پىسخىكا مەسلىھىتى | تۇرمۇش مەسلىھەتچىسى | ساغلاملىق بىلىملىرى | ئۇيغۇر تىبابىتى | باش بەت
  جىنسىيەت ھەققىدە | تۇرمۇش ۋە ساغلاملـــىق | ئانا-بالىلار ھەققىدە | ياشانـــغـانـــلار | ئەيـــدىز
باس -باس ئۇچۇرلار  
  • ئەر تەرەپ جىنسىي ئەزاسى نورمال قاتمىغاندا ، ئايال تەرە ...
  • سەككىز خىل چۈش كېسەللىك بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەن
  • چىرايلىق بولۇشتىكى ئاددىي رېتسىپلىرى
  • تېز ئۇخلاشنىڭ ئۇسۇلى
  • قان بېسىمىنى دورا ئىشلەتمەي تۆۋەنلىتىشنىڭ بەش خىل ئۇس ...
  • ئاياللار قانداق ئەھۋاللاردا جىنسىي مۇناسىۋەتتىن پەرز ...
  • بۆرەكنى كۈچەيتىشنىڭ ئۈچ خىل ئاددىي ئۇسۇلى
  • ئەرلەرنىڭ كىينىشىدىكى 18 قائىدە
  • ھامىلدارلىقتىن ساقلىنىش قاپچۇقىنى ئىشلەتكەندە زىيادە ...
  • ئۆزىڭىزنى تۇتىۋىلىشنى ئۈگۈنۈڭ
  • ئورۇقلاشنىڭ 20 خىل ئۇسۇلى
  • تۇرمۇشتىكى «قېرىش» نى تېزلىتىدىغان ئامىللار
  • داغ ۋە سەپكۈنلەرنى يەرلىك ئۇسۇلدا داۋالاش
  • كىشىلىك تۇرمۇشتا دىققەت قىلىڭ
  • كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئەپچىل چارىلەر
  • ئۇخلاشتىن ئىلگىرى كومپيۇتېر ئىشلەتمەڭ
  • كۆزنى چىرايلىقلاشتۇرىدىغان يېمەكلىكلەر قايسىلار؟
  • ئائىلىدە داۋالېۋىلىشقا بولىدىغان ئۇششاق كېسەللىكلەر
  • سۇ ئىچىشتىمۇ ئىلمىيلىك بار
  • پۇت پۇراش ۋە تەرلەش
  • رۇھى ساغلامىلىقنىڭ ئۆلىچىمى
  • توغرا چىش چوتكىلاش پىرىنسىپى
  • يەرلىك رېتسېپلار
  • ساغلاملىق ۋە خوشاللىقنىڭ سىرى
  • دائىم زوڭزۇيۇپ بەرسە سالامەتلىككە پايدىلىق
  • ئاكتىپ روھىي ھالەتنى ساقلاي دېسىڭىز ...... ...
  • ئېغىز پۇراش ۋە ئۇنىڭ سەۋەبلىرى
  • ئۆي بېزەشتىن كېلىپ چىققان بۇلغىنىشقا سەل قارىماڭ
  • چىشقا زىيانلىق 20 خىل يېمەكلىك
  • يامان سۈپەتلىك ئۆسمىنىڭ كلىنىكىلىق ئالامەتلىرى قاندا ...
  •  
    دورا يىگەندىكى قايناقسۇ ئىچىش ئىلمى
    يوللىغان ۋاقىت:2009-02-23 ئاۋاتلىقى:34
    كىچىك | نورمال | چوڭ             


       كۆپلىگەن كىشىلەر دورا ئىستىمال قىلغاندا مۇنداق بىر ئىشقا ئادەتلەنگەن ، دائىم بىر يۇتۇم سۇ بىلەنلا ياكى قېشىدىكى چاي ئارقىلىقلا دورىنى يۈتۈۋېتىدۇ . بۇنداق دورا يېيىش ئۇسۇلى توغرا ئەمەس . بۇ ئارقىلىق دورىنىڭ بەدەنگە نورمال سۈمۈرۈلۈشىگە تەسىر يېتىپ دورا ئۆزىنىڭ رولىنى ئوينىيالماي قالىدۇ ، بەزىدە ئېغىر ئەكىس تەسىرلەر بولۇپ قېلىشى مۇمكىن . ئەمەلىيەتتە قايناقسۇ ئىچىپ دورا يېيىشنىڭ كۆپلىگەن پايدىلىق روللىرى بار .
       دورا يىگەندە قايناقسۇ ئىچىش ئارقىلىق بۆرەكنى قوغدىغىلى بولىدۇ .
       دورا يىگەندە كۆپلىگەن سۇ ئىچسە ، دورىنىڭ تېز سۈمۈرۈلۈشىگە پايدىسى بولۇپ ، دورىنىڭ بۆرەكنى زەخىملەندۈرۈشىنىڭ ئالدىنى ئالغىلى بولىدۇ . بولۇپمۇ سۇلفادنىلامىد 磺胺 تۈرىدىكى دورىلارنى ئىستىمال قىلغاندا سۇنى كۆپرەك ئىچىش كېرەك . سۇلفادنىلامىد 磺胺تۈرىدىكى دورىلار بەدەنگە كىرگەندىن كېيىن مىتابولىزىم بولۇشى ئاساسلىق بۆرەكتىن ئۆتكۈزۈلىدۇ . بەزىدە سۈيدۈكتىن چىققاندا خىرىستال شەكلىللىنىپ قېلىپ ، بەل ئاغرىش ، سۈيدۈكتە قان پەيدا بولۇش ، ئاقسىللىق سۈيدۈك ئەھۋاللىرى كۆرۈلىدۇ ، ئېغىر بولغانلىرىدا خىرىستال سۈيدۈك يولىغا تاقىشىپ قېلىپ سۈيدۈكنىڭ نورمال چىقىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قېلىشى مۇمكىن .  سۇنى كۆپ ئىچكەندە ، سۈيدۈكنىڭ مىقتارىنى كۆپەيتكىلى بولۇپ ، سۈيدۈكتىكى دورىنىڭ قۇيۇقلۇقىنى تۆۋەنلىتىپ ، خىرىستال شەكىللىنىپ قېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىپ ، بۆرەككە بولغان زەخمىسىنى يېنىكلەتكىلى بولىدۇ . ئۇنىڭدىن سىرت زۇكام بولغان بىمارلار APC قاتارلىق قىززىتما چۈشۈرۈش دورىسىنى ئىستىمال قىلغاندا ، كۆپلىگەن سۇ ئىچسە ، بەدەندە كۆپلىگەن سۈيدۈكنى شەكىللەندۈرۈپ ، زەھەرلەرنىڭ بەدەن سىرتىغا سۈيدۈك بىلەن چىقىپ كېتىشىگە ياردەم بېرىدۇ ، ھەم بۇنىڭ بىلەن بىرگە قىززىتما چۈشۈرۈش دورىسى بەدەننىڭ تەرلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغاچقا ، سۇ ئىچىش ئارقىلىق بەدەندىن چىقىپ كەتكەن سۇنى تولۇقلىغىلى بولىدۇ .  

     رەڭلىك قوڭغۇراق موزىكىلىرى 

        لېكىن بەزى دورىلارنى ئىستىمال قىلغاندا سۇنى زىيادە ئىچىۋەتسە بولمايدۇ . مەسىلەن يۆتەل توختىتىش شىكەرلىك قىيامى 止咳糖浆 ئىچكەندە دورا سۇيۇقلۇقى ياللۇغ پەيدا بولغان كىكىردەك قىسمىغا بېرىپ چاپلىشىپ تۇرۇپ بىر قەۋەت قوغداش پەردىسىنى شەكىللەندۈرۈپ ، ياللۇغنىڭ چوڭىيىپ كېتىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ، غىدىقلاشنى ئازايتىشتەك روللارنى ئۆتەيدۇ . شۇڭلاشقا دورىنى ئىچىپ بولغاندىن كېيىن 5 مىنۇت ئىچىدە سۇ ئىچمەسلىك كېرەك . بەزى سۇدا چىلاپ ئىچىدىغان دورىلارنىمۇ ھەددىدىن زىيادە سۇ قوشۇۋەتمەسلىك كېرەك .
        دورا يىگەندە سۇنى يېتەرلىك ئىچىش كېرەك .

      ھەر قانداق دورىنى قۇرۇق يۈتمەسلىك كېرەك ، چۈنكى بەزى دورىلار كاپسۇللۇق دورىلار بولۇپ ، قىزىل ئۆڭگەچنىڭ چوڭقۇر قىسمىغا چاپلىشىپ قېلىپ ، قىزىل ئۆڭگەچكە زەخىم يەتكۈزۈپ قويۇشى مۇمكىن . بولۇپمۇ قىزىل ئۆڭگەچ ياللۇغى ياكى قىزىل ئۆڭەچ راكى بار بىمارلار بۇ ئىشقا تېخىمۇ دېققەت قىلىش كېرەك . ئەگەر دورا كېسەل ئورنىغا چاپلىشىپ قېلىپ قالسا ، توسالغۇنى پەيدا قىلىشى ھەتتا قان چىقىرىشى مۇمكىن .

         تەكشۈرۈلۈشلەرگە ئاساسلانغاندا ، پەقەت بىر قوشۇق سۇ بىلەن دورىنى ئىستىمال قىلىدىغانلارنىڭ ئىچىدە 60% تىدە دورا ئاشقازانغا كىرمەي پەقەت قىزىل ئۆڭگەچكە چاپلىشىپ قېلىپ ، شۇ جايدا ئېرىپ ئاستا ئاستا ئاشقازانغا ئېقىپ كىرىدۇ . بۇ جەرياندا ئەكىس تەسىر كۆرسىتىپ قېلىشى ، ئېغىرراقلىرى قىزىل ئۆڭگەچ ياللۇغىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن . شۇڭا دورا يىگەندە سۇنى يېتەرلىك كۆپرەك ئىچىش كېرەك . بۇ ئارقىلىق دورىنىڭ تېزرا ئاشقازانغا كىرىپ ، ئاشقازان -ئۈچەينىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە پايدىسى بولىدۇ . شۇڭا ئادەتتە دورا يىگەندە 200~300 مىللىلېتىر سۇ ئىلمان قايناقسۇ بىلەن ئىچسە ئەڭ مۇۋاپىق .
        سۇنىڭ تېمپىراتۇرىسى ھەددىدىن زىيادە يۇقىرى بولۇپ كەتمەسلىكى لازىم

      ئىلمان قايناقسۇ بىلەن دورىنى ئىچكەن ئەڭ ياخشى . چۈنكى ئىلمان قايناقسۇ ھەر خىل دورىلارنىڭ سۈمۈرۈلۈشىگە دەخلى قىلمايدۇ . لېكىن قىززىقسۇ بەزى دورىلارنىڭ دورىلىق قىسمىغا تەسىر يەتكۈزۈشى مۇمكىن . مەسىلەن بەزى ھەزىم قىلىش دورىلىرىنى 60گىردۇسلۇق ياكى ئۇنىڭدىن يۇقىرى قايناقسۇدا دورىلىق قىسمى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىشى مۇمكىن . يەنە ۋىتامىن C نىمۇ قىززىق سۇدا ئىچمەسلىك كېرەك . بالىلار پارالىچ دورىسىنى ھەرگىزمۇ قايناقسۇدا ئىچمەسلىك كېرەك . چوقۇم قاينىتىلغان سۇنى ئىلمانلىتىپ ئىچىش كېرەك . بۇ خىلدىكى دورىلار ناھايىتى كۆپ بولۇپ ، ئەڭ ياخشىسى دورىنى ئىلمان قايناقسۇدا ئىچىش كېرەك .

     

    تور بېكەت ھەققىدە | شىركەت ھەققىدە | خېرىدارلىرىمىز | ھەمكارلىشىڭ | ئېلان بىرىڭ | ئالاقىلىشىڭ | پىكىر بىرىڭ
    Basbas.CN © 2008 E-Mail:info@basbas.cn
    新ICP备08000861号 增值电信业务许可证编号:新B2-20050064
    250704869    280137398   
    ئالاقىلىشىش تېلېفۇن: 13139888848,15999163133
       
    !تور بېكتىمىزگە يوللانغان ھەرقانداق فىلىم ۋە ناخشا مۇزىكىلار ۋە رەسىملەر توردىن ئېلىنغان، ئەگەر نەشىر ھوقۇقىغان دەخلى يەتكەن مەزمۇنلار بولسا دەرھال بىز بىلەن ئالاقىلىشىڭ