كومپىيۇتىر دەرىجە ئىمتىھان سۇئالى
كومپىيۇتىر دەرىجە ئىمتىھان سۇئالى(3)
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
1. جاۋاپ بېرىش كارتىسىدىكى ئۇچۇر نوقتىسى (بوياش ئورنى) نى 2B تىپلىق قېرىنداش قەلەم بىلەن توغرا بۇياڭ، قەغەز يۈزىنى مەينەت قىلىۋەتمەڭ ۋە جاۋاپ بېرىش كارتىسىنى قاتلىۋەتمەڭ.
2. جاۋاپ بېرىش كارتىسىدىكى ئىمتىھان كېنىشكا نومۇرىنى تولدۇرۇش رايۇنىنى چوقۇم توغرا تولدۇرۇڭ ۋە توغرا بۇياڭ، بولمىسا شۇ قېتىملىق ئىمتىھان ئىناۋەتسىز بولىدۇ.
3. ئىسىم-فامىلىڭىزنى ۋە ئۆزىڭىز تۇرۇشلۇق ۋىلايەت، ئوبلاسىت، شەھەر (ناھىيە) نىڭ نامىنى جاۋاپ بېرىش كارتىسىدىكى بەلگىلەنگەن ئورۇنغا يېزىڭ.
4. ھەر قايسى سۇئاللارنىڭ جاۋابىنى ئەستايىدىل تەھلىل قىلغاندىن كېيىن ، جاۋاپ بېرىش كارتىسىدىكى سۇئال نومۇرىغا ماس بولغان ئۇچۇر نوقتىسى (بۇياش ئورنى) نى بۇياڭ.ئىمتىھان سۇئالىغا يېزىلغان جاۋاب ئىناۋەتسىز.
I. بىرنى تاللاپ جاۋاپ بېرىش سۇئالى (ھەر بىر سۇئالغا 1 نومۇردىن، جەمئىي 40 نومۇر بېرىلىدۇ)
1. تۆۋەندىكى بايانلاردىن RAM نىڭ ئالاھىدىلىكىگە تەۋە بولغىنى ( ).
A. توك ئۈزۈلسە ئۇچۇر يوقىلىپ كېتىدۇ B. ئۇچۇر مەڭگۈ ساقلىنىدۇ
C . پەقەت ئوقۇشقىلا بۇلىدۇ D. سۈرئىتى ئاستا
2. بىرىنچى ئەۋلاد ئېلېكترونلۇق كومپيۇتېردا قوللىنىلغان لوگىكىلىق توك يولى ( ).
A. توپلاشتۇرۇلغان توك يولى B. چوڭ كۆلەملىك توپلاشتۇرۇلغان توك يولى
C . كرىستال لامپا D. ئېلېكترونلۇق لامپا
3. GB1 ( ) قا تەڭ بولىدۇ.
A. B 1024 KB .B1024 C. 1024MB D. 1028MB
4. تۆۋەندىكى ئۈسكۈنىلەردىن كىرگۈزۈش ئۈسكۈنىسىگە تەۋە بولغىنى ( ).
A. پرىنتېر B. ئىكران
C. يۇمشاق دىسكا D. كۇنۇپكا تاختىسى
5. كومپيۇتېر بىردىنبىر بىۋاستە تونۇيدىغان ۋە ئىجىرا قىلالايدىغان تىل ( ).
A. ماشىنا تىلى B. يۇقىرى دەرىجىىلىك تىل
C. ئەڭ يۇقىرى دەرىجىىلىك تىل D. ئاسسامبېل تىلى
6. كومپيۇتېر ۋىرۇسىنىڭ ئاساسلىق زىيىنى ( ).
A. ماگنىتلىق دىسكىنى بۇزۇش B. ماگنىتلىق دىسكا قوزغاتقۇچنى بۇزۇش
C. CPU نى بۇزۇش D. پروگرامما ۋە سانلىق مەلۇماتلارنى بۇزۇش
7. تۆۋەندىكى ساقلىغۇچلارنىڭ ئىچىدە سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغىنى ( ).
A. يۇمشاق دىسكا ساقلىغۇچ B. ئىچكى ساقلىغۇچ
C. ئوپتىكىلىق دىسكا ساقلىغۇچ D. قاتتىق دىسكا ساقلىغۇچ
8. كومپيۇتېرنىڭ تۈرلۈك ئالاھىدىلىكلىرى ئىچىدە ئەڭ ئاساسلىق بولغىنى ( ).
A. ھېسابلاش سۈرئىتى تېز B. ھېسابلاش ئېنىقلىق دەرىجىسى يۇقىرى
C. ئورتاق قوللىنىشچانلىقى كۈچلۈك D. پروگرامما ساقلاش ۋە ئاپتوماتىك كونتروللاش
9. Windows «مەنبە باشقۇرغۇچ» (资源管理器) كۆزنىكىنىڭ سول تەرىپىدىكى رامكىدا، ئەگەر ھۆججەت قىسقۇچ سىنبەلگىسىنىڭ ئالدىدا بەلگىسى بولسا، بۇ ھۆججەت قىسقۇچنىڭ ( ) نى بىلدۈرىدۇ.
A. تارماق ھۆججەت قىسقۇچى بارلىقى B. پەقەت ھۆججەتنىلا ئۆز ئىچىگە ئالغانلىقى
C. بوش ھۆججەت قىسقۇچ ئىكەنلىكى D. تارماق ھۆججەت قىسقۇچى يوقلىقى
10. ھۆججەتنىڭ كېڭەيتىلگەن نامى ( ) نى پەرىقلەندۈرۈشكە قوللىنىلىدۇ.
A. ھۆججەت تېپى B. ھۆججەتنىڭ قۇرولغان ۋاقتى
C. ھۆججەتنىڭ چوڭ-كىچىكلىكى D. ھۆججەتنىڭ قۇرولغان چېسلاسى
11. ( ) كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، ئاكتىپ پروگرامما كۆزنىكىنى تاقاشقا بولىدۇ.
A. Ctrl+F4 B. Ctrl+Esc C. Alt+F4 D. Alt+Esc
12. Windows دا، ( ) نى ھۆججەت نامى قىلىشقا بولمايدۇ.
A. "<" B. "_" C. "+" D. "خەنزۇچە خەت"
13. Windows98 دا، ھۆججەت ياكى ھۆججەت قىسقۇچنى يىغىش پونكىتى (回收站) غا قويماي بىۋاستە ئۆچۈرۈش ئۈچۈن تۆۋەندىكى ( ) مەشغۇلات ئىشلىنىدۇ.
A. Alt + F4 B. Shift + Delete
C. Alt + Shift D. Ctrl + X
14. Windows دا، كېسىپ چاپلاش تاختىسى (剪贴板)بولسا، ( ) دىكى بىر بۆلەك رايۇن.
A . ئىچكى ساقلىغۇچ B. يۇقىرى سۈرئەتلىك بۇففېر
C. قاتتىق دىسكا D. يۇمشاق دىسكا
15. Word نىڭ تەھرىرلەش ھالىتىدە، دوكۇمېنتنىڭ مەزمۇنى بىر بەتكە توشمىغان ئەھۋالدا يېڭى بەت ئېچىش ئۈچۈن ئىلىپ بىرىلىدىغان مەشغۇلات ( ).
A. قۇر يۆتكەش بەلگىسى (换行符) قىستۇرۇش B. ئىستونغا ئايرىش بەلگىسى (分栏符) قىستۇرۇش
C. بەت ئايرىش بەلگىسى (分页符) قىستۇرۇش D. بۇغۇم ئايرىش بەلگىسى (分节符) قىستۇرۇش
16. Windows مەشغۇلات سېستىمىسى، سىستېما مەنبەلىرىنى باشقۇرىدىغان ئىككى پروگرامما بىلەن تەمىنلەنگەن. ئۇلاربولسا «مىنىڭ كومپيۇتېرىم» (我的电脑) بىلەن( ).
A . يىغىش پونكىتى (回收站) B. مەنبە باشقۇرغۇچ (资源管理器)
C. كېسىپ چاپلاش تاختىسى (剪贴板) D. مېنىڭ دوكۇمېنتىم (我的文档)
17.كومپيۇتېرغا Windows مەشغۇلات سىستېمىسى قاچىلانغاندىن كېيىن، ئۈستەل يۈزىدە ئاپتۇماتىك پەيدا بولىدىغان سىنبەلگىلەرنىڭ بىرى ( ).
A . مەنبە باشقۇرغۇچ (资源管理器) B. يىغىش پونكىتى (回收站)
C. Word D. FoxPro
18. ئەسلىدە بار بولغان بىر دوكۇمېنت كۆزنىكى تاقالغاندىن كېيىن، بۇ دوكۇمېنت ( ) قا ساقلىنىدۇ.
A . كېسىپ چاپلاش تاختىسى B. يىغىش پونكىتى
C. ئىچكى ساقلىغۇچ D. سىرتقى ساقلىغۇچ
19. تورنىڭ ئۇچۇر يۇللاش سۈرئىتىنىڭ ئاساسىي بىرلىكى ( ).
A . سېكونت/بەت B. سېكونت/ھۆججەت
C. سېكونت/بىت D. سېكونت/مىتېر
20. تۆۋەندىكى تور دائىرە ناملىرىدىن جوڭگۇغا ۋەكىللىك قىلىدىغىنى ( ).
A. ch B. cn C. zh D. zg
21. كومپيۇتېر تورىنىڭ ئەڭ رۇشەن ئارتوقچىلىقى ( ).
A. ئۇچۇر ئالماشتۇرۇش B. تەننەرقنى تۆۋەنلىتىش
C.مەنبەدىن ئورتاق پايدىلىنىش D. سانلىق مەلۇمات يۇللاش
22. نۆۋەتتە تور يوللاش ۋاستىلىرىنىڭ ئىچىدە يۇللاش سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغىنى ( ).
A. قوش ئۇراملىق سىم (双绞线) B. ئورتاق ئوقلۇق كابېل (同轴电缆)
C. نۇر كابېل (光缆) D. تېلېفون سىمى (电话线)
23. Word نىڭ بېسىشنى ئالدىن كۆرۈش (打印预览) ھالىتىدە، دوكۇمېنتقا كىرگۈزۈشكە بولمايدىغىنى ( ).
A. ئايرىش بەلگىسى (分隔符) B. چېسلا ۋە ۋاقىت (日期和时间)
C. ئىزاھات (批注) D. رەسىم (图片)
24. Word دىن چېكىنىشنىڭ توغرا ئۇسۇلى ( ).
A. «文件» (ھۆججەت) تىزىملىكىدىكى «关闭» (تاقاش) بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش
B. دوكۇمېنت كۆزنىكىدىكى كۆزنەك تاقاش كۇنۇپكىسىنى بېسىش
C. «文件» (ھۆججەت) تىزىملىكىدىكى «退出» (چېكىنىش) بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلىش
D. Word كۆزنىكىدىكى مىنمۇملاش كۇنۇپكىسىنى بېسىش
25. Word كۆزنىكىنىڭ تېكىست رايۇنىدا، لىپىلداپ تۇرىدىغان كىچىك تىك سىزىق ( ) نى بىلدۇرىدۇ.
A. سىزغۇچ ئورنى B. كىرگۈزۈش نۇقتىسى
C. كۇنۇپكا ئورنى D. مائۇس ئورنى
26. Word دا، كىرگۈزۈش نۇقتىسىنى دوكۇمېنتنىڭ ئاخرىغا يۆتكەش ئۈچۈن ( ) كۇنۇپكىسىنى بېسىش كېرەك.
A. Page Up B. Page Down
C. Ctrl+Home D. Ctrl+End
27. Word دا، ( ) ئارقىلىق دوكۇمېنتنىڭ ئىكراندىكى كۆرۈنۈشىنىڭ چوڭ-كىچىكلىكىنى كونتروللاشقا بولىدۇ.
A. تولۇق ئىكران ھالىتىدە كۆرسىتىش (全屏显示) B. كۆرسىتىش نىسبېتى (显示比例)
C. كىچىكلىتىپ كۆرسىتىش (缩放显示) D. بەت يۈزىنى كۆرسىتىش (页面显示)
28. VCD دىسكىسىدىكى فىلىم ھۆججىتى مەزكور دىسكىنىڭ ( ) ھۆججەت قىسقۇچى ئىچىدە بولىدۇ.
A. VCD B. Mpegav C. Cdda D. Cda
29. تور بېتىنى كومپيۇتېرىمىزنىڭ قاتتىق دىسكىسى ياكى باشقا ساقلىغۇچقا ساقلىماقچى بولساق، ( ) تىزىملىكىدىكى «باشقا نامدا ساقلاش»(另存为) بۇيرۇقىنى تاللايمىز.
A. «文件» (ھۆججەت) B. «编辑» (تەھرىرلەش)
C. «收藏» (يىغىپ ساقلاش) D. «工具» (قورال)
30. ئىكراندا كۆرۇنىۋاتقان بارلىق مەزمۇننى «كېسىپ چاپلاش تاختىسى»(剪贴板) غا ساقلاش ئۈچۈن، كۇنۇپكا تاختىسىدىكى ( ) كۇنۇپكىسىنى باسىمىز.
A. Print Screen B.Home C.Delete D. Pause
31. Excel دە،A1 كاتەكچىنىڭ رەقەم فورماتىنى پۈتۈن سان قىلىپ بەلگىلىگەندىن كېيىن 33.51 نى كىرگۈزسەك، كاتەكچىدە ( ) كۆرۈنىدۇ.
A. 33.51 B. 33 C. 34 D. ERROR
32. Excel دە، كاتەكچىگە فورمۇلا كىرگۈزگەندە ئالدى بىلەن ( ) بەلگىسىنى كىرگۈزىمىز.
A. # B. + C. & D. =
33. Excel خىزمەت دەپتىرىنىڭ كىڭەيتىلگەن نامى ( ) بولىدۇ.
A. ppt B. bat C. xls D. doc
34. Excel دە، كاتەكچىگە فورمۇلا كىرگۈزگەندە كاتەكچە ئادرېسى $D$2 ئارقىلىق Dئىستون 2- قۇردىكى كاتەكچە قوللىنىلغان بولسا، كاتەكچىنىڭ بۇ خىل قوللىنىش شەكلى ( ) دەپ ئاتىلىدۇ.
A. ئارىلاش قوللىنىش B. بىرىكمە قوللىنىش
C. نىسپىي قوللىنىش D. مۇتلەق قوللىنىش
35. ئادەتتىكى ئەھېالدا Excel كاتەكچىسىگە كىرگۈزۈلگەن سان ئۆزلىگىدىن كاتەكچىنىڭ ( ) توغرىلىنىدۇ.
A. سول تەرىپىگە B. ئىككى ئۇچىغا
C. ئوتتۇرىغا D. ئوڭ تەرىپىگە
36. PowerPoint پرويېكسىيە پلاستىنكىسىغا Excel جەدۋىلىنى قىستۇرۇش ئۈچۈن، «插入» (قىستۇرۇش) تىزىملىكىدىن ( ) بويرۇقىنى تاللايمىز.
A. جەدۋەل (表格) B. گرافىك (图表)
C. ئوبيېكىت (对象) D. تېكىسىت رامكىسى (文本框)
37. كۆرسەتمە ئورىگىنالىنى قويۇشتىن توختىتىش ئۈچۈن ( ) كۇنۇپكىنى بىۋاستە باسساقمۇ بولىدۇ.
A. Ctrl+C B. Esc C. End D. Alt+F4
38. PowerPoint نىڭ كۆز يۈگۈرتىش كۆرمە سۈرەت شەكلى (幻灯片浏览视图) دە، Ctrl كۇنۇپكىسىنى بېسىپ تۇرۇپ مەلۇم بىر پلاستىنكىنى سۆرىسەك، ( ) مەشغۇلاتى ئىجرا قىلىنىدۇ.
A. پلاستىنكىنى يۆتكەش B. پلاستىنكىنى كۆچۈرۈش
C. پلاستىنكىنى ئۆچۈرۈش D. پلاستىنكىنى تاللاش
39. PowerPoint دا، پرويېكسىيە پلاستىنكىسىنىڭ بەت ئالمىشىش ئۈنۈمىنى بەلگىلەش ئۈچۈن، ( ) تىزىملىكىدىكى مۇناسىۋەتلىك بويرۇقنى تاللاش كېرەك.
A. «视图» (كۆرمە سۈرەت) B. «工具» (قورال)
C. «插入» (قىستۇرۇش) D. «幻灯片放映» (پرويېكسىيە پلاستىنكىسى قويۇش)
40. PowerPoint كۆرسەتمە ئورىگىنالىنى بېسىپ چىقىرىشتا، ئەگەر «打印内容» (بېسىش مەزمۇنى) رامكىسىدىن «讲义» (ئورگىنال) تۈرىنى تاللىساق، ھەربىر بەتكە ئەڭ كۆپ بولغاندا ( ) دانە پرويېكسىيە پلاستىنكىسىنى چىقرىشقا بولىدۇ.
A. 7 B. 8 C. 9 D. 10
II. توغرا-خاتالقىغا ھۆكۈم قىلىش سۇئالى (ھەر بىر سۇئالغا 1 نومۇردىن، جەمئىي 10 نومۇر بېرىلىدۇ)
1. Word دا، «قىستۇرۇش» (插入) ھالىتىدىن «ئۆزگەرتىپ يېزىش» (改写) ھالىتىگە ئۆزگەرتىش ئۈچۈن، مائۇس سول كۇنۇپكىسى ئارقىلىق ھالەت ئىستونىدىكى «ئۆزگەرتىپ يېزىش» ئورنىنى قوش چېكىمىز. ( )
2. Excel خىزمەت جەدۋىلىدە، كاتەكچە مەزمۇنىنى ئۆچۈرۈش-كاتەكچىنى ئۆچۈرۈش دىمەكتۇر. ( )
3. پرويېكسىيە پلاستىنكىسىنى قويۇش جەريانىدا، ئىشلەتكۈچى پلاستىنكا ئۈستىگە خەت يېزىشقا ياكى رەسىم سىزىشقا بولىدۇ،ھەمدە بۇ مەزمۇنلارنى كۆرسەتمە ئورىگىنالىغا ساقلاشقا بولىدۇ. ( )
4. PowerPoint نىڭ «表格»(جەدۋەل) تىزىملىكى يوق. ( )
5. CD-ROM نى پەقەت ئوقۇشقىلا بولىدۇ. ( )
6. Outlook Express بىرخىل ئېلېكترونلۇق پوچتا يوللانمىسى يوللاشتا كۆپ قوللىنىلىدىغان پروگرامما. ( )
7. كۆپ ئۇچرايدىغان رەسىم ھۆججىتى فورماتلىرىدىن BMP، TIF، JPG قاتارلىقلار بار. ( )
8. Word نىڭ تەھرىرلەش ھالىتىدە، دىسكىدىكى دوكۇمېنت A.doc نى نۆۋەتتىكى دوكۇمېنتقا قىستۇرۇش ئۈچۈن، «插入»(قىستۇرۇش) تىزىملىكىدىكى «引用»(قوللىنىش) بويرۇقىنى تاللايمىز. ( )
9. يىغىش پونكىتى (回收站) دىن ئۆچۈرۋىتىلگەن ھۆججەتلەرنى يەنە ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە بولىدۇ. ( )
10. IP ئادرېس ئىككىلىك سىستېمىدىكى سان بولۇپ، تۆت تەڭ بۆلەككە بۆلۈنگەن، ھەر بىر بۆلىكى 16خانىلىق ئىككىلىك سىستېمىدىكى ساندىن تۈزۈلىدۇ. ( )
一、 选择题
1----10 ADCDADBDAA
11---20 CABACBBDCB
21---30 CCCCBDBBAA
31---40 CDCDDCBBDC
二、判断题
√XX√√√√XXX
----------------------------------------------------------------------------------------
1. (3 نومۇر) D دىسكىنىڭ غول مۇندەرىجىسىگە ئۆزىڭىزنىڭ ئىمتىھان كىنىشكا نومۇرى بىلەن ئىسمىڭىزنى ھۆججەت نامى قىلىپ بىر ھۆججەت قىسقۇچ تۇرغۇزۇڭ. بۇ ئۆزىڭىزنىڭ ھۆججەت قىسقۇچى بولىدۇ. مەسىلەن، ئىمتىھان كىنىشكا نومۇرى 0010 بولغان ئىمتىھان بەرگۈچىنىڭ ئىسمىنى ئالىم دىسەك، ئۇنىڭ ھۆججەت قىسقۇچىنىڭ نامىAlim 0010 بولۇشى كېرەك.
2. (12 نومۇر) دوكۇمېنت c:\jskh\jiaoxue\mingren\beiduofen.doc نى ئېچىپ، تۆۋەندىكى تەلەپلەرنى ئورۇندىغاندىن كېيىن ئىسمىڭىزنى ھۆججەت نامى قىلىپ ھۆججەت قىسقۇچىڭىزغا ساقلاڭ.
1) دوكۇمېنتنىڭ تېمىسىنى ھۆسنخەتكە ئۆزگەرتىڭ، ھۆسنخەت نۇسخىسىغا ھۆسنخەت ئامبىرىنىڭ ئوڭ تەرەپ 2– قۇر، 3– ئىستونىدىكى ھۆسنخەت نۇسخىسىنى تاللاڭ.
2) دوكۇمېنتتىكى ئىككىنچى ئابزاسقا قوش دولقۇنسىمان رامكا سىزىقى ۋە سېرىق رەڭلىك تەگلىك بەلگىلەڭ.
3) دوكۇمېنت بەت يۈزىنىڭ بەت يېنى ئارىلىقى (页边距) نىڭ يۇقۇرى ۋە تۆۋەن تەرىپىنى 2cm، ئوڭ ۋە سول تەرىپىنى 1.8cm قىلىپ بەلگىلەڭ، ھەمدە دوكۇمېنتقا بەت نومۇرى قىستۇرۇڭ.
3. (15 نومۇر) خىزمەت دەپتىرى c:\jskh\jiaoxue\tiyu\olympic.xls نى ئېچىپ، تۆۋەندىكى تەلەپلەرنى ئورۇندىغاندىن كېيىن ئىسمىڭىزنى ھۆججەت نامى قىلىپ ھۆججەت قىسقۇچىڭىزغا ساقلاڭ.
1) olympic خىزمەت جەدۋىلىنىڭ «دەرىجىسى» دىگەن ئىستونىغا 0001 دىن باشلانغان تەرتىپ نومۇر كىرگۈزۈڭ.
2) olympic خىزمەت جەدۋىلىنىڭ «ئومومىي مىدال سانى» دىگەن ئىستوننى تۆۋەنلەش تەرتىۋى بويىچە رەتكە تۇرغۇزۇڭ .
3) olympic خىزمەت جەدۋىلىنىڭ رامكا سىزىقلىرىنى ئەمەلدىن قالدۇرۇڭ.
4. (15 نومۇر) كۆرسەتمە ئورىگىنالى c:\jskh\jiaoxue\ziran\huanjing.ppt نى ئېچىپ، تۆۋەندىكى تەلەپلەرنى ئورۇندىغاندىن كېيىن ئىسمىڭىزنى ھۆججەت نامى قىلىپ ھۆججەت قىسقۇچىڭىزغا ساقلاڭ.
1) بارلىق پلاستىنكىنىڭ ئارقا كۆرۈنۈش رەڭگىنى ئىككىنچى پرويېكسىيە پلاستىنكىسىغا ئوخشاش قىلىڭ.
2) يەتتىنچى پرويېكسىيە پلاستىنكىسىنىڭ ئالدىغا بىر يېڭى پلاستىنكا قىستۇرۇپ، تېما رامكىسىغا "ئورمان كۆلىمىنىڭ ئازىيىپ كېتىشى" دىگەن خەتنى كىرگۈزۈڭ. ھەمدە تېكست رامكىسىغا تېمىغا مۇناسىۋەتلىك مەزمۇننى كىرگۈزۈڭ. (كېرەكلىك مەزمۇنلارنى دوكۇمېنت c:\jskh\jiaoxue\ziran\huanjing.doc نىڭ تۆتىنچى بېتىدىن ئېلىڭ.)
3) يەتتنچى پلاستىنكىنىڭ تېكست رامكىسىدىكى يېزىقنىڭ خەت نۇسخىسىنىUKK Unicode Esliye قىلىپ ، ئوڭدىن سولغا يۈنىلىشتە تىزىڭ.
5. (5 نومۇر) يېڭىدىن بىر Word دوكۇمېنتنى تۇرغۇزۇپ تۆۋەندىكى فورمۇلانى كىرگۈزۈپ، ھۆججەت نامىنى 公式 قىلىپ ھۆججەت قىسقۇچىڭىزغا ساقلاڭ.
()
«كومپىيۇتىر دەرىجە ئىمتىھان سۇئالى»گە دائىر تېخىمۇ كۆپ ئۇچۇر |
||||||||
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
![]() |
- . بوستان يېزا باشلانغۇچ مەكتەپ5-يىللىىقلا
- . كومپىيۇتېر كەسپىي خەنزۇ تىلى سوئالى
- . كومپىيۇتېر ئەمىلىيەت ئىمتىھان سوئالى4
- . كومپىۇتېر ئەمىلىيەت ئىمتىھان سوئالى3
- . كومپىيۇتېر ئەمىلىيەت سوئالى2
- . كومپىيۇتېر ئەمىلىيەت ئىمتىھان سوئالى1
- . كومپىيۇتېر تەقلىدىي ئىمتىھان سوئالى4
- . كومپىيۇتېر تەقلىدىي ئىمتىھان سوئالى3
- . كومپىيۇتېر تەقلىدي ئىمتىھان سوئالى2
- . كومپىۇتېر تەقلىدىي ئىمتىھان سوئالى1
- . Windows 98دىن سۇئال جاۋاپ ئاخىرى0
- . Windows 98دىن سۇئال جاۋاپ ئاخىرى
- . Windows 98دىن سۇئال جاۋاپ
- . كومپىيوتىر بىلىملىرىدىن سۇئال-جاۋاب ئا
- . كومپىيوتىردىن سۇئال-جاۋاپ
- . كومپىيوتىر ئىمتاھان سۇئالى
- يوللىغۇچىنىڭ ئارخىپى
-
[field:uname/] تەپسىلىي ئۇچۇرنى كۆرۈش سۆز قالدۇرۇش دوستقا قوشۇش ئەزا دەرىجىسى: [field:rankname /] تىزىملاتقان ۋاقتى: [field:jointime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/] ئاخىرقى كىرگەن ۋاقتى: [field:logintime function="MyDate('Y-m-d H:m',@me)"/]
- . بوستان يېزا باشلانغۇچ مەكتەپ5-يىللىىقلا
- . كومپىيۇتېر كەسپىي خەنزۇ تىلى سوئالى
- . كومپىيۇتېر ئەمىلىيەت ئىمتىھان سوئالى4
- . كومپىۇتېر ئەمىلىيەت ئىمتىھان سوئالى3
- . كومپىيۇتېر ئەمىلىيەت سوئالى2
- . كومپىيۇتېر ئەمىلىيەت ئىمتىھان سوئالى1
- . كومپىيۇتېر تەقلىدىي ئىمتىھان سوئالى4
- . كومپىيۇتېر تەقلىدىي ئىمتىھان سوئالى3
- . كومپىيۇتېر تەقلىدي ئىمتىھان سوئالى2
- . كومپىۇتېر تەقلىدىي ئىمتىھان سوئالى1
- . تور سۈرئىتىڭىزنى100%تىزلىتىۋىلىڭ
- . كومپىيۇتىر دەرىجە ئىمتىھان سۇئالى
- . كومپىيۇتىر دەرىجە ئىمتىھان سۇئالى
- . كومپىيۇتىر دەرىجە ئىمتىھان سۇئالى
- . كومپىيۇتىر دەرىجە ئىمتىھان سۇئالى
- . F1 نى باسقاندىن كىيىن قوزغىلىش نى ئ
- . كومپىيۇتىردىن ناھايتى قولايلىق بى
- . كومپىيۇتېر ئەمىلىيەت ئىمتىھان سوئالى4
- . كومپىۇتېر تەقلىدىي ئىمتىھان سوئالى1
- . كومپىيۇتېر تەقلىدىي ئىمتىھان سوئالى4