باشلانغۇچ ئېمتىھان سۇئاللىرى تارىخى بىلىملەر تىخنىكا ۋە كەشپىياتكومپىيۇتىر ۋە تۇرمۇش تولۇقسىز ئېمتىھان سۇئاللىرى كومپىيۇتىر سۇئاللىرى HSKئىمتىھان سۇئاللىرى مەشھۇر شەخىسلەر
باش بەت

مىكرو بلوگ ئاچقۇچىلارغا ئۆز ئىسمىنى ئىشلىتىش تۈزۈ

يوللانغان ۋاقتى: 2012-01-04 13:32 مەنبەسى: خەلق تورى ئاپتورى: ئىزدەن كۆرۈلۈشى: قېتىم
نۆۋەتتە مىكرو بلوگ ئاچقۇچى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتى بىلەن تىزىمغا ئالدۇرۇش تۈزۈمى پەقەت يېڭىدىن مىكرو بلوگ ئاچقۇچىلارغىلا قارىت
تەلەي +1

يېڭىدىن مىكرو بلوگ ئاچقۇچىلارغا ئۆز ئىسمىنى ئىشلىتىش تۈزۈمى قوللىنىلىدۇ

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 25-دېكابىر شاڭخەيدىن بەرگەن تېلېگراممىسى، مۇخبىرنىڭ نوپۇزلۇق تارماقلاردىن ئىگىلىشىچە، شاڭخەيدە 26-چېسلادىن باشلاپ يېڭىدىن مىكرو بلوگ ئاچقۇچىلار ئۆزىنىڭ ھەقىقىي سالاھىيەت ئۇچۇرلىرى بىلەن تىزىمغا ئالدۇرۇش تۈزۈمى سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدىكەن. پات ئارىدا بېيجىڭ، تيەنجىن، گۇاڭجۇ، شېنجېندىكى مىكرو بلوگ تور بىكەتلىرىمۇ يېڭىدىن مىكرو بلوگ ئاچقۇچىلار ئۆزىنىڭ ھەقىقىي سالاھىيەت ئۇچۇرلىرى بىلەن تىزىمغا ئالدۇرۇش تۈزۈمىنى يولغا قويىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە مىكرو بلوگ ئاچقۇچى ئۆزىنىڭ ھەقىقىي سالاھىيىتى بىلەن تىزىمغا ئالدۇرۇش تۈزۈمى پەقەت يېڭىدىن مىكرو بلوگ ئاچقۇچىلارغىلا قارىتىلىدىكەن. شەخسىي نامى بىلەن تىزىمغا ئالدۇرغۇچى ئۆزىنىڭ كىملىك نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلەپ بېرىشى، تەشكىلات، ئورگان، ئورۇن نامى بىلەن تىزىمغا ئالدۇرغۇچى تەشكىلات ياكى ئورگاننىڭ ۋاكالەت نومۇرى قاتارلىق ئۇچۇرلىرىنى تەمىنلەپ بېرىشى كېرەككەن. ئابونت تەمىنلىگەن كىملىك ئۇچۇرلىرىنى مىكرو بلوگ تور بىكەتلىرى دۆلەتنىڭ نوپۇزلۇق ئورگانلىرىغا يوللاپ ئىسپات ئالىدىكەن. تىزىمغا ئالدۇرۇپ بولغان مىكرو بىلوگ ئابونتلىرىغا قارىتا پەيدىنپەي قېلىپلاشتۇرۇش ئۇسۇلى قوللىنىلىپ، ھەقىقىي سالاھىيەت ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق تىزىمغا ئالدۇرۇش بىر-بىرلەپ يولغا قويۇلىدىكەن. مىكرو بلوگ ئابونتلىرىنىڭ ھەقىقىي سالاھىيەت ئۇچۇرلىرىنى تىزىملاش ۋە سېلىشتۇرۇپ ئىسپات ئېلىش پەقەت ئارقا سۇپىدا ئېلىپ بېرىلىدىغان مەشغۇلات بولۇپ، ئابونت تور بىكەت يۈزىدە كىملىكتىكى ھەقىقىي ئىسمىنى قوللانسا، ياكى تور نامى، ئابونت نامىنى تاللىۋالسا بولىدىكەن، تور بېكىتى ئابونت ئارزۇسىغا تولۇق ھۆرمەت قىلىدىكەن. مىكرو بلوگ ئابونتلىرى ھەقىقىي سالاھىيەت ئۇچۇرلىرى ئارقىلىق تىزىمغا ئالدۇرۇش تۈزۈمى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، ئالاقىدار تارماقلار تور بېكەتلىرى ۋە ئىسپات بېرىش ئورگانلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك تۈزۈم ۋە تەرتىپلەرنى تۈزۈش، مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ئابونتلارنىڭ كىملىك ئۇچۇرى بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغداپ، ئابونتلارنىڭ قانۇنىي مەنپەئىتى، جامائەت مەنپەئىتى ۋە دۆلەتنىڭ ئۇچۇر بىخەتەرلىكىنى قوغدايدىكەن.

تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن

ئىزدەننىڭ باشقا تېمىلىرى:


[تىخنىكا ۋە كەشپىيات] ئەنگىلىيەدىكى بىر شىركەت سۇ زەمبىرىكى ياساپ چىقتى [ 2012-01-05 18:26:58 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلار ئاپېلسىننى كۆپ يېمەسلىكى كېرەك [ 2012-01-05 18:24:58 ]
[ئاتا-ئانا ۋە پەرزەنىت] ئاپا، ئارزۇيىڭىزنى چۈشەندىم [ 2012-01-05 18:22:22 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] EXCEL سانلىق مەلۇمات بىرتەرەپ قىلىش ياردەمچىسى [ 2012-01-04 15:24:24 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] EXCEL توپلانما قورال قۇتىسى [ 2012-01-04 15:18:47 ]
[كىچىك دىتال ۋە قوراللار] PDF、PDG、WDL بىرلەشتۇرۇلگەن ئېلكىتاب ئوقۇغۇچ [ 2012-01-04 15:07:24 ]
[تولۇقسىز 2-ماۋسۇم] 7-يىللىق 2-ماۋسۇم خەنزۇتىلى دەرس تەييارلىق [ 2012-01-04 14:59:34 ]
[تولۇقسىز 1-ماۋسۇم] 9-يىللىق 1-ماۋسۇم ئىدىيە سىياسى دەرس تەييارلىق 9年级 [ 2012-01-04 14:56:25 ]
[تولۇقسىز 1-ماۋسۇم] 9-يىللىق خەنزۇتىلى 1-ماۋسۇم دەرس تەييارلىق [ 2012-01-04 14:42:23 ]
[پەرزەنىت ساغلاملىقى] بالىلارغا سۇ چېچەك چىقسا [ 2012-01-04 14:19:45 ]



ياخشىكەن
(0)
0%
ناچاركەن
(0)
0%
------分隔线----------------------------

ئىنكاس رايونى
دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تور قانۇنلىرىغا ئاڭلىق رېئايە قىلىپ، شەھۋانىي، ئەكسىيەتچىل، زوراۋانلىق خاراكتېرىدىكى ئۇچۇرلارنى قەتئىي چەكلەيلى! شۇ ئارقىلىق مەدەنىي جەمئىيەت قۇرۇشقا تېگىشلىك تۆھپە قوشايلى!
باھا بېرىڭ:
تەستىق كودى: چەكسىڭىز ئالمىشىدۇ
ئەڭ يېڭى ئىنكاسلار ئىنكاس تەپسىلاتى بۇ يەردە...>>
تەۋسىيەلەر