سەئودى ئەرەبىستاندا كوچىدا ئۇسۇل ئوينىغان ئەرگە 10 يىللىق قاماق جازاسى ھۈكۈم قىلىندى

0 2013-10-09 10:47:45   تېڭشۈن تورى :   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

 خەلق تورى 8- ئۆكتەبىر تېلگراممىسى . تەيۋەن ئاخبارات تورىنىڭ خەۋىرىدە ، 4 نەپەر سەئودى ئەرەبىستانلىق ئەر " چاقماق ئۇسۇلى " نى ئاممىۋى سورۇندا تۇرغان ئاپتوموبىل ئۈستىدە ئوينىغان قىسقا فىلىمنى YouTube دا ئېلان قىلغاندىن كېيىن ، يەرلىك سوت تەرىپىدىن " ئۇسۇل ئويناش قەبىھلىك " قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن 3 يىلدىن 10 يىلغىچە قاماقتا يېتىش جازاسى ۋە بۇلارنى ئىچىدە " يالىڭاچ " ئۇسۇل ئوينىغان ئەرگە قاماقتا يېتىش جازاسىدىن سىرت يەنە 2000 دەررا ئۇرۇش جازاسى بېرىلدى ؛

 چەت ئەل ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ خەۋىرىدە ، بۇ تۆت ئەرگە " ئۇسۇل ئويناش قەبىھلىك ، جەمئىيەت تەرىۋىنى بۇزۇش ، ئاممىۋى ئەخلاققا يات قىلىق قىلىش " قاتارلىق جىنايەتلەر ئارتىلغان بولۇپ ، ئۇلارنى قسىقا فىلىمى توردىن تازلانغان ؛ بىراق قىسقا فىلىمنى كۆرگەنلەرنىڭ بايان قىلىشىچە ، ئۇلارنىڭ ئۇسۇلى ئىنتايىن ئادەتتىكىچە بولۇپ ، چىكىلىش قېتىم ساننىمۇ ئىنتايىن ئاز بولغان ، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۇسۇل ئويناش جەريانىدا يالىڭاچ ئۇسۇل ئوينىغانلار يوق دىيىلگەن ؛

 بىراق دىنىي تۈزۈم كۈچلۈك بولغان Qassim ئۆلكىسىگە نىسبەتەن ، تۆت ئەرنى ئاپتوموبىلنىڭ ئۈستىدە چىقىپ ئۇسۇل ئوينىشى ھەققەتەن بىر گۇناھ ھىسابلىنىدۇ . يەرلىك سوت 2- ئۆكتەبىر تۆت نەپەر جىنايەت گۇماندارىغا قارىتا ، ئايرىم - ئايرىم 3 يىللىق ، 7 يىللىق ، 10 يىللىق يەنە 200 دەررە ، 1200 دەررە ۋە 2000 دەررە ئۇرۇش جازاسى بەردى ؛

 فىرانسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرنىڭ خەۋىرىدە ، سەئودى ئەرەبىستان ئىسلام قانۇنى بويىچە باشقۇرۇلدىغان دۆلەت بولغاچقا ، ئاممىۋى سورۇنلاردا ئۇسۇل ئويناش چەكلەنگەن ' پۈتۈن دۇنيا بويىچە سەئودى ئەرەبىستاندا ئاياللارنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدىشى چەكلەنگەن ؛بۇ دۆلەتتە ئاياللارنىڭ ئاپتوموبىل ھەيدىشى بۇزۇقچىلىق قىلغان باراۋەر مۇئامىلە قىلىنىدۇ ؛

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博