ئاۋىستىرىيە ، گىرمانىيە ۋە چېخىيە قاتارلىق ياۋۇرپانىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان دۆلەتلەردە ئۇدا يامغۇر يېغىپ ،دەريالارنىڭ سۇ يۈزى ئۆرلەپ كەلكۈن ئاپىتى يۈز بەردى . بەزى جايلاردا تاغ سىيىرىلىش ۋەقەسى يۈز بەردى . چېخىيەدە 3 ئادەم قازا قىلدى ، بىر ئەر ۋە بىر ئايال پايتەختى پراگادا ئۆيى ئۆرۈلۈپ كەتكەنلىكتىن قازا قىلغان . چېخىيەنىڭTrutnov شەھىرىدە ، يەرلىك ساقچىلار 2- ئىيون 50 ياشلار چامىسىدىكى بىر ئەرنىڭ جەستىنى بايقىغان . ئاۋىستىريەنىڭ غەربى قىسمى ۋە ئوتتۇرا قىسىملىرىدا بىر ئادەم تۇنجۇقۇپ ئۆلۈپ قالغان .
بۇنىڭدىن باشقا ، يەنە 8 ئادەم يوقاپ كەتكەن . بۇنىڭ ئىچىدە ، 4 چېخىيەلىك ، 2 ئاۋىستىريەلىك ۋە 2 گىرمانىيەلىك بار .
كەلكۈن ئاپىتىگە نىسبەتەن ، چېخىيە ھۈكۈمىتى 1- ئىيون pardubice ئۆلكىسىدىن باشقا پۈتۈن مەملىكەتلىك جىددى ھالەتكە چۈشكەنلىكىنى ئېلان قىلغان . پراگا بەزى رايۇنلىرى كەلكۈندىن كېيىن ئاھالىلەر مەجبورى تارقاقلاشتۇرۇلدى . گىرمانىيە ھۈكۈمىتى Bavaria ئۆلكىسىدىكى 10 شەھەر ۋە رايۇننىڭ كەلكۈن ئاپىتى سىنگالى تارقاتتى .
ياۋرۇپا كەلكۈن ئاپىتىنىڭ ھۇجۇمىغا ئۇچراپ 4 ئادەم قازا قىلىپ ...
شاھزادە خالىنى ئۆلتۈرمەكچى بۇلۇپ تەھدىد سالغان جىنايەتچى ق...
لىۋىيە خەلقئارا سوتتىن كازافىنىڭ ئوغلى سەيىفنى سوتلاشنى تە...
ئافغانىستاندىكى بالا ئىشچىلار « بالىلار بايرىمىنى ئۇنتۇپ ق...
بەشىر « سۇرىيە مەسىلىسىدىكى ھەر قانداق قارار ، سۇرىيە خەلقن...