لوندون كوچىلىرىدا سەرگەندان بولۇپ ياتقان رومىنىيىلىكلەر

0 2013-05-28 10:50:43   huanqiu.com   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
  ئەنگلىيە " كۈندىلىك پوچتا گېزىتى " نىڭ 24- مايدىكى خەۋىرىدە ، رۇمىنىيەدىن كەلگەن 30 نەچچە مۇساپىر لوندون كوچىلىرىدا قوندى ، ئۇلار ئەنگلىيە ھۈكۈمىتىنىڭ ياردىمىگە ئېرىشىشنى ئۈمىد قىلدى .

  Vasile بۇ مۇساپىرلار ئەترىتىنىڭ قۇماندانى ، ئۇ مۇنداق دىدى :" بىز بۇ يەرگە خىزمەت ئىزدەپ كەلگەن ، بىز ئوغرى يانچۇقچى ۋە ياكى قەلەندەر ئەمەس " . بىراق بىزنىڭ خىزمىتىمىز بولمىغاچقا ، ئەخلەت تۇڭىدىن يىمەكلىك ئىزدەپ يىيىشكە مەجبور بولدۇق . بىز ھۈكۈمەتنىڭ بىزگە ياردەم بېرىپ خىزمەت تېپىپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلمىز " . بۇ مۇساپىلار ئىپادىسىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ ، بىراق لوندوندا يەنىلا كۆپ قىسىم ئادەم مۇساپىلارلارنى بىر قىسىم ئالدامچىلىق ئورۇنلىرى بىلەن باغلىنىشى بار دەپ قارايدۇ .

  لوندون ۋېستېمىنىسىتىر شەھىرى پارلامېنىت باشلىقى فىلىپ . رول مۇنداق بىلدۈردى :" ھەر يىلى كۆپلىگەن رومىنيىلىك ئەنگلىيەگە " ئېقىپ " كىرىدۇ ، بۇ ئەنگلىيە ھۈكۈمىتىگە ئىقتسادى بېسىم ئېلىپ كىلىپ ، خەلقنىڭ نورمال تۇرمۇشى ۋە سودا تەرەققىياتىغا توسالغۇ بولۇپ قالىدۇ . " دىدى .

  ئىگىلىنشىچە ، رومىنىيە 2007- يىلى ياۋرۇپا ئىتتىپاقىغا كىرگەندىن بۇيان ، كۆپلىگەن رومىنىيىلىكلەر ۋېزا بىكار قىلىنغان ئەنگلىيەگە كۆپلەپ كىرگەن . ئەنگلىيە قانۇنىدا ، چېگرادىن كىرگەنلەر ئۇچ ئاي ئىچىدە خىزمەت تېپىۋالسا ، ئەنگلىيەدە تۇرۇپ قېلىشقا بولىدۇ . لېكىن خىزمەت تاپالمىسا ، چوقۇم ئەنگلىيە چېگراسىدىن قوغلاندى قىلىنىدۇ دەپ بەلگىلىنگەن . شۇڭا كۆپلىگەن مۇساپىرلار ئۈچ ئاي ۋاقىت ئىچىدە خىزمەت تېپىپ ، ئەنگلىيەدە تۇرۇپ قېلىشنى ئويلايدۇ .2014- يىلى ئەنگلىيە بىلەن رومىنىيە ئەركىن ئەمگەك كۈچى كىلىشمىسى يولغا قۇيۇلغاندىن كېيىن ، بۇ خىل ئەھۋالدا ئازراق ئۆزگىرىش بولۇشى مۇمكىن .

      

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博