ئۇيغۇر سەئىدىيە خاندانلىقى ھەققىدە قىسقىچە بايان چاغاتاي موڭغۇل خانلىقىنىڭ گۇمران بولۇپ،سەئىدىيە خانلىقىنىڭقۇرۇلۇشىغايول ئېچىلغانلىقى ئېستىلاچى چىڭگىزخان ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى 1225-يىلىئاستانە قارا قۇرۇمدا داغدۇغىلۇق قۇرۇلتاي چاقىرىپ ئىككىنجى ئوغلى چاغاتايغائوتتۇرائاسىيا ۋە شىنجاڭنى مىراس سۈپىتىدە بۆلۈپ بەردى،چاغاتاي ئىلىدىكى ئوردىسىداسەلتەنەتتاجىنى كىيدى.چاغاتاي موڭغۇل خانلىقىدىكى ﻫۆكۈمالار ،دۆلەت خادىملىرى ۋە ئەسكەرلەرئاساسەنموڭغۇللار بولۇپ،ئوردا قائىدىسى،تەشكىلى،ﻫەرخىل مۇراسىملىرى موڭغۇل ئەنەنىسىگەسادىقئىدى.تۇغلۇق تۆمۇرخان ۋاپاتىدىن كېيىن ئەمىر تۆمۈر كوراگان تۇغلۇق تۆمۈرخاننىڭئوغۇللىرىخىزىر خوجا بىلەن ئىلىياس خوجىنى كۆزگە ئىلماي ئۇلارغا ئىتائەت قىلىشتىن باشتارتتى،شۇكۈندىن باشلاپ چاغاتاي خانلىقى پارچىلىنىشقا يۈز تۇتتى.ئىچىكى ئىختىلاپ كۈچەيدى،خان،بەگزادىلەرئوتتۇرىسىداتەخىت ﻫوقۇق،زېمىن ماجىراسى بېسىقمىدى،ئەلدە ئەنسىزلىك،ۋەيرانچىلىق ئەۋجئالدى.بۇ سورۇقچىلىقتىنقەشقەردىكى زېمندار مىرزا ئابابەكرى پايدىلىنىشقا باشلاپ قەشقەريەكەنلەردە نوپۇز تىكلەپ،ئۆزئالدىغا قوشۇن قۇردى.ئەﻫمەدخان چاغاتاي خانلىقىنى ئەسلىگەكەتۈرۈش ئۈچۈن كۆپ جاپا چەكتى،لېكىنمۇرادىنى ﻫاسىل قىلالماي ئۇ دۇنياغا سەپەر قىلدى،مەﻫمۇدخاننڭۋاپاتىدىن كېيىن ئىككى ئوغلىمەنسۇرخان بىلەن سەئىدخانمۇ پېتىشمىدى،سەلتەنەت تالشىپئۆز ئارا سوقۇشتى ،سەئىدخان مىززائابابەكرى بىلەن مەنسۇرخاننىڭ ئورتاق ﻫۇجۇمىغا تەڭكېلەلمەي تاغىسى بابۇر شاﻫتىن ياردەمتەلەپ قىلىش ئۈچۈن ﻫىندىستانغا يول ئالدى،شۇندىنكېيىن مىرزا ئابابەكرى ئالتە شەﻫەرنىڭرەسىمى ﻫۆكۈمدارى بولدى،ئۆز ئىنتايىن زالىم بولغانلىقىئۈچۈن ئۆز خاﻫىشى بويىچە جاﻫانسوراپ خەلقنى قاتتىق ئەزدى،سەئىدخاننىڭ قارارگاﻫى ئاقسۇبولغاچقا ئاقسۇ خەلقىنى دەﻫشەتلىكباستۇردى،ئاقسۇ شەﻫىرى 16 يىلغىچە قاغا-قۇزغۇنلارنىڭماكانىغا ئايلىنىپ،بىرمۇ ئادىمىزاتئاياق بېسىپ باقمىدى.سەئىدخان ﻫىندىستانغا بارماقىنىنىيەت قىلىپ ئاۋال پەرغانىگە يولئالدى،بۇنىڭ ۋەجى دادىسى ئەﻫمەدخان پەرغانە تەرەپتىنباش كۆتۈرۈپ چىقىپ ئۆزىگە تەﻫدىتسېلىۋاتقان شەيبانىخان بىلەن كۆپ سوقۇشقان ئىدى،بۇئۇرۇشقا ئامراق ئوغلى سەئىدخانمۇقاتناشقان ئىدى،بۇ ئۇرۇشتا ئەﻫمەدخان يارلىنىپ ئەسىرىگەچۈشتى ،كېيىن شاﻫبەگ خان ئەﻫمەدخاننىئەسىردىن بوشىتىپ ئاقسۇغا چىرايلىق يولغا سېلىپقويدى،لېكىن سەئىدخان نەمەنگاندا بىريىلدىن ئارتۇق زىنداندا ياتتى،كېيىنكى يىلى ئەندجانغاجانبەگ سۇلتان ۋە ئۆزبېكلەر خانبولغاندىن كېيىن سەئىدخاننى زىنداندىن بوشىتىپ نازارەتئاستىغا ئالدى،ياش سەئىدخاننىڭجاسارىتى ۋە شىجائىتىدىن تەسىرلەنگەن يەرلىك بەگلەرئۇنىڭغايوشۇرۇنچە ﻫىسداشلىق قىلدىۋە 18 ئادىمى بىلەن قاچۇرۋەتتى،سەئىدخان قېچىپ ئىسسىقكۆلﻫۆكۈمرانى مۇﻫەممەدخاننىڭ ﻫوزۇرىغاباردى،لېكىن سەئىدخان مۇﻫەممەدخاننىڭ چېرىكلىكىدىنبىزار بولۇپ ئۇنى ئاغدۇرماقنى نىيەتقىلدى،لېكىن سېزىلىپ قالغاچقا 200دەك ئادىمى بىلەنمۇﻫەممەدخاننىڭ ئادەملىرى بىلەن ئۇرۇشۇپيارىلنىپ ئەسىرگە چۈشتى،سەئىدخان بۇ يەردەئىككى يىل زىنداندا ياتقاندىن كېيىن 1507-يىلى يەتتە سۇغا قېچىپ باردى،ﻫەم ئىنىسى خېلىلسۇلتان بىلەن بىرلىشىپ ئۆنى يەتتەسۇ خانى دەپ جاكارلىدى،كېيىن مۇﻫەممەدخاننى ئاغدۇرۇپزېمىنىنى ئىسسقكۆلگىچە كېڭەيىتتى،ئاكىسىمەنسۇرخان سەئىدخاننى بۆشۈكىدە ئوجۇقتۇرۇشئۈچۈن يەتتە سۇغا زور قوشۇن تارتىپ سەئىدخاننىڭقوشۇنىنى تېرىپىرەن قىلدى،بارلىق قوشۇنلىرىدىنمەﻫرۇم قالغان سەئىدخان چۆل-باياۋانداجېنىنى جان ئېتىشكە مەجبۇر بولدى،ئىنىسى خېلىلسۇلتان جانبەگ ﻫۇزۇرىغا بېرىپ پاناﻫلاندى،لېكىنجانبەگ سۇلتان ﻫوزۇرىدىكى مەنسۇرخاننىڭيېقىنلىرىنىڭ قەستىگە ئۇچىراپ باقى دۇنيا بىلەنخوشلاشتى،سەئىدخان نارىن جاڭگاللىقىدىنئۆتۈپ تارىم دەرياسى بويىدىكى دولانلىقلار ئارىسىغايوشۇرۇندى ۋە دولانلىقلاردىن كۈچ توپلاپمىرزا ئابابەكرى بىلەن قارىشىلىشىشىنى مەقسەت قىلدى،لېكىندولانلىقلار سەئىدخانغا ۋاپاقىلمىدى،ئەكىسچە ئادەملىرىنى ئۆلتۈردى،سەئىدخان بۇ يەردىنمۇقېچىپ نارىن جاڭگاللىقىغاقايىتتى ۋە جاڭگالدا پاناﻫلىنىپ يۈرگەن خوتۇن-باللىلىرىنىيايلاققا ئورۇنلاشتۇرۇپ بولغاندىنكېيىن پەرغانىدىكى جانبەگ سۇلتان ﻫوزۇرىدىكى ئۆزىگەياخشىلىق قىلغان بەگلەرنى پاناﻫتارتىپ، ﻫىندىستانغا بېرىش ئۈچۈن پەرغانىگە يول ئالدى،سەئىدخانپەرغانىدىكى يېقىلىرىنىڭياردىمىدە ئامان-ئېسەن ئەندىجانغا بېرىۋالدى ، ئەندىجاندا جانبەگسۇلتان تەيىنلىگەنﻫاكىم خوجا باتۇر سەئىدخاننى ئىززەت -ئېكىرام بىلەن كۈتىۋالدى ۋەبەدەخشانغا يولغاسېلىپ قويدى،بەدەخشان خانى سەئىدخاننى پايتەخىت زوپەردە بىر نەچچەكۈن پاناﻫلاندۇرغاندىنكېيىن كابۇلغا يولغا سالدى،1510-يىلى سەئىدخان كابۇلدا تاغىسىبابۇر شاﻫ بىلەن ئاخىرىدىدارلاشتى سەئىدخانبابۇر شاﻫنىڭ ﻫوزۇرىغا بارغاندىن كېيىن بابۇرشاﻫ بۇ باتۇر،قەيسەر،جەسۇر سەئىدخاندىنتولىمۇ ئېﻬتىيات قىلدى ۋە پايلاقچى قويۇپ نازارەتقىلدى،سەئىدخان كابۇلدا ئىككى يىلدەكتۇرۇپ كۈچ توپلىدى،پەرغانە ۋە ئالتە شەﻫەردىكىيېقىن-تەرەپدارلىرى بىلەن يوشۇرۇن ئالاقەقىلىپ تۇردى،ئۆز ۋاقتىدا مىرزا ئابابەكرىنىڭسۈيقەستىدىن قوتۇلدۇرۇپ قاچۇرۋەتكەن يېقىنلىرىسەئىدىخانغا تۇشمۇ-تۇشتىن ياردەم قىلىشقاباشىلىدى،مىرزا ئابابەكرىنىڭ زۇلىمىدىن قېچىپپەرغانىگە كەلگەنلەرمۇ سەئىدخاننىڭ ﻫاكىمىيەتنىقولغا ئېلىشىنى ئۇمىد قىلدى،بابۇرشاﻫئوتتۇرا ئاسىياغا ﻫوجۇم قىلغاندا سەئىدخانمۇ ﻫەمدەمبولدى،ئىككەيلەن ئۆزبېكلەرگە قارشىدەﻫشەتلىك ئۇرۇشلارنى قىلغان بولسىمۇ غەلبە قىلالمىدى،بابۇرشاﻫنائىلاج كابۇلغا قايىتتى،سەئىدخانمۇباشقا ئۈمىدلىرىدىن ئامالسىز ۋاز كېچىپ بابۇر شاﻫتىنزور ئەسكىرى كۈچ ئېلىپ 1514-يىلىنارىنغا كەلدى،قوشۇنلىرنى تەرتىپكە سالغاندىن كېيىن 10 مىڭ كىشلىك قوشۇن بىلەن قەشقەرگەيۈرۈش قىلىشقا ﻫازىرلاندى. سەئىدخان بىلەن مىرزا ئابەكرى ئوتتۇرىسىدا دەﻫشەتلىكسوقۇشلارنىڭ بولغانلىقى،سەئىدىيەدۆلىتىنىڭ قۇرۇلغانلىقى مىرزائابابەكرىسەئىدخاننىڭ ﻫەربىي يۈرۈشىدىن خەۋەر تېپىپ قەشقەرنى قاتتىق مۇداپىئە قىلدى،لېكىنسەئىدخانقەشقەرگە ﻫۇجۇم قىلىشى بىلەن مىرزا ئابابەكرىنىڭ زۇلىمىدىن جاق تويغان قەشقەرخەلقىقوزغىلىپ سەئىدخان تەرەپكە ئۆتتى،مىرزا ئابابەكرى ئىچىكى،تاشقى ﻫۇجۇمدا تېزلاﻫالىدىنكەتتى ،قوشۇنلىرى بىرلا ﻫۇجۇم بىلەن تىرىپىرەن بولۇپ چېچىلىپ كەتتى،مىزرا ئابابەكرىتىبەتكەقاراپ قاچتى ۋە چۆلدە ﻫالاك بولدى.سەئىدخان يەكەنگە كىرگەندىن كېيىن 1514-يىلىرەجەپئېيىنىڭ 30-كۈنى قۇرۇلتاي چاقىردى،قۇرۇلتايدا سەئىدخان خانلىق تاجىنى كىيىدى،دۆلەتنىڭنامىنى ""سەئىدىيە دۆلىتى"" دەپ ئاتىدى،يەكەن شەﻫىرى دۆلەتنىڭدائىمى پايتەختىقىلىپ بېكىتىلدى،دۆلەت بايرىقىنىڭ شەكىلى نۇقۇت رەڭ ئۈچ بۈرجەكلىكبايراققا ئۆزگەرتىلىپبايراقنىڭ ئوڭ تەرىپىگە""*******""دىگەنئايەت ئالتۇن ﻫەل بىلەنيېزىلدى،سول تەرىپىگە دۆلەتنىڭ قۇرۇلغان ۋاقتى يېزىلدى.سەئىدىيەخانلىقى پارس تىلىنىدۆلەت تىلى قىلىپ بېكىتتى،ئىسلام دىنىنى دۆلەت دىنى قىلدى،مەدىرسلەردە 70% دەرسىلك پارستىلىدا ئۆتۈلدى،يەتتە سۇ،ئىسسىق كۆل ۋە ئالتە شەﻫەرگىچە بولغان كەڭزېمىن سەئىدىيە خانلىقىغامەنسۇپ بولدى،لېكىن شىمالى شىنجاڭ ئاكىسى مەنسۇرخاننىڭ قولىدابولغاچقا،سەئىدخان ئاكىسىغاتىنچ بىرلىشىش ئارزۇسىنى بىلدۈرۈپ مەكتۈپ ئەۋەتتى،سەئىدخانمەكتۇبىدا""دۆلەتقۇرۇشتىكى مەقسەت:زېمىن ئىگىلەپ،تاج كىيىپ،شەخسى ئارزۇنىقاندۇرۇش ئەمەس،بەلكى،ئۇزۇندىنبېرى راﻫەت كۆرمىگەن خەلقنى راﻫەتكە چىقىرىشتۇر.""دىگەن،سەئىدخانتەقۋادار،رەﻫىمدىل،خەلقچىلنسان بولغاچقا تەخىتكە ئولتۇرۇپلا باجنى 10 يىلغىچە كەچۈرۈمقىلغان،مىرزا ئابابەكرى بۇلاپتوپلىغان بايلىقىنى خەلقكە ئۈلەشتۈرۈپ بەرگەن،ئۇرۇشنىخوپ كۆرمىگەن.سەئىدخان ﻫاكىمىيەتنىمۇستەﻫكەملەپ كۈچەيگەندىن كېيىمۇ ئاكسى مەنسۇرخانغادۈشمەنلىك قىلمىدى،ئەكىسىچە داۋاملىقئەلچى ئەۋەتىپ ئۆز سەمىمىيىتىنى بىلدۈردى،مەنسۇرخانسەئىدخاننىڭ سەمىمىيىتى،جاسارىتىدىنتەسىرىلىنىپ ئاخىرى بەيەت ئىجىدە سەئىدىيە خانىلىقىكۈندىن كۈنىگە زورىيىپ نوپۇزلۇق،كۈچلۈكدۆلەتكە ئايلاندى،زېمىنى يەتتەسۇ،توقماق،تىبەت،كەشمىر،قۇمۇل،بەدەخشانغىچەكېڭەيدى.دۆلەتبىرىككە كېلىپ خەلق ئەمىن تاپتى،ئىگىلىك گۈللىنىپ دۆلەت روناق تاپتى،خەلقباياشات ئىچىدەئۆتتى،شۇڭا بۇ دەۋردە كىشلەر قۇمۇلدىن بەدەخشانغىچە سەپەرگە چىقسا ئوزۇقتۈلۈك ئالمايئۆيدىن ئۆيگە كىرىپ مېﻬمان بولۇپ بارار ئىكەن.سۇلتان سەئىدخان تىبەتكەقوشۇن تارتىپتىبەتنى بويسۇندۇرۇپ قايتاشىدا كېسەل تېگىپ 1533-يىلى 47 يېشىدا ۋاپاتبولدى.مىيىتىيەكەندىكى ئالتۇنلۇق مازارغا دەپنە قىلىندى.سۇلتان سەئىدخان 16 يېشىدىنباشلاپ 47 يېشىغىچەقەيسەرلىك بىلەن كۈرەش قىلىپ زېمىنى كەڭ،قۇدىرەتلىك، باي سەئىدىيەخانلىقىنى قۇردى ۋەمۇستەﻫكەملىدى،19 يىل سەلتەنەت سۈردى. مەنبە:ساقلىۋالغانلىرىم تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن
|