ھىندۇنېزىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 1- ماي خەۋىرىدە ، بۇ 4 نەپەر كاتتا باي ئايرىم - ئايرىم گوشىن گۇروھىنىڭ قۇرۇغچىسى ۋېڭ جىمىن ، Sidomuncul دورا ماتىرياللىرى شىركىتىنىڭ لىدىرى لىن مىنچۇڭ ، سابىق مۇئاۋىن زۇڭتۇڭى كارا ۋە مودا كىيىم لايىھىلىگۈچى ئەننى قاتارلىقلار .
خەۋەردە دىيلىشىچە ، ھىندۇنېزىيەلىك باي ساخاۋەتچى ۋېڭجۈمىن تاھىر فوندى جەمئىيىتىنى قۇرغان بولۇپ ، بۇ جەمئىيەت ئوقۇشسىز قالغان بالىلارغا ياردەم قىلىپ ، ئۇلارنىڭ ئوقۇشىنى ئاخىرلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ . شۇڭا كاتتا باي ۋېڭجۈمىن ساخاۋەتچى باي دەپ تەرىپلەنگەن . ۋېڭجۈمىن يېقىن 25 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلىپ ھىندۇنېزىيەنىڭ 2018- يىلىغىچە بالىلار پالەچ كىسىلىنى تۈگەتمەكچى بولغان . بۇ يىل 4- ئاينىڭ 26- كۈنى ، ۋېڭجۇمىن بىلەن يۇمشاق دىتال قۇرغۇچىسى بېل . گايتىس ھەر بىر 100 مىليون ئامېرىكا دوللىرى ئىئانە قىلىپ ، بىرلىشىپ ھىندۇنېزىيەنىڭ سەھىيە پاراۋانلىق ئىشلىرىغا ياخشىلاشقا بەل باغلىغان .
لىن مىنچۇڭ روزا ئېيىدىن روزا ھېيتقىچە ئاز دىگەن 280 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى پۇل خەجلەپ 100دانە ئاپتوبوس بىلەن دورىگەرلەرنى ھەقسىز يۇرتىغا قايتىش مۇلازىمىتىنى يولغا قويغان ، بۈ تۈرنى قوللاپ كىلىۋاتقانلىقىغا توپتوغرا 22 يىل بولدى . ئۇ 2010- يىلىدىن باشلاپ ھەر يىلى 2 مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ 12 مىڭ نامراتقا ھەقسىز كۆزىگە ئاق چۈشۈش مۇلازىمىتىنى ئېلىپ بارغان .
كالا بۇنىڭدىن 29- يىل بۇرۇن " كالا فوند جەمئىيىتىنى قۇرغان " ھەمدە بۇ فوند ئارقىلىق 1 مىليون 300 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى خەجلەپ ھىندۇنېىزيەنىڭ نەنسۇ ئۆلكىسىدە Bone مەكتىۋىنى قۇرۇپ ، نامرات ئوقۇغۇچىلارنى ھەقسىز ئوقۇتقان ، ھەمدە ھەر يىلى كارخانىنىڭ % 20 پايدىسىنى " كارا فوند جەمئىيىتىگە " تەۋە قىلغان .
ئەننى بىر مۇۋاپىقىيەت قازانغان مودا كىيىم لايىھىلىگۈچى ، ئۇ Wisma Kasih Bunda فوند جەمئىيىتىنى قۇرۇپ نامراتلار ئۈچۈن ياردەم قۇلىنى سۇنغان ، بولۇپمۇ پۈتۈن كۈچى بىلەن مىڭىسىگە سۇ يىغىلىپ قېلىشى كىسىلىگە گىرىپتار بولغان بالىلارنى داۋالاتقان . 2002- يىلىدىن بۇيان ، ئۇ تەخمىنەن 800 غا يېقىن بۇ خىل كىسەلگە گىرىپتار بولغان بالىنىڭ ھەر بىرىگە 2000 دوللاردىن تەمىنلەپ دوختۇرخانىدا داۋالاتقان .
" فوربوس " ئېلان قىلغان " ئاسىيادىكى خەير - ساخاۋەتچى بايلار تىزىملىكى " دە كۆرسىتىلىشىچە ، پۈتۈن يەر شارىدىكى پۇل مۇئامىلە ئىقتىسادى كىرىزىس مەزگىلىدە ئاسىيادىكى بايلار سودا جەھەتتىن ئاز بولمىغان قىيىنچىلىق ھەم زىيانغا ئۇچرىغان بولسىمۇ ، بىراق ئۆتكەن يىلدىكى ئىئانە سوممىسىغا ئوخشاش بىر تىيىننىمۇ كەم قىلماي يەنە ئىئانە قىلدى . بولۇپمۇ ئۆتكەن يىلى ئاپەت ئېغىر بولغاندا ، بۇ خەير - ساخاۋەتچى بايلار نامراتلارنى ئۇنتۇپ قالمىدى .
« فوربوس » ئاسىيادىكى خەير - ساخاۋەتچى كاتتا بايلارنى تىزىپ ...
جىنەندىكى تورخانىدا تور باشقۇغۇچىسى «ئوباما»نىڭ كىملىكى بى...
<بېيجىڭ قاتناش ئۈنۋېرستىتى>دا <خەلىقئارا مەدەنىيەت بايرىمى >...
روسىيە مەخسوس ئايروپىلانى سۇرىيەدىن 128 ئادەمنى قايتۇرۇپ كەت...
ھىدۇنېزىيەدە قىمار ئوينىغان ساقچىنى قامچىلاش جازىسى ئىجرا ...
ئافغانىستاندىكى قىزىل كىرىست جەمئىيىتى بىناسى تېرورچىلارن...