ئەنگلىيەدە ئىككى تال چىشى بار قىز بوۋاق تۇغۇلدى

0 2013-05-31 10:52:32   شىنخۇا تورى    گۈلمىرە
T|T:خەت رەزمىرى
 ئەنگلىيە " كۈندىلىك پوچتا گېزىتى " نىڭ 29 - مايدىكى خەۋىرىدە ، ئەنگلىيەدە چىرايلىق بىر قىز بوۋاق تۇغۇلغان بولۇپ ، ياردەمچى تۇغۇت دوختۇرىنى ئەڭ ھەيران قالدۇرغان ئىش ، بۇ قىز بوۋاقنىڭ تۇغۇلغاندىلا ئىككى تال چىشى بار بولۇپ ، بوۋاقنىڭ ئانسىمۇ ھەيران قالغان . تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇ ئىككى تال چىشىنىڭ ئىنتايىن نورمال ئىكەنلىكى مەلۇم بولدى .

يېڭى تۇغۇلغان Imogen Eliot نىڭ ئاپىسى ئەنگلىيەنىڭ جەنوبى ۋېرسى رايۇنىدىن كەلگەن . Imogen Eliot نىڭ تۇغۇلغاندا ئىككى تال سەدەپتەك ئاق چىشى 24 ياشلىق ئاپىسى Stacy lewis نى ھەيران قالدۇردى .خەۋەردە دىيىلىشىچە ، بۇ خىل ئەھۋال ھەر 2000 بوۋاقنىڭ بىرىدە بۇ خىل چىشى بىلەن تۇغۇلۇش ئەھۋالى كۆرۈلدىگەن . بىراق بۇ خىل ئەھۋالدىكى بوۋاقلارنىڭ چىشى مىلىكى يۇمشاق بولغاچقا ، ئاسان ئۆزگىرىپ كىتدىغان ئەھۋال كۆرىلىدىكەن . بىراق Imogen Eliot نىڭ ئىككى تال چىشى تەكشۈرۈش ئارقىلىق ئىنتايىن مەزموت ئىكەنلىكى ئېنىقلاندى .

چىش دوختۇرىنىڭ تەكشۈرۈشىدىن كېيىن Stacy lewis قىزىنى ئېلىپ خاتىرجەم ئۆيىگە قايتتى . ھەمدە بوۋاق قىزى ئۈچۈن مەخسوس چىش دوختۇرى تەكلىپ قىلىپ ، قەرەللىك تەكشۈرۈپ تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى .

    

ھەمبەھىرلىنىڭ

转播到腾讯微博