2013-يىلى ئالدىنقى ئايدا ئەرەپ بىرلەشمە خەلپىلىكىدىن بولغان 3 نەپەر بەك كېلىشكەن ئوغۇللار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ چىگراسىدىن مەجبۇرىي ھالدا چىقىرۋىتىلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە ئىسمى ئومەر بوركان گالا بولغان ئوغۇل بالا تۇغۇلغان كۈنىدە بىر نامسىز كەلگەن ھۆرمەتلىك سوۋغىنى تاپشۇرۋالغان.
ئۇ تاپشۇرۋالغان بۇ سوۋغا بولسا قىممىتى ئىنتايىن يۇقىرى بولغان مېرسادىس G55 ماشنىسى ئىكەن. بۇ ماشنىنىڭ باھاسى 100 مىڭ دوللار ئىكەن. بۇ ماشنىنى سوۋغا قىلغان ئايالنى ئۇ تۇنىمايدىكەن.
ئۇ مۇخبىرغا " ماشىنا مىنىڭ تۇرالغۇمغا ئاپىرىپ بېرىلگەن، كېيىن بىر ئادەم ئىمزا قۇيۇپ بەرسەم بۇلىدىغانلىقىنى ئېيتقان ئىدى، ئىمزا قۇيۇپ بەرگەندىن كېيىن ئۇ ئادەم بىر نەرسە دېمەي كىتىپ قالدى، مەن ئۇ ئايالنى تۇنىمايمەن، بۇ ئىش بەك ئەقىلغا سىغمايدىغان بۇلۇپ كەتتى " دېگەن.
ئالدىنقى قېتىم ئۇ چىگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغاندىن كېيىن نۇرغۇن قىزلار ئۇنىڭغا دىققەت قىلىشقا باشلىغان. ئۇنىڭغا مۇناسۋەتلىك ئۇچۇرلار پۈتۈنلەي ئاياللارنىڭ تاتلىق گەپ سۆزلىرى بىلەن تۇشۇپ كەتكەن.
كېلىشكەن ئومەر
تۇغۇلغان كۈنىدە ئۇنىڭغا سوۋغا قىلىنغان ماشىنا
بەك كېلىشكەن بولغانلىقى ئۈچۈن تۇنۇمايدىغان بىر ئايالنىڭ 100 ...
تالىباننىڭ ۋەكىللەر ئۈمىكى ئىرانغا سۆھبەت ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن ب...
ياۋرۇپا كەلكۈن ئاپىتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ 4 ئادەم قازا قىلىپ ...
شاھزادە خالىنى ئۆلتۈرمەكچى بۇلۇپ تەھدىد سالغان جىنايەتچى ق...
لىۋىيە خەلقئارا سوتتىن كازافىنىڭ ئوغلى سەيىفنى سوتلاشنى تە...