|
|
|
بالىلارنىڭ نورمالسىز ھەركەتلىرى |
يوللىغان ۋاقىت:2009-03-02 ئاۋاتلىقى:20 |
|
|
|
بۇۋاقلار ئاستى ھۆل بولغاندا ۋە ئىمىتىدىغان ۋاقتىدا ئويغانغاندىن تاشقىرى، كۈپۈنچە تىنىچ ئۇخلايدۇ. ئەمچەك يېشىدىكى بالىلارمۇ قۇرسىقى توق، ئاستى قۇرۇق، يۇمشاق، بەدىنى ساق، تەرەققىياتى نورمال كىتىۋاتقان بولسىلا ئۇخلايدۇ ياكى ئويغاق ياتسىمۇ يىغلىمايدۇ. ئۇنىڭ ئەكسىچە بولغاندا جىم ياتمايدۇ، يىغلايدۇ، ئەمچەك يېشىدىكى بالىلار ئاغرىغان يىرىنى ئېغىز ئارقىلىق ياكى شەرەت ئارقىلىق ئۇقتۇرالمايدىغانلىقى ئۈچۈن، تىۋىپ بالىنىڭ مۇھىم زارىسىنى بالىنىڭ ئاتا- ئانىسىدىن سورىغاندىن تاشقىرى، ئاساسەن بەدەن ھالىتى ۋە نورمالسىز ھەركەتلىرىنى، چوڭ- كىچىك تارەتلىرىنى كۈزۈتۈش ئارقىلىق بىلەلەيدۇ. كىچىك بالىلار ئاساسەن تۈۋەندىكى نورمالسىز ھەركەتلەر بۇلىدۇ. (1) كۆپ يىغلاش: كۆپ يىغلاش بالىنىڭ ئەڭ كۆپ يۈز بىرىدىغان نورمالسىس ھەركىتى بۇلۇپ كۈپۈنچە ئاچ قالغاندا ۋە ئاستى ھۆل بۇلۇپ بالىنىڭ بەدىنىگە سۇغۇق تەككەندە يىغلايدۇ، بەزىدە ئاستىدىكى يۆگەكلىرى پۇرلۇشۇپ قالغان بۇلۇپ بەدىنىگە قاتتىق تىگىپ ئاغرىش ياكى غىدىقلاش سىزىمى پەيدا بولغاندا يىغلايدۇ. بالىلارنىڭ بەدىنى يۇمران بولغاچقا ئسسىق، سۇغۇق ئۈتۈش، سۈركىلىش قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بەدىنىدە شەلۋەرەش ياكى زىدىلىنىش پەيدا بولغاندىنمۇ يىغلايدۇ. بالىلارنىڭ بەدىنى يۇمران بولغاچقا ئىسسىق- سۇغۇق ئۈتۈش، سۈركۈلۈش قاتارلىق سەۋەپلەر تۈپەيلىدىن بەدىنىدە شەلۋەرەش ياكى زىدىلىنىش پەيدا بولغاندىمۇ يىغلايدۇ. بەزىدە ھەرخىل ھاشارەتلەرنىڭ چېقىۋېلىشمۇ يىغلاشنىڭ بىر سەۋەبى بۇلۇپ قالىدۇ. شۇڭا بالىلارنىڭ نورماسىز كۆپ يىغلاشلىرى بەدەندىكى بىرەر ئاغرىق ياكى بىئاراملىق ئىنكاس بۇلۇپ بۇنداق ھالدا بالىنى دەرھال يۆگەكتىن ياكى بۈشۈكتىن يېتىپ ئاستىنى كۈزۈتۈپ دۈمبىسىنى سىلاپ- سىپاپ سۇغۇق يۆگەكلىرىنى ئىسسىتىپ، باشقىدىن سىلىق يۆگەپ، ئىمىتىپ ئۇخلۇتۇش، زىدە ياكى ھاشارەت چاققان قايلىرىنى ۋاقتىدا داۋالىتىش لازىم. 2) بالىلارنىڭ نورمالسىز قول ھەركەتلىرى: بالىلار تىلى چىقمىغان مەزگىلدە، گەرچە ئاغرىغان جايىنى ئېيتىپ بىرەلمىسىمۇ، يىغلاش بىلەن بىللە قۇلىنى ئاغرىغان يىرىگە ئۇزىتالايدۇ. تىۋىپ مۇشۇ ئالامەتلەرگە ئوبدان دىققەت قىلسا شۇنىڭ بىلەن بىللە بالىنىڭ قول ھەركىتى بىلەن يىغلاۋاتقان ۋاقتىدىكى قىياپىتىنى بىرلەشتۈرۈپ مۇلاھىزە قىلغاندا بالىنىڭ ئاغرىيدىغان يىرىگە توغرا ھۈكۈم قىلغىلى بۇلىدۇ. ئەمچەك يېشىدىكى بالىلار ئنىق سەۋەپسىز ھالدا تۇلايىغلىسا ۋە قۇلىنى قورساق تەرىپىگە سۇنسا، بۇ كۈپۈنچە بالىنىڭ قۇرسىقى ئاغرىيدىغانلىقىنى كۆرسۈتىدۇ. بۇنداق چاغدا، بالىنىڭ كۈزۈتۈش ۋە قۇرسىقىنى تەكشۈرۈش لازىم. بالا تۇلا يىغلاش بىلەن بىللە قۇلىنى باش ۋە پىشانە ساھەسىگە ئۇزاتسا بۇ كۈپۈنچە بېشى ئاغرىيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. يىغلىغاندا قۇلىنى قۇلاق تەرەپكە سۇنۇپ يىغلىسا ياكى قۇلىقىنى كوچىلىسا بۇ بالىنىڭ قۇلىقى ئاغرىيدىغانلىقىنى كۆرسىتىدۇ. بۇنداق چاغلاردا ئالدى بىلەن ئاغرىيدىغانلىقىنى پەرەز قىلىنغان ئەزانى ئوبدان تەكشۈرۈپ، پۈتۈن بەدەنلىك ئالامەتلىرى بىلەن قۇشۇپ كىسەللىكنى ئىنىقلاش ۋە داۋالاش لازىم. 3) باشقا نورمالسىز ھەركەتلەر: كىچىك بالىلار ئىسىمداپ قالغان چاغدا تۇلايىغلىسا ۋە بېشىنى سىلكىسە بېشى كەينىگە قايتىپ قالسا ياكى گەجگىسى قېىتپ قالسا بۇنىڭ بىلەن بىللە قۇسۇش قۇشۇلۇپ كەلسە بۇ چاغدا سەرسام(مىڭە پەردىلىرىنىڭ ياللۇغى) ياكى كۇزار(قاتما) كىسەللىكلىرىدىن گۇمانلىنىش بىلەن بىللە ئالدى ئېلىش دۋالاش چارىلىرىنى قوللۇنۇش كىرەك. بالىنىڭ بۇرنى پۈتۈپ، نەپسى تىزلىشىپ ئاغزىدىن تىنىپ قالسا زۇكام، نەزلە ۋە باشقا كۆكرەك كىسەللىكلىرىدىن گۇمان قىلىش بىلەن ئەتراپلىق تەكشۈرۈپ داۋالاش كىرەك. ھېچقانداق ئىنىق سەۋەبى بولماي تۇرۇپ ئىچى سۈرۈشكە باشلىسا، سۈيدۈكى ئاقىرىپ قالسا، بۇ بالىنىڭ ھەزىم قىلىش، ناچارلىشىۋاتقانلىقىنىڭ ئالامىتى بۇلىدۇ. بالىنىڭ چىشى چىقىشى كىچىكسە بالىنىڭ ئۈسۈشى تەرەققى قىلىشى بەك ئاستا بۇلۇپ قالسا باش تۈكلىرى شالاڭشىپ كەتسە ياكى چاچلىرى چۈشۈشكە باشلىسا، بېشىنى ياستۇققا سۈركەيدىغان بۇلۇپ قالسا ئايىغى چىقىش، ئلتۇرۇش ۋە باشقا پائالىيەتلەردىكى ئىقتىدارى ئۈزى بىلەن تەڭ ياشتىكى باشقا بالىلاردىن ئارقىدا قالغان بولسا، بۇلارنىڭ ھەممىسى كۈپۈنچە ئۇزۇقلۇق يىتىشمەسلىكنىڭ ئىپادىسى بۇلۇپ ۋاقتىدا تەكشۈرۈپ داۋالىتىش لازىم. ئالدى بىلەن راخىت(كۇساھە) كىسەللىكىدىن گۇمان قىلىش كىرەك. بالىلارنىڭ ھەرخىل غەيرى نورمال ھالەتلىرىنى كۈزۈتۈش ۋە ۋاقتىدا تىۋىپقا كۆرسۈتۈپ ئىنىقلىتىش، ئېغىرلىشىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەربىر ئانا ۋە بالا تەربىيلىگۈچىلەرنىڭ مۇھىم ۋەزىپىسى.
|
|
|
|