ئەنگلىيە پادىشاھى مالالانى خان ئوردىسىغا تەكلىپ قىلدى

0 2013-10-09 10:54:48   تېڭشۈنتورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
 ئەنگلىيە رادىئو شىركىتىنىڭ 7- ئۆكتەبىردىكى خەۋىرىدە ، ئەنگلىيە بوككىنخام سارىيى ئەمەلدارى 6- سىنتەبىر مۇنداق بىلدۈردى :" ئەنگلىيە ئايال پادىشاھى " ئېلزابىت 2 " پاكسىتانلىق قىز مالالانى 10- ئاينىڭ 18- كۈنى بوككىنخام سارىيىدا ئۆتكۈزۈلىدىغان كۈتىۋېلىش يىغىنىغا تەكلىپ قىلغان ؛

ئەنگلىيە مائارىپ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئۆتكۈزۈلگەن بۇ قېتىمقى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا ئايال پادىشاھ ۋە ئۇنىڭ ئېرى كېنەز Edinburgh رىياسەتچىلىك قىلىدۇ ؛

مالالا بۇ يىللىق تېنچلىق مۇكاپاتىغا نامزاتى ھىسابلىنىدۇ ؛ بۇ يىللىق نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتى 10- ئاينىڭ 11- كۈنى ئېلان قىلىنىدۇ ؛ ئەگەر مالالا بۇ شەرەپكە ئېرىشسە ، ئۇ دۇنيادىكى نوبېل تېنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكەن يېشى ئەڭ كىچىك قىزچاق بولۇپ قالىدۇ ؛ :" يەكشەنبىلىك تايمىس گېزىتى "نىڭ خەۋىرىدە مۇنداق دىيىلگەن : مالالانىڭ قەيسەرلىكى ئەنگلىيە پادىشاھى ئېلزابېتنى تەسىرلەندۈرگەن ھەمدە ئايال پادىشاھقا چوڭقۇر تەسىر قالدۇرغان ؛ ئايال پادىشاھ بۇنىڭدىن بۇرۇن ئالاھىدە پاكىستان رەھبەلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ مالالانىڭ سالامەتلىك ئەھۋالىنى سورىغان ؛

مالالا تالىباننىڭ قىزلارنىڭ مەكتەپتە ئوقۇشىنى چەكلەش بويرۇقىغا پىسەنت قىلماي مەكتەپتە بېرىپ ئوقۇغان ، ھەمدە بۇ جەرياندا ئالدىنقى يىلى 10- ئاينىڭ 9- كۈنى مەكتەپتىن قۇيۇپ بېرىلگەن چاغدا تالىباننىڭ ھۇجۇمغا ئۇچراپ باش قىسمى ئېغىر يارلانغان ؛ 16 ياشقا كىرگەن مالالا ھازىر ئەنگلىيە بېرمىنھامدا ئوقۇۋاتىدۇ ؛ ئۇ ئۆزى " مەن دىگەن مالالا " دىگەن كىتاپنى يېزىپ چىقىپ 10 - ئاينىڭ 6- كۈنى نەشىردىن چىققان " يەكشەنبىلىك تايمىس گېزىتى " دە ئېلان قىلىندى ؛ ئۇ يەنە مۇنداق دىدى :" پاكسىتاندا قايتىپ بېرىش ئارزۇيۇم بار " . " مەن دىگەن مالالا " دىگەن كىتاپ 10- ئاينىڭ 8- كۈنى ئەنگلىيەدە نەشىردىن چىقىدۇ ؛

پايدىلىنىش سۈرىتى

بۇنىڭدىن بۇرۇن بېرىلگەن خەۋەردە مۇنداق دىيىلىگەن :

2013- يىلى 7- ئاينىڭ 12- كۈنى ، مالالا 16 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنىدە ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى بۇ كۈننى " مالالا كۈنى " دەپ بېكىتتى . مالالا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ساقايغاندىن كېيىن تۇنجى قېتىم سۆز قىلدى . بۇ يىغىنغا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى باش كاتىۋى بان كىمون ، ئەنگلىيە سابىق باش ۋەزىرى بۇرايىن قاتارلىقلار قاتناشتى ؛

مالالا مۇنداق دىدى : تالىباننىڭ قىزلارنىڭ مائارىپ تەربىيىسىدىن ئېلىشىغا توسقۇنلۇق قىلىشى ئۈچۈن ئېلىپ بارغان زوراۋانلىقى ئادەمنى ھەيران قالدۇرىدۇ ؛ تالىباننىڭ ئوقى مېنىڭ ئاغزىمنى توسىيالىشى مۇمكىن ، بىراق ئۇلارنىڭ رەزىل مەقسىتى ئەمەلگە ئاشمىدى . مەن ھايات قالدىم ؛ بۇ قېتىمقى تالىباننىڭ مالالاغا ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكىلەرنىڭ قاتتىق ئەيبلىشىگە ئۇچرىدى ؛ تېرورچىلارنى قارىشىچە ئۇلار ئادەملەرنىڭ تەقدىرىنى بەلگىيەلەيدۇ ، ئۇلارنىڭ زوراۋانلىق ئارقىلىق مەقسىتىگە يەتمەكچى ئۇلارنىڭ مەقسىتى مەڭگۈ ئەمەلگە ئاشمايدۇ ؛ ئۇلارنىڭ زوراۋانلىقى ۋە ئۆكتەملىكى پەقەت بىزدە قارشلىق ۋە قەيسەرلىكنى تېخىمۇ يۈكسەككە كۈتۈرىدۇ . مەن يەنىلا ئاشۇ بۇرۇنقى مالالا . مېنىڭدىكى قەيسەر يۈرەك ھەر قاچان ئۈمىد ۋە ئىشەنچكە تولغان " ؛

2013- يىلى 9- ئاينىڭ 6- كۈنى ، مالالا گوللاندىيەنىڭ Hague دا 2013- يىللىق خەلقئارالىق بالىلار ۋە تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشتى . ئۇنى " دۇنيادىكى بارلىق بالىلارنىڭ مائارىپ تەربىيىسى ئېلىشىغا توھپە قوشتى " دەپ تەقدىرلىدى . ئوباماغا مۇكاپات بۇيۇمى بەرگۈچى 2011- يىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچى ، يەمەن مۇخبىرى قوشۇمچە ئىنسانپەرلىك ھەركىتىنى پائالىيەتچىسى تەۋەككۈل . كۇمان بۇيىللىق نوبېل تىنچلىق مۇكاپاتى ئوردىنى بەردى ؛

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博