بەشىر « سۇرىيە مەسىلىسىدىكى ھەر قانداق قارار ، سۇرىيە خەلقنىڭ ماقۇللىقىدىن ئۈتۈشى كېرەك » دىدى

0 2013-06-03 10:52:01   chinanews.com   گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

جۇڭگو ئاخبارات تورى 31- ماي تېلىگراممىسى .

   روسىيە مەركىزى ئاگىنتلىقىنىڭ ئۇچۇر تورىنىڭ 31-چىسلا خەۋەرى. سۈرىيە زۇڭتۇڭى بەشىر. ئاساد لىۋان «ماياك» تېلېۋىزىيە ئىستانسىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن : " سۈرىيە مەسىلىسىگە ئائىت ھەر قانداق بىر قارار چوقۇم سۈرىيە خەلقىنىڭ باھالىشىدىن ئۆتۈشى ھەمدە ئاۋامنىڭ ئاۋاز بېرىپ قوشۇلىشى ئاستىدا ئاندىن ئىجرا قىلىنىشى ۋە بېجىرىلىشى كىرەك."
بەشىر مۇنداق دېدى:«سۈرىيە مەسىلىسىگە ئائىت ھەر قانداق بىر قارار، مەيلى ئۇ چىگرا ئىچىدە ۋە ياكى چىگرا سىرتىدا بولسۇن. يەنى جەنۋەدىكى قارارى بولسۇن، چوقۇم سۈرىيە خەلقىگە ئۇقتۇرۇلىشى كىرەك ۋە شۇنداقلا سۈرىيە خەلقىنىڭ قوشۇلىشىدىن ئۆتۈشى ھەمدە ئاۋامنىڭ ئاۋاز بېرىپ قوشۇلىشى ئاستىدا ئاندىن ئىجرا قىلىنىشى ۋە بېجىرىلىشى كىرەك. بۇ ھازىرقى بىردىنبىر ئەڭ مۇھىم شەرتتۇر.»

  ئۇ يەنە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مېنىڭچە جەنۋە تىنچلىق سۆھبىتىنىڭ ئاساسلىق كۆز-قارشى ۋە ئىددىيىسى توغرا. ئۇ تېخىمۇ ئىنچىكە قىلىپ مۇنداق دېدى:«بۇ كۆز-قاراش توغرا، بىراق ئىنچىكە تەپسىلات قانداق بولىدۇ؟ مەسىلەن، ئەگەر بىزگە قارىتا بەزى بىر قىسىم ئالدىنقى شەرتلەرنى ئوتتۇرىغا قويسا، ئەمما بىز بۇ ئالدىنقى شەرتلەرنى رەت قىلىمىز، تېخىمۇ ئېنىقىنى قىلىپ ئېيتقاندا، بىز بۇنداق تىنچلىق كىلىشىمىنى ئىجرا قىلىشقا قاتنىشىشنى رەت قىلىمىز. بىراق مەن شۇنى يەنە بىر قېتىم تەكىتلەيمەنكى، ھازىرقى ئاساسلىق مۇددىئا توغرا ھەم ناھايىتى ياخشى، شۇنىڭ ئۈچۈن بىز ئۇنى نەزىرىيە جەھەتتىن ۋە پىرىنسىپ جەھەتتىن قوللايمىز.»
روسىيە تاشقى ئىشلار مىنىستىرى لاۋروۋ (Lavrov) بىلەن ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررىي (Kerry) بۇ ئاينىڭ بېشىدا موسكىۋادا سۆھبەت ئېلىپ بېرىپ سۈرىيە مەسىلىسى ئۈستىدە خەلقئارالىق سۆھبەت يىغىنى چاقىرىشنى تەشەببۇس قىلغان ۋە ئىككىنچى كۈنى جەنۋەدە يىغىن ئاچقان .

  بەشىر زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ۋاقىتتا يەنە مۇنداق دېدى: مەن تېخى 2014-يىلىدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىش ياكى قاتناشماسلىق توغرىسىدا بىر قارارغا كەلمىدىم. ئۇ مۇنداق دېدى:«مەن 2014-يىلىدىكى زۇڭتۇڭ سايلىمىغا قاتنىشىشنى قارار قىلغان ۋاقتىمدا ناھايىتى دادىللىق بىلەن، قىلچە ئىككىلەنمەيمەن، بىراق سۈرىيە خەلقى مېنىڭ بۇنداق قىلىشىمنى خالىمايدىغان بولسا، مەن ئەلۋەتتە خەلقىمنىڭ قارارىغا ھۆرمەت قىلىمەن.»

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博