![]() |
NEROدىن پايدىلىپ vcdدېسكىسىغا ناخشا ئويۇش مەشغۇلاتى
VCDدېسكىسىدىكى ناخشىلارنى، قۇرۇق دېسكىغا كۆچۈرۈش ئۈچۈن، كومپىيۇتېردا ئويغۇچ(刻录机)بولۇشى ھەم ئويۇش يۇمشاق دېتالىneroقاچىلانغان بولۇشى كېرەك.قۇرۇق ئوپتىك دېسكىغا VCDدېسكىسىدىكى ناخشىلارنى ئويۇش مەشغۇلاتى تۆۋەندىكىچە:
1.nero يۇمشاق دېتالىنى قوزغىتىمىز
开始------程序----Ahead Nero---- Nero Expressنى تاق چېكىپ ئويۇش ئۈچۈن خىزمەت قىلىدىغان ئويۇش پروگگىراممىسىنى قوزغىتىمىز.
2.چىققان تىزىملىكتىن 视频/图片نىڭ ئاستىدىكى Video CD دىگەن تۈرنى تاللايمىز.
3. چىققان دىئالوگ رامكىسىدىن 添加(A)نى تاللاپ،بىز كۆچۈرمەكچى بولغان كومپىيۇتېرنىڭ قاتتىق دېسكىسىغا ساقلاپ قويۇلغان ناخشىلارنى تاللايمىز.
.
4. بىز كۆچۈرمەكچى بولغان ناخشىلارنى تاللاپ بولغاندىن كىيىن 新增 دىگەن تۈرنى تاللاپ ئاستىدىكى ئوپتىك دېسكىنىڭ سىغىمىنى كۆرسىتىپ تۇردىغان سىزغۇچنىڭMB 600 ئەتىراپىدا بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك . بۇ يەردە شۇنىڭغا دېھقەت قىلىش كېرەكككى ، بىز كۆچۈرمەكچى بولغان ناخشىلارنىڭ سىغىمى بەلگىلەنگەن ئۆلچەم MB 600دىن تۆۋەن بولسا بولۇدۇكى ئۇنىڭدىن يۇقۇرى قىلىۋېتىشكە بولمايدۇ . ئۇنداق بولمىغاندا ، ئوپتىك دېسكىنى ئويۇش مەشغۇلاتىدا خاتالىق كۆرۈلىدۇ.(بۇ يەردە 启用VCD菜单ئالدىغا قويۇلغان توغرا بەلگىسىنى ئېلىۋېتىشىمىز كېرەك ، بولمىسا VCDدا دېسكىنى قويغاندا ئۆزى ئاپتۇماتىك قويۇلمايدۇ)
5.ناخشىلارنى تاللاپ بولغاندىن كىيىن 已完成نى بېسىپ 下一步كۇنىپكىسىنى باسساق تۆۋەندىكىدەك تىزىملىك چىقىدۇ.
بۇ تىزىملىكتىن ئوپتىك دېسكىغا يېزىش سۈرئىتىنى بەلگىلەپ بېرىمىز ، ئادەتتە 32x4800KB/sنى تاللاپ، قۇرۇق ئوپتىك دېسكىنى 刻录机سېلىپ، 刻录كۇنۇپكىسىنى باسساق ، بىز تاللىغان ناخشىلار ئوپتىك دېسكىغا ئويۇپ يېزىلىشقا باشلايدۇ.
ئوپتىك دېسكىغا ناخشىلار ئويۇلۇپ بولۇنغاندىن كىيىن ، كومپىيۇتېر دېسكىنى كومپىيۇتېر قوزغاتقۇچىدىن چىقىرۋېتىدۇ. بۇ ۋاقىتتا بىزنىڭ ئوپتىك دېسكىغا VCDشەكلىدە ناخشا كۆچۈرۈش مەشغۇلاتىمىز ئاياقلاشقان بولۇدۇ. تەھىرلىگۇچى:ئىزدەن
|