|
|
|
ئۈچەي كىزىكى (ھۇممائى مۇھرىقە) |
يوللىغان ۋاقىت:2009-03-02 ئاۋاتلىقى:5 |
|
|
|
تۇنۇش: بۇ يۇقىرى قىزىتما بىلەن ئىپادىلىنىدىغان پۈتۈن بەدەنلىك ئۆتكۈر يۇقۇملۇق كىسەل بۇلۇپ داۋاملىق يۇقىرى قىزىتما بۇلۇش، ھالرەڭ ئەسۋە چىقىش، تال، جىگەر چۇڭۇيۇش ئىچ سۈرۈش بىلەن ئۈتىدۇ. كۈپۈنچە ياز ۋە كۈز پەسىللىرىدە كۈرىلىدۇ. بەلگىلىك تارقىلىشچانلىققا ئىگە ، 5ياشتىن تۈۋەن بالىلاردا كۆپرەك كۈرىلىدۇ. ئىككى ياشتىن تۈۋەن بالىلاردا نىسبەتەن ئازئۇچرايدۇ. سەۋەبى: كىسەللىك ھەرخىل سەۋەپلەردىن ئۈچەي كىزىكى جاراسىمىدىن يۇقۇملىنىش ، تۆت خىلىتنىڭ غەيرى تەبىئى ئۆزگۈرۈش قاتارلىقلاردىن كىلىپ چىقىدۇ. ئالامىتى: كىسەللىك جاراسىمى يۇققاندىن كىيىن 14-10كۈنگىچە يۇشۇرۇن ھالەتتە تەرەققى قىلىپ باشقا ئالامەتلەر كۈرۈلمەيدۇ. 15- كۈندىىن باشلاپ قىزىتما كۈرىلىدۇ. قورساق ئاغرىش، ئىچى سۈرۈش، بۇشۇشۇش، ھۆ بۇلۇش ئىشتىھاسىزلىق، ئۇسسۇزلۇق كۈپۈيۈش ئالامەتلىرى كۈرىلىدۇ. ئالدىنى ئېلىش: كىزىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن: ئالدى بىلەن تازىلىققا رىئايە قىلىشنى ئادەتكە ئايلاندۇرۇش، مۇھىت تازىلىقىنى ياخشىلاش، سۇ مەنبەلىرى بۇلغۇنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بالىلارنى سۇغۇق سۇ ئىچمەي، قايناقسۇ ئىچىشكە ئادەتلەندۈرۈش، يىمەكلىكلەرنىڭتازىلىقىنى ياخشىلاش سۇ مەنبەلىرىنىڭ بۇلغۇنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بالىلارنى سۇغۇق سۇ ئىچمەي قايناقسۇ ئىچىشسكە ئادەتلەندۈرۈش، يىمەكلىكلەرنىڭ تازىلىقىنى ياخشىلاش، تاماق ماددىلىرىغا چىۋىن قۇنۇپ قېلىشتىن ساقلىنىش، بالىلارنى تاماقتىن بۇرۇن تەرەتتىن كىيىن، قول يۇيۇشقا ئادەتلەندۈرۈش ، كىسەل كۈرۈلسە بالدۇرراق پەرىق ئىتىپ بالدۇرراق ئايرىپ داۋالاش، كىسەلنىڭ قاچا- قۇچا، كىيىم- كىچەكلەرنى ساق بالىلارنىڭكىگە ئارىلاشتۇرماسلىق، كىسەل بالىنىڭ چوڭ- كىچىك تەرەتلىرىنى ئاھاكلاپ كۈمۈش كىسەل ئىشلەتكەن نەرسىلەرنى قاينىتىپ پاكىزلەش لازىم. داۋالاش پىرىنسىپى: قىزىتما قايتۇرۇپ ھارارەتنى پەسەيتىش، مەقسىتىدە داۋالاش ئېلىپ بارىمىز.
يەكككە دورىلار بىلەن داۋالاش: 1- رىتسىپ: ئەينالۇ بىلەن تەمرى ھىندى مۇۋاپىق مىقداردا. تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى مۇۋاپىق مىقداردا ئېلىپ قايناقسۇغا چىلاپ تەمىنى چىقىرىپ ئىچىشكە بىرىلىدۇ. شىپالىق رۇلى:سەپرانىڭ ئۆتكۇرلىكىنى پەسەيتىدۇ ،قىزىتما چۈشۈرىدۇ. ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى: ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلىنىدۇ. 2- رىتسىپ: ئىسپىغۇلنىڭ لۇئابى بىلەن بىھى ئۇرىقىنىڭ لۇئابىنى ئارىلاشتۇرۇپ ئىستىمال قىلىنىدۇ. شىپالىق رۇلى:ئۇسۇلۇقنى پەسەيتىدۇ، ،ئىچى سۇرۇشنى توختىتىدۇ. ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى: ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلىنىدۇ. 3- رىتسىپ: سامساق مۇۋاپىق مىقداردا تەييارلاش ئۇسۇلى: سامساقنى سىقىپ شىرنىسىنى چىقىرىپ، سۇ بىلەن ياكى مۇۋاپىق كىلىدىغان شەربەتلە ربىلەن ئىستىمال قىلىنىدۇ. چوڭلار ئەھۋالغا قاراپ ، بالىلار 1-2م ل ئىچىپ بەرسە ئۈچەي كىزىكىگە مەنپەت قىلىدۇ. شىپالىق رۇلى:جاراسىمنى يۇقۇتىدۇ، ئۇچەي كىزىكىگە مەنفەت قىلىدۇ. ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى: چوڭلار ئەھۋالغا قاراپ ، بالىلار 1-2م ئىستىمال قىلىنىدۇ. 4- رىتسىپ: قارا سۇنا ئۇرىقى 6گىرام، قىزىلگۈل ئەرقى 30م ل، سۈگەت پوتلىسى ئەرقى ۋە نىلۇپەر ئەرقى ھەربىرى 30م ل. تەييارلاش ئۇسۇلى: دورىلارنى مىقدارى بۇيىچە ئېلىپ قارا سۇنا ئۇرىقىنى ئەرەقلەرگە چىلاپ تەمىنى چىقىرىپ سۈزۈۋېتىپ ئۈستىگە10م ل نىلۇپەر شەربىتى 2گىرام، بىھى ئۇرىقى لۇئابى بەش تامچە سىركە قۇشۇپ ئىچكۈزىلىدۇ. شىپالىق رۇلى: ھارارەتنى پەسەيتىپ، قىززىتما چۈشۈرىدۇ. ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى: بۇنى 5-10ياشلىق بالىلار بىرقېتىمدا ئۇنىڭدىن كىچىكلەر 2-3كە بۈلۈپ بىركۈندە ئىچىلىدۇ ياكى تۈۋەندىكى نۇسقا بىرىلىدۇ: تەركىبى:قارا سۇنا ئۇرىقىنىڭ شىرىسى، ئىسپىغۇل لۇئابى، 6م ل دىن بىھى ئۇرىقى لۇئابى 2م ل، ئىت ئۈزۈمى ئەرقى، سۈگەت پوتلىسى ئەرقى، كاسىنە ئۇرىقى ۋە گۇلاپلىرىنىڭ ھەربىرىدىن 20م ل دىن قۇشۇپ 10-8ياشلىق بالىلارغا، بىرقېتىمدا 7-5ياشلىق بالىلارغا ئىككىگە بۈلۈپ ئۇنىڭدىن كىچىكلەرگە 3كە بۈلۈپ ئىچكۈزىلىدۇ. شىپالىق رۇلى: ھارارەتنى پەسەيتىپ، قىززىتما چۈشۈرىدۇ. مۇرەككەپ دورا بىلەن داۋالاش 1- رىتسىپ: چاھار تۇخۇمى شىرنىسىنى بىرىلىدۇ. تەركىبى: تۇخۇمى كاھۇ، تۇخۇمى خىرپە، تۇخۇمى قىيمۇقۇ، تۇخۇمى ئىسپىغۇل قاتارلىقلارنىڭ ھەربىرىدىن 3گىرام ئېلىپ 15گىرام زىرىق سۈيىگە چىلاپ ئىزىپ شىرىسى داكىدىن ئۆتكۈزۈلگەندىن كىيىن بالىغا ئىچۈرىلىدۇ. تەسىرى: قىززىتما ۋە ئۇسسۇلۇقنى پەسەيتىدۇ. ئىشلىتىلىش ئۇسۇلى: ئەھۋالغا قاراپ مۇۋاپىق مىقداردا ئىستىمال قىلدۇرىلىدۇ. ئۈچەيدىكى كىسەللىك ماددىسىنى سۈرۈپ چىقىرىش ئۈچۈن : 2- رىتسىپ: لۇئۇقى تەمرى ھىندى بىرىلىدۇ. تەركىبى: تەمرى ھىندى 30گىرام، تەرەنجىبىن 30گىرام، ئەينالۇ 15گىرام، بۇ دورىلارنى ئەرقى بىنەپشە قاتارلىقلارغا چىلاپ سۈزگەندىن كىيىن كۈندە 5قېتىمدا 30م ل دىن بىركۈن ئىچىرىلۈدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن بۇ دورىغا 10گىرام قىزىلگۈل، 10گىرام بىنەپشە قۇشۇپ، بىركۈن ئىچۈرىلىدۇ. 3-كۈنى يۇقىردىكى لۇئۇقىغا 30گىرام گۈلقەنت 30گىرام، خېمىرى بىنەپشە قۇشۇپ ئىچۈرىلىدۇ. تەسىرى: ئۈچەيگە ھۆللۈك يەتكۈزۈپ ئۈچەيدىكى كىسەللىك ماددىسىنى سۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئىشلىتىلىش مىقدارى: كۈندە بەش قېتىم ھەرقېتىمدا 30 م ل دىن بىر كۈن ئىچكۈزىلىدۇ. ئۇنىڭدىن كىيىن بۇ دورىغا 10گىرام قىزىلگۈل، 10گىرام بىنەپشە قۇشۇپ بىركۈن ئىچكۈزىلىدۇ. 3- كۈنى يۇقىردىكى لوقىغا 30گىرام گۈلقەن، 30گىرام خېمىرى [1]بىنەپشە قۇشۇپ ئىچكۈزىلىدۇ. 3- رىتسىپ: خېمىرى بىنەپشە بىرىلىدۇ: (5- قىسىم 1- §بالعلاردعكع كۆك يۆتەلدە سۆزلەندى) قىزىتمىسى بەك يۇقىرى بۇلۇپ قەبزىيەت سۈيدۈك كەلمەسلىك قاتارلىق ئالامەتلەر بولسا 50م ل دىن ئىت ئۈزۈمى ئەرقى، كاسىنە ئەرقى ئېلىپ بىھى ئۇرىقى، قارا سۇنا ئۇرىقى، خىيارەيىن ئۇرىقى، قاپاق ئۇرىقى مېغىزى، كاسىنە ئۇرىقى ھەربىرىدىن 5گىرامدىن ئېلىپ يۇرقىقى ئەرىقلەرگە چىلاپ شىرىسنى ۋە لۇئابىنى چىقىرىپ 12-16ياشلىق بالىلارغا بىرقېتىمدا 5-7ياشلىقلارغا 2گە بۈلۈپ ئۇنىڭدىن كىچىكلەرگە 3كە بۈلۈپ ئىچكۈزىلىدۇ. بۇنۇسقا 5-6كۈن بىرىلگەندىن كىيىن يېرىم گىرام تاباشىرنى 6گىرام خېمىرى سەندەلگە ئارىلاشتۇرۇپ (10ياشلىق بالىلار) ئۈچۈن بىرىلىدۇ. 4- رىتسىپ: خېمىرى سەندەل بىرىلىدۇ: ئاق سەندەل، قىزىل سەندەل 30گىرامدىن، گاۋزىبان، تاباشىر، بىدىمىشكى، قىزىلگۈل 15گىرامدىن، ئۆشنە، ئامىلە، ئۈستىقۇددۇس، بادرەنجى بۇيا، ئاسارۇن، مەرزەنجۇش، سۇمبۇل، يۇمغاقسۇت ئۇرىقى 10گىرامدىن. شېكەر 300گىرام، ھەسەل 500گىرام. ياسىلىشى: دورىلارنى يۇمشاق سۇقۇپ تاسقاپ تالقانلاپ، چەكلەنگەن ھەسەل بىلەن شىكەرنى قىيام قىلىپ، ئاندىن قىيامغا تالقان دورىلارنى تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. ئىشلىتىلىش مىقدارى: كۈندە بىرقېتىم 5-6گىرام ئېستىمال قىلىنىدۇ. تەسىرى: يۈرەكنى تىنىچلاندۇرىدۇ. ئىشلىتىلىشى: يۈرەك تىترەش، يۇرەك قالايمىقان سېلىشقا ئىشلىتىلىدۇ. ئېستىمال قىلىش مىقدارى: كۈندە 2قېتىم، ھەرقېتىمدا 10-5گىرام تاماقتىن بۇرۇن ئېستىمال قىلىنىدۇ. 5- رىتسىپ:تۈۋەندىكى مۇسھىل بىرىلىدۇ: تەركىبى:شاھتارە، ئىت ئۈزۈمى، قىزىلگۈل 3گىرامدىن، نىلۇپەر گۈلى بىرگىرام، خىيارەيىن ئۇرىقى، كاسىنە ئۇرىقى 6گىرام ھەممە دورىلارنى مۇۋاپىق سۇغا چىلاپ ئەتىسى سۈزۈپ سۈيىگە 24گىرام، مەغزى فۇلۇس، 24گىرام تەمرى ھىندى، 12گىرام تەرەنجىبىن، 18گىرام گۈلقەنت قۇشۇپ يەنە سىقىپ سۈزۈپ سۈزۈلگەن سۈيىگە 3گىرام بادام يېغى ، 6گىرام ئىسپىغۇل لۇئابى قۇشۇپ ئىچكۈزىلىدۇ. مۇسھىلنى بىرىپ ئىككى كۈندىن كىيىن قۇرسى تاباشىر كافۇر بىرىلىدۇ. 6- رىتسىپ: قۇرسى تاباشىر كافۇر بىرىلىدۇ: تەركىۋى: ئىسپىغۇل 13گىرام، تاباشىر، تەرخەمەك ئۇرىقى مېغىزى، كاسىنە ئۇرىقى ، ىمىز ئوت ئۇرىقى، قارا سۇنا ئۇرىقى، قىزىلگۈل، ئاق سەندەل، ھەربىرى 12گىرام ، كافۇر 1.5گىرام. ياسىلىشى: دورىلارنى سۇقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ ئىسپىغۇل، لۇئابى بىلەن يۇغۇرۇپ تۈگمە شەكلىدە قۇرس تەييارلىنىدۇ. تەسىرى: سەپرانى پەسەيتىپ قان تازىلاش، يۈرەك خىزمىتىنى ياخشىلاش، جىگەر تۇسالغۇلىرىنى ئېچىش، سۈيدۈك ھەيدەش، ئىششىق ياندۇرۇش، ھارارەتنى پەسەيتىش، ئىچىنى توختۇتۇش تەسىرىگە ئىگە. ئىشلىتىلىشى: يۆتەل، تەبدىق، كىزىك كىسەللىرىگە ئىشلىتىلىدۇ. ئىشلىتىلىش مىقدارى: كۈنىگە 2گىرام ئېلىپ چايلىق دورا بىلەن ئىچىلىدۇ. ئەرقى بىدىمىشكى، ئەرقى گاۋزىبان، جاۋاشىر زىرىشىك بىرىلىدۇ. 7- رىتسىپ: ئەرقى بدىمىشكى بىرىلىدۇ: (5- قىسىم 2- §بالعلاردعكعبذغذم كىزىكىدە سۆزلەندى) 8- رىتسىپ: ئەرقى گاۋزىبان بىرىلىدۇ: (4- قىسىم 2- §بالعلارنعڭ كۆز قاپىقى ئىششىپ قېلىشتا سۆزلەندى) 9- رىتسىپ:جاۋارىش زىرىشىك بىرىلىدۇ: تەركىبى: مارجان، مەرۋايىت ھەربىرى 30گخرام، قاپاق ئۇرىقى مېغىزى 21گىرام ، ئۇرىقىدىن ئايرىلغان زىرىق، سىماق، ھەببۇلئاس، گۈرۈچ ئۇنى، جۇۋىنە، زەنجىبىل، تەرخەمەك ئۇرىقى ھەربىرى 18گىرام، سىمىز ئوت ئۇرىقى 12گىرام، تاباشىر، كەھرىبا، مەستىكى ھەربىرى 9گىرامدىن، بىھى لۇئابى ياكى پاقا يۇپۇرمىقىنىڭ سۈيى مەلۇم مىقداردا. ياسىلىشى: دورىلارنى سۇقۇپ ئەلگەكتىن ئۆتكۈزۈپ ھەسەلنى ئىرىتىپ ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. تەسىرى: ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ، ئاشقازان، ئۈچەينى قۇۋۋەتلەيدۇ. ئىشلىتىلىش مىقدارى: كۈنىگە 2قېتىم ھەرقېتىمدا 4گىرامدىن ئىستىمال قىلىنىدۇ. بەدەننى قۇۋۋەتلەش مەقسىتىدە: جاۋارىش قانىسىە، ئەرقى مائۇللەھىمى ئىچىرىىدۇ. 10- رىتسىپ:جاۋارىش قانىسسە بىرىلىدۇ: تەركىبى: تۇخۇ تاشلىقىنىڭ ئىچكى پوستى 15گىرام، ئۇد غەرقى 10گىرام، مەستىكى رۇمى 10گىرام، زىرە 5گىرام، ئاق بەھمەن 5گىرام، قىزىل بەھمەن 5گىرام، تاباشىر 10گىرام، زىخ 10گىرام، قۇرۇق يۇمغاقسۇت 5گىرام، ئەنبەر 4گىرام، ئالتۇن ۋەرەق 10دانە، كۈمۈش ۋەرەق 20دانە، گاۋزىبان گۈلى 10گىرام، لاچىندانە 10گىرام، بادرەنجى بۇيا 10گىرام، پىلە 50گىرام، ئالقات 10گىرام، پىستىنىڭ تاشقى پوستى 10گىرام، تۇرۇنجى پوستى 10گىرام، ھەببۇلئاس 10گىرام، ئانار ئۇرىقى 10گىرام، قۇرۇق پىننە 10گىرام، ئامىلە 10گىرام، ھېلىلە 50گىرام، ئىپار 2گىرام، قەنت 1500گىرام، ھەسەل 1500گىرام، ئەرقىگۈل 500م ل. ياسىلىشى: قەنت، ھەسەلنى ئەرقىگۈلدە قىيام قىلىپ، باشقا دورىلارنى يۇمشاق سۇقۇپ، تاسقاپ، قىيامغا تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ، ئاخىردا يۇمشاق سالايە قىلىنغان ئىپار ۋە ئەنبەرنى قىيامغا تەكشى ئارىلاشتۇرۇپ تەييارلىنىدۇ. تەسىرى: ئاشقازاننى كۈچەيتىدۇ، پەي ۋە تارامۇشلارنى چىڭىتىدۇ. ئىشلىتىلىشى: ئاشقازان تۆۋەنلەش كىسىلىگە ئىشلىتىلىدۇ. ئىشلىتىلىش مىقدارى: كۈندە 3قېتىم ھەرقېتىمدا 15-10گىرامدىن ئېستىمال قىلىنىدۇ. 11- رىتسىپ: ئەرقى مائۇللەھىمى بىرىلىدۇ: تەركىبى:ئاسارۇن، دارچىن ھەربىرى 160گىرامدىن، بەھمەن سەفىد، پىننە، قاقىلە، ئاق سەندەل، بەھمەن سۇرۇخ ھەربىرى 60گىرامدىن، بادرەنجى بۇيا، مەرزەنجۇش ھەربىرى 250گىرامدىن، زەنجىبىل، ئۈستىقۇددۇس، گۈلدارچىن ھەربىرى 120گىرامدىن، ئامىلە، بەسباسە، قەلەمپۇر، گۈل گاۋزىبان، لاچىندانە، سۇئلەپ، سۇمبۇل، شاقاقۇل، گاۋزىبان، جوز بەۋۋا، قىزىلگۈل ھەربىرى 100گىرامدىن، ئۈزۈم 5كىلوگىرام، بىرقوينىڭ، 2تۇخۇنىڭ، بىرئۇلانىڭ، 8كەپتەرنىڭ 30ئاق قۇشقاچنىڭ گۈشى. ياسىلىشى: چالا سۇقۇپ تاسقاپ، چىلاشقا تىگىشلىكلىرىنى چىلاپ، پارقازىنىغا سېلىپ، سۇ قۇيۇپ، بىركىچە- كۈندۈز تۇرغۇزۇپ، ئاندىن سۇس ئوتتا قاينىتىپ، پارغا ئايلاندۇرۇپ تامچىلىتىپ،چۈشۈرۈلۈپ ئەرەق تەييارلىنىدۇ. ئىشلىتىلىشى: ئاشقازان ئاجىزلىق، بەدەن ئاجىزلىق، پۇت- قول ماغدۇرسىزلىق، نىرۋا ئاجىزلىق، ئۇيقۇسىزلىق، ئىشتاھاسىزلىق، جىنسى ئاجخزلىق، قان ئازلىق قاتارلىق كىسەللەرگە ئىشلىتىلىدۇ. ئىشلىتلىش مىقدارى: كۈنىگە 2قېتىم، ھەرقېتىمدا 50مىللىلىتىردىن تاماقتىن كىيىن ئىچىلىدۇ. نەپەس قىيىنلىشى يۈز بەرسە: كۆكرەككە بىنەپشە يېغى ياكى مۇم يېغى سۈركەش، بىنەپشە، ئاقلەيلى ، زاراڭزا مېغىزى قاتارلىقلارنى سۇقۇپ مۇم يېغى ئارىلاشتۇرۇپ كۆكرەككە چېپىش لازىم. يۈرەكتە ھارارەت كۈچلۈك بولسا سىركە قۇشۇپ چۈچىمەل قىلىنغان سەندەل شەربىتى بىرىش، داكىنى ئازراق كافۇر قۇشۇلغان سۇ بىلەن ياكى سەندەل گۇلابى بىلەن نەمدەپ كۆكرەككە قۇيۇش. 12- رىتسىپ: سەندەل شەربىتى بىرىلىدۇ: تەركىبى: ئۆتكۈر پۇراقلىق ئاق سەندەل 300گىرام، شىكەر ياكى قەنت مۇۋاپىق مىقداردا. تەييارلىنىشى: سەندەلنى سۇقۇپ مەلۇم مىقداردىكى گۇلاپقا بىركىچە كۈندۈز چىلاپ قۇيۇپ، ئاندىن سۈزۈپ ئۇنى باشقا سۇ بىلەن تەمى چىققانغا قەدەر قاينىتىپ ئۇنىڭ سۈيىگە گۇلاپ سۈيىنى قۇشۇپ ئاندىن شىكەر سېلىپ قىيام قىلىنىدۇ. تەسىرى: يۈرەكنى كۈچەيتىپ، ئىچ سۈرۈشنى توختىتىدۇ، يۈرەك قوزغۇلۇشنى پەسەيتىدۇ. ئىشلىتىلىشى: ئىسسىقتىن بولغان خاپىخان ، جىگەر، ئۈچەي- ئاشقازان كىسەللىكلىرى ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ. ئىشلىتىلىش مىقدارى: كۈنىگە 3قېتىم ھەرقېتىمدا 3-6 م ل غىچە ئىستىمال قىلىنىدۇ. دىققەت قىلىدىغان ئىشلار : ئاسان سىڭىدىغان يىنىك تاماقلاردىن: كۆكماش، كۆكتات، ھۆل قاپاق قاتارلىقلار سېلىپ پىشۇرۇلغان چۆجە گۈشى شورپىسى، ئارپا ئېشى، ئارپا سۈيى قاتارلىقلار بىرىلىدۇ. سىمىز قوي گۈشى، تۇخۇم مايدا قورۇلغان تاماق، يەللىك تائاملاردىن پەرھىز قىلدۇرىلىدۇ.
|
|
|
|