ۋاقىت : 2011-12-26 15:47 | مەنبەسى : | ەمىنلىگۇچى : بۈگۈر0996 | تەھرىر : ئىزدەن | كۆرۇلىشى : قېتىم
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتۇنۇم رايونى شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۈەنى
ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ كومپيۇتېر تېخنىكا سەۋىيىسىنى سىناش
نەزەرىيە ئىمتىھان سۇئالى(4)
(ئمتىھان ۋاقتى 40 مىنۇت ، 50 نومۇر)
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
1. جاۋاب بېرىش كارتىسىدىكى ئۇچۇر نوقتىسى (بوياش ئورنى) نى 2B تىپلىق قېرىنداش قەلەم بىلەن توغرا بوياڭ، قەغەز يۈزىنى مەينەت قىلىۋەتمەڭ ۋە جاۋاب بېرىش كارتىسىنى قاتلىۋەتمەڭ.
2. جاۋاب بېرىش كارتىسىدىكى ئىمتىھان كىنىشكا نومۇرىنى تولدۇرۇش رايونىنى چوقۇم توغرا تولدۇرۇڭ ۋە توغرا بوياڭ، بولمىسا شۇ قېتىملىق ئىمتىھان ئىناۋەتسىز بولىدۇ.
3. ئىسىم-فامىلىڭىزنى ۋە ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەر (ناھىيە) نىڭ نامىنى جاۋاب بېرىش كارتىسىدىكى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا يېزىڭ.
4. ھەر قايسى سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلغاندىن كېيىن، جاۋاب بېرىش كارتىسىدىكى سۇئال نومۇرىغا ماس بولغان ئۇچۇر نوقتىسى (بوياش ئورنى) نى بوياڭ.ئىمتىھان سۇئالىغا يېزىلغان جاۋاب ئىناۋەتسىز.
I. بىرنى تاللاپ جاۋاپ بېرىش سۇئالى (ھەر بىر سۇئالغا 1 نومۇردىن، جەمئىي 40 نومۇر بېرىلىدۇ)
1. تۆۋەندىكىلەردىن سىستېما يۇمشاق ماتېرىيالىغا تەۋەبولغىنى( ).
A. WPS B. Word C. DOS D. Excel
2. كومپيۇتېر بىۋاستە تونۇيدىغان ۋە بىر تەرەپ قىلالايدىغان تىل ( ).
A. ماشىنا تىلى B. ئالى دەرىجىلىك تىل
C. ئوبيېكتقا يۈزلەنگەن تىل D. ئاسسېمبېل تىلى
3. مىكرو كومپيۇتېردا، CPU نىڭ تىپى"P4 2.4G" بولسا، ئۇنداقتا 2.4G ، مەركىزى بىرتەرەپ قىلغۇچنىڭ ( ) نى بىلدۈرىدۇ.
A. تىپىنىڭ 2.4G ئىكەنلىكى
B. ئاساسىي چاستوتىسى 2400MHz ئىكەنلىكى
C. بۇففېر سىغىمىنىڭ 2.4G ئىكەنلىكى
D. ھېسابلاش سۈرئىتىنىڭ 2.4G MIPS ئىكەنلىكى
4. تۆۋەندىكى ساقلىغۇچلاردىن ساقلاش ۋە ئوقۇش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغىنى ( ).
A. ئىچكى ساقلىغۇچ B. قاتتىق دىسكا
C. ئوپتىك دىسكا D. يۇمشاق دىسكا
5. تۆۋەندىكلەردىن كومپيۇتېر ۋىرۇسىنىڭ ئالاھىدىلىكىگە تەۋە بولمىغىنى ( ).
A. بۇزغۇنچىلىق قىلىش B. ئىممۇنىتېتچانلىق
C. يۇقۇملىنىش D. يوشۇرۇن بولۇش
6. كومپيۇتېردا، 1GB ( ) ئۇچۇرنى ئىپادىلەيدۇ.
A. 1024 كىلو بايت B. 1024K دانە خەنزۇچە خەت
C. 1024 مىگا بايت D. 1024M دانە خەنزۇچە خەت
7. كومپيۇتېردا ( ) غا ساقلانغان ئۇچۇرلار كومپيۇتېرنى ئۆچۈرگەندىن كېيىن يوقىلىپ كېتىدۇ.
A. ROM B. RAM C. قاتتىق دىسكا D. يۇمشاق دىسكا
8. تۆۋەندىكى ئۈسكۈنىلەردىن كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىسىگە تەۋە بولمىغىنى ( ).
A. ئېكران B. مائۇس
C. سكاننېر D. كۇنۇپكا تاختىسى
9. Windows دا، ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچ سىنبەلگىلىرىنىڭ كۆرسىتىلىش شەكلىنى ئۆزگەرتىش ئۈچۈن ( ) تىزىملىكىدىكى بۇيرۇقنى تاللايمىز.
A. «文件» (ھۆججەت) B. «编辑» (تەھرىرلەش)
C. «工具» (قورال) D. «查看» (تەكشۈرۈپ كۆرۈش)
10. Windows دا، ھۆججەت نامىغا ئاساسەن ھۆججەت ئىزدەشتە، ( ) بەلگىسى خالىغان بىر ھەرپكە ۋەكىللىك قىلىدۇ.
A. ? B. * C. ! D. %
11. Windows نىڭ ئۈستەل يۈزىدىكى سىنبەلگىلەرنى قايتا رەتلەپ تىزىشتا، ئالدى بىلەن مائۇسنىڭ ئوڭ كۇنۇپكىسى ئارقلىق ( ) نىڭ بوش ئورنىنى تاق چىكىش كېرەك.
A. ئۈستەل يۈزى B. ۋەزىپە ئىستونى
C. ئېچىلغان كۆزنەك D. "باشلاش" تىزىملىكى
12. Windows دا، نۆۋەتتىكى ھۆججەت قىسقۇچتىكى بارلىق ھۆججەت ۋە ھۆججەت قىسقۇچلارنى تاللاش ئۈچۈن، ( ) بىرىكمە كۇنۇپكىسىنى باسساقمۇ بولىدۇ.
A. Ctrl+V B. Ctrl+A C. Ctrl+X D. Ctrl+C
13. Windows دىكى "دىسكا بوشلۇقىنى رەتلەش پروگراممىسى" نىڭ ئاساسلىق رولى ( ).
A. بۇزۇلغان دىسكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش B. دىسكا بوشلۇقىنى كىچىكلىتىش
C. ھۆججەت زىيارەت قىلىش سۈرئىتىنى تېزلىتىش D. دىسكا بوشلۇقىنى چوڭايتىش
14. Windows دىكى يىغىش پونكىتى ئەمەلىيەتتە ( ).
A. ئىچكى ساقلىغۇچ رايونى B. دوكۇمېنت
C. قاتتىق دىسكىدىكى بوشلۇق D. ئۆچۈرۈلگەن ھۆججەتنىڭ تېزلەتمە شەكلى
15. Windows دا، ( ) ۋە PrintScreen كۇنۇپكىسىنى بىرلا ۋاقىتتا بېسىش ئارقىلىق نۆۋەتتىكى كۆزنەكنى كېسىپ چاپلاش تاختىسىغا كۆچۈرۈشكە بولىدۇ.
A. Alt B. Ctrl C. Tab D. Shift
16. Windows نىڭ "باشلاش" تىزىملىكىدە، يېقىندا ئىشلىتىلگەن ھۆججەتلەرنى كۆرسىتىش ئۈچۈن ( ) نى تاللاش كېرەك.
A. «程序» (پروگرامما) B. «文档» (دوكۇمېنت)
C. «查找» (ئىزدەش) D. «运行» (ئىجرا قىلىش)
17. Windows دا، ۋەزىپە ئىستونى ئارقىلىق تاماملاشقا بولمايدىغان مەشغۇلات ( ).
A. سىستېمىنىڭ چېسلاسى ۋە ۋاقتىنى ئۆزگەرتىش
B. ئۈستەل يۈزىدىكى سىنبەلگىلەرنى رەتلەش
C. كۆزنەكلەرنى تىزىش ۋە ئالماشتۇرۇش
D. "باشلاش" تىزىملىكىنى قوزغۇتۇش
18. Windows دا، ئەگەر تىزىملىكتىن كەينىدە (...) بەلگىسى بار تىزىملىكنى تاللىساق ( ).
A. بۇ تىزىملىك بۇيرۇقى ئىجرا بولىدۇ
B. تارماق تىزىملىك ئېچىلىدۇ
C. بۇ تىزىملىك ئەزا تاللىنىدۇ.
D. بىر دىئالوگ رامكا ئېچىلىدۇ
19. Wordدا، بىر قۇر يېزىقنى تاللىغاندىن كېيىن مائۇسنى سۆرەش ئۇسۇلى ئارقىلىق كۆچۈرۈشتە، ( ) كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇش كېرەك.
A. Esc B. Ctrl C. Alt D. Shift
20. Wordدا، دوكۇمېنت ABC نى ئېچىپ تەھرىرلىگەندىن كېيىن نامىنى ABD غا ئۆزگەرتىپ ساقلىساق، دوكۇمېنت ABC ( ).
A. دوكۇمېنت ABD تەرىپىدىن قاپلىنىدۇ
B. ئۆزگەرتىلىدۇ، لېكىن ئېتىلمەيدۇ
C. ئۆزگەرتىلىدۇ ھەم ئېتىلىدۇ
D. ئۆزگەرتىلمەيدۇ، ئەمما ئېتىلدۇ
21. Wordدا، ماقالىدىكى بارلىق "计算机" نى "Computer" غا ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، ( ) بۇيرۇقىنى ئىشلىتىمىز.
A. خەنزۇچە–ئېنگلىزچە ئايلاندۇرۇش (中英文转换) B. ئۆزگەرتىپ يېزىش (改写)
C. چاپلاش (粘贴) D. ئالماشتۇرۇش (替换)
22. Wordنىڭ تەھرىرلەش ھالىتىدە، خەت نومۇرىنىڭ چوڭ–كىچىكلىكىنى سېلىشتۇرۇشقا ئائىت تۆۋەندىكىلەردىن توغرىسى( ).
A. "四号" خەت "36" قاداقلىق خەتتىن چوڭ
B. "四号" خەت "五号" خەتتىن چوڭ
C. "36" قاداقلىق خەت "48" قاداقلىق خەتتىن چوڭ
D. "五号" خەت "36" قاداقلىق خەتتىن چوڭ
23. Wordنىڭ تەھرىرلەش ھالىتىدە، مەلۇم ئابزاسنى سولغا توغرىلىغاندىن كېيىن، قورال ئىستونىدىكى كۇنۇپكىسىنى ئىككى قېتىم باسساق، توغرىلىنىش شەكلى ( ) بولىدۇ.
A. ئىككى ئۇچقا توغرىلىنىش (两端对齐) B. ئوتتۇرىغا توغرىلىنىش (居中)
C. ئوڭغا توغرىلىنىش (右对齐) D. تارقاق توغرىلىنىش (分散对齐)
24. Wordدا، كىرگۈزۈش نوقتىسى جەدۋەلدىكى مەلۇم قۇرنىڭ ئەڭ ئاخىرقى كاتەكچىسى ئىچىدە تۇرغاندا، Enter كۇنۇپكىسىنى باسساق ( ).
A. قىستۇرۇش نۇقتىسى تۇرۇشلۇق قۇر ئېگىزلەيدۇ
B. قىستۇرۇش نۇقتىسى تۇرۇشلۇق ئىستون كېڭىيىدۇ
C. جەدۋەلدە ئۆزگىرىش بولمايدۇ
D. كىرگۈزۈش نوقتىسى تۇرۇشلۇق قۇر ئاستىغا بىر قۇر قوشۇلىدۇ
25. تۆۋەندىكى Excelفورمۇلالىرى ئىچىدە توغرىسى ( ).
A. =B2*Sheet2!B2 B. =2B*Sheet2!B2
C. =B2*Sheet2$B2 D. =2B*Sheet2:B2
26. Excelخىزمەت جەدۋىلىدىكى سانلىق–مەلۇماتلارنى ئۆزگەرتسەك، ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك دىئاگرامما ( ).
A.ئۆزگەرمەيدۇ B. ئۆزگىرىشى مۇمكىن
C. تەڭشىگەندىن كېيىن ئۆزگىرىدۇ D. ئاپتۇماتىك ئۆزگىرىدۇ
27. يېڭى قۇرۇلغان Excelخىزمەت دەپتىرى ( ) دانە خىزمەت جەدۋىلىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
A. 1 B. 256 C. 65536 D. 3
28. Excelقوزغىتىلغاندىن كېيىن، ( ) ناملىق بىر خىزمەت دەپتىرى ئاپتۇماتىك قۇرۇلىدۇ.
A. 文档1 B. Sheet1 C. Book1 D. Excel1
29. Excelخىزمەت جەدۋىلىنىڭ مەلۇم بىر كاتەكچىسىگە ھەرپ–بەلگە تىزىقى "0123" نى كىرگۈزۈشنىڭ توغرا ئۇسۇلى ( ).
A. 0123 B. ‘0123 C. =0123 D. “0123”
30. PowerPointكۆرسەتمە ئورىگىنال ھۆججىتىنىڭ كېڭەيتىلگەن نامى ( ).
A. ppt B. pwt C. xls D. doc
31. PowerPointنىڭ پرويېكسىيە پلاستىنكىسىغا كۆز يۈگۈرتۈش كۆرمە سۈرەت ھالىتىدە تاماملاشقا بولمايدىغان مەشغۇلات ( ).
A. پىلاستىنكىنىڭ ئورنىنى ئالماشتۇرۇش
B. پىلاستىنكىنى ئۆچۈرۈش
C. پىلاستىنكا مەزمۇنىنى ئۆزگەرتىش
D. پىلاستىنكىنى كۆچۈرۈش
32. PowerPointدا، «自定义动画» (ھەرىكەتنى ئۆزى بەلگىلەش) ئارقىلىق بەلگىلەشكە بولمايدىغان مەشغۇلات ( ).
A. ئوبيېكتنىڭ قويۇلۇش سۈرئىتى
B. ئوبيېكتنىڭ قويۇلۇش تەرتىپى
C. پرويېكسىيە پىلاستىنكىسىنىڭ ئالمىشىش ئۈنۈمى
D. ئوبيېكتنىڭ قويۇلۇش ئۈنۈمى
33. پرويېكسىيە پىلاستىنكىسىنى قويۇشتىن توختۇتۇش ئۈچۈن ( ) كۇنۇپكىنى بىۋاستە باسساقمۇ بولىدۇ.
A. Ctrl+C B. Esc C. End D. Del+F4
34. تۆۋەندىكى مەشغۇلاتلاردىن پرويېكسىيە پىلاستىنكىسىنى قويالمايدىغىنى( )
A. كـۆرمە سـۈرەت (视图) تىزىملىكىدىكى پرويېكــسىـيە پىلاســتىنكىــسىغا كۆز يـۈگۈرتـۈش (幻灯片浏览) بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش
B. پرويېكـــسىيە پىلاستـــىنكىسىنى قويۇش (幻灯片放映) تىزىملىكىدىكى قويــۇپ كــۆرۈش (观看放映) بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش
C. F5 كۇنۇپكىسىنى بىۋاستە بېسىش
D. ئاساسىي كۆزنەكنىڭ سول ئاستىنقى بۇلۇڭىدىكى پرويېكسىيە پىلاستىنكىسىنى قويۇش (幻灯片放映) كۇنۇپكىسىنى بېسىش
35. تۆۋەندىكىلەردىن كۆپ مېدىئالىق كومپيۇتېرنىڭ قاتتىق ماتېرىيال سەپلىمىسىگە تەۋە بولمىغىنى( ).
A. ئاۋاز كارتىسى B. سۈرەت كارتىسى
C. ئوپتىكىلىق دىسكا قوزغاتقۇچ D. مەخپىي سىفىرلاش كارتىسى
36. تور ئۇزىتىش سۈرئىتىنىڭ ئاساسىي بىرلىكى ( ).
A. سېكۇنت/كۆرۈنۈش B. سېكۇنت/ھۆججەت
C. سېكۇنت/بىت D. سېكۇنت/مېتىر
37. تۆۋەندىكىلەردىن ( ) ئېلېكترونلۇق يوللانما ئادرېسى.
A. www.263.net.cn B. cscc@263.net
C. 192.168.0.100 D. http://www.sohou.com
38. تۆۋەندىكى ئىنتېرنېت رايون ناملىرى ئىچىدە،( ) ھۆكۈمەت ئورگانلىرىنىڭ قىسقارتىلمىسى.
A. com B. edu C. gov D. net
39. ئىنتېرنېتتا كەڭ قوللىنىلىۋاتقان ئۆلچەملىك تور كېلىشىمى ( )
A. TCP/IP B. CSMA/CD C.IPX/SPX D. NetBEUI
40. نۆۋەتتە، تور ئۇزىتىش ۋاستىلىرى ئىچىدە ئۇزىتىش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغىنى ( ).
A. قوش ئوراملىق سىم (双绞线) B. ئورتاق ئوقلۇق كابېل (同轴电缆)
C.نۇر كابېل (光缆) D. تېلېفۇن سىمى (电话线)
II. توغرا-خاتالقىغا ھۆكۈم قىلىش سۇئالى (ھەر بىر سۇئالغا 1 نومۇردىن، جەمئىي 10 نومۇر بېرىلىدۇ)
1. Word نىڭ فورمات چوتكىسى ئارقىلىق يېزىقنىڭ فورماتىنى كۆچۈرۈپلا قالماستىن، يەنە ئابزاسنىڭ فورماتىنىمۇ كۆچۈرۈشكە بولىدۇ. ( )
2. Excel نىڭ خىزمەت جەدۋېلى بىر مۇستەقىل ھۆججەت. ( )
3. كۆرسەتمە ئورىگىنالى ئىچىدىكى ۋاقتىنچە قويۇلمايدىغان پرويېكسىيە پىلاستىنكىلىرىنى تەڭشەش ئارقىلىق يۇشۇرۇپ قويۇشقا بولىدۇ. ( )
4. كۆپ ئۇچرايدىغان كۆرۈنمە چاستۇتا (视频) ھۆججەت فورماتلىرىدىن: AVI, MPEG, JPG قاتارلىقلار بار. ( )
5. بىر ھۆججەت قىسقۇچ ئىچىگە دوكۇمېنت my.doc ۋە MY.DOC نى تەڭ ساقلاشقا بولمايدۇ. ( )
6. كۆپ دوكۇمېنت ئېچىلغان ھالەتتە، "ھۆججەت" تىزىملىكىدىكى "ئېتىۋېتىش" بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلساق، بارلىق ھۆججەتلەر ئېتىلىدۇ. ( )
7. ئەگەر كومپيۇتېردىكى ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانغان ھۆججەتلەرنى ئىجرا قىلمىساق، كومپيۇتېر ۋىرۇس بىلەن يۇقۇملانمايدۇ. ( )
8. كەڭ دائىرلىك تورنىڭ ئېنگلىزچە نامىنىڭ قىسقارتىلمىسى LAN . ( )
9. كومپيۇتېرنى ئىنتېرنېتقا ئۇلىغاندا، چوقۇم مودېم (Modem) دىن پايدىلىنىش ناتايىن. ( )
10. Windowsنىڭ ئۈستەل يۈزى نۆۋەتتە ئىجرا قىلىنىۋاتقان مەلۇم بىر دوكۇمېنت كۆزنىكىنى كۆرسىتىدۇ. ( )
参考答案
一.单选题(每题1分,共40分)
1 | 2 | 3 | 4 | 5 | 6 | 7 | 8 | 9 | 10 | 11 | 12 | 13 | 14 | 15 | 16 | 17 | 18 | 19 | 20 |
C | A | B | A | B | C | B | A | D | A | A | B | C | C | A | B | B | D | B | D |
21 | 22 | 23 | 24 | 25 | 26 | 27 | 28 | 29 | 30 | 31 | 32 | 33 | 34 | 35 | 36 | 37 | 38 | 39 | 40 |
D | B | A | A | A | D | D | C | B | A | C | C | B | A | D | C | B | C | A | C |
二. 是非题(每题1分,共10分)
1 | 2 | 3 | 4 | 5 | 6 | 7 | 8 | 9 | 10 |
ü | û | ü | û | ü | û | û | û | ü | û |
()