلاردا).بۇيرۇققا بىنائەن ئامبال سۇچېڭ ئۈچتۇرپاننىڭ 《جىگدىلىك》دىگەن يېرىدىن جىگدە كۆچىتى ئېلىپ،100 ساندۇققا قاچىلاپ 240 نەپەردىن كۆپرەك ھاشارچىغا كۆتۈرگۈزۈپ كىچىك بەگ رەھمىتۇللانىڭ مەسئۇللىقى،مانجۇ چىرىكلىرىنىڭ نازارىتىدە بېيجىڭغا ئېلىپ بېرىشنى ئورۇنلاشتۇرىدۇ،ھاشارچىلار 1765-يىلى دىھقانلار ئېيى 2-ئاينىڭ 14-كۈنى جىگدە كۆچىتى ۋە ئامبال سۇچېڭنىڭ مال-مۈلۈكلىرىنى كۆتىرىپ يولغا چىقىپ ئۈچتۇرپاننىڭ 《ئىلقىش دۆڭ》دىگەن يېرىگە كەلگەندە،بىر ھاشارچى ھېرىپ قالىدۇ.بۇنى كۆرگەن مانجۇ چىرىكى ھاشارچىنى چېپىپ تاشلايدۇ.بۇ ئەھۋالنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن رەھمىتۇللاھ بەگنىڭ غەزىپى تاشىدۇ-دە،ھاشارچىلارنى

《جىگدىنى تاشلاپ چىرىكلەرنى ئۇرۇڭلار!》دەپ بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ.شۇنىڭ بىلەن نامى مەشھۇر ئۈچتۇرپان دىھقانلار قوزغىلىڭى پارتىلايدۇ.قوزغىلاڭچىلار شۇ بىر كۈننىڭ ئىچىدىلا ئۈچتۇرپاننىڭ 《قارا غوجا》،《ياۋاغ》،《ئاق بوز》، 《قۇمۇچلۇق》،《جىگدىلىك》،《ئاقتوقاي》يېزىلىرىدا چىڭ قۇشۇنلىرى بىلەن شىددەتلىك جەڭ قىلىپ شەھەرنى تارتىۋالىدۇ.ئامبال سۇچېڭ 《مۆلچەر تاغ》قەلئەسىدە ئۆزىنى پارتىلتىپ ئۆلىۋالىدۇ،ئابدۇللا بەگ قېچىپ كىتىدۇ.

بۇ ئىشتىن خەۋەر تاپقان دەرتمەن دىھقانلار ئۆزلىكىدىن قوزغىلاڭچىلار سېپىگە قۇشۇلۇپ،رەھمىتۇللا ۋە ئەسمىتۇللا بەگلەرنىڭ يىتەكچىلىكىدە شەھەرنى قاتتىق كونترول قىلىدۇ.بۇ ۋەقەدىن خەۋەر تاپقان پادىشاھ چيەنلوڭ ئېلىدا تۇرۇشلۇق گىنرال مېڭ رۈي،قەشقەردە تۇرۇشلۇق ئىش باشقۇرۇش ئامبىلى ناشىتوڭ،ئاقسۇدا تۇرۇشلۇق ئىش باشقۇرۇش ئامبىلى بيەن تاخەي قاتارلىقلارغا قوزغىلاڭچىلارنى باستۇرۇش توغرىسىدا بۇيرۇق چۈشۈرىدۇ.جۈملىدىن پادىشاھ چيەنلوڭ ئۆزىنىڭ ئەڭ ئىشەنچىلىك،ئەڭ تەجىربىلىك گىنرالى ئاگۇينى باش قوماندان قىلىپ ئەۋەتىدۇ.قەھرىمان ئۈچتۇرپان دىھقانلىرى رەھمىتۇللا بەگ،ئەسمىتۇللا بەگلەرنىڭ يىتەكچىلىكىدە چىڭ قۇشۇنلىرى بىلەن ئالتە ئاي جەڭ قىلغان بولسىمۇ،ئاخىرى 1765-يىلى دېھقانلار ئېيى 8-ئاينىڭ 15-كۈنى سودىگەر ئاقساقىلى ساۋۇت،شېرىپ دىگەنلەرنىڭ خائىنلىق قىلىشى بىلەن ئېچىنىشلىق مەغلۇپ بۇلىدۇ.چىڭ قۇشۇنلىرى قوزغىلاڭچى دېھقانلارنىڭ ئۈچتىن بىر قىسمىنى چېپىپ تاشلايدۇ.10 مىڭ كىشىنى تۆت تۈركۈمگە بۈلۈپ ئېلىغا سۈرگۈن قىلىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بارلىق بالايى-ئاپەت يۇرتتا قېلىپ قالغان قېرى-چۈرى،نارسىدە بالىلار،خۇتۇن-قىزلارنىڭ بېشىغا چۈشىدۇ.مانا مۇشۇنداق پەيىتتە،رەھمىتۇللا بەگنىڭ سىڭلىسى مايسىخان ئاتا-ئانىلىرى،سۈيۈملۈك ئەرلىرىدىن،بىگۇناھ قېرىنداشلىرىدىن ئايرىلغان يەتتە ياشتىن 70 ياشقىچە ئەر-ئاياللارنى، 《گۇڭشاڭ》ئۇرۇشىدا تارقاپ كەتكەن ئەمەت بۇرغۇي،يولۋاس پەھلىۋان قاتارلىق 150 دەك ئەركەكنى قايتا تەشكىللەپ تاغ،ئورمان ئارىلىرى،يار جىلغىلارغا يۇشۇرۇنۇپ،چىڭ قۇشۇنلىرىغا قاخشاتقۇچ زەربە بىرىدۇ،ئۈچتۇرپان خەلقى ئارىسىدا ساقلىنىپ كېلۋاتقان رىۋايەت ۋە رەھمىتۇللا بەگ مايسىخان ئەۋلادلىرى ئىچىدە سۆزلىنىپ كېلۋاتقان ھېكايىلەردىن قارىغاندا《مايسىخان جېڭى》ئۈچ ئاي داۋاملاشقان،مايسىخان ۋە ئۇنىڭ مۇئاۋىنى غۇنچىخان باشلىق يەتتە نەپەر ئايال قوزغىلاڭچى ئاقتوقاي ئۇرۇشىدا قورشاۋدا قېلىپ،ئاخىرى تاغدىن ئۆزىنى ئېتىپ مەرتلەرچە قۇربان بولغان،كېيىن ھايات قالغان ئەل-يۇرت مايسىخان باشچىلىقىدىكى ئايال قوزغىلاڭچىلارنىڭ خاتىرىسى ئۈچۈن يەتتە قىزنىڭ قەبرىسىنى ئاقتوقاي تېغىنىڭ غەربىي شىمالىغا ياسىغان.

مەنبە:شىنجاڭ ياشلىرى ژورنىلىنىڭ 1988-يىللىق 2-سانى

تەھىرلىگۇچى:admin

م.قاناتنىڭ باشقا تېمىلىرى:


[تارىخى بىلىملەر] جىن شۇرېننىڭ گېرمانىيىگە ئوقۇغۇچى ئەۋەتكەنلىكى [ 2012-01-07 17:23:34 ]
[تارىخى بىلىملەر] جۇڭغارىيە ئوچىرىكلىرى [ 2012-01-07 17:21:58 ]
[تارىخى بىلىملەر] ما جۇڭيىڭ، يولۋاسقا مەجبۇرىي ئەسكەر بولغان چاغلىر [ 2012-01-07 17:19:51 ]
[تارىخى بىلىملەر] ئۇيغۇرچە ھۆججەت تۈركىيە كۈتۈپخانىلىرىگە قانداق كى [ 2012-01-07 17:17:52 ]
[تارىخى بىلىملەر] يىپەك يولىدا قەغەزنىڭ تارقىلىشى ۋە ئۇنىڭ شەرق-غەرپ [ 2012-01-07 17:16:04 ]
[تارىخى بىلىملەر] ئۈچتۇرپاندىكى 《يەتتە قىزلىرىم مەقبەرىسى》توغرىسى [ 2012-01-07 17:13:51 ]
[قانۇن تۇزۇم] «پۇقرا» بىلەن «خەلق» ئۇقۇمىنىڭ پەرقى [ 2011-12-20 23:06:52 ]
[مەشھۇر شەخىسلەر] ماۋزېدوڭنىڭ ئون بالىسى [ 2011-12-20 23:05:09 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] 2- دۇنيا ئۇرىشىدا سوۋېت ئىتتىپاقىنىڭ زادى قانچىلىك [ 2011-12-20 23:03:34 ]
[پايدىلىنىش ماتىرياللىرى] جوڭگۇ سوۋېت ئىتتىپاقىغا نىمە ئۈچۈن قەرز بۇلۇپ قالغ [ 2011-12-20 23:01:23 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
م.قانات تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: 注册会员 تىزىملاتقان ۋاقتى: 2011-12-13 16:12 ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: 2011-12-18 09:12
تەۋسىيەلەر