1. ئالدىنى ئېلىش خاراكتېردە دورا ئىچۈرمەڭ. ئەمەلىيەتتە بازارلاردا ئىممۇنىتېت كۈچىنى ئاشۇرۇپ، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئالىدىغان دورا يوق. شۇڭا، كېسەلنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەقسىتىدە بالىغا قارىغۇلارچە دورا ئىچۈرمەسلىك كېرەك.
2. ئانتىبئوتىك دورىلارنى خالىغانچە ئىچۈرمەڭ . ئانتىبئوتىك دورىلارنى خالىغانچە ئىچۈرسە، داۋالاشقا دەخلى يېتىدۇ، مىقدارى ئاز بولغان تەقدىردىمۇ كېسەل باكتېرىيىلىرىدە دورىغا تاقابىلچانلىق پەيدا بولۇپ، داۋالاش ئۈنۈمى ياخشى بولمايدۇ.
3. قىزىتما قايتۇرۇش دورىسىنى خالىغانچە ئىچۈرمەڭ . بالىنىڭ بەدەن تېمپېراتۇرىسى 38.5 سېلتسي گرادۇستىن تۆۋەن بولسا، قىزىتما قايتۇرۇش دورىسى ئىچۈرمىسىمۇ بولىدۇ.
4. ئىچ سۈرۈشنى توختىتىش دورىلىرىنى خالىغانچە ئىچۈرمەڭ . ئىچ سۈرۈشنى داۋالاشتا سۇسىزلىنىش، ئېلېكترولىتلارنىڭ قالايمىقانلىشىش دەرىجىسى بويىچە، ئاسما ئوكۇل ئۇرۇش، يېمەك - ئىچمەكنى تەڭشەش ۋە ياللۇغنى كونترول قىلىپ داۋالاش قاتارلىق ئۇسۇللار قوللىنىلىدۇ. شۇڭا، بالىنىڭ ئىچى سۈرۈشى قايسى تۈرگە كىرىدىغانلىقىنى ئېنىقلاپ، شۇنىڭغا ماس كېلىدىغان داۋالاش ئۇسۇلىنى قوللىنىش كېرەك.
5. چوڭلارنىڭ دورىسىنى ئىچۈرمەڭ . بەزى ئاتا - ئانىلار بالىسى ئاغرىپ قالسا، چوڭلار ئىشلىتىدىغان باكتېرىيىگە قارشى دورا ياكى زۇكامغا قارشى دورىلارنى ئىچۈرىدۇ. گەرچە بۇ دورىلارنى ئاز مىقداردا ئىچۈرسىمۇ، بالىلارغا ماس كەلمەيدۇ.
6. دورىلارنى خالىغان ئۇسۇلدا ئىچۈرمەڭ . بەزى ئاتا - ئانىلار چوڭلارنىڭ كاپسۇللۇق دورىلىرىنى ئېچىپ ئىچىدىكىنى تۆكۈپ بالىغا ئىچۈرىدۇ، ئوكۇل سۇيۇقلۇقىنى ئىچۈرىدىغانلارمۇ بار. بۇنداق قىلغاندا دورىنىڭ رولى ئاجىزلاپ كېتىدۇ.