ھەر يىلى ئەتىيازنىڭ ئاخىرى ، يازنىڭ باشلېرىدا يېزىلاردىكى ئۈجمە دەرەخلېرى ئۈجمە مېۋىسى بىلەن تولۇپ كېتىدۇ.بەزىلېرى قىزغۇچ،بىنەپسە رەڭدە،بەزىلېرى ئاق سارغۇچ رەڭدە بولۇپ،يېسە تاتلىق ھەم چۈچۈمەل تېتىيدۇ.نۇرغۇن دېھقانلار ئۈجمە يېيىشكە ئامراق،بولۇپمۇ يېزىلاردىكى بالىلار بۇ «ئەرزان باھالىق مېۋە»گە تويۇشماي كېتىدۇ.ئەمما، ئۈجمىنى كۆپ يېمەسلىك كېرەك.چۈنكى، ئۈجمە تەركىبىدە تىرىپسىننى چەكلەيدىغان ماددا بولۇپ ، ھەددىدىن زىيادە ئىستىمال قىلغاندا ئۈچەي يولىدىكى تۈرلۈك ھەزىم قىلىش فېرمېنتلىرى ، بولۇپمۇ تىرىپسىننىڭ ھاياتىي كۈچىنى ئاجىزلاشتۇرۇپ، c تىپلىق گاز چىقىرىدىغان كاپسۇللا تاياقچا باكتېرىيىسىنىڭ B توكسىنىنى چىقىرىش ئىقتىدارىنى بۇزۇپ،قاناشچان ئۈچەي ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىرگە يەنە بېشى قېيىش،بۇرنى قاناش،ھۇشىدىن كېتىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.
|