1.قايماق بىلەن تۇخۇمدا ياسالغانتورتنى – تولغاق كېسىلى ، ئۈچەي ياللۇغى، ئاشقازان، 12 بارماق ئۈچەييارىسى بولغان بېمارلار يېمەسلىك كېرەك.
2.ياغدا پىشۇرۇلغان يېمەكلىكلەرنى – ئۆت خالتىسى ياللۇغى، ئۆت يولىدا تاش بار بېمارلار يېمەسلىك كېرەك.
3.بېلىقنى – جىگەر ياللۇغى، جىگەر قېتىش، بۆرەك كېسىلى بارلار يېمەسلىك كېرەك.
4.ھەسەلنى – تولغاق كېسىلى بولغان، ئۈچەي ياللۇغى بولغان بېمارلار يېمەسلىك كېرەك.
5.ھاراقنى – كۆز ئاغرىقى ، جىگەر كېسىلى بارلار ئىچمەسلىكى كېرەك.
6.قارا چاينى – قۇۋۋەتلەندۈرگۈچى دورىلارنى ئىستېمال قىلىۋاتقانلار ئىچمەسلىكى لازىم.
7.ئالمىنى – يۈرەك مۇسكۇلى توسىلىپ قالغان كېسەللەر، قەنت سىيىش كېسىلى بارلار يېمەسلىكى كېرەك.
8.ئەپلىسىن ( جۈزە ) نى – ئىچى سۈرۈپ قالغان، ئۆپكىگە سوغۇق ئۆتۈپ كەتكەن بېمارلار يېمەسلىكى كېرەك.
9.قارا ئۆرۈكنى – زەرداپ سۇ ياندۇرىدىغان، ئاشقازان، 12 بارماق ئۈچەي ياللۇغى بولغان بېمارلار يېمەسلىكى كېرەك.
10.ئامۇت، ياڭاقنى – قەنت سىيىش كېسىلى ، قورساق ئاغرىقى، تولغاق، ئۈچەي ياللۇغى كېسىلى بارلار يېمەسلىكى كېرەك.
11.سوغۇق ئىچىملىكنى – قان بېسىمى يۇقىرى، تولغاق، ئاشقازان يارىسى بارلار ئىچمەسلىكى كېرەك.
12.توخۇمنى – ھامىلدار ئاياللار كۆپ ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك.
13.سېرىق ماينى – مەلۇم ئۇستىخانلىرى سۇنغان ۋە چىقىپ كەتكەنلەر ئىستېمال قىلماسلىق كېرەك.
14.چىلاننى – قان بېسىمى تۆۋەنلەر ئىستېمال قىلماسلىقى كېرەك.