* رېتسېپ : خام ئەگرىسۇناي 30 گرام ، ئاق بايناقدىن 15 گرامنى قاينىتىپ ئىچىپ بەرسە ، قان ئاجىزلىقتىن بولغان قەۋزىيەتكە داۋا بولىدۇ . *رېتسېپ : چۈچۈكبۇيادىن 3 گرام ، رەۋەندە 10 - 12 گرام ، تازىلانغان شوردىن 10 گرام قاينىتىپ ئىچىپ بېرىلىدۇ . ئىسسىقى ئېشىپ كېتىشتىن بولغان قەۋزىيەتكە داۋا بولىدۇ . ئەسكەرتىش : رەۋەن بىلەن تازىلانغان شور كېيىنراق سېلىپ قاينىتىلىدۇ . *رېتسېپ : پۇنۇس ئۇرۇقىدىن 60 گرامنى قايناقسۇدا دەملەپ ئىچىپ بەرسە ، ئادەتلىنىپ قالغان قەۋزىيەت ، ئارتېرىيە قېتىشىش ، يۇقىرى قان بېسىم كېسەللىكىگە داۋا بولىدۇ . * رېتسېپ : ياڭاق مېغىزىدىن 5 گرامنى ھەر كۈنى ئاخشىمى يەپ ، قايناقسۇ ئىچىپ بېرىشنى 40 ~ 60 كۈنگىچە داۋاملاشتۇرۇپ بەرسە ئۈنۈمى بىر قەدەر ياخشى بولىدۇ . * رېتسېپ : توشقانزەدىكىدىن 20 گرام ، ياڭاق مېغىزىدىن 15 گرام ، قورۇلغان پىششىق ئاپېلسىن پوستىدىن 10 گرام قاينىتىپ ئىچىلىدۇ . بۇ رېتسېپ سوغۇقتىن قورقىدىغان ، بەل - پۇت سىرقىراپ ئاغرىيدىغان ، تىل گېزى ئاق بىماردىكى قەۋزىيەتكە داۋا بولىدۇ . *رېتسېپ : ئارچا مېغىزى ، چىلغوزا مېغىزى ، ياڭاق مېغىزىنىڭ ھەر بىرسىدىن 500 گرامنى سوقۇپ ، ئاندىن گرام ھەسەلگە ئارىلاشتۇرۇپ ، كۈندە ئىككى قېتىم ھەر قېتىمدا 10 گرامدىن يەپ بېرىلىدۇ . *رېتسېپ : ھەر كۈنى سەھەر ناشتىدىن بۇرۇن 8 گرام ھەسەلگە ئىلمان قايناقسۇ قوشۇپ ئىچىپ بېرىلىدۇ . *رېتسېپ : ئاق چوغلۇقدىن 45 گرام ، خان چۈچۈكبۇيىدىن 15 گرام قاينىتىپ ئىچىلىدۇ . ھەر كۈنى بىر بولاقتىن ئىچىپ بەرسە 2 ~ 4 كۈندىن كېيىن كېسەللىك ساقىيىپ كېتىدۇ . جاھىل قەۋزىيەتكە ھەر ھەپتىدە 1 ~ 2 بولاقتىن ئۇدا 1 ~ 2 ھەپتە ئىچىپ بېرىشى كېرەك . بۇ رېتسېپ ياشانغانلاردىكى ئادەتلىنىپ قالغان قەۋزىيەتكە مۇۋاپىق كېلىدۇ .
|