داڭلىق ناخشا چولپىنى مادوننا <قۇرئان > تەتقىق قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى

0 2013-10-09 11:16:22   سىنا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   مادوننانىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ ھەپتە ئۇ ئىزچىل‹قۇرئان› نى تەتقىق قىلىۋاتقان بولۇپ، ئۇ ئىسلام دۆلىتىگە قىزلار مەكتىپى قۇرۇش ئۈچۈن ئاساس توپلاۋاتقان ئىكەن. ئالدىنقى ھەپتىنىڭ بەشىنچى كۈنى، ئامېرىكا داڭلىق مودا چولپانلار زىيارىتىدە ئۇ مۇنداق دەپ بىلدۈرگەن:‹ مەن ئىسلام دۆلىتىگە قىزلار مەكتىپى قۇرۇپ بېرىش ئۈچۈن قۇرئاننى تەتقىق قىلىۋاتىمەن، مېنىڭچە بۇ قىزلارنىڭ قۇرئاننى ياخشى ئۆگىنىش ئۈچۈن بىر مۇھىم ئامىل بولىشى مۇمكىن›.
مادوننانىڭ ناخشا ھەۋەسكارلىرى يېقىندىن بۇيان Facebookتورىدا ئۇنىڭ يېقىنقى مەزگىلدە چۈشكەن بىر پارچە رەسىمىنى تورغا تارقىتىۋەتكەن بولۇپ، نۇرغۇن تورداشلار ئۇنىڭ بۇ رەسىمىدىن ئۇنىڭ رومال ئارتىۋالغانلىقىنى ئېنىق كۆرۈۋالغىلى بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن. بۇ رەسىمگە يانداش قىلىپ مۇنۇ سۆزلەر يېزىلغان:‹ مۇھەببەت ۋە بارچە ئىشلار تەڭرىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن ئېلىپ بېرىلىدۇ›. بۇ داڭلىق چولپاننىڭ قىزىقىشى بۇ نەچچە يىللاردىن بۇيان ئىسلام دىنى ئارقىسىدىكى چولپانغا چۈشكەن بولۇپ، بىراخىم زايبات بىلەن ئۇچرىشىش قىلغان ھەم ئۇنى ئوغۇل دوستى قىلىپ تاللىغان، ئېگىلىنىشىچە، ئۇ ئالجىرىيە قانسېستىمىسىگە تەۋە مۇسۇلمان ئىكەن.

   ئېگىلىنىشچە، ئۆتكەن يىلى مادوننا تۈركىيەدە  بېشىغا ياغلىق ئارتىپ ئوغۇل دوستى بىراخىم زايبات بىلەن بىرگە مەسچىتكە كىرگەن ئىكەن.
   بۇ ھەپتىدىكى زىيارەتتە، 55 ياشقا كىرگەن بۇ داڭلىق چولپان مادوننا ئۆزىنىڭ بۇرۇنقى بېشىدىن ئۆتكۈزگەن تارىخىنى ئاشكارىلىغان بولۇپ، ئۇ بۇرۇن نيۇ-يوركقا دەسلەپ كەلگىنىدە، باشقىلار تەرىپىدىن پىچاق كۆتۈرۈپ نۇمۇسىغا تېگىلگەنلىكى ۋە ئۆزىنىڭ كونا ئۆيىدە ئۇشتۇمتۇت قاراقچىلارنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ، ماددى بۇيۇملىرىنىڭ بۇلاپ كېتىلگەنلىكى ھەمدە بۇلاڭچىلارنىڭ قورال بىلەن ھەيۋە قىلىپ نۇمۇسىغا تەككەنلىكىنى بىلدۈرگەن.  ئۇ مۇنداق دەيدۇ:‹ نيۇ-يورك ھەممىنىڭ ياخشىسى ئەمەس، بۇ يەردە ھەر قانداق ياخشى ئىش ھەم يامان ئىشلارنىڭ ھەممىسى يۈز بېرىدۇ، مەن بۇ يەرگە دەسلەپ كەلگىنىمدە، بۇ جاي مىنى خۇش تەبەسسۇم بىلەن قارشى ئالمىغان›.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博