پىسخىكا مەسلىھىتى | تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى | ساغلاملىق بىلىملىرى | ئۇيغۇر تىبابىتى | باش بەت
  جىنسىيەت ھەققىدە | تۇرمۇش ۋە ساغلاملـــىق | ئانا-بالىلار ھەققىدە | ياشانـــغـانـــلار | ئەيـــدىز
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • خانىم قىزلار سەمىگە: ئاياللار ئۆزگەرتمىسە بولمايدىغان ...
  • قانداق ئاياللار ئۈزۈك سالدۇرسا بولمايدۇ ؟
  • بالىلارنى ئايرىم ئۇخلاشقا ئادەتلەندۇرۇش كېرەك
  • بالام ساغلام بولسۇن دېسىڭىز تۆۋەندىكى 20 نۇقتىغا دىققە ...
  • چىراي گۈزەللىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان 10ناچار ئادەت
  • بالىلارنىڭ مېڭىسىگە زىيانلىق يېمەكلىكلەر ...
  • يۈز تېرىسىنى قانداق ئاسراش كېرەك
  • ئاياللار بىلىشكە تېگىشلىك ساغلاملىق كۆرسەتمىلىرى
  • ھۆسن تۈزەشكە تەسىر كۆرسىتىدىغان بەش خىل مەخپىيەت
  • بالىلار دائىم سۈت ئىچسە،ئاسان قان ئازلىق كېسىلىگە گىر ...
  • بالىڭىز بىلەن جىنسىيەت توغرىسىدا قانچە بۇرۇن سۆزلەشسى ...
  • تۇغۇت ۋاقتىنى ھېسابلاش ئۇسۇلى
  • ۋىتامىنلارنىڭ بالىلارنىڭ زېھنى قۇۋۋىتىگە بولغان تەسى ...
  • ئاياللار نېمە ئۈچۈن ئاسان چارچايدۇ ؟
  • ساغلام پەرزەنت كۆرۈشنىڭ قىسمەن شەرتلىرى
  • چىراي گۈزەللىكىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان 10ناچار ئادەت
  • بالىلار باناننى كۆپ ئىستېمال قىلسا قەۋزىيەتنى پەيدا ق ...
  • ئاياللاردا كۆپ ئۇچرايدىغان كېسەللىكلەر
  • بالىلارغا كالتسىي تابلىتكىسىنى سۈت بىلەن ئىچكۈزمەڭ
  • ئاياللارنىڭ سەمىرىشى ئەمچەك راكى بولۇش ئېھتىماللىقىد ...
  • بالا تەربىيىلەشتە دىققەت قىلىشقا تېگىشلىك مەسلىلەر
  • قانداق قىلغاندا ئەمچەكتىكى ئۆسمىنى بالدۇر بايقىغىلى ب ...
  • ھامىلدارلىقتىن زەھەرلىنىش
  • ھامىلىدارلىق مەزگىلىدە B تىپلىق ئاپپاراتتا قانچە قېتى ...
  • ھامىلدارلىق مەزگىلىدە«B»چاۋدا تەكشۈرتۈش
  • قانداق قىلغاندا بالىنى تېخىمۇ ياخشى تەربىيلىگىلى بولى ...
  • بالا تەربىيىسىدە دېققەت قىلىدىغان ئىشلار
  • ئاياللار تۇغۇتتىن كېيىن كۆزىنى ئاسرىشى كېرەك
  • بالىلاردىكى چىشئاغرىقىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە داۋالاش ...
  • بالا تەربىيىسىدە دېققەت قىلىدىغان ئىشلار
  •  
    قىزىلچە(ئىسكارلاتىنا- ھۇممائى قىرمىزىي)
    يوللىغان ۋاقىت:2009-03-02 ئاۋاتلىقى:5
    كىچىك | نورمال | چوڭ             

    تۇنۇش:
    قىزىلچە  گال ئاغرىش،قىزىش، قۇسۇش تىرىگە ئەسۋە چىقىش قاتارلىق بەلگىلەر بىلەن ئىپادىلىنىدىغان بەزىدە كىسەل بالىنىڭ گال يۇتقۇنچاق ساھەسىدە يىرىڭلىق ئىششىق پەيدا قىلىدىغان ئاخىرقى دەۋرلىرىدە ھەرخىل سۇزۇلما خارەكتىرلىك كىسەللىك ئۆزگۈرۈشلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىرخىل ئۆتكۈر ئۆزگۈرۈشلىرىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان بىرخىل ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كىسەللىك بۇلۇپ ھاۋا كىلىماتى مۆتىدىل بولغان جايلاردا كۆپرەك كۈرىلىدۇ. قىش ۋە ئەتىياز پەسىلدە 2ياشتىن 8ياشقىچە بولغان بالىلاردا كۆپ ئۇچرايدۇ.
    سەۋەبى:
    قىزىلچە كىسىلىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان ئاساسى سەۋەپ يۇقۇش بۇلۇپ، ئادەتتە كىسەل بولغۇچى بىلەن بىۋاستە ئۇچرىشىش، كىسەلنىڭ تۈكۈرۈك چاچراندىلىرىدىكى جاراسىملارنىڭ ساق بالىلارغا ئۈتىشى نەتىجىسىدە كىلىپ چىقىدۇ. بەزىدە كىسەل جاراسىملىرى بىلەن بۇلغانغان كىتاپ ۋە ئۇيۇنچۇقلار ئارقىلىق يۇقۇشمۇ ئۇچرايدۇ. ئۇندىن تاشقىرى  ناچار تەبىئى شارائىت مەسىلەن: زەي، تار ئۆيلەردە ئولتۇرۇش ھاۋاسى سۇلۇقما جايلاردا ياشاش، بالىلارنىڭ تىنى ئاجىز، ئۇزۇقلىنىشى ناچار بۇلۇش قاتارلىق ئەھۋاللاردا ئۇڭاي يۇقۇملىنىدۇ
    ئالامەتلىرى:
    يۇقۇملانغاندىن كىيىن 2كۈندىن 4كۈنگىچە يۇشۇرۇن دەۋر بۇلىدۇ. يۇشۇرۇن دەۋرى ئۆتكەندىن كىيىن كىسەل جىددى باشلىنىدۇ. دەسلەپتە كىسەل بالا سۇغۇقتىن قورقىدىغان بۇلۇپ قالىدۇ. ئارقىدىن قىزىتىدۇ. داۋاملىق قىزىتىپ تۇرۇپ بىئارام بۇلۇپ ئۇسسايدۇ. قىزىتما ھەممە كىسەل بالىلاردا بىرخىل ئۆتمەيدۇ. بەزىلەردە ئېغىر بەزىلىرىدە يەڭگىل بۇلىدۇ . لېكىن تۇمۇرنىڭ سۇقۇشى قىزىتمىنىڭ يۇقىرلىق دەرىجىدىن ئېشىپ كىتىدۇ. كىسەل بالا كۆپ قوسىدۇ. چوراق بالىلار بولسا بېشى ۋە گېلىنىڭ ئاغرىۋاتقانلىقىنى ئۇقتۇرالايدۇ. بۇۋاق بالىلاردا كىسەل باشلىنىشتىلا چۈچۈش ۋە جۆيلۈش ئەھۋالى ئۇچرايدۇ. لېكىن بالىلار مەيلى چوڭ مەيلى كىچىك بولسۇن، ھەممىسىدە ئوخشاشلا بىر ئۇمۇمى ئالامەت بۇلىدۇ. يەنى ھەممىسىنىڭ يۇتقۇنچاق قىسمى قىزىرىپ ئىششىپ ئاغرىيدۇ. ياللۇغلىنىش يالغۇز بادامسىمان بەز بىلەن چەكلىنىپ قالماي بەلكى كىچىك تىل يۇمشاق تاڭلاي تەرەپلەرگىمۇ كىڭىيىدۇ. بەزىلىرىدە بولسا ئاق رەڭلىك سىرغىپ چىققان يىرىڭدەك نەرسىلەر بۇلىدۇ. قىزىتمابىلەن بىللە بۇيۇن ئالدى تەرەپتىكى بەز چۇڭىيىدۇ، نەرسىلەرنى يۇتۇش قىيىنلىشىدۇ. بۇ ئەھۋال 4،5كۈن داۋاملاشقاندىن كىيىن خۇددى تۇخۇ ئەت تىرىگە ئوخشايدىغان قىزىل رەڭلىك ئەسۋە چىقىشقا باشلايدۇ. ئەسۋە ئالدى بىلەن بۇيۇنغا چىقىدۇ. ئۇندىن كىيىن دۈمبە قولتۇق ئاستىدىن باشلاپ بىرنەچچە سائەت ئىچىدە گەۋدە ۋە قوللارغا تارقىلىپ ئەڭ ئاخىردا پۇتقا چىقىدۇ. ئەسۋىلەر بىر- بىرىدىن ئايرىلىپ تۇرىدىغان بەزى يەردە بىرتۇتاش داغقا ئوخشاش بۇلۇپ باسسا ئاغرىيدۇ. ئاساسەن قېتىشمايدۇ.
     رەڭلىك قوڭغۇراق موزىكىلىرى 

    ئادەتە 3كۈندىن 5كۈنگىچە تۇرغاندىن كىيىن تەدرىجى يۇقىلىشقا باشلايدۇ. يۇقىلىش ۋاقتىدا ئەسۋىنىڭ رەڭگى قارامتۇل بۇلۇپ قالىدۇ. قىزىلچە كىسىلىدە چىققان ئەسۋە كىسەل بالىنىڭ ئاغزى چۆرىسىگە چىقمايدۇ. لېكىن بالىنىڭ ئېغىز ئىچىگە ھەتتا تاڭلىيىغىمۇ قىزىل رەڭلىك ئەسۋە چىقىدۇ. دەسلەپتە تىل ئۈستىنى كۈلرەڭ گەز باغلايدۇ. ئەسۋە چىقىپ بولغاندىن كىىن 3-4كۈن ئۆتكەندە تىلدىكى گەز تۈكۈلۈپ تىل يۈزى ئېچىلىپ كىتىدۇ.
    ئەسۋە چىقىش مەزگىلدە ئىسىتمىسى بەك يۇقىرى بۇلىدۇ. ئەسۋە تۇلۇق چىقىپ بولغانىدن كىيىن ئىسىتمىسى تۈۋەنلەيدۇ. كىسەل بۇلۇپ بىرھەپتىدىن كىيىن، ئەسۋە قاسراقلىرى كىپەككە ئوخشاش تۈكۈلۈشكە باشلايدۇ. ئاۋۋال بۇيۇندىن باشلاپ ئاخىردا پۇتىنىڭ قاسراقلىرى تۈكىلىدۇ. ئەسۋە بۇيۇندىن بولغان جايلارنىڭ تىرىلىرى يۇغان يالپاق شەكلىدە چۈشىدۇ. بۇلۇپمۇ قول ۋە پۇتىنىڭ ئالقىنىنى چوڭ ياپىلاق شەكلىدە تىرە تاشلايدۇ. ئىكارلاتىنا كىسىلى يۇقۇملانغۇچى بالىنىڭ بەدەن ھالىتى، ئۇزۇقلىنىش ئەھۋالى ۋە ھاۋا كىلىماتىغا قاراپ بەزىلەردە يەڭگىل بەزىلىرىدە ئېغىر بۇلىدۇ. يەڭگىل ئۆتكەندە قىزىتمىسى ئانچە يۇقىرى بولمايدۇ. ۋە تىز يانىدۇ. چىقىدىغان ئەسۋە ئىنىق بولمايدۇ. كۈپۈنچە بىرئىككى كۈن ئىچىدىلا يېنىپ كىتىدۇ. لېكىن تاڭلايدا ئىنىق قىزىل داغ بۇلىدۇ. كىسەل بۇلۇپ بىرھەپتىدىن كىيىن تىرىلىرى كىپەكلىشىپ چۈشۈشكە باشلايدۇ. پەقەت شۇ چاغدىلا ئۇنىڭ قىزىلچە ئىكەنلىكىنى بىلگىلى بۇلىدۇ. شۇڭا ۋاقتىدا داۋالانماي قېلىپ ئۇڭايلا بۆرەك ياللۇغى كىسىلى پەيدا بۇلۇپ قالىدۇ. ۋە تىزلا باشقىلارغا يۇقۇپ كىتىدۇ.
    ئېغىر ئۆتكەندە قىزىتمىسى يۇقىرى بۇلىدۇ. ئەسۋە ئېغىر چىقىدۇ. ئەسۋە ئۇزۇن داۋام قىلسا قانايدىغان سۆسۈن داغىقا ئايلىنىدۇ. بەزىدە خېلى ئېغىر قۇشۇمچە كىسەللىكلەرنى پەيداقىلىدۇ.
    داۋالاش پىرىنسىپى:
    كىسەل بال ئىمكان قەدەر تىنىچ ۋە ئازادە مۇھىت يارىتىپ بىرىش لازىم. كارۋاتتا ياتقۇزۇپ ئارام ئالدۇرۇش بىلەن بىللە سۇيۇق يۇمشاق تاماقلار بىرىلىدۇ. ئۇسسۇلۇقىغا سۇۋۇتۇلغان قايناقسۇ بىرىش بىلەن بىللە بۆرەك ياللۇغى پەردابولغان- بولمىغانلىقىنى كۈزۈتۈپ تۇرۇش، سۈيدۈك مىقدارى ۋە سۈيدۈكنىڭ قۇيۇقلۇق دەرىجىسى، دۇغ بار يوقلىقىغا دىققەت قىلىش، چوڭ تەرەتنىڭ راۋان بۇلىشىغا كىپىللىك قىلىش لازىم.
    يەككە دورىلاربىلەن داۋالاش:
    1- رىتسىپ:
     ئەسۋە چىقىشنى تىزلىتىش ئۈچۈن :
    يۇمغاقسۇتنى ئىزىپ ياكى قاينىتىپ بەدىنىنىڭ سىرتىدىن پۈركىسە ئەسۋە چىقىشنى تىزلىتىدۇ.
    شىپالىق رۇلى: ياللۇغ قايتۇرىدۇ، ئەسۋىنىڭ چىقىشنى تىزلىتىدۇ.
    ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى: ئەھۋالغا قاراپ ئىشلىتىلىدۇ.
    2- رىتسىپ:
     قىزىتما چۈشۈرۈش مەقسىتىدە :
    تەمرى ھىندى ۋە قارا ئۈرۈكنى ياكى ئەينالۇنى قايناقسۇغا چىلاپ تەمىنى چىقىرىپ ئىچىشكە بىرىلىدۇ.
    شىپالىق رۇلى: قىززىتما چۈشۈرىدۇ.
    ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى: ئەھۋالغا قاراپ ئىشلىتىلىدۇ. 
     كىنو ئۇچۇرلىرى 

    3- رىتسىپ :
    كاسىنە يىلتىزىنى ۋە چۈچۈكبۇيا يىلتىزى مۇۋاپىق مىقداردا.
    تەييارلاش ئۇسۇلى: كاسىنە يىلتىزىنى ۋە چۈچۈكبۇيا يىلتىزىنى قۇشۇپ قۇشۇپ قاينىتىلغان سۇغا سىركەنجىبىن قۇشۇپ بىرىلىدۇ.
    شىپالىق رۇلى: قىززىتما چۈشۈرىدۇ.
    ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى: ئەھۋالغا قاراپ ئىشلىتىلىدۇ.
    قەبزىيەت بولسا:
    4- رىتسىپ :
    تەرەنجىبىن مۇۋاپىق مىقداردا.
    تەييارلاش ئۇسۇلى: تەرەنجىبىن ئىرىتىپ ئىچكۈزىلىدۇ.
    شىپالىق رۇلى: ئىچىنى بۇشىتىدۇ.
    ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى: ئەھۋالغا قاراپ ئىشلىتىلىدۇ.
    گېلى ئاغرىغان بولسا:
     5- رىتسىپ :
    كاكىنەچ مۇۋاپىق مىقداردا.
    تەييارلاش ئۇسۇلى:كاكىنەچنى قاينىتىپ غەر- غەر قىلىنىدۇ ياكى ئىلىمان تۇز سۈيى بىلەن غەر- غەر قىلىنىدۇ.
    شىپالىق رۇلى: ياللۇغ قايتۇرىدۇ،ئىششىق ياندۇرىدۇ.
    ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى: ئەھۋالغا قاراپ ئىشلىتىلىدۇ.
     6- رىتسىپ:
    ئەسۋىلەرنىڭ كىپەكلىشىپ تۈكۈلۈش دەۋردە بەدەننىڭ سۇغۇقلىقىنى تەڭشەيدىغان دورىلاربىرىلىدۇ:
     بادىيان، جۇۋىنە، مەۋسىلى سەپىد، بىخسۇس، چىلان ھەربىرى 6گىرامدىن ھەسەل بىرقۇشۇق.
    تەييارلاش ئۇسۇلى:  دورىلارنى قاينىتىپ سۈزۈپ سۈيىگە ھەسەل سېلىپ ئىرىتىپ تەييارلىنىدۇ.
    شىپالىق رۇلى: سۇغۇقلۇقنى تەڭشەيدۇ.
    ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى:  3-5ياشلىق بالىلارغا كۈندە بىرقېتىم 8-10ياشلىق بالىلارغا ئىككى قېتىم ئىچكۈزىلىدۇ.
    مۇرەككەپ دورىلاربىلەن داۋالاش:
    قىزىتمىنى پەسەيتىش ئۈچۈن: چىلان شەربىتى بىرىلىدۇ.
    تاتلىق ئانار سۈيى 2ھەسسە ئاچچىق ئانار سۈيى بىرھەسسە ئېلىنىپ شىكەرقۇشۇپ تەييارلانغان ئانار شەربىتى بىرىلسىمۇ بۇلىدۇ.
    1- رىتسىپ: چىلان شەربىتى بىرىلىدۇ:
     (5- قىسىم 6- سۇ چىچەكتە سۆزلەندى)
    ئەسۋە چىقىش دەۋرىدە قىزىتمىسى بەك يۇقىرى بولسا گۇلاپ بىلەن تەييارلانغان شەربىتى بىنەپشە بىرىلسە بۇلىدۇ.
    2- رىتسىپ:شەربىتى بىنەپشە بىرىلىدۇ:
    (5- قىسىم 1- §بالعلاردعكع كۆك  يۆتەلدە سۆزلەندى)
    ئەسۋىلەر كىپەكلىشىپ تۈكۈلپ تۇرغاندا رەۋغىنى قۇرتى بىلەن ياغلاپ تۇرۇلسا بۇلىدۇ:
    3- رىتسىپ : رەۋغىنى قۇرۇتى ئىشلىتىلىدۇ:
    تەركىبى: ئاق مۇم 20گىرام، تۇخۇ يېغى 10گىرام، كالا ئىلىكى 80گىرام، كۇنجۇت يېغى 40م ل، بادام يېغى 20 م ل، كۇنجۇت يېغىنى قىزىتىپ ئۈستىگە ئاق مۇم سېلىپ ئىرىتىلگەندىن كىيىن باشقىلىرىنى سېلىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ.
    تەسىرى: تىرىنىڭ ئەسلىگە كىلىشنى تىزلىتىدۇ. قىچىشىشنى پەسەيتىدۇ.
    ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى: ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىشلىتىلىدۇ.
    دىققەت قىلىدىغان ئىشلار:
    سۇيۇق- سەلەڭ ئاسان ھەزىم بۇلىدىغان تاماقلار بىرىلىدۇ.
    يەللىك ۋە قورىغان تاماقلاردىن پەرھىز قىلىنىدۇ.
     
     
    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064
    250704869    280137398   
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 13139888848,15999163133
       
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ