نۆۋەتتە شىنجاڭنىڭ 2014–يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئوڭۇشلۇق تاماملاندى. بۇ يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنىڭ تەلىپىگە ئاساسەن، شىنجاڭدا 25–ئىيۇن بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 18:00 دە تور بېكەت، ئۈندىدار قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق جەمئىيەتكە ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنىدۇ، ئوقۇغۇچىلار تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق ئىمتىھان نەتىجىسىنى تەكشۈرسە بولىدۇ.
تور بېكەت ئارقىلىق تەكشۈرۈش ئۇسۇللىرى:
1. شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى : http://www.xjzk.gov.cn/
2. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى تورى : http://www.xjedu.gov.cn/
3. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى تورى : http://www.xinjiang.gov.cn/
4. تەڭرىتاغ تورى : http://www.ts.cn/
5.تەڭرىتاغ ئۇيغۇرچە تورى : http://i.ts.cn/e/gk/
6. شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى قۇياش نۇرى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش لىنىيەسى: http://xjgk.xjedu.gov.cn/
7. شىنجاڭ رەقەملىك مەكتەپ تورى: http:// xj.cmccedu.net
8. شىنجاڭ كۆچمە خەۋەرلىشىشى «تۇرمۇش بىلەن» تورى: http://www. wxcs.cn
9. شىنجاڭ كۆچمە خەۋەرلىشىشى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى لىنىيەسى تورى: http://xjgk.xjedu.gov.cn
ئۈندىدار ئارقىلىق تەكشۈرۈش ئۇسۇلى:
بۇ يىل شىنجاڭدا ئۈندىدار ئارقىلىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى تەكشۈرگىلى بولىدۇ. كەڭ ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا–ئانىلار «(xjzs140304)» (شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش) ئاممىۋى ئۈندىدار سۇپىسى ئارقىلىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى تەكشۈرسە بولىدۇ. ئۈندىداردا ئىزدەپ مەشغۇلات قىلىش تەرتىپى : ئۈندىداردىن «新疆招生» (شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش) ئاممىۋى نومۇرىنى ئىزدەپ ياكى شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش تورى باش بېتى، «2014–يىللىق شىنجاڭنىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىدىكى قىزىق مەسىلىلەرگە چۈشەنچە» دىكى «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش» ئاممىۋى ئۈندىدار سۇپىسىنىڭ ئىككى ئۆلچەملىك رەقىمىنى سىكاننېرلىسا بولىدۇ ؛ «باش بەت» كە قايتىپ، «شىنجاڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش» ئۈندىدار تورىغا كىرىپ، «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى تەكشۈرۈش» نى بېسىپ، ئىمتىھانغا قاتنىشىش كىنىشكا نومۇرى ۋە مەخپىي نومۇرىنى كىرگۈزۈپ تەكشۈرسە بولىدۇ.
ئۈندىدار ئابونتلىرى يەنە «شىنجاڭ مائارىپ نازارىتى تورى» ئاممىۋى ئۈندىدار سۇپىسىغا كىرىپ ئىمتىھان نەتىجىسىنى تەكشۈرسە بولىدۇ.
ئالىي مەكتەپ ئىمتىھان نەتىجىسى ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، ئوقۇغۇچىلار نەتىجىسىدىن گۇمانلانسا، 26–ئىيۇندىن 29– ئىيۇنغىچە، تۇرۇشلۇق ۋىلايەتلىك، ئوبلاستلىق، شەھەرلىك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشخانىسىغا بېرىپ، «2014– يىللىق ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى جاۋاب سېلىشتۇرۇش كارتىسى (ئىمتىھان قەغىزى) ئىلتىماس قىلىش جەدۋىلى» نى ئېلىپ، بەلگىلىمە بويىچە جاۋاب سېلىشتۇرۇشنى ئىلتىماس قىلسا بولىدۇ.