شاھزادە خالىنى ئۆلتۈرمەكچى بۇلۇپ تەھدىد سالغان جىنايەتچى قولغا ئېلىنغان

0 2013-06-04 10:08:17   خەلق تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

  خەلق تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 3-كۈنىدىكى تېلگىرامىسىغا ئاساسلانغاندا، لوندون ساقچى ئىدارىسىنىڭ ئاشكارلىغان خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 6-ئاينىڭ 2-كۈنى بولسا دەل ئەنگىليە ئەسكەرلىرى ئىچىدە لىگېبىنىڭ ئالدىنقى ئايدا كېسىپ ئۆلتۈرۈلگەنلىك كۈنى بۇلۇپ، ئەنگىليەدىكى بىر سەرگەردان خالى شاھزادىنى ئۆلتۈرىمەن دەپ تەھدىد سالغان بۇلۇپ ساقچىلار تەرپىدىن قولغا ئېلىنغان.

   بۇ شاھزادىگە تەھدىد سالغان جىنايەتچى بولسا ئەنگىليەنىڭ لوندۇن شەھىرىدىن كەلگەن بۇلۇپ 30 ياشقا كىرگەن، ئىسلام دىنىغا ئىتىقاد قىلىدىكەن، كۇچىدىكى سەرگەردان ئىكەن.

   دوكىلاتتا، ئەنگىليە ئەسكىرى لىگېبى ئالدىنقى ئاينىڭ 22-كۈنى لوندۇننىڭ شەرىقىي جەنۇب قىسىمىدا ئىككى نەپەر قارا تەنلىك تەرىپىدىن كىسىپ ئۆلتۈرۈلگەندىن كېيىن ، بۇ ئىسلام تەرەپدارلىرى ئارىسىدا ئىلگىرى ئافغانىستاندا ھەربىي خىزمەت ئۆتىگەن خالىنى قەسلەپ ئۆلتۈرۈش بىخى يۈز بىرىشكە باشلىغان، ئۇ ساقچىخانىغا كىرىپ خالىنى ئۆلتۈرۈش نىيىتىنىڭ بارلىقىنى ئاشكارلىغان، شۇنىڭ بىلەن ساقچىلار تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان دېيىلگەن.

   لوندۇن تېرورىزىمغا قارىشى تۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ تەكشۈرشى ئارقىلىق، ئالدىنقى ئاينىڭ 25-كۈنى خالىنى ئۆلتۈرمەكچى بۇلۇپ تەھدىد سالغان جىنايەتچىنى شىكايەت قىلغان، لېكىن ئۇ بىرەر تېرورلۇق جىنايىتى بار دەپ ئەيىپلىمىگەن.

  ساقچى تەرەپنىڭ دېيىشىچە، خالىنى ئۆلتۈرمەكچى بولغان ئۇ جىنايەتچى لوندوننىڭ بىر سوتىدا جىنايىتىنى ئىقرار قىلغان، ھازىر تۇرمىگە سۇلاقلىق بۇلۇپ كېسىم كېسىلىشىنى ساقلاۋېتىپتۇ.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博