يېقىندا، گاز بىلەن تەمىنلەش تارماقلىرى مەملىكەت خاراكتېرلىك چەكلىك مىقداردا تەمىنلەش تەدبىرىنى يولغا قويغان بولۇپ، 15-ماي مۇخبىرنىڭ شىنجاڭ تەبىئىي گاز (گورۇھى) چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 13-مايغىچە مەركىزىي شەھەر ئۈرۈمچىدە كۈنىگە كەمچىل بولغان گازنىڭ مىقدارى 300 مىڭ كۇب مېتىرغا يەتكەن.
ئىگىلىنىشىچە، نۆۋەتتە مەركىزىي شەھەردە جەمئىي 91 گاز قاچىلاش پونكىتى بار بولۇپ، ئۇنىڭ ئىچىدە تۆت چوڭ پونكىت، 87 كىچىك پونكىت بار. ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ <<كۆمۈرنى گازلاشتۇرۇش>> قۇرۇلۇشىدىن كېيىن، پۈتۈن شەھەردىكى %60 دىن كۆپ تەبىئىي گاز ئوتتۇرا ئاسىيادىن ئىمپورت قىلىنغان، شۇنىڭ بىلەن ئىمپورت قىلىنغان گازلار ئۈرۈمچىنى تەمىنلەيدىغان ئاساسلىق گاز مەنبەسى بولۇپ قالغان.
بۇنىڭغا قارىتا ئالاقىدار مەسئۇلنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نۆۋەتتە خەلق ھۆكۈمىتى تەمىنلەش ۋە كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى ئاكتىپلىق بىلەن ئىشلەۋاتقان بولۇپ، گاز مەنبەسى بولغان كارخانىلارنىڭ ئۈرۈمچى شەھىرىگە ۋەدە قىلىشىچە، شەھەر ئاھالىسىنى گاز بىلەن تەمىنلەش خىزمىتىنىڭ نورمال ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىدىكەن.