ئۆكتىچى ئارمىيە ئەمەلدارىنىڭ قىلىمىشى ئاممىنىڭ غەزىپىنى قوزغىدى

0 2013-05-20 10:47:57   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى

   ئەنگىلىيە <<كۈندۈىلىك تېلىگراف خەۋەرلىرى گېزىتى>> تور بېكىتىنىڭ 14-مايدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دېىيىلدى: خالىد خاماد يەنە بىر ئىسمى (ئابدۇل ساكار) نىڭ ئىشى سۈرىيە ھۆكۈمىتىگە ئىجابىي پۇرسەت يەرىتىپ بەردى. سۈرىيە ھۆكۈمىتى غەرب ئەللىرىنى ئۆكتىچى ئارمىيەنىڭ زوراۋانلىق ھەرىكىتىگە سەل قاراۋاتىدۇ، دەپ ئەيىبلەپ كەلدى.

   يېقىندا مەزھەپتىن ئايرىلغان ئۆكتىچىلەرنىڭ بىر رەھبىرىنىڭ ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ بىر ئەسكىرىنىڭ جەسىتىنى يېرىپ ئۆپكىسىنى سۇغۇرۇپ ئېلىپ، يۇركىدىن ئازراق يېگەنلىك سىن كۆرۈنۈشى ئېلان قىلىنغان. سىن كۆرۈنۈشىدە ئۇ ئادەم مۇنداق دېگەن: <<ئىتنىڭ بالىسى بەشىر، مانا بۇ سېنىڭ ئەسكىرىڭ، شۇنداق قەسەم قىلىمەنكى، بىز سىلەرنىڭ يۈرىكىڭلارنى يەپ تۈگىتىمىز>>.

   ئۇ ئامېرىكا <<دەۋر ژۇرنىلى>> نىڭ مۇخبىرىغا مۇنداق دېدى: <<جانغا جان، قانغا قان ئۆچ ئېلىش ھەرىكىتىمدىن ھەرگىزمۇ ئەپسۇسلانمايمەن؛ مەن ئۇنىڭ جەسىتىنى پارچىلىۋىتىمەن>>.

  فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، ۋاشىنگتون، 14-ماي تېلېگىراممىسى: ئامېرىكا سەيشەنبە كۈنى سۈرىيەدىكى ئۆكتىچى ئارمىيەنىڭ ئۆلۈپ كەتكەن ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ئەزالىنى پارچىلىغانلىقى ھەم يىگەنلىك ھەرىكىتىنى ئەيىبلىدى، شۇنداق بۇنى رەھىمسىز قىلمىش، دېدى.

   ئامېرىكا دۆلەت مەھكمىسىنىڭ باياتانچىسى مۇخبىرغا مۇنداق دېدى: <<بۇ سىن كۆرۈنۈشىنى كۆرگەندىن كېيىن نەكلا چۆچۈدۇق، توقۇنۇشۇۋاتقان تەرەپلەرگە خەلقئارا ئىنسانىي ھوقۇق قانۇنىغا رىئايە قىلىشى كېرەكلىكىنى ئېنىق بىلدۈرىگەنىدۇق>>.

   ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: <<ۋاشىنگتون سۈرىيە ئالىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىرى بىلەن يېقىندا ئۆتكۈزگەن سۆھبەتتە كىشىنى شۈركەندۈرىدىغان بۇ ھەرىكەتنى تىلغا ئالدى>>. فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقى، بېيرۇت، 14-ماي تېلېگىراممىسى: سۈرىكەيدىكى بىر قىسىم رادىكال ئۇنسۇرلار يېڭى بىر ئۆكتىچى گۇرۇھ تەشكىللەپ سۈرىيەدىكى ئۆكتۈچى گۇرۇھنى پارچىلىماقتا. <<سۈرىيە دېموكراتىك ئىتتىپاقى>> دەپ ئاتالغان بۇ يېڭى تەشكىلات نۇرغۇن داڭلىق رادىكال ئۇنسۇرلارنى ئۆزىگە جەلپ قىلدى.

   بۇ تەشكىلاتنىڭ مەقسىتى سۈرىيەدىكى ئۆكتىچى گۇرۇھ بىلەن ئىنقىلابىي كۈچ__ مەملىكەتلىك ئىتتىپاقدىكى مۇسۇلمان قېرىنداشلار جەمئىيىتىنىڭ تەسىر كۈچىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئۈچۈن بولسا كېرەك. نۆۋەتتە مەملىكەتلىك ئىتتىپاق مەزكۇر دۆلەتتىكى ئاساسلىق ئۆكتىچى گۇرۇھ تەشكىلاتى بولۇپ قالغان.

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博