ئاق رەڭلىك يېمەكلىكلەرنىڭ تەركىبىدەئاقسىل قاتارلىق ئون نەچچە خىل ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولۇپ، ھەزىمبولغاندىن كېيىن ھاياتلىق ۋە ھەرىكەتنى قوغدىيالايدۇ. لېكىن كۆپىنچەھاللاردا ئىنسان بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان ئاممىنو كىسلاتالار كەمچىلبولىدۇ. سېرىق رەڭلىك يېمەكلىكلەر ئاقسىل كۆپ، ماي ئاز بولغان يېمەكلىكلەرئىچىدىكى ياخشىلىرى بولۇپ، قېنىدا ماي تەركىبى كۆپ بولغان ئوتتۇرا ياشلىق، ياشانغان كىشلەرنىڭ غىزالىنىشىغا ئەڭ مۇۋاپىق كېلىدۇ. قىزىل رەڭلىكيېمەكلىكلەر ئەلا سۈپەتلىك ئاقسىل ۋە كۆپلىگەن ئىئورگانىڭ تۈز، مىكروئېلېمنت قاتارلىق ماددىلارنىڭ كېلىش مەنبەسى، بىراق ئۇلاردا ۋىتامىن كەمچىلبولىدۇ. كۆك رەڭلىك يېمەكلىكلەر كاروتىن ۋە كۆپ خىل ۋىتامىنلار بىلەن تەمىنئېتەلەيدۇ. ئالىملارنىڭ ئانالىزىدىن قارىغاندا، ئاق رەڭلىك كۆكتاتلارمەسىلەن، ياڭيۇ، يىسۋېلەك قاتارلىقلارنىڭ تەركىبى قەن ۋە سۇنى ئاساس قىلغانبولۇپ، ئوزۇقلۇق ماددىسى ئازراق بولىدىكەن. قىزىل رەڭلىك كۆكتاتلار، مەسىلەن، پەمىدۇر، قىزىل لازا، ئاق ۋە سېرىق رەڭلىك كۆكتارلارنىڭكىدىنيۇقىرى بولىدۇ. كۆك رەڭلىك كۆكتاتلارنىڭ، مەسىلەن، كەرەپشە، مايلىقيېسىۋېلەك، كۈدە، لازا قاتارلىقلاردا ۋىتامىن قاتارلىق مىكرو ئېلىمېنتلار مولبولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى قىزىل رەڭلىك كۆكتاتلارنىڭكىدىن يۇقىرى بولىدۇ.
|